ئەركەك بولساڭ تاشلا زەھەرنى
ئىچ ئاغرىتقىن ھاياتىڭغا تاشلا زەھەرنى,
نابۇت قىلما ئائىلەڭنى تاشلا زەھەرنى.
نىمە پايدا ئېلىپ كېلىدۇ ئۇ نىجىس ساڭا ,
ۋاقتى كەلسە رەھىمسىز ئۇ ئالار جېنىڭنى.
كۈندە جىدەل ئائىلەڭدە زېرىكمىدىڭمۇ،
ئەتراپتىكى كىشىلەردىن ئۇيالمىدىڭمۇ.
ھاياتىڭنىڭ كۆيۈۋاتقىنىنى سېزەلمىدىڭمۇ،
ئەركەك بولساڭ ۋىجدان بىلەن تاشلا زەھەرنى.
دۇنيادا كۆپ ئۇندىن تاتلىق شېرىن نەرسىلەر،
نىچۈن خۇمار بولۇپ قالدىڭ ئۇ نىجىسقا سەن.
ساڭا قاراپ ئېچىنىدۇ نۇرغۇن يۈرەكلەر،
سۆيۈندۈرگىن يۈرەكنى سەن تاشلا زەھەرنى.
ئەل-ئاغىنە،دوس- بۇرادەر،قېرىنداشلىرىڭ،
قىلار ساڭا ھەربىر كۆرسە بىر باب نەسىھەت.
شۇلارنى ھەم ئويلاپ قويغىن ئەي نادان ئىنسان،
ئەتراپتىكى كىشلەرگە ھەم كۆرۈنمىگىن سەت.
كېلىشمەسلىك كېلىپ قالسا «قېتىپتۇ»دەيدۇ،
ئول نائەھلى ئۆز بېشىغا «چىقىپتۇ»دەيدۇ.
بۈيۈك ئەۋلاد بىر جەمەدنى ئېزىپتۇ دەيدۇ،
قالما قارغىش-تۆھمەتكە سەن تاشلا زەھەرنى.
بۇ قىزىڭنىڭ ساڭا يازغان ئىلتىجاسىدۇر،
ئاتا-ئانا،خوتۇن-بالاڭنىڭ دىلنىداسىدۇر.
ئاشۇ ئوماق ئوغلۇڭنىڭ ھەم ئىنتىزارسىدۇر،
خۇش كۈلدۈرگىن ئائىلەڭنى تاشلا زەھەرنى.
يازغۇچىلار تورىدىن مەجنۇنتال يازمىسى
233 قېتىم كۆرۈلدى | Majnuntal | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-9-20 0:08:40 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|