مىراس كىيىم نۇزەيكۇ
ساترىك شېئر
ساڭا مىراس ئەي قىزچاق، ئاناڭ كەيگەن نۇزەيكۇ،
ئەلمىساقتىن مىراس ساڭا، چوڭناڭ كەيگەن نۇزەيكۇ،
خوپ ياراشقان تېنىڭگە، سەن پاتمىغان نۇزەيكۇ،
ئەنئەنىدىن ياتلاشماي دائىم كەيگىن نۇزەيكۇ.
خۇراپىيلىق ئەمەسمۇ،كەيسەڭ چىمەن دوپپىنى،
كەيمە ساڭا ياراشماس ئەتلەس كۆينەك،يوپكىنى،
بەدەنلىرىڭ ئاشكارلانماس،كەيسەڭ كۆڭلەك،يوپكىنى،
ئۇندا كۆڭلۇڭ ئارام تاپماس،كەيمە بولدى يوپكىنى.
ئسلاھاتمۇ ئېچىلدى، سەنمۇ ئاچقىن مەيدەڭنى،
شاش يىگىتلەر زوقلانسۇن،ئېچىپ يۈرگىن دۈمبەڭنى،
قالاقلارنى دورىما، ئىلغارلارچە يول تۇتقىن.
ھازىر دېگەن قايسى زامان،ئۇنتۇپ كەتكىن قىبلەڭنى.
رومال ساپتۇ بەزىلەر، سەن ئۇلارنى دورىما،
ئەتلەس كۆينەك كىيىپتۇ، سەن ئۇلارنى دورىما،
زەپ ياراشقان نۇزەيكۇ،دادىكۇنى تاشلىما،
ئۇنداق قالاق قىزلارنى سەن ھەرگىزمۇ دورىما.
كۆڭلەك كەيسەڭ ،دوپپا كەيسەڭ،ياراتمايدۇ يىگىتلەر،
ئەركىلىمىسەڭ ، كۈلمىسەڭ ، ياراتمايدۇ يىگىتلەر،
كىيىملىرڭ تار بولسۇن، ئمكان بار ئۇچۇق بولسۇن،
نۇزەيكۇغا پاتمىغىن ،كۆز تاشلايدۇ يىگىتلەر.
كىتابخانىدا مەنپەت يوق، دىباخانىغا قاترىغىن،
ھاراق_شاراپ تەڭلىسە ئىككىلەنمەي ئوتلىغىن،
تاڭسا ئويناپ بەزمىلەردە ئۆيۈڭگىمۇ قايتمىغىن،
ۋىجدان ساتساڭ ساتقىنكى، قان تەرىڭنى ساتمىغىن.
ئەخلاق،ئىمان، ھايا دېگەن قىلىپ قالدى مودىدىن،
ۋىجدان،غۇرۇر،ئىپپەتلەرمۇ ئىزىپ قالدى يولىدىن.
مودا كەيگىن، تار كەيگىن، ھايا دىگەننى تاشلىۋەت،
ھاراق سورۇندا ، قىپ قالمىغىن تانسا دىسكودىن.
گىرىملىرىڭ زەپ ياراشقان، ئوخشاپ قاپسەن مايمۇنغا،
مايمۇن سېنىڭ ئەجدادىڭ ئوخشىۋالغىن مايمۇنغا،
ئەنئەنىدىن ياتلاشماي ھۆرمەت قىلغىن ئەجداتقا،
مومكىن بولسا كىيىم كەيمەي ئوخشىۋالغىن مايمۇنغا.
كۈلگىنىڭدە چىشلىرىڭنىڭ ھممىسى تۇلۇق ئېچىلسۈن،
سېنى كۆرۇپ يىگىتلەرنىڭ شايلىللىرى چېچىلسۇن،
ئۇچۇق كىيىپ تار كىيىپ كۇچىلاردا لاغايلا،
شەھۋەتپەرەس يىگىتلەر ئاچ بۆرىدەك ئېتىلسۇن.
ئۈندىداردا توختىماستىن بازارغا سال ئۆزەڭنى،
ھەرخىل رەڭدە بۇيىۋال قاش_كىرپىكىڭ كۆزەڭنى،
<چەمبىرىكىڭ>مول بولسۇن،رەسىملىرىڭ جىق بولسۇن،
تۇمشۇغۇڭنى ئۇشلاپ تۇرۇپ رەسىمگە تات ئۆزەڭنى.
مۇھەببەتنىڭ پىرى بول،مودا قىزنىڭ بىرى بول،
ياۋاش_يۇمشاق يىگىتكە بولمىغن سەن ھەرگىز گول،
قويمىسا گەر يىگىتلەر،ئۆزۇڭ بېرىپ تەلەپ قوي،
ياشاي دېسەڭ دۇنيادا ئەخلاقسىز ھەم قېلىن بول.
--------------------
ئەسكەرتىش: مەزكۇر شىئىر ساتىرا بولۇپ، ناچار ئىللەتلەرنى قامچىلاش مەقسىتىدە يىزىلدى
ئاپتۇرى:ھەزرتى ئەمەر.رىشىت
ئۈندىدار نۇمۇرى:17809298374
310 قېتىم كۆرۈلدى | izdan | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-4 18:34:35 | :يوللانغان ۋاقتى |
2015-8-6 16:31:04 | ھەزرتى ئەمەر.رىشىت |
مۇنۇ بىر كۇپلىتنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن: كۈلگىنىڭدە چىشلىرىڭنىڭ ھممىسى تۇلۇق ئېچىلسۈن، سېنى كۆرۇپ يىگىتلەرنىڭ شايلىللىرى چېچىلسۇن، ئۇچۇق كىيىپ تار كىيىپ كۇچىلاردا لاغايلا، شەھۋەتپەرەس يىگىتلەر ئاچ بۆرىدەك ئېتىلسۇن. |
2015-8-5 23:53:06 | kismatkasawir |
Akibarga ixarat nadanlarga kamqa boptu |
2015-8-5 23:52:01 | kismatkasawir |
Akibarga ixarat nadanlarga kamqa boptu |
2015-8-5 2:04:45 | ئويغاق |
bak yahxi yizipsiz kirindixim |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|