«مانا بۇ ھايات»
ئىنسان بىز دۇنيادا ياشاپ بىر مەھەل،
گاھىدا ئازاپتىن ئۆرتىنىدىكەنمىز.
بەزىدە بەك شىرىن خىيالغا چۆكۈپ،
شۇ گۈزەل ھاياتقا تەلپۈنىدىكەنمىز.
ئالتۇندەك دەۋرىمىز بىباھا ياشلىق،
مۇھەببەت ئۇلۇغ دەپ توۋلايدىكەنمىز.
ئاشىق بوپ بىراۋغا ھىچبىر سەۋەپسىز،
ھىجراننىڭ ئوتىدا كۆيىدىكەنمىز.
ئۆتكۈزۈپ ئۇيقۇسىز تالاي تۈنلەنى،
غېرىپلىق ئىلكىدە ئاھ ، ئۇرىدىكەنمىز.
كاككۇكسىز زەينەپتەك ھەسرەتلەر چىكىپ،
جاناننىڭ ۋەسلىگە تەلمۈرىدىكەنمىز.
شۇنچىلىك بىغۇبار نازۇك قەلىبنى ،
تۈمەنمىڭ زېدە قىپ تاشلايدىكەنمىز.
قىسمىتىمىز كاج كىلىپ قالسىلا ئەگەر،
ۋاپاسىز دۇنيا دەپ يىغلايدىكەنمىز.
مانا بۇ ھاياتنىڭ ئاچچىق-چۈچۈكى،
چەكسەكمۇ دەرت-ئەلەم كۆنىدىكەنمىز.
تارتقان شۇ بارلىق كۈلپەت قايغۇنى،
يۈرەكنىڭ بېغىغا كۆمىدىكەنمىز.
ئاپتۇرى: خەيرىگۈل نۇرئەخمەت،«شەبنەم»
203 قېتىم كۆرۈلدى | خەيرىگۈل نۇرئەخمەت | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-15 0:16:01 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|