مۇھەببەت

مۇھەببەت

 

گۈلئاي

 

مۇھەببەت شۇنداق ئۇ گۈزەل بىر تېما،

 تەرىپلەپ يازسىمۇ تۈگىمەيدىغان.

 ۋىسالغا يەتسىمۇ گۈزەل ئارمانلار،

 ئۇسسىغان كۆڭۈللەر قانالمايدىغان.

 

ئۇنىڭسىز گۈللەرمۇ پورەك ئاچمايدۇ،

 بۇلبۇلنىڭ گۈلگىمۇ باغرى قانمايدۇ.

 مۇھەببەت نۇرلىرى تارالغان دۇنيا،

 ھەر زامان رەزگىگە قۇچاق ئاچمايدۇ.

 

 مۇھەببەت شۇنداق ئۇ مىۋىلىك دەرەخ،

 مېھىرلىك قەلىبتە چىچەكلەر ھەر دەم.

 كۈچ ئېلىپ ئۇنىڭدىن ھەر بىر شاخلىرى،

 مىۋىسى ئۆزگىگە تاتلىق بېرەر تەم.

 

مۇھەببەت شۇنداق بىر سېھىرلىك بۇلاق،

 قۇرىماس سۇلىرى بارچە ئىچسىمۇ.

يەنىلا تاتلىق ئۇ ،سۆيگۈ سەپىرىدە،

 چاڭقىغان قەلىبلەر ئازاپ چەكسىمۇ.

 

 ھاياتلىق تۇمۇرىدا ئاققان ئۇ زەمزەم ،

جانغا جان ئۇلايدۇ ئۇنىڭ لەززىتى.

 ئۇنىڭسىز شاىرنىڭ ئالتۇن قەلىمىدە،

 يېزىلماس ھاياتنىڭ گۈزەل قىسمىتى.

 

گۈل 2015-4-14-كۈنى يېزىلدى





125 قېتىم كۆرۈلدى GULAY ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-9-5 20:58:52  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ