ئوزۇمگە مۇشەۋۋەھ
ئېھتىيار يارمۇھەممەت
ئېسىمدە بار مېنىڭ ئۆتكەن كۈنلىرىم ،
خىيالدا يۈگرەيدۇ ئەتىنىڭ ئېتى.
دۇنيانى خۇش قىلىپ تۇغۇلغان ئىدىم ،
بارمىكىن بىلمىدىم ئەركەك خىسلىتى .
ھىدايەت ئىزلىدىم باسقان قەدەمدىن ،
ئەمانىڭ قولىغا بولۇپ بىر تاياق .
كۆرەڭلەپ كۈلمىدىم غەلبە -زەپەردىن،
ھاكاۋۇر ،شاشلىققا يوقتۇر ئىشتىياق .
تۈگىمەس خەزىنە تېپىۋالساممۇ،
سۆزۈم راست ئەڭ ئاۋال ئەلگە چاچىمەن.
شاخلاردىن قاق-ئۈرۈك قېقىۋالساممۇ،
ئەلگە دەپ مەن چوقۇم مېغىز چاقىمەن.
ئىزلەيمەن ھەر سەھەر كۈيچى بۇلبۇلدەك ،
گۈلزارنى،گۈلباغنى ئۇرۇپمەن خەندان .
يانغىم يوق نۇر بەرمەس ئاشۇ يۇلتۇزدەك،
تۈنلەردە بىر شام بوپ قالغىنىم چەندان.
يىغلىغان دەرتمەنگە قولياغلىق بولۇپ،
گۇناھسىز ياشلارنى ئۆزۈمگە ياقسام.
ئاغرىقتا بىمارلار ياتسا تولغۇنۇپ ،
شىپالىق يامغۇردەك يۈرەككە بارسام .
ئايلىنىپ كەتكۈم بار كېپىنەكلەرگە،
باغلاردا سەيلە قىپ چىمەنگە سۆيسەم.
ياپراقتا ئېچىلغان گۈل-چىچەكلەرگە،
شىپالىق يامغۇردەك كۆكتىن تۆكۈلسەم.
رەقىپلەر ساداقەتتىن ئوق ئۈزۈپ ئاتسا ،
كۆكرەككە قادايمەن چۈنكى مەن ئەركەك .
پەخىرلىك مەن ئۈچۈن قانلىرىم ئاقسا ،
ۋەتەنگە مېنىڭدەك يىگىتلەر كېرەك .
قىيالىق تاغلاردىن ھالقىپ ئۆتىمەن ،
قولۇمدا لەپىلدەر ئاتام بايرىقى .
غېرىپ مەن ھەسرەتتە مۇڭغا چۆكىمەن ،
سارغايماي تۆكۈلسە ھايات ياپرىقى.
ئايلىنىپ ياشايمەن كۈيچى بۇلبۇلغا ،
ۋەتىنىم گۈلزارىم ،جەننەت ماكانىم .
ھەۋىسىم يوق قىلچە كىيگەن تونۇمغا،
پاك ۋىجدان نىگارىم ،مەڭگۈ جانانىم .
يورىماس ئەزەلدىن تۈنلەردە قۇياش ،
ھەق گەپكە نۇمۇستۇر يالغاننى قېتىش.
شاخلارغا قونمايمەن،بۈركۈتكە ئوخشاش،
ئارمىنىم بولسىمۇ كۆكتە پەر قېقىش.
نە بەخت مەن ئۈچۈن ھاياتتىن دوستۇم ،
ماڭغان ئىز ،يولۇمدىن مەنە تاپمىسام.
ئېيتقىنا ياشاشنىڭ نىمە لەززىتى ،
چۆلدىكى توغراقتەك سۇغا قانمىسام.
ئارقىغا چېكىنىش مەن ئۈچۈن نۇمۇس ،
ۋىجدانىم ئالدىدا پۈتمەس جىنايەت .
يىگىتلىك غورۇرۇم قىلار مەسخىرە ،
ئۆزگىنىڭ نېنىغا قىلسام خىيانەت .
مەن خۇشال ئەل ئۈچۈن بولسام شام-چىراق،
مۇزلىغان يۈرەككە مېھرىمنى ياقسام.
ناتىۋان مىسكىننى ئېلىپ يىراققا ،
ياش ئاققان كۆزلەرنى كۈلدۈرۈپ باقسام .
چاپچال ناھىيە قاينۇق يىزىسىدا
186 قېتىم كۆرۈلدى | tarki | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-9-4 17:16:40 | :يوللانغان ۋاقتى |
2015-9-15 19:46:53 | ئېھتيار |
رەھمەت ئاغىنەم |
2015-9-13 22:14:38 | تۇردىمەمەت |
بەك قالتىس يىزىپسە |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|