ھايات ھەققىدە

ھايات ھەققىدە  شئېر

 

 شۇنچىلىك رەڭدار، يارقىن بۇ ھايات،

 بىردۇ ھەركىمگە ئۆ زگىچە ساۋات .

بىرگە بىرەركەن شىكەرلىك تاياق ،

 بىرلىرى ئ‍الاركەن قەنىت يا ناۋات.

 

 بىراۋنىڭ ئ‍ۆتىدۇ ئ‍ۆمرى پۇلنى دەپ،

ياشايدۇ بەزىلەر نام -ئ‍ابرۇينى دەپ.

 خۇشامەت قىلىدۇ ئ‍ىتتەك ئ‍ەمەل دەپ،

 ئ‍ويلىماس دۇنياغا كەلدۇق نىمە دەپ.

 

 ۋىجداننى ساتىدۇ بىرتىيىن ئ‍ۈچۈن،

 كىچىدۇ نۇمۇستىن ھەم مەنپەت ئ‍ۈچۈن.

 ھارامنى ئ‍ىلغىماس ئ‍ۆز نەپسى ئ‍ۈچۈن،

 پۇشايمان قىلىشماس قىلمىشى ئ‍ۈچۈن.

 

لاي سۇدەك ئ‍ۆتىدۇ پۈتۈن بىر ئ‍ۆمرى،

 ئ‍وينايمىز ياشايمىز ئ‍ېسىل شوئارى.

 ئ‍ېزىدۇ يۈرەكنى بىچارە ھالى،

 ئ‍ۆيغانماس ھەم يەنە ئ‍ۆلگەن غۇرۇرى.

 

 ھاياتنىڭ مەنىسى مۇشۇنداقمىدۇ،

 ۋە ياكى بۇ ھايات ئ‍ېزىتتقۇمىدۇ.

 ئ‍ىنساننىڭ كۆزلىرى كور بوپ كەتتىمۇ،

 ۋە ياكى قەلبىنى زۇلمەت باستىمۇ.

 

 خ. چەشمە

2012يىل 3-ئ‍اينىڭ 20كۈنى (سەيشەنبە)





168 قېتىم كۆرۈلدى qaxma ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-9-5 22:58:55  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ