ئېزىشمايلى ئەركەكلەر
تۇرغۇن راخمان كەمتەر
توققۇز ئەركەك قوغلىشىدۇ بىر قىزنى ،
قىز نازىدا توغرىلايدۇ بىر سىزنى .
بىر تۇرۇپمۇ ئازدۇرىدۇ توققۇزنى ،
ئايالزاتى سېھىرلىكتۇر بىل ئۇنى .
ئويغىتىدۇ چۈشلىرىڭدىن ئازدۇرۇپ ،
تويغىزىدۇ ئۆيلىرىڭدىن چانغۇرۇپ .
ئىشقىۋازلىق قىلساڭ يەنە ئەركەكلەر ،
خۇنىڭ يەيدۇ كۆزلىرىڭنى تالدۇرۇپ .
شۈكۈرلىكنى بىلەلمىساڭ ئەركەكلەر ،
تىزلىرىڭنى ئىگىلدۈرەر تۇيۇقسىز .
ھۇشلىرىڭنى تاپالمىساڭ ناۋادا ،
يۈرۈگۈڭنى چەينەپ تاشلار شەيتان قىز .
يولۋاسلاردەك بولساڭلارمۇ بەرىبىر ،
چىشلىرىڭنى چوقۇيدىغۇ قىزچاقلار .
ئالتۇن يامبۇ سوۋغا قىلساڭمۇ ئوخشاش ،
تىللىرىڭنى كىسىپ قويار قىزچاقلار .
نازلىرىغا خۇمار بولساڭ ئېزىپسەن ،
مۇڭلىرىغا ئەسرا بولۇپ كىتىپسەن .
ھەزەر قىلغىن شەيتانلاردىن ئەركەكزات ،
تاشلاپ يايرىڭ ئازغۇنلاردەك يۈرۈپسسەن .
پەرۋاز قىلىش ئويلىمىغىن خانەنلەر ،
مۆلدۈر ياغسا بولۇر ۋەيران كەپەڭلەر .
چۈشەك قىلساڭ يەنە گۈللەر ئۈزۈشنى ،
ئوتقا سالۇر ئايىغىڭنى جانەنلەر .
ئويغىنايلى شېرىن چۈشتىن ئەركەكلەر ،
ساقلاپ تۇرار ئۆيدە قالغان يۈرەكلەر .
ئازغۇنلىقتا شەيتانلارغا ئەگەشمەي ،
گۈل سۇنايلى ئانا - بالا ھەردەملەر .
مۇھەررىر: ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۈندىدار :2041420589
107 قېتىم كۆرۈلدى | turhun | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-6-18 19:12:55 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|