سوقسا يۈرەك ، يېراقلاردا ، قىلىپ خىيال
تۇرغۇن راخمان ( كەمتەر)
يىراقلاردىن ئۇچۇپ كەلسە ، جانان كۈلۈپ ،
يايرىمامتى يۈرەكلىرىم ، ئەركىن سوقۇپ .
خىياللىرىم ئەگىدىغۇ ، ھېچ بىلمىدېڭ ،
ياشىسامكەن ، بىر سېنىلا مەڭگۈ سۆيۈپ .
سۆيدۈم دېسەم خۇشال بولماي ، سۈكۈت قىلدېڭ ،
سۈزۈك ئىدى گويا قەلبىم ، ئېشىۋالدېڭ ،
ھايات رەڭدار ، بىر كۈلۈپ باق تەشۋېشلەنمەي ،
سۆيۈپ تۇرۇپ ، بىلمەسلىككە سېلىۋالدېڭ .
ئاچچىق بولسا يۈرەكلىرىڭ ، تاتلىق بېرەي ،
ئاخشام يازغان شېئېرلارنى ، ئوقۇپ بېرەي ،
ھايات چەكلىك ، ئالتە كۈنلۈك ياشلىق بىلسەڭ ،
چىن دىلىمدىن قىزىل گۈللەر ، سۇنۇپ بېرەي .
تۈنۈگۈنكى چۈشلىرىمنى ، ئېيتىپ بېرەي ،
ئاشىق بولۇپ يۈرگىنىمدە ، كۈلۈپ بېرەي ،
ھېسلىرىمنى بىلەلمىدىڭ ، نادان بولغاچ ،
ئىشەنمىسەڭ ، يۈرۈگۈمنى يېرىپ بېرەي .
ئىلھامىمنى بوغۇپ قويدۇڭ ، تاش يۈرەك قىز ،
ئۇۋال قىلما سېلىپ ئازاپ ، بىل نادان قىز ،
بىيىت توقاي ساڭا ئاتاپ ، يۈرەك كۈلسۈن ،
تەشنا يۈرەك ، بىلمىدېڭمۇ ؟ ئەي بېغەم قىز .
سوقسا يۈرەك يېراقلاردا ، قىلىپ خېيال ،
سەزمىدىغۇ تاشيۈرەكلەر ، قويۇپ سۇئال ،
بەك قېينالدىم ، بىغەم بولغاچ ئەزدى يۈرەك ،
نادان قىزچاق ، سۆيگۈلەرگە نىمە ئامال .
تەھرىرلىگۈچى : ئابلىمىتجان ۋاھاپ
ئۈندىدار :qq1165181317
مۇھەررىر: ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۈندىدار :2041420589
116 قېتىم كۆرۈلدى | turhun | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-5-29 14:52:56 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|