يىغلىما يۈرەك
رۇزىگۈل ئابدۇۋەلى
سۆيگەن بولساڭ يىغلىماستى يۈرىكىم ،
سەنمۇ مىنى مەن سۆيگەندەك دىلىڭدىن .
كۈندە ھەسرەت ئەلەملەرمۇ يۇتماستىم ،
پەقەت مەنلا ئورۇن ئالسام كۆڭلۈڭدىن .
قىلغان ئىدىم بىر ساڭىلا ئەقىدە ،
بىلمەپتىمەن كۆڭلۈڭدىكى ئۆزگىنى .
ئەمدىلىكتە جاننى ئالدى بۇ ئەلەم ،
قانداق قىلىپ ئۆتكۈزەرمەن بۇ كۈننى .
دۇنيارىمدا سەن بولمىغان ۋاقىتتىن ،
سۆز ئاچمايمەن كەلگۈسى ھەم بەخىتتىن .
روھلىرىمنى چىرمىۋالدى ھەسرەتلەر ،
قانداق چۈشەي بۇ ئازاپنىڭ تەختىدىن .
ھىدلىرىڭنى توختىماستىن ئىزدەيمەن ،
قول تۇتۇشۇپ بىرگە باسقان ئىزلاردىن .
سەنسىز ئۆتمەس ھەرگىز مىنىڭ دەقىقەم ،
ئايرىۋالدىڭ روھلىرىمنى تېنىمدىن .
كۈندە ئېيتسام كار قىلمايدۇ يۈرەككە ،
يىغلىما دەپ يالۋۇرۇپ ھەم يىلىنىپ .
بىلسەڭ جېنىم داۋا يوقتۇر دەردىمگە ،
چۈنكى يۈرەك كىتىپ بولدى تىلىنىپ .
بۈگۈن يەنە يىغلىماقتا يۈرىكىم ،
يۈرەك بىلەن پۈتكۈل جىسمىم كۆزلىرىم .
غېرىب_مىسكىن بوپ قالدىمغۇ دەردىڭدە ،
تولدى دىلدا ساڭا يۈرەك سۆزلىرىم .
ئۈمۈدۈم شۇ ئورۇن بەرگىن ئازراقچە ،
خوشاللىقتا سۆز كەلمىسۇن تىلىمغا .
يايراپ كەتسۇن چاڭقىغان شۇ دىللىرىم ،
يامغۇر بۇلۇپ ياغقىن پۈتكۈل جىسمىمغا……
مۇھەررىر: ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۈندىدار :2041420589
108 قېتىم كۆرۈلدى | رۇزىگۈل ئابدۇۋەلى | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-6-2 12:21:11 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|