ھېيتلاپ كېتىڭلار .
رۇشەنگۇل مۇھەممەد (مودەن)
كەلدى ئايەم ھەممە ئۆيدە ئايەملىك سادا،
كۈلكە شاتلىق يەتتى پەلەك ياڭرايدۇ ناۋا.
قىز جۇۋانلار ھېيتلىق ئۈچۈن بولدىغۇ ھەلەك،
ئەجرى ئۈچۈن شۇ ئۆيلەرنى ھېيتلاپ كېتىڭلار.
ئانىسىزمۇ قىلدى ئايەم ،ئاتىسىزمۇ ھەم،
يىتىم دىمەي ھېيتمۇ يىلدا پەتىلەيدۇ دەم.
تۆرگە باشلار ئەزىزى يوق ،كەلمەسكەن ھەتتەڭ،
شۇ يىتىممۇ ھېيت قىلىپتۇ ،ھېيتلاپ كېتىڭلار.
بالام دەيدۇ يۈرەك پارە ،كەتكەن يىراققا،
پەرزەنت ئۈچۈن كۆيۈپ كەتتى ،ھىجران پىراقتا.
تارام ئاققان ياشلارنى سىغداپ ئىچىگە،
يالغۇز ئانا ھېيت قىلىپتۇ، ھېيتلاپ كېتىڭلار.
تەڭ كېلەركەن باي دىمەي،يوقسۇلغا ھەم ئايەم
ھەممە يايراپ يەتكەي پەلەك ،كۈلمەكتە ئالەم.
ئاقمىسۇنچۇ شۇ مىسكىننىڭ تامچە ياشلىرى،
باي ،غېرىپنى ئايرىماڭلار ، ھيتلاپ كېتىڭلار.
ئاتا -ئانام مازاردا سالام دىگەيمەن،
سەپەردىكى سۇلتانغا ئامان تىلىيمەن.
مەنمۇ قىلدىم ئايەم بۈگۈن ئانامغا ئوخشاش ،
ئۇرۇق -تۇققان ،دوست ،بۇرادەر،ھېيتلاپ كېتىڭلار .
2017يىل6-ئاي25-كۈنى
مۇھەرىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۈندىدار : 2042420589
ئەسكەرتىش : ئەسەرلەرنى تورىمىز ۋە ئاپتۇرنىڭ ماقۇلىقىنى ئالماي ھەر قانداق مەدبۇئات ئورۇنلىرى ، توربەت ، سالۇنلارنىڭ خالىغانچە تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ . ئەگەر شۇنداق ئەھۋاللار بايقالسا بارلىق ئاقىۋەتكە تارقاتقۇچى تەرەپ مەسئۇل بولىدۇ !!
334 قېتىم كۆرۈلدى | modan | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-6-25 19:44:34 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|