مۇبارەك جان دادا يېڭى يېشىڭغا
مەمەتجان سەمەت
ياشىغىن كۆكلەپسەن ، توغراق يېشىدا،
قوشۇلسۇن يېڭى ياش ، دادا يېشىڭغا.
كەلمىسۇن جاپا دەرت ،مەڭگۈ بېشىڭغا،
مۇبارەك جان دادا ، يېڭى يېشىڭغا.
ئىزىڭدىن ئۈنسۇن كۆپ چىرايلىق گۈللەر،
يار بولسۇن ھەر دائىم خۇشاللىق كۈنلەر،
يۈتمىسۇن چېھرىڭدىن تاتلىق كۈلكىلەر،
مۇبارەك جان دادا يېڭى يېشىڭغا.
تىلەيمەن تەڭىردىن بەخت سائادەت،
يەتمىسۇن تىنىڭگە زەرچە مالامەت.
كۆرگۈنسەن بىرئۆمۈر شاھلاردەك راھەت،
مۇبارەك جان دادا يېڭى يېشىڭغا.
ئەجرىڭنى قايتۇراي رازى بولغىچە،
مېھرىمگە سەنمۇ قان راسا تويغىچە.
قۇتلۇقلاي ھەر يىلى مەن كۆز يۇمغىچە،
مۇبارەك جان دادا يېڭى يېشىڭغا.
تەھرىرلىگۈچى : ئابلىمىتجان ۋاھاپ
ئۈندىدار :qq1165181317
مۇھەررىر: ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۈندىدار :2041420589
بارلىق دادىلارنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە مۇبارەك
178 قېتىم كۆرۈلدى | mamatjan520 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-5-28 13:13:54 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|