پۇشايمان - نادىر ئەسەر

پۇشايمان

 

غولامجان

 

ئاتا-ئانا نە قېرىنداش قەدىرىنى بىلمەي،

 غەپلەپتە ياشلىقىم كېتىپ بوپتىكەن .

پۇشايمانداياش تۆكۈپ باقسام  كەينمگە،

 جۇدۇنلارئىزىمنى كۆمۈپ بوپتىكەن.

 

دۈشمىنىم چوڭ بىلسەدوستۇم دەپتىمەن ،

شاراپنى زەم -زەم دەپ ئىچىپ ساپتىمەن.

 مەس ئىكەن يۈرۈگۈم شۇ ئويۇنلاردىن،

 ئويلانماي بىرقەدەم بېسىپ ساپتىمەن .

 

ئارزۇلارئەمەلگە ئاشماي تۇرۇپلا،

 ياشلىقىم  بىھۇدە كېتىپ بوپتىكەن.

 نە ساۋاپ نە گۇنا بىلمەي تۇرۇپلا ،

گۇناھىم ھەقدارغا يېېتىپ بوپتىكەن.

 

تىلەكىم ئاللاھىم بەرسەكۈچ قۇۋەت،

 ھاياتىم شۈكۈردەئۆتسە بوپتىكەن .

ئازاپلار قەلبىمدە گۈلخان ئەتسىمۇ ،

ياخشى نام قالدۇرۇپ كەتسەم بوپتىكەن .





161 قېتىم كۆرۈلدى غولامجان ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-28 10:05:02  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ