ئالدىراشكەن دوستلىرىم
يۈرۈپ كەتتىم ئەجەپ ئۇزاق كۈرۈشمەي ،
بۇرۇنقىدەك قاقاقلىشپ كۈلۈشمەي .
ئىزدەپ بارسام قويدى باشنى كۈتۈرمەي ،
قاراپ باقسام ئالدىراشكەن دوسلۇرۇم .
يازغانلىرى تاپشۇرۇققۇ دەپتمەن ،
ئىزدەيدۇ دەپ ئۈمىد بىلەن كەپتىمەن .
ئۇلار ئۈچۈن نۇرغۇن غەملەر يەپتىمەن،
نەزەر سالسام ئالدىراشكەن دوسلۇرۇم .
دوستۇم بار دەپ پەخىرلىنىپ يۈرەتتىم ،
خۇشاللىقتا ئۇلار بىلەن كۈلەتتىم .
ئۇلارنى مەن ھاياتىم دەپ بىلەتتىم ،
ئەمدى بىلسەم ئالدىراشكەن دوستلىرىم .
ئىزدەپ باردىم قىلىن قىلىپ يۈزۈمنى ،
قالدىم لېكىن سۆزلىيەلمەي سۈزۈمنى .
بىلەلمىدىم نەگە قوياي ئۈزۈمنى ،
بىلىپ قويدۇم ئالدىراشكەن دوستلىرىم .
تاشلىغۇم يوق ئىدى ئەسلى ئۇلارنى ،
شۇڭا ئۈنسىز قوبۇل قىلغان بۇلارنى .
مەنمۇ ئەمدى خار قىلمايمەن ئۈزۈمنى ،
توسماي بولدى ئالدىراشكەن دوستلىرىم .
18aski يازمىسى
468 قېتىم كۆرۈلدى | 18aski | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-25 11:03:02 | :يوللانغان ۋاقتى |
2015-10-1 7:47:15 | aski18 |
LaYLa rahmat sizga |
2015-8-27 18:13:50 | LaYLa |
bu tima hakikatan hazirki jamyatka mas halda yeziliptu,yahxi yezipsiz sizga kop taxakkurla bolsun kulugzga dat kalmisun..... |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|