شۇنداقمىدۇ سۆيگۈ ئەسلىدە
تۇرانىسا يولۋاس
ئۈن - تىنسىزلا ئۆچتۈڭ ئوڭۇمدىن،
خىياللىرىم يىگانە سەندە .
تۈنلىرىمدە قالدۇردۇڭ يالغۇز،
سەنسىز خۇشال كۈنلىرىم نەدە؟...
ھەققىم بارمۇ رەنجىشكە سەندىن،
كۆيۈپ سۆيگەن گۇناھ ئۆزۈمدە .
نەھالدا مەن قالدىم،بىلمىدىم،
چوغلىنىسەن روھىمدا،تەندە .
گەر سورىساڭ" كۆيگەن يامانمۇ؟" ،
كۆنگەن يامان دەيدىكەن ھەممە .
كۆيۈپ قالما،كۆنۈپمۇ قالما،
قىينىلىسەن قالىسەن غەمدە .
پاك يۈرىكىم ئۆرتەنسىمۇ گەر،
بىرلا سىماھ ئوتلۇق قەلبىمدە. .
كىمدىن سوراي ، نە سەۋەپ ئىزدەي،
شۇنداقمىدۇ سۆيگۈ ئەسلىدە؟.....
ئاپتور :قەشقەر پوسكام ناھىيىسدىن
2017-5-11
تەھرىرى:مۇھەممەدتوختى سەببەت
مۇھەررىر:ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
161 قېتىم كۆرۈلدى | تۇرانسا يولۋاس | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-6-15 22:23:49 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|