ئەنە شۇنداق ياشىسام دەيمەن
ئاپتۇرى:ئېھسان(ئاۋات
تۇتقان يۇلۇم بولسا دىيانەت،
كىرەر ئىدى ماڭا سالاپەت.
يەتمەس ئىدى ھەگۈز تالاپەت،
ئەنە شۇنداق ياشىسام دەيمەن.
تارتساممۇ گەر جەۋرى-جاپانى،
ئۇرۇندىسام ئەھدە-ۋاپانى.
يارتۇتسام مەن ئەخلاق-ساپانى،
ئەنە شۇنداق ياشىسام دەيمەن.
ۋەسۋەسە قىلسا ماڭا ھەر شەيتان،
گۇمراھ قىلسا ئەقىدەم شۇئان.
شەكسز ماڭسام يۇلىمغا تامان،
ئەنە شۇنداق ياشىسام دەيمەن.
غېرىپ-مىسكىن تۇققىنىم بولسا،
ساخاۋەتلەر ئىلكىمگە تولسا.
سەدىقىلىرىم گۇناھىمنى يۇيسا،
ئەنە شۇنداق ياشىسام دەيمەن.
رەپىقلەرگە ئەگمىسەم باشنى،
مودىلىق دەپ تەرمىسەم قاشنى.
رەڭگا-رەڭ بۇيىمىسام چاچنى،
ئۆز چىرايدا ياشىسام دەيمەن.
خوشەمەت قىپ پاقلان سويمىسام،
يالغاننى راس قىلىپ قويمىسام.
كىتاپلارنى ئۇقۇپ تويمىسام،
ئەنە شۇنداق ياشىسام دەيمەن.
ئاتا-ئانام قاياشىم بولسا،
مەزلۇم-مىسكىن ئاداشىم بولسا.
ئولارنىڭ دۇئاسى ماياكىم بولسا،
ئەنە شۇنداق ياشىسام دەيمەن.
ئىناقلىقتا مەڭگۈ ياشنىسام،
مېھىر ئۈچۈن نۇر بۇپ چاقنىسام.
ئادالەتنى ھەرۋاخ ياقلىسام،
ئەنە شۇنداق ياشىسام دەيمەن.
دوسلىرىمغا مېھىرلەر بەرسەم،
ئۇلار ئۈچۈن گۈللەرنى تەرسەم.
مەيلىتىغۇ جەندىنى كەيسەم،
ئەنە شۇنداق ياشىسام دەيمەن.
ئىناقلىقنى نىشان تىكلىسەم،
قېرىنداشنىڭ غېمىنى يىسەم.
ئىتىپاقسزلىقا خەنجەر بىلىسەم،
ئەنە شۇنداق ياشىسام دەيمەن.
ئۈندىدارihsan571633
236 قېتىم كۆرۈلدى | ihsan571633 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-10-1 9:28:20 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|