بارلىقىم، كۆز نۇرۇم پەخىرىم مىنىڭ
باھارگۈل ئىبرايىم
بارلىقىم، كۆز نۇرۇم پەخىرىم مىنىڭ،
چەكمىگىن سەن ھەسرەت ئۇنى ماڭا بەر.
ياشايدۇ قەلبىمدە پاك سۆيگۈڭ سېنىڭ،
سېنى دەپ تەيياردۇر بىر جېنىم مىڭ ئەر.
مەن سېنى مەدھىيلەپ تۇرىمەن دائىم،
نامىڭغا قېتىپ ھەم ئېسىل سۈپەتنى.
كۆركەمدۇر سېنىڭكى قەلىب قەسىرىڭ،
تاللايسەن شۇڭا سەن ئېسىل ئۈلپەتنى.
قەددىڭنى شەمشادقا ئوخشۇتۇپ دائىم،
ھۆسنۈڭنى قۇياشقا،ئايغا تەڭ قىلدىم،
مىڭ ئەيىب بولسىمۇ يانماس بۇ رايىم،
چۈنكى مەن ھەقىقىي دوست دەپ تاللىدىم.
دېڭىزدەك دىلىمدا كېزىسەن ھامان،
لالىدەك ھىسلارغا پۈركەپ سەن مىنى.
زەررىچە مىھرىڭدىن ئىللىغاچ دىلىم،
مىڭ زەررە مىھرىمگە ئورايمەن سېنى.
2015-يىل باي چوڭكۆۋرۈك
171 قېتىم كۆرۈلدى | ehsanay | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-8-15 2:23:25 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|