قومۇللۇق
كېلىپ قالساڭ بىر چاغدا ،
ھېھمان بولۇپ قومۇلغا .
دەستىخاننى مول قىلىپ ،
كۈتەر سېنى قوموللۇق .
ئورۇن بېرەر تۆرىدىن ،
ئىللىقلىق تولغان ئۆيىدىن .
مۇڭلۇق خۇشبۇي سۆزىدىن .
زوقلاندۇرار قومۇللۇق .
يېشىل كەتكەن تاغلىرى ،
مەي باغلىغان باغلىرى .
يازدا كەلسەڭ ھەر يىلى .
سەيلىگە باشلار قومۇللۇق .
قوغۇن چىلان قومۇلدا ،
ماڭارىڭدا بىر خالتا.
يوللۇق تۇتۇپ ئۇ ساڭا ،
مىھماندوس بۇ قومۇللۇق .
ئاتا -ئانا چوڭلارنى ،
ھۆرمەت قىلىپ ئۆزلىرى .
كىچىكلەرنى ئىززەتلەپ ،
ئۆتەر شۇنداق قومۇللۇق .
خوشنىلار ھەم ئۆز ئارا ،
ئۆتىشىدۇ بەك كاتتا .
ئەجداتلارنىڭ ئىزىبا ،
ئەدەپلىكتۇر قومۇللۇق .
ئاكا -ئىنى قېرىنداش ،
ھەدە-سىڭىل ھەم ئۇكاش .
خوشال ئۆتەر ھەم قۇرداش ،
ئېسىل جۇمۇ قومۇللۇق .
يوقمىدۇ؟ دېمە ئەسكىسى ،
ھەرجايدا بار داشقىلى .
بۇنداقلارنى ئۆزگەرتىپ ،
تۈزگە سالار قومۇللۇق .
سۆزلەي دېسەم گەپ تولا ،
ئەمدى دېمەي بوپ قالا.
يۈرەگىمدە تولا-تولا ،
مەدھىيلەيمەن قومۇللۇق .
مەممەتجان يىمىت قومۇل
2015يىلى 6ئاينىڭ 30-كۈنى
226 قېتىم كۆرۈلدى | uzakyol | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-7-29 15:34:40 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|