قانداق قىلاي
ئەجەپ قاتتى بۇ بېشىم ،
ئەمدى مەن قانداق قىلاي.
يۈرەك بولدى قان زەرداپ ،
ئەمدى مەن قانداق قىلاي .
سۆيگەن گۈزەلدۇر سۈيۈلگەن ئەلا ،
سۆيگۈسىز ھاياتتا نە بۇلۇر مەنا .
ساداقەت ۋاپادىن ئېچىلسۇن رەنا ،
بىلمىدىم ئەمدى مەن قانداق قىلاي .
سىنى دەپ يۈرگەنتىم بۇلۇپ كۆپ سەرسان ،
ۋىسالىڭ يەتمەكنى قىلىپ ھەم ئارمان .
پىچاق سۈڭەككە يەتكەندە قالمىدى دەرمان ،
بىلمىدىم ئەمدى مەن قانداق قىلاي .
دەسلەپتە ئۈزۈڭگە مىنى يار قىلدىڭ ،
زىرىككەن چېغىڭدا يەنە زار قىلدىڭ .
ئۆزگىنى قولتۇقلاپ مىنى خار قىلدىڭ ،
بىلمىدىم ئەمدى مەن قانداق قىلاي .
ئۆزگىدىن ئازارلار يىگەندە دىلىڭ ،
ۋاپانىڭ قەدرىنى شۇ چاغ سەن بىلدىڭ .
ئېيتقىنا نە ئۈچۈن ئالدىمغا كەلدىڭ ،
بىلمىدىم ئەمدى مەن قانداق قىلاي .
ۋاز كىچەي دىسەم مەن يۈرەكتە ئارمان ،
ۋە لىكىن سۆيگۈدىن قەلبىمدە گۇمان .
قىينايدۇ يۈرەكنى پىنھان بىر چۇقان ،
بىلمىدىم ئەمدى مەن قانداق قىلاي .
شازادەم مەممەت « شەبنەم »
ئۇچتۇرپان ئاخيار
كەچ 2015 , 10 , 1
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ
209 قېتىم كۆرۈلدى | شازادەم مەممەت | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-10-4 0:18:37 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|