سەنسىز

سەنسىز

 

ئاتىكەم ئەيسا

 

دادادەپ ئەركىلەپ بىرچاغ ،

يۈرەتتىم شۈنچىلا غەمسىز.

 مىنى تاشلاپ كىتىپ قالدىڭ،

  خوشلىقىم تۈگىدى سەنسىز .

 

كىيىم كەيسەم ئەينەك ئىدىڭ،

 ئەينىگىم يوق بولدى سەنسىز.

 پارە بوپ كەتتى يۈرەگىم،

 سىغىنىش ئۇتىدا سەنسىز.

 

 ماڭا ئۈزۈڭ يولباشچى ئىدىڭ،

 تىنەپ قالدىم بۈگۈن سەنسىز.

 دوست كەبى سىرداشتىڭ ماڭا،

 ئەمدى قالدىم سەنسىز سىرداشسىز .

 

ماڭا ھەردەم مەدەتكارتىڭ ،

مادارىم قالمىدى سەنسىز .

ئۈمۈت باغرى بولدى سەكپارە،

 خۇشاللىق تاپمىغاچ سەنسىز .

 

ھېيىت ئايەم ئۆتەتتى شاد،

 سەن بولغاچقىلا غەمسىز.

 ماتەمدەك بوپ قالدى بۈگۈن،

 ھېيىتلارمۇ ماڭا سەنسىز .

 

-ئۈمۈت





209 قېتىم كۆرۈلدى ئاتىكەم ئەيسا ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-9-28 11:44:27  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ