بىلمىدى قەدرىمنى دىمىگىن ھەرگىز
يۈسۈپجان
بىلمىدى قەدرىمنى دىمىگىن ھەرگىز،
سۆيگۈڭنى پەقەتلا قويمۇدۇم ئالداپ.
سورىما ساختىلىق بولماي نىمە دەپ ،
بىلمىدىم قالدىممۇ ياكى گاڭگىراپ .
بىلىمەن مىنىڭدىن رەنجىدىڭ شۇنچە ،
خۇددى مەن ئۆزۈمدىن رەنجىگەندەكلا.
قايغۇرما مەن بىلەن ئۆتكەن كۈنۈڭگە،
ھەي ئىسىت دىمىگىن ئۆتكەنگە ئەسلا .
بىلەتتىم سەن مىنى سۆيەتتىڭ بەكلا،
مەن لېكىن سۆيگۈڭگە قىلمىدىم ۋاپا.
ئىچىڭدە تىللارسەن بەزىدە بەلكىم ،
مەنمۇ ھەم ئۆزۈمگە قىلىمەن تاپا.
سەن بەلكىم مەڭگۈگە ئۇنۇتتۇڭ مىنى ،
ھەم يەنە ئەسلەپمۇ قويماسسە پەقەت.
مەن سىنى يەنىلا ئەسلەيدىكەنمەن ،
ئالدىڭدا گەر يۈزسىز بولساممۇ ئەبەد.
119 قېتىم كۆرۈلدى | يۈسۈپجان | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-9-7 13:00:34 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|