ئانامغا

         ئانامغا                           


             دىلشات ئابدۇسەمەت                           


ئانام مىنى تۇغقاندا ھېچبىر راھەت كۆرمىدى،

   بەلدىن ئاشقان چېچىنى قىرىق ئۆرۈم ئۆرمىدى. .

غېرىبانە ئۆيىدە تالدىم دىمەي ئىشلىدى،         

بارلىقىنى ئاتاپلا چىشنى مەھكەم چىشلىدى. .


ھەر سۆزىدە پەرزەنتنى نەزمىلەرگە قاتاتتى،      

زەپەر قۇچسا پەرزەنتى يۈزلېرىگە سۆيەتتى.       

بىراۋ كەلسە ئۆيىگە تۆرىلەرگە باشلايتى،          

تەڭ تارتىشىپ دەردىنى كۆزلېرىنى ياشلايتى.       


ئانام مىنى ھەقىقىي چىن دىلىدىن سۆيىدۇ،        

بالام دەپلا ھەقىقىي مېھرى بىلەن كۆيىدۇ. .         

مىنى تۇغدۇڭ جان ئانا تەقدىم قىلدىڭ ھەممىنى،   

خۇدا مەندەك بالاڭنىڭ يورۇق قىلسۇن قەلبىنى.       





154 قېتىم كۆرۈلدى guqung ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-9-22 0:15:43  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ