تويۇڭ بولسا شۇ كۈنى
تۇرغۇن راخمان(كەمتەر)
تويۇڭ بولسا شۇ كۈنى ، خۇشال بولۇپ سۆيۈنەي ،
ئۇنتۇپ ئازاب - ئوقۇبەت ، سوۋغاتلىققا گۈل بېرەي ،
چېچەك ئاچسا گۈللۈرىڭ ، مەنمۇ خۇرسەن ئەمەسمۇ ،
چىن دىلىمدىن خۇش بولۇپ ، بەختىڭ تېلەپ مەن كېتەي .
تويۇڭ بولسا شۇ كۈنى ، خۇشال بولۇپ سۆيۈنەي ،
يۈرەكتىكى ئاچچىقنى ، ئەمدى بېرىپ كىمگە دەي ،
سۆيگەن ئىدىم چىن دىلدىن ، بىلمىدىڭغۇ زادىلا ،
ئۇنتۇش شۇنداق ئاسانمۇ ، زەپ قېينىدىڭ مەن ئۆلەي .
تويۇڭ بولسا شۇ كۈنى ، خۇشال بولۇپ سۆيۈنەي ،
ياشلىرىمى يوشۇرۇپ ، بەختىڭ تىلەپ گۈل بېرەي ،
قايغۇرمايمەن ئەبەدىي ، تاشلاپ كەتسەڭ تاش يۈرەك ،
ئاچسۇن چېچەك گۈللىرىڭ ، كۈلۈشىڭنى مەن كۆرەي .
تويۇڭ بولسا شۇ كۈنى ، خۇشال بولۇپ سۆيۈنەي ،
قىسمەت شۇنداق ئوخشايدۇ ، بۇنى پەقەت سىزگە دەي ،
يۈرەك زەرداپ قان - ژېرىڭ ، نىمە دەيمەن بىلمىدىم ؟
قىينالدىغۇ يۈرۈگۈم ، تۇرالمىدىم مەن كىتەي .
تويۇڭ بولسا شۇ كۈنى ، خۇشال بولۇپ سۆيۈنەي ،
نادانلىغىڭ قېينىدى ، ئۇچراشقاندا دەپ بېرەي ،
غەمسىز ياشا ئەبەدكە ، مەڭگۈ كۈلۈپ مۇشۇنداق ،
يېڭى يايرىڭ قۇچاقلا ، ئۇ دۇنيادا مەن كۈتەي .
مۇھەرىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۈندىدار : 2041420589
44 قېتىم كۆرۈلدى | turhun | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-5-25 0:14:11 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|