تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى

تادۇبەگدىن يېڭىلىق: تادۇ زەفران ئەرلەر قۇۋۋەت يۈرۈشلىكى تادۇ زەفىران ئەرلەر قۇۋۋەت يۈرۈشلۈكى بولسا ئورنىمىز ئۇزۇندىن بىرى ئىشلىتىپ ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلىۋاتقان زەفىران ئەرلەر قۇۋۋەت جەۋھىرى بىلەن ئەرلەر قۇۋۋەت مېيىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، زەفىران ئەرلەر قۇۋۋەت جەۋھىرى بولسا يۇمران بۇغا مۈڭگۈزى،ئامرىكا ئادەمگىياسى ،سۆئلەپ مىسرى، سەقەنقۇر، يىڭنە بېلىق، زەپەر قاتارلىق قىممەتلىك ماتىرىياللاردىن تەييارلانغان بولۇپ ،ئېمۇنت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، قاننى جانلاندۇرۇش،روھى كەيپىياتنى ياخشىلاش [...]

مەشھۇر دورا لوبوب ۋە ئۇنىڭ بىر نەچچە خىل نۇسخىسى لوبوب دېگىنىمىز ئەرەپچە مېغىز مەنىسىدە بولۇپ ، مەئجۈنات تەركىبىدىكى بىر خىل مۇرەككەپ دورا تۈرى بولۇپ ، تەركىبىگە مېغىزلار جىقراق چۈشكەچكە لوبوب(مېغىز) دەپ ئاتالغان . تەييارلاش ئۇسۇلى باشقا مەئجۈن دورىلارنىڭكىگە ئوخشاش بولىدۇ. لوبوبنىڭ بىر مۇھىم ئالاھىدىلىكى شۇكى ، ئۇ باھنى قۇۋۋەتلەش، بەدەننى سەمرىتىش، مېڭە ۋە بۆرەكنى كۈچەيتىپ ئۇلارنىڭ خىزمەت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن [...]

بۇ ماقالە شەرق تىبابىتى خەزىنىسىدىكى ئاجايىپ تۆھپىلىرى بىلەن شەمسۇلئەتىببا (تېۋىپلار قۇياشى) نامى بىلەن ئاتالغان ھەكىم غۇلام جىلانىخان ھەزرەتنىڭ يەككە دورىلار بىلەن داۋالاش ناملىق ئەڭ كۆپ تارقالغان ئەسىرىدىن ئېلىندى. بۆرەكتە تاش پەيدا بولۇش كېسەللىكى بۇ بىر خىل ئۆتكۈر چىقىرىندى ماددىلارنىڭ تەسىرىدىن پەيدا بولغان زىيانلىق ھارارەتنىڭ قۇيۇق خىلىتلارغا تەسىر قىلىشىدىن ياكى باشقا ماددىلارنىڭ بۆرەكتە ئولتۇرۇپ قېلىشىدىن بولىدۇ. سەۋەبى: بۆرەكتە قاتتىق ھارارەت، قۇيۇق [...]

بۆرەك ئاغرىقى بۆرەك ئاغرىقى يەلدىن ياكى بۆرەكنىڭ زەئىپلىكىدىن ياكى بۆرەك ياللۇغى، بۆرەك تېشى ۋە ياكى بۆرەك يارىسىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ. داۋالاش:قايسى سەۋەبتىن بولسا ، ئاۋال سەۋەبىنى يوقىتىش كېرەك. بۆرەك ئاغرىقىنىڭ ھەر قايسى تۈرلىرىدە بابۇنە، سېرىقچىچەك، ئاقلەيلى ئۇرۇقى، كاللەكسەي يۇپۇرمىقى قاتارلىقلارنىڭ قاينىتىلمىسىدا بىمارنى ئولتۇرغۇزۇش ناھايىتى مەنپەئەتلىكتۇر. بۆرەككە يەل كېلىۋېلىش بۇ كېسەلدە قۇيۇق خىلىتلاردىن ھاسىل بولغان قۇيۇق يەل بۆرەك تۇقۇلمىلىرى ئارىسىغا يىغىلىپ [...]

سەۋەبى: جىنسى ئالاقىنى كۆپ قىلىش،ئىسسىق تەبىئەتلىك دورىلارنى كۆپلەپ ئىچىش، كۆپ سىيىش ياكى ئىچىسۈرۈش، جاپالىق ئىشلەش ۋە چارچاشتىن بولىدۇ. ئالامىتى: كۆز رەڭگى ئولتۇرۇپ كېتىش، باشنىڭ ئارقا تەرىپى يەڭگىل ئاغرىش، بەل ئاغرىش، سۈيدۈك رەڭگى ئاق، سۈزۈك كېلىش، سۈيدۈك تۇتالماسلىق،جىنسى ئىقتىدارى ئاجىزلىشىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. داۋالاش: ئالدى بىلەن سەۋەبىنى يوقىتىش، ئۇنىڭدىن كېيىن بۆرەكنى سەمرىتىش چارىلىرىنى قوللىنىش بىلەن بىرگە داۋائى تەرەنجىبىن، لوبوبى كەبىر، لوبوبى سەغىر [...]

سۈيدۈكلۈكنىڭ ئېچىشىشى بۇ قارىماققا ئىششىققا ئوخشاپ كېتىدۇ، ئەمما ئىششىق ئەمەس. سەۋەبى: 1. قىزىل پۇرچاق(لوۋىيا)، ئاق پۇرچاققا ئوخشاش يەل پەيدا قىلىدىغان نەرسىلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلغانلىقتىن بولىدۇ. 2. تاماق ھەزىم قىلىش كۈچىنىڭ ئاجىزلىشىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. 3. سۈيدۈكلۈكتە ھۆللۈك كۆپىيىپ ، سۈيدۈكلۈكنىڭ ئۇنى پىشۇرۇشىغا كۈچى يەتمىگەنلىكتىن پەيدا بولىدۇ.