تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى

كۆزدىكى ئۆزگىرىشلەر كۆزنىڭ ئەسلى ھالىتى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ: 1- قان مىزاج ئادەملەرنىڭ كۆز قارىچۇقى چېقىر، ئېقى قىزىلغا مايىل ئاق كېلىدۇ. 2- سەپرا مىزاجدىكىلەرنىڭ كۆز قارىچۇقى چېقىر، ئېقى سېرىققا مايىل كېلىدۇ. 3-بەلغەم مىزاجلىقلارنىڭ كۆز قارىچۇقى كۆكۈچ،ئېقى پارقىراق كېلىدۇ. 4- سەۋدا مىزاجلىقلارنىڭ كۆز قارىچۇقى قارا، ئېقى كۆكۈچكە مايىل بولىدۇ. 5- كۆزدە كۆك قان تۇمۇر، قىزىل قان تۇمۇر، قىل قان تۇمۇرلار بولىدۇ. بۇ تۇمۇرلار [...]

سەھىپە: نەزەرىيەلەر

بۇ تېمىدا ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ كىشىلەرنىڭ تىرە رەڭگى، چىرايى، كۆزى،تىلى،نەپەسلىنىشى ۋە تومۇر سوقۇشى قاتارلىقلارغا قاراپ ئۇ كىشىنىڭ سالامەتلىكىگە ھۆكۈم قىلىش ئۇسۇللىرى سۆزلىنىدۇ. تېرە رەڭگىگە قاراش تېرە رەڭگىگە قاراپ كېسەللىكلەرگە باھا بېرىش بولسا ئۇيغۇر تېبابىتى تەشخىش ئىلمىنىڭ مۇھىم تۈرىدۇر. رەڭگى ھەر قايسى مىزاجدىكىلەرنىڭ ئەسلى مىزاجىغا بەلگە بېرىپلا قالماستىن، يەنە بەدەندە كۆرۈلىدىغان ھەر خىل كېسەللىكلەرگە بەلگە بېرىدۇ. 1- بەدەن تېرىسىنىڭ سارغىيىپ كېتىشى جىگەر [...]

سەھىپە: نەزەرىيەلەر

بەشىنچى باب قۇۋۋەتلەر ھەققىدە بۇ باب ئۈچ پەسىلگە بۆلۈنىدۇ. جانلىقلارنىڭ قۇۋۋەتلىرى ۋە ھەرىكەتلىرى بار بولۇپ،قۇۋۋەت بىلەن ھەرىكەتنى بىر-بىرىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك دەپ چۈشىنىش كېرەك، چۈنكى ھەرىكەت قۇۋۋەتتىن كېلىپ چىقىدۇ. ئەزالارنىڭ ھەرىكىتى ئۈچ خىل بولىدۇ. قۇۋۋەتلەرمۇ تەبىئى قۇۋۋەت، ھايۋانى(ھاياتلىق) قۇۋۋەت ۋە نەپسانى قۇۋۋەتتىن ئىبارەت ئۈچ خىل بولىدۇ. ھەر قايسى قۇۋۋەتلەرنىڭ ئورنى بىر ئەزاغا خاس بولۇپ، قۇۋۋەت ۋەھەرىكەت شۇ ئەزادىن پەيدا بولىدۇ. بۇ [...]

سەھىپە: نەزەرىيەلەر

* ئېغىزئالامەتلىرىدىن بىلىش بىلمەك كىرەككى سەھەردە ئورنىدىن تۇرغاندا ئېغىزنىڭ ئاچچىق بولۇشى سەپرانىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكىدىن بولىدۇ. بۇنىڭدا سۇغۇق خۇسۇسىيەتلىك، ئاچچىق چۈچۈك نەرسىلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىش كېرەك. ئېغىزنىڭ تاتلىق بولۇشى قاننىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكى بولۇپ،قاننى پەسەيتىشكە چارە قىلماق زۈرۈر. ئېغىزنىڭ تۇزلۇق بولۇشى بەلغەمنىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكىدىن بولىدۇ،بۇنىڭدا ئىسسىق ۋە قۇرۇق نەرسىلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىش كېرەك. ئېغىزنىڭ بەدبۇي بولۇشى بەدەندە بىرەر كېسەللىكنىڭ ئالامىتى بولۇپ،بۇ ھالداسۈرگە [...]

سەھىپە: نەزەرىيەلەر

ئارستوتىل(ئەرەستۇ) مىلادىدىن ئاۋالقى 384-يىلى تۇغۇلۇپ 322-يىلى ۋاپات بولغان قەدىمقى يۇنان ئالىمى، ئۇ شەرق ئەللىرىدە ‹‹تۇنجى مۇئەللىم››،‹‹ئىلىم ئاتىسى›› دەپ ئاتىلىدۇ. ئون نەسىھەت دېگەن بۇ مەشھۇر ئەسىرى شاگرتى ئىسكەندەر زۇلقەرنەينگە قىلغان پەندى نەسىھەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بۇ ئەسەر لاتىنچىدىن ئەرەپچىگە ئاندىن پارىسچىغا تەرجىمە قىلىنغان. تۆۋەندە بېرىلىدىغىنى مەھمۇد ھەسەنى پارىسچىدىن ئۆزبەكچىگە تەرجىمە قىلىنغان نۇسخىسىدىن ئىبارەت بولۇپ نېمىشقىدۇر توققۇزىنچى ۋە ئونىنچى نەسىھەتلەر تەرجىمە قىلىنمىغان [...]

سەھىپە: نەزەرىيەلەر

تۆۋەندە مۇھەممەد ئەكبەر ئەرزانىنىڭ ‹‹مىزانى تىب›› ناملىق كىتاۋىدىن قان ئېلىش ۋە لوڭقا قۇيۇش ھەققىدىكى بايانلار ھوزۇرۇڭلاردا بولىدۇ. رەسىمنى چەكسىڭىز چوڭىيىدۇ.

سەھىپە: نەزەرىيەلەر

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇ يازمىدا بۇرۇنقى ۋە ھازىرقى تېۋىپلىرىمىزنىڭ ئىنسان ھاياتىنىڭ ياشقا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللىرى ئۈستىدىكى بايانىنى سۆزلەپ ئۆتىمىز. كېيىنكى تېۋىپلار ئىنسان ھاياتىنى ئۈچ تۈرگە ئايرىپ ئۇلارنى ئۆسۈش دەۋرى ،ئۆسۈشتىن توختاش دەۋرى ۋە چېكىنىش دەۋرى دەپ كۆرسەتكەن. بۇنىڭدىن ئۆسۈش دەۋرى 30 ياشقىچە،توختاش دەۋرى 40ياشقىچە،چېكىنىش دەۋرى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچەدەپ ئايرىغان. بۇرۇنقى تېۋىپلار بولسا بۇنى تۆرت تۈرگە ئايرىپ ئۆسۈش دەۋرىنى 30 ياشقىچە؛ئۆسۈشتىن توختاش دەۋرى يەنى [...]

سەھىپە: نەزەرىيەلەر

(ئابلىمىت غۇجابدۇللا قاراقاش) سۆز بېشى خەلقىمىز ئىچىدە ھېلى ھەم بىرە ئىشنى قىلماقچى ياكى ئىش باشلىماقچى بولساق « يا.. بىسمىللاھ… ئون ئىككى ۋاخ يىگىرمە تۆت سائەت ! » دەيدىغان ، « پالانى ئىش تېخى مۇنداق بولماپتۇ » دىسە « تېخى سائىتى كەلمىگەن ئوخشايدۇ » دەپ جاۋاب بىرىدىغان يەنە خەيرلىك سۆزلەرنى، ياخشى تىلەكلەرنى ئېيتقان چېغىمىزدا «ئېغىزىڭىزدىن سائەت چىققاي!» دېسەك، ئاچچىقىمىزدا خەيرسىز يامان [...]

سەھىپە: نەزەرىيەلەر

تۆت تادۇ(ئوت، ھاۋا ، سۇ ، تۇپراق) ــــ ھايۋان ، ئۆسۈملۈك ۋە مەدەنلەرنىڭ بارلىققا كېلىشىدىكى دەسلەپكى ئاساسىي ماددىلار بولۇپ قەدىمقى ئۇيغۇر تېبابىتىدە ‹‹تۆت تادۇ›› دەپ ئاتالغان ، بۇ تۆت تادۇ (تۆت چوڭ ماددا ) تەلىماتى ئۇزاق ئۆتمۈشتە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تەبىئەتنى ۋە ئۆزىنى كۆزىتىش ئارقىلىق يەكۈنلىگەن خۇلاسىسىدۇر ،بۇنى قەدىمقى يۇنان ئالىمى بەقرات(ھىپپوكرات) ياش ۋاقىتلىرىدا قىرىم يېرىم ئارىلىدا ياشاۋاتقان ئەجدادلىرىمىزدىن قوبۇل قىلغان [...]

سەھىپە: نەزەرىيەلەر

ئۆز خەۋىرىمىز: مىللى تېبابەتنىڭ سەركىسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتى بۇ يىل ئىيۇننىڭ ئوتتۇرىلىرىدا جۇاڭزۇ،يىزۇ، دەيزۇ تېبابەتلىرى بىلەن بىللە ، دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددى مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتارىدىن ئۇرۇن ئالدى. ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ 1- ئىيۇلدىن باشلاپ دورا ماتىرىياللىرىنىڭ ئۆلچىمى ۋە سۈمۈرمە، كاپسۇل ئىشلەپچىقىرىش ئۆلچىمى بارلىققا كېلىپ ، كۆپ يىللاردىن بۇيانقى قانۇنىي ئاساسىي بولماسلىقتەك تارىخقا خاتىمە بېرىلدى. 12- بەش يىللىق يىرىك پىلان ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ يۈكسىلىشىدە [...]

تۆت پەسىلنىڭ ھەر بىرىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار باھار پەسلىدە سۈرگە ئىچىش، قان ئالدۇرۇشقا بولىدۇ.لېكىن قان ئالدۇرۇشتا كۆپ ئېھتىياتلىق بولۇش ،ھۆل ئىسسىق نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم. ياز پەسلىدە كۆپرەك تاماقلىنىش، ئەمما ھەددىدىن ئارتۇق چارچاش، ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىشتىن ساقلىنىش،مۇۋاپىق دەم ئېلىش، ئاپتاپنى توسىدىغان ئاق دوپپا، چىغ قالپاق، ئاق ياغلىققا ئوخشاش نەرسلەرنى ئىشلىتىش،ھارارەتنى پەسلىتىدىغان يېمەك-ئىچمەكلەرنى ئىستىمال قىلىش، كۆپرەك قايناقسۇ ئىچىپ بېرىش [...]

سەھىپە: نەزەرىيەلەر

يەل توغرىسىدا ئاپتۇنوم رايۇنلۇق ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك شىپاخانىسى مەسئۇل ۋىراچى ئالىمجان ئىسمايىل ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىدە ‹‹يەل ›› دېگەن ئاتالغۇ دائىم دېگۈدەك ئۇچراپ تۇرىدۇ. بۇ ئاتالغۇ گەرچە ئاددى بىر ئېغىز سۆزدەك قىلسىمۇ ، لېكىن نۇرغۇن كېسەللىك ئالامەتلىرى ئۇنىڭغا مۇجەسسەملەشكەن. ئۇيغۇر خەلقى نۇرغۇن ئەسىرلەردىن بۇيان ئادەم بەدىنىدىكى بەزى غەيرىي ئۆزگىرىشلەرنى ئېيتىشقا ئەپلىك، مەنىسى كەڭ بولغان بۇ ئاددى ئىبارە بىلەن ئىپادىلەپ كەلگەن . ئۇيغۇر تېۋىپلىرىمۇ [...]

سەھىپە: نەزەرىيەلەر

تۆت خىلىتنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالى سەپرانىڭ ئۆزگىرىشى بەش تۈرلۈك بولىدۇ: 1. سەپراغا سۇيۇق ھۆللۈك ئارىلاشسا سەپرائى مۇررىئە يەنى ئاچچىق سەپرا دېيىلىدۇ؛ 2. سەپراغا قۇيۇق ھۆللۈك ئارىلاشسا سەپرائى مۇھىيە يەنى ساپ سەپرا دېيىلىدۇ؛ 3. سەپراغا ئازغىنە غەيرىي تەبىئىي سەۋدا ئارىلاشسا سەپرائى مۇھتەرىقە يەنى كۆيگەن سەپرا دېيىلىدۇ؛ 4. سەپرائى مۇھتەرىقىگە سەپرائى مۇررىئە ئارىلاشسا سەپرائى كۇرراسى يەنى كۈدە رەڭلىك سەپرا دېيىلىدۇ؛ 5. سەپرائى مۇھتەرىقىگە [...]

سەھىپە: نەزەرىيەلەر