تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى

سۇپۇپلاردىن بىر نەچچە نۇسخا رېتسىپ تەركىبىدىكى دورىلار ئۆلچەم بويىچە ئېلىنىپ ، يۇمشاق سوقۇلۇپ ، تەكشى ئارىلاشتۇرۇلغان ياسالما شەكلى سۇپۇپ بولىدۇ. سۇپۇپى ھاجىپى تەركىبى: شاقاقۇل مىسرى، سۆئلەپ مىسرى، مەستىكى رۇمى، دارچىن،تاباشىر،تەلماكانە،گۈڭگۈرت،سەرپىستان ،ناۋات قاتارلىقلار تەڭ مىقداردا. يۇمشاق سوقۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ ھىم ساقلىنىدۇ. تەسىرى: كۆپ ئېھتىلام بولۇش، بالدۇر مەنىي يۈرۈپ كېتىشكە

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى راك كېسەللىكلىرى كېڭەش يىغىنىدا 1981- يىلى مۇنداق دەپ كۆرسىتىلگەن : ئەگەر يېتەرلىك ماتىرىياللاردىن تۇلۇق پايدىلىنىپ ، توغرا تەدبىر قوللىنىپ مەقسەتلىك ھالدا تەتقىقات خىزمىتىنى ئۆزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرسا ھازىر بار بولغان ئۆسمە كېسەللىكلىرىنىڭ 3\1 قىسمىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. تىببىي مۇتەخەسسىسلەر ۋە بىئولوگلار ئۇزاق ۋاقىت تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ، نۆۋەتتە ئۆسمە پەيدا قىلىدىغان نۇرغۇنلىغان ئامىللار توغرىسىدا چۈشەنچە ھاسىل قىلدى. ئۆسمە [...]

سەھىپە: ئۇنىۋېرسال

مۇرەككەپ نۇسخىلىق ياللۇغ قايتۇرۇش ئەرقى بۇ ئەرەق داۋالاش ئەمەلىيىتىمىزدە كۆپ سىناقتىن ئۆتكەن دورا ، ئاساسلىقى ياللۇغ قايتۇرۇپ ، قىزىتما پەسەيتىدۇ.توسالغۇلارنى ئېچىپ، ئىششىق ياندۇرىدۇ. سۈيدۈك تامچىلاش،قىستاش، ئېچىشىپ كېلىش سۈيدۈك يىرىڭ ئارىلاش كېلىش قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ، ئەر-ئاياللاردىكى سۈيدۈك يولى ياللۇغى،،مەزى بېزى ياللۇغى ۋە ئىششىقى ، بۆرەك ياللۇغى ، داس بوشلۇغى ياللۇغى، بالىياتقۇ ياللۇغى، بالىياتقۇ سۇلۇق ئىششىقى، ئىچكى – تاشقى بۇۋاسىر ۋە بەدەنگە [...]

ئۆز خەۋىرىمىز: مىللى تېبابەتنىڭ سەركىسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتى بۇ يىل ئىيۇننىڭ ئوتتۇرىلىرىدا جۇاڭزۇ،يىزۇ، دەيزۇ تېبابەتلىرى بىلەن بىللە ، دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددى مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتارىدىن ئۇرۇن ئالدى. ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ 1- ئىيۇلدىن باشلاپ دورا ماتىرىياللىرىنىڭ ئۆلچىمى ۋە سۈمۈرمە، كاپسۇل ئىشلەپچىقىرىش ئۆلچىمى بارلىققا كېلىپ ، كۆپ يىللاردىن بۇيانقى قانۇنىي ئاساسىي بولماسلىقتەك تارىخقا خاتىمە بېرىلدى. 12- بەش يىللىق يىرىك پىلان ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ يۈكسىلىشىدە [...]

مەيلى ئوغۇل بولسۇن ياكى قىز بولسۇن ، ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ تېنىنىڭ ئۆسۈشى تېز بولغانلىقتىن ، پسىخىكىلىق ئۆزگىرىشىمۇ مۇرەككەپ بولىدۇ. ئۆسمۈرلۈك دەۋرى ۋە ياشلىق دەۋرى ئادەم ھاياتى ئۈچۈن مۇھىم بىر باسقۇچ. ياشلىق باھارى ئۇرغۇپ تۇرغان ، ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ ئوزۇقلۇققا نىسبەتەن بەزى ئالاھىدە تەلەپلىرى بولىدۇ. بۇنى مۇنداق تەرەپلەرگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ: بىرىنچى: ئۆسمۈرلەر ۋە ياشلارنىڭ ئىسسىقلىق قۇۋۋىتىگە بولغان تەلىپى كۈچلۈكرەك بولىدۇ.ئۆسمۈرلەر [...]

بالىياتقۇ بوينى راكى كېسەللىكى ئاياللاردىكى يامان سۈپەتلىك ئۆسمە كېسەللىكلەر ئىچىدە ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان ئۆسمە كېسەللىكلەرنىڭ بىرى بولۇپ ، نۆۋەتتە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ۋە شۇ دۆلەتلەردىكى ئاز سانلىق مىللەت ئاياللىرىدا بۇ كېسەللىكنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى يەنىلا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرماقتا. شۇنداقلا بۇ كېسەللىك بىلەن ئۆلۈش نىسبىتىمۇ يۇقىرى بولماقتا . تەتقىقات ماتېرىياللىرىغا ئاساسلانغاندا ، دۇنيادىكى بالىياتقۇ بوينى راكىغا گىرىپتار بولغان ئاياللارنىڭ %80 ى تەرەققىي [...]

ﺷﺎﺗﯘﺕ، ﺷﻮﺧﻼ، ﺧﯩﻴﺎﺭﺷﻪﻧﺒﻪﺭﻧﻰ ﺗﻪﯓ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﺩﺍ ﺋﯧﻠﯩﭗﻗﺎﻳﻨﺎﻗﺴﯘﻏﺎ ﭼﯩﻼﭖ ﺳﯜﻳﯩﺪﻩ ﺋﯧﻐﯩﺰﻧﻰ ﻏﺎﺭ-ﻏﺎﺭ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﮔﺎﻝ ﺋﺎﻏﺮﯨﻘﯩﻐﺎ ﻣﻪﻧﭙﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. .2ﻣﯘﺯﺍ، ﻛﺎﻛﯩﻨﻪﭺ، ﻗﯩﭽﯩﻼﺭﻧﻰﺗﻪﯓ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﺩﺍ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻳﻨﺎﻗﺴﯘﻏﺎ ﭼﯩﻼﭖ ﻳﺎﻛﻰﻗﺎﻳﻨﯩﺘﯩﭗ ﺳﯜﻳﯩﺪﻩ ﺋﯧﻐﯩﺰﻧﻰ ﭼﺎﻳﻘﯩﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. .3ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﯘﺭﯗﻗﻰﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﻮﺧﻠﯩﻨﻰ ﻗﺎﻳﻨﯩﺘﯩﭗﺋﯧﻐﯩﺰﻧﻰ چايقىسىمۇ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. .4ﮔﯜﻝ ﺑﯩﻨﻪﭘﺸﻪ، ﻗﯩﺰﯨﻠﮕﯘﻝ، ﺯﯨﻐﯩﺮ، ﺑﯩﻴﻪ ﺋﯘﺭﯗﻗﻰ، ﺋﺎﻗﻠﻪﻳﻠﻰﺋﯘﺭﯗﻗﻰ، ﺷﻮﺧﻼ، ﺷﺎﺗﯘﺗﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﯓ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﺩﺍ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻳﻨﺎﻕ ﺳﯘﻏﺎ ﭼﯩﻼﭖ ﺷﯩﺮﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﺩﺍﺋﯩﭽﺴﯩﻤﯘ ﻣﻪﻧﭙﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. .5ﺳﯧﻤﯩﺰ ﺋﻮﺕﺋﯘﺭﯗﻗﻰ، ﺗﻪﻣﺮﻯ ھﯩﻨﺪﻯ، ﭼﯩﻼﻥ، ﺑﻴﻪﺋﯘﺭﯗقى، ﮔﺎﯞﯞﺯﯨﺒﺎﻥ، [...]

1. دانخورەكنى داۋالاشنىڭ رىتسىپى قارا ھېلىلە، سېرىق ھېلىلە، ئامىلە قاتارلىقلارنىڭ ھەربىرىدىن 21گرام، كاسىنە ئۇرۇقى، بەدىيان، ئاقلانغان چۈچۈكبۇيا يىلتىزى قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرىدىن توققۇز گرام، تازىلانغان تۈربۈتتىن ئالتە گرام، بىنەپشە ۋە چۆبچىنلارنىڭ ھەربىرىدىن 15گرام، سانا، خىيار شەنبەر، تىرەنجىبىنلارنىڭ ھەربىرىدىن 10گرام تەييارلىنىدۇ ھەمدە ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مۇنۇ ئۇسۇللارنى قوللىنىپ بەدەن سىرتىدىن داۋالىنىشقا بولىدۇ: 1) قايناق سۇدا [...]

سەھىپە: ئۇنىۋېرسال

بۇ دورا بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش ۋە ئۇنىڭ سۈزۈش خىزمىتىنى ياخشىلاش،بۆرەك زەئىپلىكى،سوغۇق ئۆتۈش سەۋەبلىرىدىن بولغان بەل ئاغرىقلىرىنى يوقىتىش، باھ زەئىپلىكىگە مەنپەئەت قىلىپ شەھۋەتنى كۈچلەندۈرۈش،مەنىينىڭ سۇۋۇپ ۋە سۇيۇلۇپ كېتىشىنى ياخشىلاپ مەنىينى قىزىتىش، قۇيالدۇرۇش ۋە كۆپەيتىش،تىز كېتىشىنى تىزگىنلەش،بەدەن ھۆللۈكلىرىنى قۇرۇتۇش،ئاشقازاننى قىزىتىپ يەل تارقىتىش،ئۇنۇتقاقلىق نېرۋا ئاجىزلىقى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ ۋە كۆپىنچە بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش مەقسىتىدە كۆپ ئىشلىتىلىدۇ. ئۇنىڭ نۇسخىلىرى ھەر خىل بولۇپ،تۆۋەندىكى چوڭ نۇسخىلىق ،مەنپەئەتلىرى [...]

بۇ تېما مەرىپەت يولى مۇنبىرىدىن ئاپتورنىڭ رۇخسىتى بىلەن كۆچۈرۈلدى ئىسلامدا جىنسىي تۇرمۇش ئاپتۇرى: ئەلى رىزا دەمىرجان [تۈركىيە] تەرجىمان: ئابدىمىجىت 1-قىسىم جىنسىي تەربىيە پەرىزدۇر مۇھىم ئەسكەرتىش ئاللاھ ياراتقان مەۋجۇداتلار ئىچىدە ئەڭ بۈيۈك مەۋجۇدات ئىنساندۇر. ئاسمان ۋە زېمىندىكى پۈتكۈل شەيئىلەر ئىنساننىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن يارىتىلغاندۇر. شۈبھىسىزكى، ئىنساننىڭ روھى كۈچىگە قارىغاندا جىسمانى كۈچى بەك ئاجىزدۇر. روھى كۈچنىڭ ئۇلۇغۋارلىقى ۋە چوڭقۇرلۇقىغا

بىز ئالدىنقى ماۋزۇدا (مەزكۇز كىتابتىكى)سۆزلىگىنىمىزدىكىدەك ، بازاردا سېتىلىدىغان چا بوياقلىرىنىڭ ئۆزىگە يارىشا سەلبىي تەسىرلىرى بار.شۇڭا چاچنى بوياشقا ھاجەتمەن كىشىلەرنىڭ پايدىلىنىش ئۈچۈن ، ئۆسۈمۈكلەردىن ياسىلىدىغان بىر قىسىم بوياقلارنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز. ئاقارغان چاچنى قارايتىدىغان بوياقلار بىرىنچى: بىر ھەسسە خېنىگۈلنى سوقۇپ، ئۈچ ھەسسە ئوسما ياپرىقىنى يانجىپ ، ئىككىسىنى بىللى دۆۋىلەپ قويۇپ ، سۇماق سۈيى ياكى ئانار دانىلىرىنىڭ سىقىلغان سۈيى بىلەن نەملەپ چاچقا سۈركەپ [...]

سەھىپە: ئۇنىۋېرسال

ئارپا سۈيىنىڭ تۆۋەندىكىدەك 10 خىل خۇسۇسىيىتى بار: 1. ئارپا سۈيى سۇغۇقلۇق ۋە ھارارەتنى تەڭشەيدۇ. 2. ئارپا سۈيى كېسەللىك ماددىسىنى پىشۇرىدۇ. 3.ئارپا سۈيى كۆيگەن كېسەللىك ماددىسىنى سۈرۈپ چىقىرىدۇ. 4. ئارپا سۈيى ئاشقازاننى تازىلايدۇ. 5. ئارپا سۈيى ئۇمۇمىي بەدەنگە تىز سىڭىشىپ كېتىدۇ. 6

سەھىپە: خام دورىلار

قورساق كىچىكلىتىش ئۇمىچى بۇ مەخسۇس ئەرلەردىكى سېمىزلىك ئۈچۈن تەييارلانغان دورا بولۇپ ،قورساق تاۋۇزسىمان يوغىناش،پۇت ئىششىپ قېلىش،يۇقىرى قان بېسىم،بەدەننى ماي قاپلاش، يۈرەك سىقىلىش،يۈرەك ئېغىش ۋە قان تۇمۇر توسۇلۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەن كىشىلەرگە ئىشلىتىپ ئالاھىدە ئۈنۈمى كۆرۈلگەن دورا، بولۇپمۇ قورساق كىچىكلىتىش ئۈنۈمى يۇقىرى. بىر قاپ دورا يەتتە كۈن يەنى بىر باسقۇچلۇق بولۇپ، مۇشۇ بىرىنچى باسقۇچىدىلا ئۈنۈمى كۆرۈلگەنلىكىنى ھېس قىلىسىز. ئالاقىلاشقۇچى : تادۇبەگ تېلىفۇن [...]

بۇ مەجۈننىڭ خاسىيەتلىرى كۆپ بولۇپ ، قىسقارتىپ يېزىلدى. ھۆكۈمالار ئۇنى مەجۈنى لۇئلۇۋى،مەجۈنى بالادۇر دەپمۇ ئاتايدۇ.بەدەندىكى ھەر قايسى ئىللەتلەرگە شىپا بولۇر.ئەزالارنىڭ ھەممىسىنى قۇۋۋەتلەر. ئەقىلنى زىيادە قىلۇر،كۆزنى روشەنلەشتۈرەر ھەم قۇۋۋەتلەر،70خىل كېسەلگە داۋا بولۇر. بەلغەم ۋەسەۋدادىن بولغانكېسەللىكلەرگە داۋا بولۇر. ئېغىزنىڭ سېسىقلىقىنى ئالۇر،شۆلگەي ئېقىشنى توختىتۇر. جالىنۇسنىڭ ئېيتىشىچە ، ئۇنى يىلدا بىر قېتىم ئىستىمال قىلسا ، ئۇ كىشى ھېچقانداق ئىللەتكە گىرىپتاربولمايىكەن. ئادەمنى سەمرىتىدىكەن.ئەرلىكنى قۇۋۋەتلەر ، [...]

بىرىنچى: سۈيدۈك ھەيدىگۈچى ۋە سۇغۇق تەبىئەتلىك دورىلار: كاكىنەچ، بەدىيان، كاسىنە، بىنەپشە، ئەرقى شوخلا، ئەرقى نىلۇپەر، ئەرقى بىدىمىشكى، ئەرقى شاقاقۇنىئمان قاتارلىقلارغا ئوخشىغان قاننىڭ ھارارىتىنى تۆۋەنلىتىپ ، مەركىزىي نېرۋا سىستىمىسىنىڭ قوزغىلىشچانلىقىنى پەسەيتىپ ، جىنسىي ئاجىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئىككىنچى: ئۇيقۇ كەلتۈرگۈچى دورىلار: نېرۋا سېستىمىسىنىڭ نورمال قوزغىلىشىنى تۇرمۇزلاپ ، جىنسىيەت ھەققىدىكى تۈرلۈك غىدىقلىنىشلارنى ئۈنۈملۈك قۇبۇل قىلىپ، ئىنكاس قايتۇرۇشنى ئاجىزلاشتۇرۇپ ، ئاخىرقى ھېسابتا جىنسىي ئاجىزلىقنى [...]

تۈنۈگۈن دۇكاندا ئولتۇرسام ئۆيدىن چاقىرغىلى ئادەم كىرىپتۇ، نېمە ئىش بولغاندۇ دەپ ئالدىراپ چىقسام ئەمدىلا بىر ياشقا كىرگەن قىزىمنىڭ قىزىتمىسى 38.6گە چىقىپ ئانىسى ئالاقزادە بولۇپ كەتكەن ئىكەن. قىزىم دادا ،دادا دەپ مېنى چاقىرىپ ياتقان ئىكەن. تېخى بايىلا ساپساق قالغان تۇرسا ئەنسىرىمەي بولامدۇ.بىنەپشە،كاسىنە ئۇرۇقى،زۇپا،پىرسىياۋشان،چىلان،يۇمغاقسۇت ئۇرۇقى قاتارلىقلاردىن كاشكاپ دەملەپ قويۇپ گەپ قىلىپ بەرگەچ پەپىلەتتىم. كاشكاپ تەييار بولغاندا سۈزۈپ يېرىم پىيالىدىن كۆپرەك ئىچۈردۈم. قىزىم [...]

ئاددى نۇسخا: ئاقلانغان بادام مېغىزى، نىشاستە 35گرامدىن،شېكەر 175گرام. ئاۋال بادام مېغىزىنى قايناق سۇغا بەش مىنۇت چىلاپ، پوستى يۇمشىغاندا سۈزۈۋېلىپ، پوستىنى سۇيۇپ قۇرۇتىمىز، ئاندىن ھەممە دورىلارنى بىرلەشتۈرۈپ يۇمشاق سوقۇپ(100كۆزلۈك ياكى 80كۆزلۈك ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ) تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ كۈندە بىر ياكى ئىككى قېتىم بىر قۇشۇقتىن كاپ ئېتىلىدۇ. تەبىئىتى: ئىسسىق. تەسىرى: بەلغەم بوشىتىش، يۆتەل پەسەيتىش.

ئۈنۈمى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن ، ئىشلىتىش قولايلىقلاشتۇرۇلغان ۋە ئالاھىدە قۇتىغا قاچىلانغان ئىككىنچى ئەۋلاد بىر يۈرۈش مەلھىمى شىپا تەييارلىنىپ بازارغا سېلىندى‹‹مەلھىمى شىپا›› زەكەرنىڭ پالەچلەنگەن نېرۋىلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، جىنسى ئەزانىڭ ئورۇقلىقى، سوغۇقلىقى ئاجىزلىقى،يوقالغان سەزگۈلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە ئالاھىدە ئۈنۈمگە ئىگە.مەلھىمى شىپا يەرلىك ئورۇندىكى توسالغۇلارنى كۈچلۈك دەرىجىدە ئاچىدۇ، قىزىتىدۇ ،تومۇرلاردىكى بۇزۇلغان خىلىتلەرنى چىقىرىپ تاشلايدۇ ،خىراتىن مېيى ھۆللۈك يەتكۈزۈش ۋە ئوزۇقلۇق تۇلۇقلاپ سەمرىتىش رولىنى ئوينايدۇ.بىر يۈرۈش [...]