تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،بۇ نۇسخىلارنىڭ بەزىسىنى ئاڭلاپ باقمىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن. نۇسخىلارنىڭ ھەممىسى ئەسقاتىدىغان تەييارلاش ئوڭاي نۇسخىلار. كۈز پەسلىنىڭ شەبنەملىك ۋاقىتلىرىدا ئېتىزدىكى چامغۇرنىڭ ئەتراپىدىكى توپىلارنى پاكىز سۈپۈرۈپ، چامغۇرنىڭ يۈر ئۈستىدىكى كۆكىنى كېسىۋېتىپ، ئوتتۇرىسىنى ئېھتىيات بىلەن ئويۇپ قويۇلسا كېچىسى ۋە سەھەردە چۈشكەن شەبنەم ئاشۇ ئويمانغا يىغىلىدۇ. ئاندىن چامغۇرنى ئېھتىيات بىلەن يۇلۇپ بىر نەچچە چامغۇردىكى شەبنەم سۈيىنى ئىچىپ،چامغۇرنى مەلۇم مىقداردىكى قوي گۆشى بىلەن قاينىتىپ [...]

مەجۈنى سەرتان مۇرەككەپ(1) بۇ نۇسخا مەرھۇم ئۆمەرجان ئىسمايىلنىڭ كىتاۋىدىكى نۇسخا بولۇپ، تولۇقى بىلەن تەييارلانغان مۇشۇ نۇسخا ئۆپكە،ئاشقازان،رېماتىزىم كېسەللىكلىرى،كاناي ياللۇغى،ئۈچەي ،بۇۋاسىر كېسەللىكلىرى، ئۆپكە راكى، سۈت بېزى راكى، قالقانبەز ئۆسمىسى ، بالىياتقۇ راكى، بۆرەك راكى، ئۇرۇقدان ۋە مەزى بېزى راكى، يامان سۈپەتلىك لىمفا ئۆسمىسى ،مېڭە ئۆسمىسى قاتارلىق كۆپ خىل جاھىل خاراكتىرلىك كېسەللىكلەرگە ماس كېلىدىغان ھەممىباب نۇسخا دېيىلگەن. نۇسخىسى : ئۇچقۇر پاقا 120گرام، [...]

بۇ تولىمۇ مەنپەئەتلىك دورا بولۇپ ،يۈرەك،جىگەر،مىڭە،ئاشقازان،بۆرەك،تال ۋە باشقا ئەزالارنى قۇۋۋەتلەش،رەڭگى -رويىنى چىرايلىق قىلىش،ئېغىز سېسىقلىقىنى يوقىتىش تەسىرىگە ئىگە بولۇپ.نىرۋا ئاجىزلىق كېسىلى،يۈرەك كېسىلى، تۇتقاق كېسىلى،ئاشقازان كېسىلىنى داۋالاشقا ، جىنسى ئاجىزلىق،ئىشتىھاسىزلىق ،چاچ ئاقىرىش،چاچ چۈشۈش قاتارلىقلارنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ. داۋاملىق ئىستىمال قىلسا كىشىنى تېتىكلەشتۈرىدۇ،خۇشخۇي قىلىدۇ،نەپەسنى كۇشادىلاشتۇرىدۇ،پات قېرىشقا قارشى تۇرىدۇ،زېھنىنى ئاچىدۇ،ئىستىسقانىڭ دەسلەپكى دەۋرى(سۇئۇلقۇنىيە)گە مەنپەئەت قىلىدۇ.سىزىكنى پەسەيتىدۇ،سەۋدانى يوقىتىدۇ،چاچنى قارايتىدۇ. نۇسخىسى: ئامىلە 2323گرام.قىزىلگۈل 230گرام،سەئدى كۇفى 175گرام؛مەستىكى رۇمى،سۇنبۇل ھىندى،ئاسارۇن [...]

سەھىپە: ئۇنىۋېرسال

بۇ كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پىشقان، قۇرۇتۇلغان ئۇرۇقى ياكى مېۋىسى ئارپىبەدىيان، رازىيانەج ناملىرى بىلەن دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.نۇقۇل بەدىيان دېيىلسىمۇ مۇشۇ ئارپىبەدىياننى كۆرسىتىدۇ،ئېنگىلىزچە fennel ،خەنچە 小茴香 دېيىلىدۇ. ئىچكىرىدىن كېلىدىغانلىرىنىڭ رەڭگى كۆككە مايىل، يۇرتىمىزدىن چىقىدىغانلىرى ئاققا مايىل كېلىدۇ. يىلتىز پوستى بولسا بىخ بەدىيان نامى بىلەن دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. ئارپىبەدىيان ئۇرۇقىنىڭ خېمىيەلىك تەركىبى: بۇنىڭ تەركىبىدە ئۇچۇچان ماي [...]

سەھىپە: خام دورىلار

ھەممىلا ئادەم قىلالايدىغان ھەمدە بەك ئاسان كۆرۈنگەن ئىشلاردا ئاز بولمىغان نۇقسانلار ساقلانغان بولىدىكەن ، سەل قاراش، ئۇنى مەخسۇس ۋە مۇھىم دەپ ئىش قاتارىدا كۆرمەسلىك ، شەخسىي ئىش دەپ چۈشىنىش قاتارلىقلاردىن ھەر زامان نۇقسان چىقىدۇ . بالىلارنى ئوزۇقلاندۇرۇش ۋە داۋالىتىشتا ، بۇ خىل نۇقسانلارنىڭ يۈز بېرىشىنى سەل چاغلىغىلى بولمايدۇ. مەلۇمكى بالا توغۇلۇپ ئالتە ئايغىچە ئاساسلىقى ئانىنىڭ ئېممۇنىت كۈچىگە تايىنىپ ھاياتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ [...]

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھازىر بىر خىل مۇرەككەپ ماي ئىشلەۋاتقان،بىر نەچچە مەسىلە توغرىسىدا ياردەمگە مۇھتاج بولۇپ قالدىم . تېبابىتىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى ماي ياسالما تۈرىدە ماي ياسالماقچى بولغان دورا قۇرۇق بولسا شۇ دورىنى چالىراق سوقۇپ، سۇغا بىر كىچە كۈندۈز چىلاپ ئۈچنىڭ بىرى قالغۇچە قاينىتىپ ،دورا تىرىپىنى سۈزۈپ تاشلاپ، دورا سۈيىنىڭ ئۈستىگە مۇۋاپىق مىقداردا ماي قۇيۇپ سۈيى تۈگەپ مېيى قالغۇچە قاينىتىپ تەييارلىنىدۇ. ھازىر ئويلاۋاتقىنىم مۇشۇ [...]

تۆۋەندە چارچاشنىڭ 18 تۈرلۈك ئىپادىسى كۆرسىتىلدى ، ئەگەر سىزدە بۇنىڭ 2 خىلى بولسا ، ئۇنداقتا سىز يىنىك چارچىغان بولىسىز ، بۇنى مۇۋاپىق دەم ئېلىش ئارقىلىق تۈگىتەلەيسىز . ناۋادا 5 خىلدىن ئارتۇق ئىپادىسى كۆرۈلسە ، زىيادە چارچىغان ھىساپلىنىسىز ،- دە ، ھۇشيار بولمىسىڭىز بولمايدۇ . 1. ئەتىگەندە ۋاقتىدا ئويغىنالماسلىق ، ئويغانغاندىن كىيىنمۇ يەنە قوپقىسى كەلمەسلىك ؛ 2. يول ماڭغاندا پۇتىنى سۆرەپ [...]

سەھىپە: ئۇنىۋېرسال

بۇ كېسەل سىل كېسەللىكى بىلەن ئاغرىغان ھايۋانلارنىڭ سۈتىنى ئىچىش ياكى گۆشىنى يېيىش ۋە سىل كېسەللىكى بىلەن ئاغرىغان كىشىلەر بىلەن دائىم بىللە بولۇش ياكى تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى بىللە ئىشلىتىش سەۋەبىدىن سىل جاراسىمى بىلەن يۇقۇملىنىپ، ئۆپكىدە سىل كېسەللىك ئوچىقى شەكىللىنىپ، كلىنىكىدا يۆتىلىش، قان تۈكۈرۈش، چۈشتىن كېيىن قىزىش، ئوغرى تەرلەش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، ماغدۇرسىزلىنىش، كۈندىن – كۈنگە ئورۇقلاش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان يۇقۇملۇق ( سوزۇلما [...]

بۇ تېمىنى بۇلتۇر ئىزدىنىش مۇنبىرىگە يازغان ئىدىم، كۆپ پايدىلىق ئىنكاسلار چۈشكەن ئىدى، شۇ ئىنكاسلار بىلەن يۆتكەپ قويدۇم،بلوگدا چىش ئاغرىقىغا ئائىت پايدىلانغۇدەك تىما بولۇپ قالغۇسى مۇشۇ چىش ئاغرىقىنى ئۇنتۇي دەپ ھېچ ئۇنتۇپ بولالماي ئاخىرى چىش ئامبۇلاتورىيەسى ئاچىدىغان ئاغىنەمنىڭ يېنىغا بېرىپ، قەلەمپۇر يېغىغا ئوخشايدىغان ئاغرىق توختىتىدىغان دورىسىنى تېمىتتۇرۇپ دەردىم پەسكويغا چۈشتى. بۇرۇن چىش ئاغرىقىغا ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمەيتتىم، ھەر قانچە ئاغرىسا بىرەر [...]

بۇ كىسەللىكنى تۇنۇش: ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلى كېلىپ چىقىدىغان ، بەدەندىكى چوڭ بۇغۇملار ئاغرىش ۋە ئىششىق بىلەن ئىپادىلىنىدىغان ، چوڭ بوغۇملار ئاغرىقى (ۋەجئۇل مۇپاسىل)دىن ئىبارەت. ئەگەر ئاغرىش پۇت-قوللارنىڭ بۇغۇملىرىدا بولسا بۇ مۇتلەق پۇت ئاغرىقى دېيىلىدۇ. ئەگەر ئاغرىش مەخسۇس ئەزالاردا ياكى پۇت-قول بارماقلىرىدا بولسا ، ئۇنىڭ مەخسۇس ئاتىلىشى تۆۋەندىكىچە بولىدۇ؛ يەنى نىقرەس(ئۇششاق بۇغۇملار ئاغرىقى)،ۋەجئۇل ۋەرەك(ساغرا ئاغرىقى)،ۋەجئۇل رەكىبە(تىز ئاغرىقى) قاتارلىقلار بولۇپ بۇلار [...]

جالىنۇس مۇنداق دېگەن: باشنىڭ يارىتىلىشىدىكى مەقسەد ، مېڭە، ئاڭلاش، پۇراش، تېتىش ۋە تېگىشىش سېزىمى قاتارلىقلارنىڭ بولۇشى ئۈچۈن ئەمەس. چۈنكى، بۇ ئەزا ۋە قۇۋۋەتلەر باشسىز جانلىقلاردىمۇ مەۋجۇدتۇر. لېكىن بۇنىڭدىكى مەقسەد ، كۆزنىڭ ئىقتىدارىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشى ، شۇنداقلا كۆزنىڭ باشقا ئورگانىزىملارنى ھەر قايسى تەرەپلەردىن كۆزىتىشى ۋە باشقا ئەزالاردىن ئۈستۈن تۇرۇشى ئۈچۈندۇر. چۈنكى ، كۆزنىڭ بەدەن بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى كۆزەتچىنىڭ ئەسكەرلەر بىلەن [...]

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى راك كېسەللىكلىرى كېڭەش يىغىنىدا 1981- يىلى مۇنداق دەپ كۆرسىتىلگەن : ئەگەر يېتەرلىك ماتىرىياللاردىن تۇلۇق پايدىلىنىپ ، توغرا تەدبىر قوللىنىپ مەقسەتلىك ھالدا تەتقىقات خىزمىتىنى ئۆزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرسا ھازىر بار بولغان ئۆسمە كېسەللىكلىرىنىڭ 3\1 قىسمىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. تىببىي مۇتەخەسسىسلەر ۋە بىئولوگلار ئۇزاق ۋاقىت تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ، نۆۋەتتە ئۆسمە پەيدا قىلىدىغان نۇرغۇنلىغان ئامىللار توغرىسىدا چۈشەنچە ھاسىل قىلدى. ئۆسمە [...]

ئانچە مۇنچە يالپۇز چاي ئىچىپ تۇرسا ھەزىمنى ياخشىلاپ يەل تارقىتىدۇ،ئېغىزنى خۇشپۇراق قىلىدۇ.تەرلىتىپ ھاردۇق چىقىرىدۇ ، توسالغۇلارنى ئاچىدۇ.ئۆتنى ئاسرايدۇ. يالپۇز بىلەن پىننە(كۆرۈنۈشى جەھەتتە) بىر-بىرىگە ئوخشاپ كېتىدىغان بولۇپ ، ئۇنى پۇرىقى ۋە تەمىدىن بىلىش مۇمكىن . بۇ كالپۇكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك يالپۇز بولۇپ ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى يالپۇز ياكى پۇدىنە نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. خېمىيىلىك تەركىبى: ھۆل يۇپۇرمىقىنىڭ [...]

سەھىپە: خام دورىلار

جاۋارىش مۇئەييىن ھامىل ھامىلدارلىققا ياردەم بېرىدۇ. ئىكەكلەنگەن پىل چىشى، مىئە سائىلە، سۇنبۇل ، دارچىن، مەستىكى رۇمى، ئۇدقىمارىنىڭ ھەر بىرىدىن بەش گرامدىن؛سەئدى كۇفى، قەلەمپۇر، نارمىشكى، پوستى تۇرۇنجى ھەر بىرى تۆت گرامدىن، دۇرنەج ئەقرەبى، سازەج ھىندى، ئۇدسەلب ، قىزىلگۈل ھەر بىرى ئۈچ گرامدىن، ئەپتىمۇن ئىككى گرام،ئەنبەر ، ئىپاردىن بىر گرامدىن؛ ناۋات ئۇمۇمى دورىلاردىن ئىككى ھەسسە،ھەسەل ئۈچ ھەسسە ئېلىنىپ قائىدە بويىچە جاۋارىش تەييارلىنىدۇ. [...]

ئارستوتىل(ئەرەستۇ) مىلادىدىن ئاۋالقى 384-يىلى تۇغۇلۇپ 322-يىلى ۋاپات بولغان قەدىمقى يۇنان ئالىمى، ئۇ شەرق ئەللىرىدە ‹‹تۇنجى مۇئەللىم››،‹‹ئىلىم ئاتىسى›› دەپ ئاتىلىدۇ. ئون نەسىھەت دېگەن بۇ مەشھۇر ئەسىرى شاگرتى ئىسكەندەر زۇلقەرنەينگە قىلغان پەندى نەسىھەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بۇ ئەسەر لاتىنچىدىن ئەرەپچىگە ئاندىن پارىسچىغا تەرجىمە قىلىنغان. تۆۋەندە بېرىلىدىغىنى مەھمۇد ھەسەنى پارىسچىدىن ئۆزبەكچىگە تەرجىمە قىلىنغان نۇسخىسىدىن ئىبارەت بولۇپ نېمىشقىدۇر توققۇزىنچى ۋە ئونىنچى نەسىھەتلەر تەرجىمە قىلىنمىغان [...]

سەھىپە: نەزەرىيەلەر

تۆۋەندە مۇھەممەد ئەكبەر ئەرزانىنىڭ ‹‹مىزانى تىب›› ناملىق كىتاۋىدىن قان ئېلىش ۋە لوڭقا قۇيۇش ھەققىدىكى بايانلار ھوزۇرۇڭلاردا بولىدۇ. رەسىمنى چەكسىڭىز چوڭىيىدۇ.

سەھىپە: نەزەرىيەلەر