• ھىيىتگاھ جامەسى ھەققىدە

    2011-04-09


    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/116765744.html

    ھىيىتگاھ جامەسى ھەققىدە

    يازما يوللاشتەرىپىدىن يوللانغان كۆلتېگىن » جۈمە دېكابىر 04, 2009 4:39 pm

    ھىيىتگاھ جامەسى ھەققىدە

    ھىيىتگاھ جامەسى مىلادىيە 1442-يىلى (ھىجىرىيە 846-يىلى) ياسالغان. بۇ جامە ھازىر شىنجاڭ ،شۇنداقلا مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ مەسچىت بولۇپ ،قەشقەر شەھىرىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان ،ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 16مىڭ820كۇۋادىرات مىتىر. ھىيىتگاھ جامەسى قويۇق مىللىي ئۇسلۇبقا ئىگە، ئىسلام دىنىنىڭ قەدىمىي بىناكارلىق قۇرۇلمىللىرى ئۇسلۇبىدا ياسالغان ئىنتايىن كۆركەم قۇرۇلۇش ،ئۇ قەدىمىي شەھەر -قاشقەرنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە جۇڭگۇ ۋە چەت ئەللەرگە مەشھۇر، جامەدە ئادەتتىكى كۈنلەردە 2000-3000كىشى ناماز ئوقۇيدۇ . جۈمە كۈنلىرى 5000-6000غا يىتىدۇ .ھيىت كۈنلىرى پەشتاق ئۈستىدە ناغرا سۇناي چىلىنىدۇ ،ئالدىدىكى مەيداندا بىرقانچە مىڭ كىشى <ساما>ئويناپ، قاينام-تاشقىنلىق مەنزىرە ھاسىل قىلىدۇ. ھىيىتگاھ جامەسىنىڭ تارىخى ئۇزۇن بولۇپ ،جامە سىلىنىشىتىن بۇرۇن ،بۇ جات قۇمۇشلۇق،سازلىق بويىدىكى زاراتگاھلىق ئىدى .قەشقەردە ئۆتكەن پادىشاھ ۋە مەشھۇر كىشىلەر بۇ جايغا دەپنە قىلىنغان بولغاچقا ،<مۇقەددەس جاي > بولغان .مىلادىيە1442-يىلى قەشقەرنىڭ ھۆكۈمران ساقىسى مىرزا ھازىرقى جامەنىڭ خانىقاسى ئورنىغا بىر كىچىك مەسجىت ياساتقان . ئۇ ھازىرقى ھىيتىگاھ جامەسىنىڭ دەسلەپكى گەۋدىسى بولۇپ قالغان . مىلادىيە 1538-يىلى (ھىجىرىيە 944-يىلى)قەشقەر بىگى ئوبۇل قادىر بەگ بۇ مەسچتنى كىڭەيتىپ جۈمە نامىزى ئوقۇيدىغان <جامە> قىلىپ ئۆزگەرتكەن.مىلادىيە 1787-يىلى(ھىجرىيە 1201-يىلى )ھازىرقى يىڭىشەھەر ناھىيە خانئىرىق يىزىسىدىن زۇلپىيە خىنىم ھەجگە بىرىش ئۈچۈن توپلىغان پۇلنى سەرىپ قىلىپ ، ھىيىتگاھ جامەسىنى يەنىمۇ كىڭەيتىپ يڭىۋاشتىن ئىسلاھ قىلىپ ياساتقان .
    1798-يىلى گۈل ئامىنە دىگەن ئايال ھەج سەپىرىدە كىتىۋىتپ قەشقەردە ۋاپات بولغان .جامەئەت ئۇنىڭ ۋەسىيىتىگە ئاساسەن ،قىپقالغان مال-مۇلۈكلەرنى سەرىپ قىلىپ مەسچىت بىلەن ئىشىك ئارىلىقتىكى بوشلۇقنى كىڭەيتىپ ياسىغان . شۇنىڭدىن كىين ،جامەگە <ھىيىتگاھ> دىگەن نام بىرىلگەن .1809-يىل(ھىجىرىيە 1224-يىلى)قەشقەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان تۇرپانلىق ئىسكەندەر ۋاڭ ھىيتىگاھ جامەسىنى ئوموميۈزلۈك رىمۇنىت قىلىپ چىققان ۋە كۆل كولىتىپ ،ئىرىق چاپتۇرۇپ ،دەرەخ تىككۈزۈپ گۈزەللەشتۈرگەن .1839-يىلى (ھىجىرىيە 1255-يىلى) قەشقەر ھۆكۈمرانى تۇرپانلىق زوھۇرىدىن ھاكىمبەگ شەھەر دەرۋازىسىنى كىڭەيتىپ ،شەھەر سىرتىدا قالغان ھىيىتگاھ جامەسىنى شەھەر سىپىلى ئىچىگە ئالغان ھەمدە قومۇشلۇقنى ئۆزگەرتىپ مۇھىتنى گۈزەللەشتۈرگەن ، جامە ئىچىدىكى بىر قىسىم قۇرۇلۇشلارنى زىننەتلەپ ،خانىقانى ئاساسەن ھازىرقى كۆلەمگە يەتكۈزگەن .1872-يىلى (ھىجىرىيە 1290-يىلى) ياقۇپبەگ جامەگە رەسمىي دەرۋازا ،پەشتاق ،ھەم مۇنار ياساتقان ھەمدە ھويلىنىڭ شەرىق ،جەنۇپ شىمال ئۈچ تەرىپىدە 24ئىغىزدىن ئۈچ رەت ،جەمئىي 72ئىغىزلىق 400تالىپ سىغىدىغان مەدرىس ھوجرىسى ،ھويلىنىڭ شەرقى شىمالى بۇرجىگىدە 100ئادەم بىرلا ۋاقىتتا غوسلى-تاھارەت قىلالايدىغان ھاممام ياساتقان .مۇشۇ ۋاقىتتا پۈتكۈل جامانىڭ كۆلىمى تولۇق شەكىللەنگەن.<ھىيىتگاھ> دىگەن ناممۇ مۇشۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ئوموملاشقان .
    1905-يىلى قەشقەردىكى كىرەم باي قاتارلىقلار پۇل چىقىرىپ رىمۇنىت قىلدۇرغان .1934-يلى ئابدۇكىرەم خان باشچىلىق قىلىپ تۆت ئەتراپنى سالاسۇنغا ئالغۇزغان .1936-يىلى جامەنىڭ شىمال ۋە جەنۇپ تەرىپىگە ئىككى يان دەرۋازا ياساتقان .1937-يىلى جامەنىڭ شەرىق تەرىپىدىكى 24ئىغىز مەدرىس ھوجرىسى ،ھاممام چىقىپ تاشلىنىپ يولغا قۇشۇۋىتىلگەن .1962-يىلى ئاپتۇنۇم رايون دەرىجىلىك قوغدىلىنىدىغان مەدىنىيەت يادىكارلىقلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى.
    ھېيتگاھ جامەسى توغرىلىق تولۇغلىما ماتېرىيال:

    قەشقەر ھىيتگاھ جامەسى
    قەشقەر ھىتگاھ جامەسى قەشقەر شەھرىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى ھىيتگاھ مەيدانىغا جايلاشقان بولۇپ جۇڭگۈ بويىچە كۆلىمى چوڭ ۋە كۆركەم ياسالغان قەدىمكى مەسجىد .

    ھىيتگاھ جامەسىنىڭ ھازىرقى ئورنى ئەسلىدە بىر ساسلىق بولۇپ كىينچە كىشىلەردىن ۋاپات بولغانلىرى مۇشۇ يەرگە دەپنى قىلىنغان ،شۇنىڭ بىلەن بۇ يەردە مازار شەكىللىنىپ كىشىلەر ھۆرمەتلەيدىغان جايغا ئايلانغان .كىيىنچە ،ئوردا خادىملىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق ئەۋلاتلىرى دەپنە قىلىنىدىغان شەھەر سىرتى قەبرىستانلىغى بولۇپ ،قەبرىستانلىقتا ئېلىپ بىرىلىدىغان دىنى پائالىيەتلەرنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ،ھىجرىيە 846-يىلى (مىلادى1442-يىلى)بۇ يەرگە كىچىك مەسجىد سىلىنغان.ھىجرىيە 946-يىلى (مىلادى1539-يىلى)شۇ ۋاقىتتىكى قەشقەر ھاكىمى ئوبۇل ھادى بەگ تۇنجى قىتىم كىڭەيتىپ بەش ۋاقىت ناماز ئۆتەيدىغان مەسجىددىن جۈمە نامىزى ئوقۇلىدىغان جامەگە ئۆزگەرتكەن ،ھىجرىيە 1201-يىلى (مىلادى1786-يىلى)يىڭى شەھەر ناھىيسىگە قاراشلىق خان ئېرىق يىزىسىدىن زۇلپىيە خىنىم ھەج قىلىش نىسىپ بولماي ھەرەمگە ئاتىغان پۇلىغا بۇ جامەنى كىڭەيتىپ ياساتقان ،ھىجرىيە 1224-يىلى (مىلادىيە1809-يىلى )ئىسكەندەر ۋاڭ ئومۇم يۈزلۈك قايتا رىمۇنت قىلدۇرغان ،ۋە كۆل كولىتىپ جىرىم قويدۇرۇپ رەتلىگەن ،ھىجرىيە 1225-يىلى (مىلادى 1839-يىلى )زوردىن ھاكىم بەگ قەشقەر شەھرىنى كىڭەيتىپ ياساتقاندىن كىيىن ھىېتگاھ مەسجىدى شەھەر ئىچىدىكى مەركىزى مەسجىدگە ئايلانغان ۋە يەنە بىر قىتىم چوڭ رىمۇنت قىلىنىپ ھىتگاھ جامەسى دەپ ئاتالغان .ھىجرىيە 1290-ىيلى (مىلادى 1873-ىيلى )بەدۆلەت (ياقۇپبەك )دەۋرىدە ئۈچىنچى قىتىم كىڭەيتىلىپ غەرىپ تەرىپى مەسجىد شەرىق تەرىپى مەدرىس قىلىنپ ئىككى قىسىمغا بۆلۈنگەن ،مەدرىس قىسمىنىڭ شىمال شەرىق جەنۇپ تەرەپلىرىگە يەتمىش ئىككى ئىغىز ھوجرا ،شەرقى شىمال تەرىپىگە بىرلا ۋاقىتتا يۈزدىن كىشى يۇيىنالايدىغان ھاممام سالدۇرغان ،شەرىق تەرىپىگە پەشتاقلىق دەرۋازا ۋە مۇنارلار ياسىتىلغان ،شۇنىڭدىن كىيىن ھىيتگاھ جامەسى كۆپ قىتىم رىمۇنىت قىلىنغان بولسىمۇ ئۇنىڭ ئاساسى كۆلىمى ۋە ياسىلىش شەكلىدە چوڭ ئۆزگىرىش بولمىدى .

    ھىيتگاھ جامەسى چوڭ دەرۋازا مەدرىس مەسجىد قاتارلىق ئۈچ قىسىمدىن تەشكىل تاپقان ،ئومومى يەر مەيدان 16000كۇۋادىرات مېتىردىن ئاشىدۇ ،چوڭ دەرۋازا پەشتىغى خىش بىلەن ئېگىز ھەم كۆركەم قىلىپ ياسالغان بولۇپ ئېگىزلىگى 18مېتىردىن ئاشىدىغان ئىككى پەشتاق مۇنار بىلەن قوشۇلۇپ پۈتۈن جامەنىڭ گۈزەل ئالدىنقى مەنزىرىسىنى ھاسىل قىلغان ،جامەنىڭ ئىچكى قىسمى مەسجىد ۋە مەدرىس دەپ ئىككى قىسىمغا بۆلۈنگەن ،ۋە شالاسۇن ياغاچ رېشاتكىلىق تام بىلەن ئايرىلغان ،مەدرىس جامەنىڭ ئالدى قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ شىمال ۋە جەنۇپتىن ئېبارەت ئىككى تەرىپىى بىر-بىرىگە قارىتىپ سىلىنغان ھوجرا ۋە دەرسخانىلاردىن تەشكىل تاپقان.مەدرىس ھويلىسى ئچىدە ئىككى كۆل بولۇپ كۆل ئەتراپىدا دەل-دەرەخلەر ئۆستۈرۈلگەن .ئۇ جامەگە پاكىز ئازادىلىق تۈسى بىرىپ تۇرۇدۇ،مەسجىد جامەنىڭ غەربى تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ ئىچكىركى مەسجىد تاشقىرىقى مەسجىد ۋە كايۋان دەپ ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنگەن .مەسجىدنىڭ ئۇزۇنلۇقى 140مىتىر ،كەڭلىگى 16مىتىر بولۇپ بىرلا ۋاقىتتا 4200 ئادەم ناماز ئوقۇيالايدۇ ،پۈتۈن مەسجىد 158دانە تۈۋرۈك بىلەن تۇرغۇزۇلغان ،ۋە يۈز ئاراشقا بۆلۈنگەن بولۇپ ،ياغاچ قۇرۇلما ،ۋاسا جۇپ ،تۈز تورۇسلۇق ياسالغان ،ئىچكىرىكى مەسجىدنىڭ غەرىپ تەرىپىگە ئەگمە مېھراپ ۋە ياغاچ بىلەن ئىشلەنگەن نەپىس مۇنبەر ئورۇنلاشتۇرۇلغان،

    ئىككى يان تەرىپى ۋە ئالدى تەرىپىگە ياغاچ پەنجىرىلىك دەرىزە ۋە ئىشىك ئىچىلغان ،تاشقىرقى مەسجىدنىڭ ئالدى تەرىپى ئوچۇق ياسالغان بولۇپ كەڭ ئۇزۇن پىشايۋان ۋە كايۋاندىن تەشكىل تاپقان ،توققۇز ئارا تورۇسقا چاسا خار ئويۇقچە چىقىرىلغان ،ۋە رەڭلىك سىزما نەقىش بىلەن زىننەتلەنگەن،پۈتۈن ِجاماە ئورۇنلاشۇرلشى ،ياسىلىش شەكلى قۇرۇلمىسى نەقىش بىزەكلىرى جەھەتتە قويۇق يەرلىك ئالاھىدىلىككە ۋە مىللى تۈسكە ئىگە بولۇپ ئۇيغۇر بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ جەۋھىرى ۋەمىللىتىمىز مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىتقادىنىڭ سىمۇلى ھىساپلىندۇ،سىز ھەر قاچان قەشقەرگە بارسىڭىز توپ توپ بولۇپ مەسجىدگە كىرىپ ئىخلاس بىلەن ناماز ئۆتەۋەتقان ياش قىرى مۇسۇلمانلارنى كۆرسىز .ئۇ بىر مىللى بىناكارلىقنىڭ سىمۇلى بولۇپلا قالماستىن ئىسلام دېنىنىڭ رايۇنىمىزدىكى مۇستەھكەم قۇزۇقى ھىساپلىنىدۇ. 

    收藏到:Del.icio.us