• ئـانـا

    2011-04-30


    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/124327725.html

    ئـانـا

    ئانا …
    قۇياش مۆككەن سېنىڭ قوينىڭغا ،
    جەننەت نېمە تەبەسسۇمىڭغا .
    بىر بۈگۈننى ئەتىگە ئۇلاپ ،
    چۆگىلەپ بارار ،يادرو قىپ دۇنيا .

    ئانا سەن كەتتىڭ ، مېنى چەكسىز ئۈكۈنىش ،پۇشايمانغا دوست قىلىپ قۇيۇپ كەتتىڭ . ئەمدى يىغلاپ بېشىمنى تاشقا مىڭ ئۇرساممۇ سېنى قايتۇرۇپ كېلەلمەيمەن . پەقەتلا يۈرىكىمنى چىرمىۋالغان پۇشايمانلىرىمنى مۇنۇ بىچارە كۆزلىرىمنى مانال قىلىشتىن باشقا مەندە نە چارە بولسۇن !
    سەن دائىم بېشىمنى سىلاپ تۇرۇپ :_ جېنىم قوزام سەن مېنىڭ پەرىشتەم ، سەن مېنىڭ پۇت -قۇلۇم ، سەن مېنىڭ يۈرەك پارەم ، شۇڭا ئاناڭنىڭ ئارزۇ ئۈمۈتلىرىنى قەلبخانەڭگە مەھكەم مۆھۈر قىلىپ كوكتە پەرۋاز قېلىشىڭ كېرەك ،_ دەپ ، مېنى ئاشۇ پەرىشتىگە ئوخشۇتاتتىڭ . مېنى بۇ دۇنياغا بىر ئۈلۈم بىر كۆرۈم بىلەن ئاپرىدە قىلغاندىن باشلاپ ، پۈتۈن ھوجودىڭ بىلەن ماڭا ئۆز ئەجرىڭنى سېڭدۈردىڭ . ۋۇجۇدۇڭنىڭ ئەڭ مۇقەددەس جەۋھىرى –ئوغۇز سۈتىنى ماڭا بەردىڭ ، ماڭا تۇنجىى بۇلۇپ ‹ئانا› دىيىشنى ئۆگەتتىڭ .‹ئائىلە بىرىنچى مەكتەپ › دەپ ،سەن ماڭا نىمىنى ئۆگەتسەڭ شۇنى ئۆگەندىم . سەن ماڭا قان بەردىڭ ، سۈت بەردىڭ ، تىل ئۆگەتتىڭ ، سەن ‹قارا› دىگەننى‹ قارا› دىدىم ، ‹ئاق › دىگەننى ‹ئاق › دىدىم .

    مۇشۇنداق قىلىپ بارا –بارا چوڭ بولدۇم ،سېنىڭ بىر چاغلاردىكى لېۋەن ياشلىق چاغلىرىڭغا ئوخشۇدۇم . سەن ماڭا مۇھەببەتنى ، نەپرەتنى ھېس قىلدۇردىڭ . سۆيەلەيدىغان ،نەپرەتلىنەلەيدىغان ،كۈلەلەيدىغان ،يىغلىيالايدىغان ، شۇنداقلا گۈلدۈرمامىدەك گۈلدۈرلەپ چاقماق چاقالايدىغان ، ئاپتاپتەك كۈلۈپ قۇياشتەك تەبەسسۇم قىلالايدىغان قىلىپ تەربىلىدىڭ .ھايا ،ئەخلاق شۇنداقلا قىزلىق نازاكەتنى ئۆگىتىش بىلەن بىرگە قەيسەر ئىرادە ،قارشىلىق كۆرسۈتۈش روھىنى ئۈگەتتىڭ .ئەرلەر بىلەن مەرتىۋە ،ئورۇن ،دەۋاسى قىلىشنى ئەمەس ،بەلكى ئۈن -تىنسىز قۇربان بېرىشلەر داۋامىدا ،سەل قاراشلار داۋامىدا يوقىلىشقا يۈزلەنگەن كىشىلىك قەدىر- قىممەتنى كۈرەشچان روھنى ،يېڭى ھاياتى كۈچكە تولغان ئىجادى خىسلەتنى تىكلەشنى ۋە ئۇنى بېيىتىشنى ئۆز مېھر- مۇھەببىتىمىنىڭ مەڭگۈلۈك دەسمايىسىگە ئايلاندۇرۇشنى ئۈگەتتىڭ .
    ماڭا ساختا گۈزەللىك،ساختا شۆھرەتپەرەسلىك دۇنياسىنى تۇنۇشتۇرماي ،ئىللىقلىق ،يۇرۇقلۇق ،بەخت جىلۋىسىنى پارلىتىشنى تۇنۇشتۇردۇڭ .بۇنىڭلىق بىلەن قەلبىم يۇرۇپ ، سېنىڭ ئەجىر توھپەڭدە دېمىسىمۇ ساغلام ، شەرمى -ھايالىق ،نازاكەتلىك ، ئېرادىلىك ،قەيسەر قىز بۇلۇپ چوڭ بولدۇم . ھەم سېنىڭ ئەجىر توھپەڭنىڭ تۈرتكىسىدە گۈزەللىكنىڭ نېمىلىكىنى ، مۇھەببەتنىڭ نېمىلىكىنى چۈشۈنىپ يەتتىم .

    مانا ئەمدى ئىنساننىڭ بەخت بۆشىكى، جەننەت ماكانى دەپ تەرىپلىنىدىغان ئىللىق ئائىلەممۇ بار بولدى . بۇلارنىڭ ھەممىسى سېنىڭ ماڭا قىلغان مېھنەتسىز تەرىڭنىڭ بەدىلى ئەمەسمىدى ؟!
    قايسى بىر كىتاپتىن‹ ئاتا –ئانىلار ئېسىل بالىلارنى تەربىلەيدۇ ، ئوخشاشلا مۇنەۋەر پەرزەنتلەر ئۆزلىرىنىڭ توغرا ئىش ھەركىتى ئارقىلىق ئاتا-ئانىلارنى يېڭى زاماننىڭ خوشاللىقلىرىغا شېرىك قىلىدۇ › دەپ كۆرگەن ئىدىم . دىمىسىمۇ ئەمدى سېنى شۇ خوشاللىقلارغا شېرىك قىلاي دىگەندە ،ۋاقىتسىزلا كېتىپ قالدىڭ .
    كونىلارنىڭ <مەن كۈيەرمەن بالامغا ،بالام كۈيەر بالىسىغا > دىگەنلىرى ھەقىقەتەن توغرا ئىكەن . سەن مېنى تەربىلەپ جەمىيەتكە بىر كىشلىك ئادەم قىلدىڭ ، سېنىڭ ئارزۇيۇڭ بۇيىچە مەنمۇ بەختلىك ئائىلەمدە ئۆز مەسئۇليىتىمنى ئادا قىلىپ ، ئۇماق پەرزەنتلىرىمنى ئەخلاقلىق ، ئىرادىلىك قىلىپ تەربىلەشكە بەل باغلىدىم . ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن ئىلگىركىدەك سېنىڭ ھالىڭدىن كۈندە خەۋەر ئالالمىدىم ، كۈندە قېشىڭدا تۇرۇپ پۇتۇڭغا پۇت ،قۇلۇڭغا قول بۇلالمىدىم . پەقەت ۋە پەقەت قۇلۇمدىن كەلگىنى شۇ بولدىكى ، كۈندە نەچچە رەت تېلفۇندا ھالىڭنى سوراپ ،ھەپتە ئاخىردا يېنىڭغا بارالىدىم خالاس . سەن يولىمغا تەلمۈرۈپ ، ھەپتە ئاخىرىنىڭ تېزراق كېلىشىنى كۈتۈپ ،ئىشىكتىن كۆزىڭنى ئۆزمەي ئولتۇرغان ۋاقتىڭدا ، مەن بالىلىرىم ، ئۆز ئۆيۈم ئۈچۈن پاي –پېتەك بۇلۇپ يۈرگەن ۋاقتىم بولدى .

    بىلەمسەن ئانا ، ئانا بۇلۇپ سېنىڭ نەقەدەر قەدىرلىك ،ئۇلۇغ ئىنسانلىقىڭنى بىلىپ يىتىپ ، ئەمدىلىكتە ساڭا جاۋاپ قايتۇراي دىگەن ۋاقتىمدا ، قەلبىمنى پۇشايمانغا نايىل قىلىپ قۇيۇپ كېتىپ قالدىڭ . مەن تېخى سېنى ئېلىپ جاھاننى بىر چۆگۈلتۈپ جاھاندىكى ئۆزگۈرۈشلەرنى ئۆز كۆزىڭ بىلەن كۆرسىتىپ كەلمىگەن ئىدىم …
    سەن مەن ئۈچۈن ،مېنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن ،مۇشۇ بوۋامدىن مىراس قالغان كېچىككىنە ئىككى ئېغىزلىق كېسەك ئويدىن ھېچ يەرگە بېرىپ باقمىغان ، پەقەتلا تېلۋىزوردىن جاھاننىڭ تەرەققىياتلىرىنى كۆرگەن ئىدىڭ ئەمەسمۇ ؟! سەن ئۈچۈن يەنە . يەنە نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىپ بېرىشنى كوڭلۈمگە پۈككەن ئىدىم ، ئەپسۇس . ئەمدى دىگىنىمنىڭ نىمە ھاجىتى قالدى ؟!
    لېكىن ئانىلارنىڭ كوڭلى –كوكسى نىمانچە كەڭ بۇلىدىغاندۇ ؟ سەن قىلچىمۇ مەندىن ئاغرىنمىدىڭ ، بەلكى مەندىن رازى ئىكەنلىگىڭنى دېدىڭ . ئەڭ ئاخىرقى نەپسىڭدىمۇ ئىنساننىڭ قەدىرلىكلىكىنى ،مۇھەببەتنىڭ ئۇلۇغلىقىنى ،ھاياتنىڭ قىسقا ھەم تولىمۇ بىباھالىقىنى بىلدۈرۈپ قۇيۇپ كەتتىڭ …
    ئانا ، خاتىرجەم كېتىۋەرگىن . تاش تېپىشنى بىلگەن ئەۋلادنى پۇتبول چولپىنى قىلىپ يىتىشتۈرۈپ چىقالىغۇدەك بىر پىشقان ، تەقۋادار ئانا بۇلۇپ ، پەرزەنتلىرىمنى جەمىيەتكە ياراملىق قىلىپ تەربىلەشكە تېرىشىمەن . ھەرگىزمۇ تۇغما تالانتلىق خاسىيەتلىك پەرىشتىنىمۇ دالىدىكى گىياھتەك ئۈن – تىنسىز نابۇت قىلىپ تاشلىۋېتىدىغان بىر لايغەزەل ئانا بولمايمەن . بۇ سېنىڭمۇ ، مېنىڭمۇ شۇنداقلا بارلىق دۇنيادىكى ئانىلارنىڭ ئارزۇسى !

    @ئىزاھات:بۇ شېئىر يىلتىزىڭ بۇلايمۇ يۇلتۇزۇڭمۇ دىگەن كىتاپتىن ئېلىندى ، شۇ كىتاپتىن پايدىلنىپ يېزىلدى

    http://www.iz.la/bbs/iz-8635-1-1.html


    收藏到:Del.icio.us