• ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە سىياسىي تارىخى

    2010-05-03


    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/62933177.html

    ئۆتۈكەن ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ قۇرۇلىشى   

                           ئۆزقان ئىزگى (تۈركىيە)
    742-يىلى باسمىل ئۇيغۇر ۋە قارلۇقلاردىن تەشكىل تاپقان قەبىلىلەر كۆكتۈركلەرگە ھۇجۇم قىلىپ ، كۆكتۈرك خاقانلىقىنى يوقاتقان ۋە ئۇنىڭ ئورنىغا باسمىللارنىڭ داھىيسى بولغان شې تيەن يىشى ئۆزىنى خاقان دەپ ئېلان قىلغان .ئۆتۈگەندە قۇرۇلغان بۇ يېڭى ‹‹خاقانلىق ›› تا ئۇيغۇرلار ‹‹سول ياپغۇلۇق››،قارلۇقلار‹‹ئوڭ ئوڭ ياپغۇلۇق›› مەۋقەسىگە كەلگەن.بۇ ئارىدا 742 يىلى ‹‹يابغۇ››ئۈنۋانىغا ئىگە بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ رەئىسى جۇڭگوغا ئەلچى يوللاپ ،جۇڭگو پادىشاھىدىن ‹‹ئادالەتنى قوبۇل قىلغان رەئىس ›› دېگەن ئۈنۋاننى ئالغان.743-يىلى ئۇيغۇر يابغۇسى كۆكتۈركلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى خاقانى بولغان ئۇزمىش خاقانغا ھۇجۇم قىلغان،يەنە بىر تەرەپتىن ،توققۇز ئوغۇزلارنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدا بولغان ئوغلىمۇ ئوغۇز قوشۇنلىرى بىلەن بىرلىكتە بۇ ئۇرۇشقا قېتىلغان.بۇ ئۇرۇشتا ئۇزمىش خاقان ناھايىتى ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچىرىغان ۋە ئايالىمۇ ئۇيغۇرلارغا ئەسىر بولغان .
    كۆكتۈرك دۆلىتىنىڭ تارىخ سەھنىسىدىن تامامەن ئۆچۈرلىشىگە سەۋەپ بولغان ئەڭ ئاخىرقى زەربە 744-يىلى يەنە كۆكتۈركلەرگە ئوخشاش‹‹ئاشىنا›› ئۇرۇقىدىن بولغان بىر ھۆكۈمدار باشچىلىقىدىكى باسمىللار تەرىپىدىن ئۇرۇلغان.بۇ تارىخقا قەدەر ئۇيغۇرلارنىڭ ھاكىمىيىتىدە بولغان باسمىللار بۇ مۇۋاپىقىيەتلىرى بىلەن ئۆزىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلغان ۋە ئۇلارنىڭ ھۆكۈمدارلىرىمۇ ئۆتۈگەندە خاقان بولۇش سۈپىتى بىلەن تەختكە ئولتۇرغان .قىسقا بىر زاماندىن كېيىن ،ئۇيغۇرلار بۇ يېڭى خاقانغا قارىشى ئىسىيان كۆتۈرگەن ۋە قارلۇقلارنىڭ ياردىمى بىلەن باسمىللارنى يېڭىپ ،خاقاننى ئۆلتۈرگەن.شۇنداق قىلىپ ،ئۆتۈگەن رايونىدا يېڭى بىر خاقانلىق قۇرۇلغان.
    744-يىلى ئۆتۈگەندە قۇرۇلغان يېڭى خاقانلىقنىڭ تۇنجى خاقانى خەنزۇ تارىخلىرىدا ‹‹گۇتۇلۇ بىجيا چۆ كېخىن›› دېگەن شەكىدە كۆرۈلگەن‹‹قۇتلۇق بىلگە كۈل قاغان›› دۇر .تاڭ پادىشاھى تەرىپىدىن ئۇنىڭغا ‹‹فېڭ يىۋاڭ››(ساداقەتمەن شاھ) ئىسمى ۋە يەنە كېيىن ‹‹خۇەيرىن›› (رەھىمدىل،سۆيۈنگەك) دېگەن ئۈنۋانى بېرىلگەن. مۇشۇ ۋاقىتقىچە داۋام قىلغان تۈرك-جۇڭگو مۇناسىۋەتلىرىدە،تۈركلەرنىڭ تەختكە ئولتۇرغان خاقانلىرىغا دائىم جۇڭگو تەرىپىدىن ئۈنۋان بېرىش ۋە ئۇلارنىڭ خاقانلىرىنى ئېتىراپ قىلىش ئىشلىرى چوڭ مۇراسىملار ئارقىلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن . قۇتلۇق بىلگە كۈل خاقان ئۈچۈنمۇ ئۈنۋان بېرىش ۋە ئۇنىڭ خاقانلىقىنى تونۇپ ئېتىراپ قىلىش ئىشى جۇڭگو سارىيىدا بىر مۇراسىم بىلەن ئورۇنلانغان.قۇتلۇق بىلگە كۈل خاقان تەرىپىدىن جۇڭگو سارىيىغا بىر ئەلچى يوللانغان ۋە ئەلچى ‹‹بۈيۈك پادىشاھ كاتىباتلىق››باشقارما باشلىقى تەرىپىدىن چاقىرىلغان ۋە ئۇنىڭ ئۆزىگە خاقان ئاتاش ھۆججەتلىرى ئۆز پايتەختىگە قايتىدىغان پادىشاھلىق ھارۋىسىغا ئولتۇرۇپ ،شەھەردىن ئايرىلغان،شەھەر سىرتىدا ھارۋىسىدىن چۈشۈپ ،ئۆز بايرىقى ۋە سىموۋول-بەلگىسىنى ئېلىپ ئاندىن ئۆز مەملىكىتىگە قايتقان.
    تاڭ سۇلالسى تارىخچىلىرى قۇتلۇق بىلگە كۈل خاقان زامانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئالتاي رايونىدىن بايقال كۆلىگە سوزۇلغان بىر رايوندا ھۆكۈمىرانلىقىنى يۈرگۈزگەنلىكىنى بايان قىلماقتا.ئۇيغۇرلار بۇ دەۋردە ،ئۆزلىرىگە پايتەخىت قىلىش ئۈچۈن ،ئۆز ۋاقتىدا ‹‹ئوردۇ بالىغ››دەپ ئاتالغان ۋە ھونلار زامانىدىن تارتىپ تونۇلغان ئورخۇن دەرياسىنىڭ يۇقىرى قىسمىغا جايلاشقان ‹‹قارا بالغاسۇن››شەھىرىنى تاللىغان.
    قۇتلۇق بىلگە كۈل خاقان 747-يىلى ئۆلگەندىن كېيىن ،ئۇنىڭ ئورنىغا ئوغلى مويۇنچۇر خاقانلىق تەختىگە چىققان .ئۇنىڭغا ‹‹تەڭرىدە بولمىش ئىل ئىتمىش بىلگە قاغان›› (كۆكتە تۇغۇلغان،مەملىكەتنى ئىدارە قىلغان بىلگە خاقان) دېگەن ئۈنۋانى بېرىلگەن .
    مويۇنچۇر خاقان بولغان زاماندا ئۇيغۇرلار غەرب تەرەپتە تۈركەشلەر بىلەن ئۇرۇش قىلغان ۋە بۇلارنى ئۆز ھاكىمىيىتى ئاستىغا ئېلىپ ،ئۆز چېگىرلىرىنى غەربتە سىر دەرياسى بويلىرىغا قەدەر كېڭەيتكەن.شىمالدا بولسا كەم دەرياسىدىن ئېشىپ ئۆتۈپ قىرغىزلارنى ئۆزىگە بويسۇندۇرغان.مويۇنچۇر زامانىدا ئەڭ مۇھىم مۇناسىۋەت جۇڭگو بىلەن بولغان .بۇ زامانلاردا جۇڭگودا ناھايىتى كۆپ قالايمىقانچىلىقلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى كۆرمەكتىمىز. قارلۇقلار تەرىپىدىن ياردەم بېرىلگەن ئەرەب قۇراللىق كۈچلىرى بىلەن جۇڭگولىقلار ئوتتۇرسىدا 751-يىلى تالاستا مەيدانغا كەلگەن ئۇرۇشتا جۇڭگولىقلار ناھايىتى ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان ۋە ئەينى زاماندا تارىم رايونىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قولىغا چۈشىشىگە سەۋەپ بولغان .ئانىسى تۈرك بولغان ئەن لۇشەن ئىسىملىك بىر جۇڭگو سانغۇنى جۇڭگونىڭ بۇ ئىچكى قالايمىقانچىلىقىدىن پايدىلىنىپ ئىسىيان كۆتۈرگەن ۋە بۇ سەۋەپتىن جۇڭگو پادىشاھلىقى چوڭ بىر تەھدىتكە دۇچ كەلگەن .بۇ ئىسىياننى باستۇرۇش ئۈچۈن جۇڭگولىقلار ئالدى بىلەن ئەرەبلەردىن ياردەم تەلەپ قىلغان ،ئەمما ئەرەبلەرپەقەت ياردەم قىلغىلى ئۇنىمىغانلىقى ئۈچۈن ،ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى ياردەم بەرگەن .ئىسىيان باستۇرۇلغاندىن كېيىن جۇڭگو پادىشاھى ئۆز قىزىنى مويۇنچۇر خاقانغا ياتلىق قىلغان .ئۇيغۇرلار بۇ كۆرسەتكەن خىزمىتى تۈپەيلىدىن جۇڭگولىقلارنىڭ نەزىرىدە تېخىمۇ چوڭ ئابرۇيغا ئېرىشكەن ۋە جۇڭگو پادىشاھى ئۇلارغا ھەر يىلى 20مىڭ توپ يىپەك بەرگەن .يەنە بىر تەرەپتىن مويۇنچۇر خاقاننىڭ قالدۇرغان ئەڭ چوڭ مىراسى ،سىنە ئۇسۇ ئەتىراپىدا يەنە شۇ ئەينى ئىسم بىلەن ئاتالغان بىر مەڭگۈ تاش يېزىپ قالدۇرغان.
    759-يىلى مويۇنچۇر خاقان ئۆلگەندىن كېيىن ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئۇيغۇرلاردىكى ۋارىسلىق ئادىتى بويىچە چوڭ ئوغلىنىڭ تەختكە چىقىشى لازىم ئىدى . ئەمما ، چوڭ ئوغلى بىز بىلەلمىگەن بىر سەۋەب بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن ۋە ئۇنىڭ ئورنىغا مويۇنچۇرنىڭ كىچىك ئوغلى خاقان بولۇپ تەختكە چىققان.جۇڭگولىقلار تەرىپىدىن ‹‹تڭلى مويۇ››دەپ نام بېرىلگەن بۇ بىر قانچە ئىسىملىرىنىڭ بار ئىكەنلىكىنى كۆرۈلمەكتە. ئۇنىڭ بۇ ئىسىملىرىدىن ئەڭ تونۇلغانلىرى:‹‹بۇگۇ››ياكى ‹‹بۆگۈ›› بىلەن ‹‹تەڭرى››دۇر.‹‹بۆگۈ›، ئۇيغۇرچىدا ‹‹ئالىم، دانىشمەن›› كەلگىنىگە ئوخشاش ،‹‹سېھرۋاز›› مەنىسىدىمۇ كەلمەكتە.‹‹ بۆگۈ›› ئىسمى بىلەن ئاتىلىشىنىڭ سەۋەبىدە ھېچ شۈبھە يوقكى، ئۇنىڭ مانى دىننى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تاراتقانلىقىدىن بولغان. بۆگۈ خاقانغا 764-يىلنىڭ ئالتىنچى ئېيىدا ‹‹ تەڭرىدە بۇلمىش، ئىل تۇتمىش، ئالپ، كۈلۈك، بىلگە قاغان›› ( تەڭرىدىن سائادەت تاپقان ، ۋەتەننى ئىدارە قىلغان، قەھرمان ، مەشھۇر، دانا خاقان ) ئۇنۋانى بېرىلگەن.
    جۇڭگو تارىخىدا ئالاھىدە ئورۇن تۇتقان تاڭ سۇلالىسى بۇ دەۋرلەردە ئىچكى توپىلاڭلار دەستىدىن زەئىپلىشىشكە باشلىغان ، ھەتتا يىقىلىشقا قاراپ يۈز تۇتقان. بۆگۈ خاقان جۇڭگونى ئاسىيلارنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرۇپ قېلىش ئۈچۈن بىر سەپەر ھازىرلىغان ۋە 762-يىلى جۇڭگونىڭ مۇھىم شەھەرلىرىدىن بولغان لوياڭنى ئاسىيلارنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرۇپ قالغان. بۆگۈ خاقاننىڭ لوياڭغا قىلغان سەپىرى ئەسناسىدا ئۇنىڭ جۇڭگودا ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇپ قېلىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ئۈچۈن ئېيتقاندا مەنىۋى تەرەپتىن يېتەرلىك دەرىجىدە ۋە تارىخنى مۇلاھىزە قىلىش جەھەتتىنمۇ ئۈنۈملۈك نەتىجىلەرنى بارلىققا كەلتۈرگەن . بۆگۈ خاقان جۇڭگودىن مەملىكىتىگە قايتقاندا ئۆز يېنىدا تۆت مانى دىنى راھىبىنى بىللە ئېلىپ كەلگەن ۋە بۇ راھىبلەر ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشىدا چوڭ رول ئوينىغان.
    ئۇيغۇرلار مارنى دىنىنى قوبۇل قىلىشتىن بۇرۇن ھەر خىل دىنلار بىلەن ئۇچراشقان ۋە ئەڭ ئاخىرىدا بۇددىزىم دىنىنى قوبۇل قىلغان. ئومۇمەن قىلغاندا ئۇيغۇرلار دىنىي ئېتىقاد جەھەتتىن ئېيتقاندا ناھايىتى ئەركىن بولغان ، ناھايىتى تېزلا دىنىنى ئالماشتۇرغان ۋە يېڭى قوبۇل قىلغان بىر دىننى تارقىتىش ئۈچۈنمۇ ناھايىتى چوڭ غەيرەت كۆرسەتكەن . ئۇيغۇرلارنىڭ دىن خۇسۇسىدىكى ماسلىشىشچانلىق جەھەتتىمۇ مۇۋەەپپىقىيەتلىك ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىشقا بولىدۇ .
    ئۇيغۇرلارنىڭ بۇددىزىم بىلەن ئاشۇ كۆكتۈركلەر زامانىدا ئۇچراشقانلىقى تەخمىن قىلماقتا . چۈنكى ، ئۇيغۇرلار ئىتتىپاقىنى قۇرغان پۇسانىڭ ئىسمىنىڭ سانسكرىتچە ‹‹ بۇددىستۋا››دىن كەلگەنلىكى ۋە بۇ سۆزنىڭ ‹‹ پۇسا ›› ئىكەنلىكى بىلىنمەكتە . ئۇيغۇرلار 744-يىلى ئۆزخانلىقىنى قۇرغاندا،ھېچ بولمىغاندا خەلىق نوپۇسىنىڭ بىر قىسمى بۇددىست ئىدى دىيىشكە بولىدۇ . ئۇيغۇرلار بۇددا دىنىنىڭ ‹‹ ماھا يانا›› ( چوڭ كېمە) مەزھىپىگە باغلانغان . يەنە بىرتەرەپتىن ، يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكىنىمىزدەك ، بۆگۈ خاقان لوياڭغا قىلغان سەپىرىدىن كېيىن مەملىكىتىگە قايتقان ۋاقىتتا ئۆزى بىلەن بىللە تۆت مانى دىن راھىبىنى ئېلىپ كەلگەن . مانى دىنىنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا يېيىلىشىغا قارىتا سەنئەت ۋە سودا جەھەتلەردە ناھايىتى چوڭ تەرەققىياتلار مەيدانغا كەلگەنلىكىدىن مانى دىنى ناھايىتى تېز تارقىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان. ئۇيغۇرلار مانى دىنىنى قوبۇل قىلغاندا ، شۈبھسىزكى ، ئۇنىڭ ئەخلاقى پرىنسىپلارغا تايانغان بىر دىن ئىكەنلىكىنى كۆزدىن يىراق تۇتمىغان. مەسلەن ، شامان دىنى ئېتىقاتىدا ، ئادەم ئۆلتۈرۈش ئىنسانغا ئاخىرەتتە پايدىلىق دەپ قارىلاتتى . ئۇنىڭ ئەكىسچە، مانى دىنىدا پەقەت ئادەم ئۆلتۈرۈشلا ئەمەس ، ھەتتا ھايۋان گۆشى يېيىشنىڭ ئۆزىمى گۇناھ دەپ قارالغان،ئۇلار مۇشۇنى بىلىپ تۇرۇپ بۇ دىنغا كىرگەنقەدىمكى ئېتىقادلىرى بىلەن يىڭى دىن ئوتتۇرسىدىكى زىدىيەتلەرنى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىمۇ پەرىق ئەتكەن. بۇ ھاللارنى ئۆزلىرىنىڭ كىتابلىرىدىمۇ تىلغا ئالغان ۋە ‹‹ بۇرۇن گۆش يېگەن قوۋم ،بۇنىڭدىن كېيىن گۈرۈچ يەيدۇ، بۇرۇن ئادەم ئۆلتۈرۈش ئومۇملاشقان بۇ مەملىكەتتە، بۇنىڭدىن كېيىن خەير-ساخاۋەت ھۆكۈمىرانلىق قىلىدۇ›› دېگەن.
    ئۇيغۇرلار قانداق قىلىپ بۇيېڭى دىننىڭ تەسىرىدە شۇنچە ئۇزۇن يىل قالدى ؟ مېنىڭ قارىشىمچە،بۇ تۆت مانى دىنى راھىبىگە قارىغاندا سۇغدى سودىگەرلىرىنىڭ رولى ناھايىتى چوڭ بولغان .چۈنكى ،ئۆزىدىن بۇرۇنقى بۇدىستلار ۋە زامانداشلىرى بولغان خرىستىيانلارغا ئوخشاش،مانى دىن تەرەپدارلىرىمۇ ناھايىتى قولاي ھالدا سوغدىلار ئارىسىدا ئۆزىگە ئورۇن تاپقان ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ناھايىتى مۇۋاپىقىيەتلىك ئىشلارنى قىلغان .مانى دىننىڭ تەرەپدارلىرى سوغدىلارنىڭ سودا ئىشلىرىدىكى ئارتۇقچىلىقلىرىدىن پايدىلىنىپ ئۆز دىنىنى تەشۋىق قىلىشنى بىلگەن.ئورخۇن مەڭگۈ تاش ئابىدىلىرى تېپىلغان رايونلاردا سوغدىچە يېزىلغان كىچىك بىر يېزىق پارچىسى بۈگۈنكى كۈنىمىزگە قەدەر ساقلىنىپ قالغان .بۇ قەدىمكى يازمىدىن ئۇيغۇرلارغا مانى مەزھىپىنى ئۆگەتكەنلەرنىڭ سوغدىلارنىڭ دىن تارقاتقۇچىلىرى ئىكەنلىكى بىلىنمەكتە.
    ئۇيغۇرلار مانى دىنىنى شۇ قەدەر سادىقلىق بىلەن قوبۇل قىلغانكى، ئۇيغۇرلار ھەتتا بۇ دىننىڭ جۇڭگودا تارقاتقۇچىسى ۋە مۇھاپىزەت قىلغۇچىسى بولۇپ قالغان، بىر قانچە قېتىم (770،771ۋە 807-يىللىرى) ئۇيغۇر ئەلچىلىرى تاڭ پادىشاھلىقى سارىيىدا جۇڭگوغا يەرلەشكەن ۋە يەرلەشمەكچى بولغان مانىخىست ئاھالىلىرىنىڭ مۇھاپىزەت قىلىنىشى ۋەزىپىلىرىنىمۇ ئۆز ئۈستىگە ئالغان .768-يىلىدىن ئېتىبارەن ئۇيغۇر خاقانى جۇڭگو پادىشاھلىرىغا جۇڭگودا مانى دىنىنىڭ تارقىلىشى ئۈچۈن خۇبېي شەھىرىگە ۋە باشقا شەھەرلەرگە مانى ئىبادەتخانىلىرىنى سالدۇرغان.بۇنىڭدىن باشقا 807 –يىلى بىر ئۇيغۇر ئەلچىسى لوياڭ ۋە تەييۈەن شەھەرلىرىدىمۇ مانى دىنى ئىبادەتخانىلىرىنىڭ قۇرلۇشى ئۈچۈن رۇخسەت تەلەپ قىلغان.
    مانى دىنى بىلەن بىرلىكتە سوغدىلارنىڭ ئېلپبەسىنىمۇ قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلار بۇ يېڭى تېزىق تۈرتكىسىدە بىر مىللىي ئەدەبىياتنى شەكىللەندۈرۈپ راۋاجلاندۇرغان.ئىلگىرى بۇ يېڭى بىر يېزىق تۈرى بىلەن فارسچىدىن خېلى كۆپ مانى دىنى تېكىستلىرىنى ئۇيغۇرچىگە تەرجىمە قىلغان ۋە كېيىن سانسكرىتچىدىن ،شۇنداقلا خەنزۇچىدىن بۇددىست تېكىستلىرىنى تەرجىمە قىلغان.مۇشۇنداق قىلىپ ،ئۇيغۇرلار باشقا تۈرك ۋە مۇڭغۇل خەلقلىرىگە بىسبەتەن ئېيتقاندا ناھايىتى چوڭ تەرەققىياتقا ئېرىشكەنلكلىرى قەيت قىلىنغان ۋە ھەتتا چىڭگىزخان زامانىغا قەدەر بۇ خەلىقلەرنىڭ مۇئەللىم –ئۇستازلىقىنى قىلىپ كەلگەن.
    ئۇيغۇرمانى ئەدەبىياتى قىزىقارلىق يېزىلغان‹‹ئىلاھەلەر(ھىكايىسى)،گۇناھقا ھۆكۈم قىلىش فورمۇلالىرى،ۋائىز ۋە ئەپسانىلەر›› شەكلىدە زامانىمىزغا قەدەر يېتىپ كەلگەن. پەقەت بۇ ئەسەرلەر ھازىرغا قەدەر كۆپ ھاللاردا سەلبى جەھەتتىن قولغا ئېلىنغان ۋە بۇ كۆز قاراش مانى دىنى ھەققىدە خاتا چۈشەنچە –پىكىرنى مەيدانغا چىقارغان.ھازىرغا قەدەر بىزنىڭ تارىخ تەتقىقاتى ئىشلىرىمىزدىمۇ مۇشۇ يول تۇتۇلغان ،شۇنىڭ بىلەن خېلى كۆپ (تەتقىقاتچىلار) مانى دىنىنى ‹‹ئۇرۇشچىلىق ئالاھىدىلىكلىرى ›› نىڭ يوقۇلۇشىغا سەۋەپ بولغان بىر دىن دېگەن كۆز قاراشتا چۈشەنگەن.شۈبھىسىزكى ،مانى دىنىنىڭ ئۇرۇش ئالاھىدىلىكلىرىنى يوقۇتۇشقا بىر سەۋەپ بولغانلىقى ھەقىقەتەن توغىرىدۇر. ئەمما بۇنىڭ بىلەن بىللە مانى دىننىڭ يۈكسەك ئەخلاق سەۋىيىسى ،مۇزىكا ۋە رەسساملىق سەنئىتىگە ئەھمىيەت بېرىشى بۇ دىننىڭ باشقا بىر ئالاھىدىلىكدۇر.شۇنداق دېيىشكە بولۇدىكى ،خرىستىيان ۋە زەردۇشىت پەلسەپەسى تەركىبلىرى بىلەن ئىران سەنئىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مانى دىنى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىلىششىگە يول ئاچقان.بۇ خۇسۇسىيەت ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە ئائىت بولغان –قارا بالغاسۇن مەڭگۈ تېشىدا كۆزگە كۆرۈلمەكتە:‹‹ۋەھشىي ئادەتلىرى بولغان ۋە قان كەلكۈنىگە بوغۇلغان بۇ خاقانلىقنىڭ ئوتياش-كۆكتات بىلەن ئوزۇقلىنىدىغان بىر دۆلەت ھالىغا كەلگەنلىكى ، ئىنسانلار ئۆلتۈرۈلگەن بۇ يەرنىڭ ساۋابلىق ئىش قىلىشنى تەشۋىق قىلىدىغان بىر ئورۇن ھالىتىگەكەلگەنلىكى›› سۆزلەنگەن .
    بۆگۈ خاقاننىڭ ۋەزىرى تۇن باغا تارقان 780-يىلى بۆگۈ خاقاننى ئۆلتۈرۈپ ،ئۇنىڭ ئورنىغا ئۆزى تەخىتكە چىققان .بۇ ئىشنى باشلىغاندا ئالدى بىلەن دەرھال ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك بىلەن سىياسى مۇناسىۋەتنى ئوڭشاش يولىنى تاللىغان ۋە بۇ جەھەتتە مۇۋاپىقىيەت قازىنىپ،‹‹ئالپ قۇتلۇق بىلگەقاغان›› (باتۇر،قۇتلۇق دانا خاقان) ئۈنۋانىنى ئالغان . تۇن باغا تارقاننىڭ خاقانلىق سۈپەت بىلەن تەختكە چىقىشى جۇڭگو سارىيىدا ياخشى تەسىر پەيدا قىلغان. تۇن باغا تارقان ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى توققۇز ئوغۇز بەگلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ،ئۇلارنىڭ كۈچىنى قىرىش بىلەن،ئۇيغۇر خانلىقى ئىچىدە ناھايىتى كۆپ قالايمىقانچىلىقلار مەيدانغا چىققان.
    قارا بالغاسۇن مەڭگۈ تېشىدا تۇن باغا تارقاننىڭ كۈچلۈك شەخسىيىتىدىن ،قۇۋەت ۋە قۇدىرىتى بىلەن ھەر كىشىگە ھاكىمىيىتىنى تونۇتقانلىقىدىن ،ماھارەت ۋە جاسارىتى بىلەن ئىچكى ۋە تاشقى ئىشلىرىنى قولايلىق بىلەن يولغا قويغانلىقىدىن سۆز قىلىنماقتا. تۇن باغا تارقاننىڭ خاقان بولۇشىدىن كېيىن ،ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆكۈمدارلىق نەسىبىدە بىر ئورۇن ئالمىشىش بولغان ۋە بۇ تارىختىن كېيىن تۇن باغا تارقاننىڭ جەمەتىدىن بولغانلار ئۇيغۇرلارنىڭ تەختىگە چىقىشقا باشلىغان .
    تۇن باغا تارقان ئۆلۈش بىلەن ئۇنىڭ ئورنىغا ‹‹ئاي تەڭرىدە قۇت بولمىش كۈلۈك بىلگە قاغان›› (ئاي تەڭرىسىدە سائادەت تاپقان ئاتاقلىق بىلگە خاقان) ئۈنۋانىنى ئالغان ئوغلى تەخىتكە چىققان.مەلۇم بولغىنىدەك، بۇ خاقاننىڭ ئۈنۋانىدىكى يېڭىلىق ‹‹ ئاي ›› سۆزىنىڭ بولغانلىقىدا ئۇيغۇر خانلىقى قۇرۇلغاندىن بېرى ،خاقانلارنىڭ ئۈنۋانلىرىدا بۇ سۆز ئۇچرىتىلمىغان ئىدى . بىلىنگىنىدەك،‹‹ئاي›› مانى دىنىدا مۇھىم بىر ئۇقۇمدۇر.بۇ سەۋەبتىن ،مانى دىنى ئۆزىنىڭ تۇنجى تەسىرىنى خاقانلارنىڭ ئۈنۋانلىرىدا كۆرسىتشكە باشلىغان.‹‹ ئاي›› مانى دىنىدا خۇددى ‹‹كۆك›› كە ئوخشاش ناھايىتى مۇھىم بىر ئۇقۇمدۇر.
    قارا بالغاسۇن مەڭگۈ تېشىدا بۇ خاقاننىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرۈپ- ئادەتلىرىنى ئىسلاھ قىلىشقا كىرىشكەنلىكىدىن سۆز قىلىنماقتا.قارابالغاسۇن مەڭگۈ تېشىنىڭ مانى دىنىغا خاس بىر چۈشەنچە بىلەن يېزىلغانلىقى كۆز ئالدىمىزدا تۇتۇلسا ،بۇ خاقاننىڭمۇ نېمە ئۈچۈن بۆگۈ خاقانغا ئوخشاش مانى دىنىنى كىڭەيتكەنلىكىنى ۋە ئۈنۋانىنىڭ بېشىغا نېمە ئۈچۈن ‹‹ئاي››سۆزى قوشۇلغانلىقىنى چۈشىنەلەيمىز .
    بۇ خاقان زامانىدا ئوتتۇرا ئاسىيادا قالايمىقانچىلىقلار چىققان .بەشبالىق شەھىرىنىڭ ئەتىراپىدا ياشىغان شاتو تۈركلىرى جۇڭگولىقلارغا قارىشى تۇرۇش ئۈچۈن تىبەتلىكلەر بىلەن ئىتىپاق تۈزگەن .يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلار بەشبالقتىكى مەنپەئىتىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن بۇ شاتو تۈركلىرىگە قارىشى ئۇرۇش قىلغان .چاتولار بىلەن بولغان ئۇرۇشتا ئۇيغۇرلار مەغلۇپ بولغان.ئۆز خانلىقىدا ئېتىبارى يوقالغان خاقان بولسا ،ئايالى تەرىپىدىن زەھەر بېرىپ ئۆلتۈرۈلگەن.
    بۇ خاقان ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن ،تۈركلەرنىڭ قائىدە –قانۇنىغا ئاساسلانغاندا،ئۇنىڭ ئورنىغا ئوغلى تەختكە چىقىشى لازىم ئىدى؛ئەمما ئۇنىڭ ئورنىغا كىچىك ئىنىسى خاقان بولۇپ تەختكە چىققان.شۇڭا خانلىقنىڭ مۆتىۋەرلىرى تەرىپىدىن بۇ خاقان ھۇجۇم نۇقتىسى بولغان ۋە يېڭى خاقان تەرەپتارلىرى بىلەن قوشۇپ ئۆلتۈرىلگەن.ئۇنىڭ ئورنىغا خاقاننىڭ كىچىك ئوغلى تەخىتكە چىقىرىلغان.دولوس خاقان زامانىدا تىبەتلىكلەر مەغلۇپ قىلىنغان.دولوس خاقان ئۆزىدىن كېيىن ھېچبىر ئەۋلاد-ئىزباسار قالدۇرالمايلا 794-يىلى ئۆلگەن.


    收藏到:Del.icio.us