• ئەركىن سىدىقنىڭ ياشلارغا يازغان خېتى--1

    2010-07-07


    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/68483192.html

    ئەركىن سىدىقنىڭ ياشلارغا يازغان خېتى--1

    ئەركىن سىدىق
    ( ئامېرىكا ئالەم قاتناش ئىدارىسى ناسا نىڭ مۇنەۋۋەر تەتقىقاتچىسى)
    ۋەتەندىكى نۇرغۇن قېرىنداشلارنىڭ «مۇۋەپپەقىيەتنىڭ يېڭى تەڭلىمىسى» دىكى ھەممە شەرتلەرنى تولۇق ئورۇنلاش ئىمكانىيىتى يوق. بىر قىسىم كىشىلىرىمىز، مەسىلەن، يېزىدىكى بىر قىسىم ياشلىرىمىز، ئۇ شەرتلەرنى ھازىرلاشتىن مەڭگۈ مەھرۇم قېلىشى مۇمكىن. لېكىن، بۇ ھەرگىز ئاشۇ كىشىلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولالماسلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. مەن بۇرۇنمۇ ئېيتىپ ئۆتكەندەك، «مۇۋەپپەقىيەت» بىر نىسبىي ئۇقۇم بولۇپ، ئەڭ ئاخىرقى ھېسابتا سىزنىڭ بەزى ئىشلاردىكى بىر مۇۋەپپەقىيەتكە قايسى دەرىجىدە ئېرىشكەنلىكىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ باھالىشىغا باغلىق. ئەگەر سىز مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ھەممە شەرتلىرىنى ھازىرلىيالمىغان بولسىڭىز، كۆزلىگەن نىشانىڭىزغا تولۇق يېتەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن، لېكىن ئۆزىڭىزگە چۇشلۇق مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلەيسىز. ئەگەر سىز بىر ئىشنى قىلىپ سىناپ باقمىسىڭىز، ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى ئېھتىماللىق نۆل بولىدۇ. شۇڭا، ئەگەر سىز ئۆز ئۆمرىڭىزنى مەنىلىك ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزمەكچى بولىدىكەنسىز، چوقۇم باشتىن - ئاخىر ئۆز ئىقتىدارىڭىزنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە ئىشقا سېلىپ تىرىشىشىڭىز كېرەك. مەن بۇ قېتىمقى مۇۋەپپەقىيەت تەڭلىمىسىدە ئىشلەتكەن قوشۇش، ئېلىش ۋە كۆپەيتىش بەلگىلىرى مەلۇم دەرىجىدىكى ئىلمىي ۋە ئەمەلىي ئاساسقا ئىگە، لېكىن ئۇ ماتېماتىكىلىق ھېسابلاش بەلگىلىرى ئۇ تەڭلىمىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئۈچۈن ئۇنچىۋالا مۇھىم ئەمەس. ئەڭ مۇھىمى «مۇۋەپپەقىيەت = كۆزلىگەن بىر نىشانغا يېتىش» دېگەندىن ئىبارەت ئېنىقلىما، ھەمدە مۇۋەپپەقىيەت تەڭلىمىسىدىكى تەركىپلەر، شۇنداقلا ئاشۇ تەركىپلەر ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان چۈشەندۈرۈشلەردىن ئىبارەت. سىزدە نېمە باركەن، نېمە كەم ئىكەن، شۇنى بىر ئېنىقلاپ بېقىش، ھەمدە شۇ ئاساستا ئۆزىڭىز بۇنىڭدىن كېيىن قايسى جەھەتلەردە تىرىشسىڭىز بولىدىغانلىقىنى تېپىپ چىقىش ھەممىدىن مۇھىم. مېنىڭچە ئۇ تەڭلىمىنىڭ ئەڭ چوڭ قىممىتى مۇشۇ جەھەتتە بولۇشى مۇمكىن.
    مەن بۇ يازمامنىڭ بېشىدا ئەسكەرتىپ قويۇشنى مۇۋاپىق كۆرگەن يەنە بىر ئىش بار. تورداشلارنىڭمۇ خەۋىرىدە بولغىنىدەك، مەن ئېلېكتر ئىنجھېنېرلىقى كەسپى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان بىر ئىنجھېنېر بولۇپ، بىرەر ئىجتىمائىي پەننىڭ مۇتەخەسسىسى ئەمەس. مېنىڭ ماقالىلىرىمنىڭ ھېچ قايسىسى ئۆزۈم ئېلىپ بارغان بىرەر ئىلمىي تەتقىقات ئاساسىدا يېزىلغان ئەمەس. مەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ بۇ نۇقتىنى تولۇق چۈشىنىشىنى، مېنىڭ يازمىلىرىمغا پەقەت بىر پايدىلىنىش ماتېرىيالى ياكى تەكلىپ قاتارىدا مۇئامىلە قىلىپ، ئۇنىڭدىن جانلىق پايدىلىنىشىنى سورايمەن. مېنىڭ يازغانلىرىم ھەممە ئادەمنىڭ ئەھۋالىغا، ياكى بىر ئادەمنىڭ ھەممە ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىشى مۇمكىن ئەمەس. لېكىن مەن ئۇنىڭ نۇرغۇن ياشلارغا بەلگىلىك پايدىسى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
    مەن تۆۋەندە ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئۆز كەسپىنى قانداق تاللىشى كېرەكلىكى ئۈستىدە توختىلىشتىن بۇرۇن، ئالدى بىلەن ئامېرىكىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئەھۋالىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي. بۇنداق قىلىشىمدىكى مەقسەت، ئوقۇرمەنلەردە كېيىنكى مەزمۇنلارنى ئەسلى مەنىسى بويىچە توغرا چۈشىنىشى ئۈچۈن بەلگىلىك ئاساس يارىتىشتۇر.
    ئامېرىكىنىڭ كەسىپ ۋە كەسىپ تاللاش جەھەتتىكى ئەھۋالى
    ھايات باسقۇچىغا قاراپ تۇرۇپ، كەسىپنى مۇنداق 2 تۈرگە ئايرىش مۇمكىن. ئۇنىڭ بىرسى مەكتەپتىكى كەسىپ. يەنە بىرسى خىزمەتتىكى كەسىپ. گەرچە ئۇيغۇرچىدا بۇ نەرسىنىڭ ھەر ئىككىلىسى «كەسىپ» دەپ ئاتىلىدىغان بولسىمۇ، ئىنگلىزچىدا ئۇلارنىڭ ئاتالغۇسى بىر-بىرىگە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ. يەنى، مەكتەپتىكى كەسىپ «ماجور» دەپ ئاتىلىدۇ. خىزمەتتىكى كەسىپ ئۈچۈن بولسا «كارەئەر، پروفەسسىئون، ئوككۇپاتىئون، ۋوكاتىئون» دېگەن ئاتالغۇلار ئىشلىتىلىدۇ. بەزىدە بىر خىزمەت كەسپىنىڭ ئىچىدە بىر قانچە خىزمەت ساھەلىرى بولىدۇ. مەسىلەن، داۋالاش كەسپىنىڭ ئىچىدە كېسەل كۆرىدىغان دوختۇر، چىش دوختۇرى، سېسترا، جىسمانىي جەھەتتە چېنىقتۇرۇش ئارقىلىق ئادەم داۋالاش (ئىنگلىزچە «پھيسىكال تھەراپىست») كەسپى، دوختۇرخانا تەجرىبىخانىسىدىكى تېخنىك، مال دوختۇرى، ۋە دورىگەرچىلىك دېگەنگە ئوخشاش كەسپىي ساھەلەر بار.
    مەن تا ھازىرغىچە بىر ئادەم ئۆزى ئۈمىد قىلغان كەسىپنى ئوقۇش، ئاشۇ كەسىپتە خىزمەت تېپىش، ۋە بىر كەسىپتىن يەنە بىر كەسىپكە يۆتكىلىش جەھەتتە جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا قانچىلىك پەرق بارلىقىنى ئويلاپ باقمىغان ئىكەنمەن. بۇ قېتىم مۇشۇ يازمىنى تەييارلاش ئۈچۈن بۇ مەسىلە توغرىسىدا بىر ئاز ئويلىنىپ ۋە ئىزدىنىپ، بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنىڭ چوڭلۇقىغا ھەيران قالدىم. ئوقۇرمەنلەر جۇڭگونىڭ بۇ جەھەتتىكى ئەھۋالىنى تولۇق چۈشىنىدۇ. شۇڭا مەن بۇ يەردە پەقەت ئامېرىكىنىڭ ئەھۋالىنىلا قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي.
    ئامېرىكىدا ھەر بىر ياش - ئۆسمۈرنىڭ ئۆزى ئۈچۈن بىر كەسىپ تاللاش ئىشىغا ياردەم قىلىدىغان بىر مۇنتىزىم قۇرۇلما بار. تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇش پۈتتۈرۈپ خىزمەت تاپماقچى بولغانلارغا، ۋە تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇماقچى بولغانلارغا كەسىپ تاللاش جەھەتتە مەسلىھەت بېرىدىغان «كەسىپ مەسلىھەتچىسى» بار. بۇ كىشىلەر كەم دېگەندە ئالىي مەكتەپ تولۇق كۇرسىنى پۈتتۈرگەن، پسىخولوگىيە، ئىنسانشۇناسلىق، مىللەتشۇناسلىق، جھورنالىزىم ياكى جەمئىيەت ئىلمى دېگەندەك كەسىپلەردە ئوقۇغان بولىدۇ. كۆپىنچىلىرى خىزمەتكە چۈشكەندىن كېيىن ياش ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان مەسلىھەتچىلىك كەسپى توغرىسىدا باشقىدىن مەخسۇس تەربىيىلەنگەن بولىدۇ. شۇڭا ئۇلار مەسلىھەتچىلىك ساھەسىدىكى كەسىپ ئەھلىلىرىدۇر. ئۇلار ئىنگلىزچە «كارەئەر كوئۇنسەلور» ياكى «كارەئەر ئادۋىسور» دەپ ئاتىلىدۇ. ئوقۇش پۈتتۈرۈشكە بىرەر يىل قالغان ۋاقىتتىن باشلاپ، ئوقۇغۇچىلار بۇ «كەسىپ مەسلىھەتچىسى» بىلەن بىر قانچە قېتىم كۆرۈشۈپ، ئۆزىنىڭ كەسىپ نىشانىسى ۋە كەسپىي قىزىقىشىنى ئۇ كىشى بىلەن مۇزاكىرە قىلىپ، شۇ ئارقىلىق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپلا خىزمەتكە چىقماقچى بولغانلار ئۆزىگە لايىق كەسىپنى بېكىتىدۇ. ئالىي مەكتەپتە ئوقۇماقچى بولغانلار كەلگۈسىدە خىزمەت كەسپى ئۈچۈن قىلماقچى بولغان ئىشنى قىلالىشى ئۈچۈن قايسى كەسىپتە ئوقۇسا بولىدىغانلىقىنى ئېنىقلاپ، شۇ ئارقىلىق ئوقۇماقچى بولغان ئالىي مەكتەپ كەسپىنى بېكىتىدۇ. شۇنى ئەسكەرتىپ قويۇش كېرەككى، بۇ ئىشلار مۇتلەق ئەمەس. كىچىكىدىن تارتىپلا ئۆزىنىڭ كەلگۈسىدە نېمە ئىش قىلماقچى ئىكەنلىگىنى ئۆز ئالدىغا ياكى ئاتا - ئانىسىنىڭ ياردىمى بىلەن بېكىتىپ بولغان، شۇنىڭدىن كېيىن قىلچىمۇ تەۋرىمەيدىغان ياشلارمۇ كۆپ.
    كۆپىنچە ئوقۇغۇچىلار ئالىي مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇن بىر كەسىپنى تاللاپ بولغان بولىدۇ. ھەمدە ئۆزى تاللىغان كەسىپكە ئوقۇشقا كىرىدۇ. لېكىن، ئامېرىكىدىكى ئالىي مەكتەپلەر بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەسىپ تاللىماي تۇرۇپلا بىر ئالىي مەكتەپكە كىرىشىگە يول قويىدۇ. بۇنداق ئوقۇغۇچىلار «كەسىپنى بېكىتمىگەن ئوقۇغۇچىلار» (ئىنگلىزچە «ئۇندەكىدەد ستۇدەنتس») دەپ ئاتىلىدۇ. ئېلان قىلىنغان بەزى مۆلچەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىدىكى يېڭى مەكتەپكە كىرگەن ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىكى مۇشۇ خىلدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ نىسبىتى 20 پىرسەنتتىن 50 پىرسەنتكىچە ئىكەن. بۇ ئوقۇغۇچىلار دەسلەپكى بىر يىل ئىچىدە ئۆزى قىزىقىدىغان 4-5 تەك كەسىپلەرنىڭ ھەر بىرسىدىن بىردىن دەرس تاللاپ ئوقۇپ بېقىپ، شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قايسىسىغا ئەڭ قىزىقىدىغانلىقىنى ئېنىقلاپ، ئاندىن بىر كەسىپنى تاللايدۇ.
    مەن يۇقىرىدا تەسۋىرلىگەن «مەكتەپ كەسپى» نىڭ ئىنگلىزچە سۆزى «ماجور» نىڭ ئەسلى مەنىسى «ئاساسىي كەسىپ» بولۇپ، ئامېرىكىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە يەنە «قوشۇمچە كەسىپ» مۇ بار. بۇنى ئىنگلىزچىدا «مىنور» دەپ ئاتايدۇ. يەنى، سىز بىر ئالىي مەكتەپتە بىر كەسىپنى ئاساسىي كەسىپ، يەنە بىر كەسىپنى قوشۇمچە كەسىپ قىلىپ ئوقۇپ، ئىككى كەسىپتىن تەڭلا باكالاۋر ئۇنۋانى ئالسىڭىزمۇ بولىدۇ. بۇنداق ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلارنى ئامېرىكىدا «قوش كەسىپلىك» (ئىنگلىزچە «دوئۇبلە-ماجورەد») ئوقۇغۇچىلار دەپ ئاتايدۇ. ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ دەسلەپكى ئىككى يىل ئىچىدە ئوقۇيدىغىنى ئاساسەن ئومۇمىي كەسىپ بولۇپ، ئوخشىمىغان كەسىپلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى 2 يىللىق دەرسىلا ئوخشىمايدۇ. نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار 5 يىل ئىچىدە 2 كەسىپتىن باكالاۋر ئۇنۋانى ئېلىپ بولالايدۇ. بۇ 2 كەسىپ بىر - بىرىگە يېقىن كەلمىسىمۇ بولۇۋېرىدۇ. يەنى سىز ئاساسلىق كەسىپ ئۈچۈن فىزىكا ئوقۇپ، قوشۇمچە كەسىپ ئۈچۈن تارىخ ئوقۇسىڭىزمۇ بولۇۋېرىدۇ.
    بۇنىڭدىن باشقا، سىز بىر ئالىي مەكتەپكە كەسىپ تاللاپ بولۇپ كىرىپ، بىرەر يىل ئوقۇغاندىن كېيىن، بۇرۇن تاللىغان كەسپىڭىزنى ياخشى كۆرمەي، باشقا بىر كەسىپكە ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز، ئامېرىكىدىكى ئالىي مەكتەپلەر بۇنىڭغىمۇ پۈتۈنلەي يول قويىدۇ. ئېلان قىلىنغان بەزى مۆلچەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىدا بىر ئالىي مەكتەپكە كىرىپ بولغاندىن كېيىن ئەڭ كامىدا بىر قېتىم كەسىپ ئۆزگەرتىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ نىسبىتى 50 پىرسەنتتىن 70 پىرسەنتكىچە بولغان ئارىلىقتا ئىكەن.
    ھەر بىر ئالىي مەكتەپتىمۇ بىردىن «كەسىپ مەركىزى» (ئىنگلىزچە «كارەئەر كەنتەر») بار بولۇپ، ئۇ يەردە ئىشلەيدىغان مەخسۇس خادىم بار. ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى كەسىپ تاللاش ياكى ئۆزگەرتىش ئىشىدا مەسىلىگە يولۇققانلارغا مەسلىھەت بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئىشىنى ھەل قىلىپ بېرىش. شۇنداقلا ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا خىزمەت تېپىش جەھەتتە ياردەمدە بولۇش. يېڭى ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارغا ئېھتىياجى بار شىركەت ۋە ئىدارىلەر ئۆزلىرىگە قانداق ئادەم كېرەكلىكى توغرىسىدا مەخسۇس ئۇچۇر تەييارلاپ، ئاشۇ ئۇچۇرلارنى مۇشۇنداق «كەسىپ مەركىزى» گە ماڭدۇرۇپ بېرىدۇ. بۇ مەركەزلەر بولسا بۇنداق خىزمەتلەرنى تۈرگە ئايرىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن رەتلىك ساقلايدۇ. ھەمدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىزمەتكە ئىلتىماس قىلغاندىكى ئىلتىماس جەدۋىلىنى تولدۇرۇش ئىشىغا، ھەمدە ئۆز - ئۆزىنى تونۇشتۇرىدىغان «قىسقىچە تەرجىمىھالى» (ئىنگلىزچە «رەسۇمە») نى تەييارلاشقىمۇ ياردەملىشىپ بېرىدۇ.
    ئامېرىكىدا «ئۆمۈرلۈك كەسىپ» دېگەن نەرسە ئاساسەن مەۋجۇد ئەمەس. پۈتۈن ئۆمرىنى پەقەت بىرلا ئىدارە ياكى بىرلا شىركەتتە ئىشلەپ ئۆتكۈزىدىغانلار ئىنتايىن ئاز ساننى ئىگىلەيدۇ. يېقىنقى بىر ئىلمىي تەكشۈرۈش دوكلاتىنىڭ نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىدا ھازىر ھەر بىر ئادەم پۈتۈن ھاياتى جەريانىدا ئۆز كەسپىنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 5-6 قېتىم ئۆزگەرتىدىكەن. ئايالىمنىڭ شىركىتىدە ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ كەسپىنى پۈتتۈرگەن، بۇ شىركەتتە بولسا يۇمشاق دېتال بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر كىشى بار ئىدى. دېمەك، ئامېرىكىدا مۇشۇنداق ئوقۇغان كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كەسپى بىر - بىرىگە يېقىن كەلمەيدىغان ئىشلارمۇ خېلى كۆپ بار.
    يۇقىرىقى بايانلاردىن بىز مۇنداق بىر قانچە نەرسىنى چۈشىنىۋالالايمىز: 1) كەسىپ تاللاش بىر ئىنتايىن مۇرەككەپ جەريان بولۇپ، ئۇنى ياخشى ئېلىپ بېرىش بىر ئىلمىي پوزىتسىيە ۋە نۇرغۇن ۋاقىت بىلەن نۇرغۇن ئەمگەك تەلەپ قىلىدۇ. 2) كەسىپنى توغرا تاللاش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆز - ئۆزىنى توغرا بايقاش كېرەك. تۆۋەندە مەن ئەمدى ئەسلى مەزمۇننى باشلايمەن.
    مېنىڭ بۇ يازمىنى تەييارلاشتىكى مەقسىتىم، ھەر بىر ياشقا ئۆزىگە لايىق بىردىن كەسىپ تاللاپ بېرىش ئەمەس. مېنىڭ بۇ يەردىكى مەقسىتىم، ھەر بىر ياشنى ئۆزى ئۈچۈن بىر مۇۋاپىق كەسىپ تاللاش ئۈچۈن نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى، قايسى قەدەم - باسقۇچلارنى بېسىشى كېرەكلىكى توغرىسىدىكى زۆرۈر بىلىملەر بىلەن تەمىنلەش. مەن گەپنى ئەمدى كەسىپلەرنى بىر قانچە كاتېگورىيىگە ئايرىشتىن باشلايمەن. سىز بۇ كاتېگورىيىلەرنى ئوبدان چۈشەنسىڭىز، ئۆزىڭىز ئۈچۈن قايسىسى ئەڭ مۇھىم ئىكەنلىگىنى بىلەلەيسىز. ئاندىن ئاشۇ سىز مۇھىم دەپ قارىغان كەسىپلەر ئىچىدىن بىرنى تاللىيالايسىز. مەن ھازىر تەسۋىرلىمەكچى بولغان كەسىپ «مەكتەپ كەسپى» بولۇشىمۇ مۇمكىن، «خىزمەت كەسپى» بولۇشىمۇ مۇمكىن. يەنى ئۇلارنى ھەر 2 خىل كەسىپكە تەتبىقلاشقا بولىدۇ.
    1. سىز ئەڭ قىزىقىدىغان كەسىپ
    ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزى ئەڭ قىزىقىدىغان كەسپىدىن بىر ياكى بىر قانچىسى بولىدۇ. سىز مەلۇم بىر كەسىپنىڭ سىز چەكسىز قىزىقىدىغان كەسىپ ئىكەنلىكى ياكى ئەمەسلىكىنى بىلىش ئۈچۈن، مۇنداق ئويلاپ بېقىڭ: سىز ئاشۇ كەسىپ بىلەن كىرىمسىز شۇغۇللىنىشنى خالامسىز؟ ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدىكى نۇرغۇن ئۇيغۇر ياشلىرى دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ ئېغىر مەسىلە ئۆزلىرى ئۈچۈن كىرىم قىلىپ جان باقىدىغان بىر خىزمەتنىڭ يوقلىقى. شۇڭا مۇتلەق كۆپ ياشلارنىڭ ھەقسىز قىلىشنى خالايدىغان كەسپى بولماسلىقى ئېنىق. لېكىن، بۇ يەردىكى سىناقنى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، سىز چوقۇم ئۆزىڭىزنى باي، باشقا كىرىمگە ئېھتىياجلىق ئەمەس، دەپ ئويلىشىڭىز كېرەك. سىز ئاشۇ دەرىجىدە قىزىقىدىغان كەسىپتىن قايسىلىرى بار ئىكەن؟ بۇنى بىر تىزىپ بېقىڭ. بولسا ئاشۇنداق كەسىپتىن 10 نى تېپىپ، بىر قەغەزگە تىزىپ چىقىڭ. ئەگەر سىز ئۆزىڭىز ئىنتايىن ھۇزۇرلىنىدىغان بىر خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، خىزمەت جەھەتتە ئۆمۈر بۇيى خۇشال ئۆتەي دېسىڭىز، مۇشۇ كاتېگورىيىدىكى بىر كەسىپكە كىرىشكە پۈتۈن كۈچىڭىز بىلەن تىرىشىڭ.
    2. سىز ئەڭ ياخشى قىلالايدىغان كەسىپ
    ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە خاس تالانتى ۋە ئەڭ ياخشى قىلالايدىغان ئىشلىرى بولىدۇ. مەسىلەن، بەزىلەر دەرسنى ئىنتايىن ياخشى ئۆتەلەيدۇ. بەزىلەر بالىلارنى ناھايىتى ياخشى تەربىيىلەيدۇ. بەزىلەر باشقۇرۇش ۋە تەشكىللەش ئىقتىدارىغا باي بولىدۇ. بەزىلەر ناخشىنى ياخشى ئېيتالايدۇ. يەنە بەزىلەر سازنى ياخشى چالالايدۇ. مانا بۇلار ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزى ئەڭ ياخشى قىلالايدىغان كەسىپلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يۇقىرىقى مىساللاردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئادەمنىڭ بەزى ئىقتىدارى تۇغما بولىدۇ. مەن بۇنى ئالدىنقى يازمامدا «تالانت»، دەپ ئاتىدىم. ئادەمنىڭ بەزى ئىقتىدارلىرى بولسا كېيىن يېتىلدۈرۈلگەن بولىدۇ. ھازىرقى مەزمۇنغا تەتبىقلىغاندا، بۇنداق ئىقتىدار بىر ئادەمنىڭ نورمال مەنىدىكى ئۆزىگە خاس ئىقتىدارى، ھۈنىرى، ۋە بىلىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەگەر خالىسىڭىز، سىزمۇ ئۆزىڭىز ئەڭ ياخشى قىلالايدىغان كەسىپتىن 10 نى تېپىپ، ئۇلارنى يۇقىرىقى قەغەزگە تىزىپ بېقىڭ. ئەگەر سىز تۇغما تالانتىڭىز، بارلىق ئىقتىدارىڭىز ۋە يوشۇرۇن كۈچىڭىزنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇپ، شۇ ئاساستا ئوقۇش ۋە خىزمەت جەھەتتە ئادەتتىن تاشقىرى نەتىجىلەرنى يارىتاي دېسىڭىز، مۇشۇ كاتېگورىيىدىكى بىر كەسىپكە كىرىشكە پۈتۈن كۈچىڭىز بىلەن تىرىشىڭ.
    3. سىز ئۈچۈن ئەڭ قىممىتى بار كەسىپ
    ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزى ئۈچۈن قىممىتى ئەڭ يۇقىرى كەسىپتىن بىرسى ياكى بىر قانچىسى بولىدۇ. مەسىلەن، جۇڭگودىكى داڭلىق ئەرباب لۇ شۈننى ئالساق، ئۇنىڭ ئەسلىدىكى قىزىقىدىغان كەسپى دوختۇرلۇق بولۇپ، ياپونىيىگە ئاشۇ كەسىپنى ئوقۇش ئۈچۈن بارغان. كېيىن، ئەينى ۋاقىتتىكى قىممىتى ئەڭ چوڭ ئىش قەلەم ئارقىلىق جۇڭگولۇقلارنى ئويغىتىشتىن ئىبارەت ئىكەن، دەپ ئويلاپ، ئۆزىنىڭ ئەسلى كەسپىنى تاشلاپ، يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. مەشھۇر ئۇستازىمىز ئابدۇشۈكۈر مەمتىمىن ئەپەندىنىڭ ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى خىمىيە كەسپىنى تاشلاپ، ئۇيغۇر پەلسەپە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىشىمۇ، ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ خىمىيىگە قارىغاندا پەلسەپىنىڭ قىممىتى يۇقىرى، دەپ قارىغانلىقىدىن بولۇشى مۇمكىن. مېنىڭ تونۇشلىرىم ئىچىدە، پەقەت قىممەت نۇقتىسىدا تۇرۇپلا ئۇيغۇر تارىخى كەسپىنى تاللىغان، گۈزەللىك ئىلمى كەسپىنى تاللىغان، ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىنى تاللىغان، تېببىي پەن كەسپىنى تاللىغان، ئەدەبىيات كەسپىنى تاللىغان ۋە خەلقئارا سىياسەت، جھورنالىزىم ياكى ئادۋۇكاتلىق كەسپىنى تاللىغانلار بار. مەن تېخى بىر قانچە كۈننىڭ ئالدىدا تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان بىر ئۇيغۇر تونۇشۇم بىلەن توردا پاراڭلىشىۋېتىپ، ئۇنىڭدىن ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن يادرو فىزىكىسى كەسپىنى تاللىغىنىنى سورىسام، ئۇنىڭ بۇ قارارى پۈتۈنلەي ئاشۇ كەسىپنىڭ ئۇيغۇر مىللىتى ئىچىدىكى قىممىتى ئاساسىدا بولغانلىقىنى ماڭا چۈشەندۈرۈپ قويدى. تاكى ھازىرغىچە مېنىڭ بىر قىسىم يېقىنلىرىم «ئەگەر سەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن مەمۇرىي خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىش يولىنى تاللىغان بولساڭ، ھازىر سەن خېلى يۇقىرىغا ئۆسۈپ كەتكەن بولاتتىڭ»، دەيدۇ. مەن بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئوقۇش پۈتتۈرۈشتىن بۇرۇن بىر يىلدىن ئارتۇق ئويلانغان ئىدىم. مەندە ئادالەتسىزلىككە، ھەققانىيەتسىزلىككە، تەڭسىزلىككە ۋە كەمسىتىشكە دەھشەت ئۆچ بىر مىجەز بار. مەن ئۇنداق ئىشلارغا ئازراقمۇ چىداپ تۇرالمايمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆڭلۈمدە ئويلىغاننى ۋە ھېسسىياتىمنى يوشۇرالماي، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى چىرايىم ئارقىلىق نامايان قىلىپ تۇرىدىغان خاراكتېرىممۇ بار. ئەگەر مەن ئۆز پرىنسىپىم ۋە ئۆز مىجەز - خاراكتېرىم بويىچە «ياخشى باشلىق» بولغان بولسام، مېنىڭ باشلىقلىقىمنىڭ ئۆمرى ئانچە ئۇزۇنغا بارمايتتى. ئۆز پرىنسىپى ۋە ۋىجدانى بويىچە ئىش قىلالمايدىغان باشلىق بولۇپ، ھوقۇقىنى ئۆز لايىقىدا ئىشلىتەلمەي ياشىغان ھاياتنىڭ مەن ئۈچۈن ھېچ بىر قىممىتى يوق بولۇپ، ئۇنىڭغا قارىغاندا مېنىڭ ئۆز كەسپىم جىق قەدىرلىك ئىدى. شۇڭا مەن مەمۇرى خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىش يولىدىن شۇ ۋاقىتتىلا ۋاز كەچكەن ئىدىم.
    ماڭا ھازىر خەت يازىدىغان ياشلار ئىچىدە ئۆزىنىڭ چەت ئەلگە چىقىپ يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇپ، كەلگۈسىدە ۋەتەن ۋە مىللەت ئۈچۈن بىر قىممىتى بار ئادەم بولۇش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى ئىزھار قىلىدىغانلار ئىنتايىن كۆپ. دېمەك، بەزى كىشىلەر ئۈچۈن پۇل - بايلىق، بەزى كىشىلەر ئۈچۈن ئۆزىنىڭ قىزىقىشى، يەنە بەزى كىشىلەر ئۈچۈن ئۆزىنىڭ تالانتى ئەڭ مۇھىم بولغىنىغا ئوخشاش، بەزى كىشىلەر ئۈچۈن قىلىۋاتقان ئىشىنىڭ قىممىتى ئەڭ مۇھىم. شۇڭلاشقا «قىممەت» مۇ بىر كەسىپ تاللاشتىكى مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرسى بولۇشى كېرەك. بۇنداق كەسىپنىڭ قىممىتى ئۆز ئائىلىسى، ئۆز يۇرتى، ئۆز مىللىتى ياكى ئۆز ۋەتىنى قاتارلىق ئوخشىمىغان دائىرە ئىچىدە بولىدۇ. ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قىممىتى يۇقىرى كەسىپ ئىنتايىن كۆپ. ھازىر بىزدە كەم كەسىپلەرنىڭ ھەممىسى ۋە ھازىر بىزدىكى بوش ئورۇننىڭ ھەممىسى بىز ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك كەسىپ بولالايدۇ. بۇنداق كەسىپنى ئۈنۈملۈك تېپىش ۋە توغرا تاللاشنىڭ بىردىن - بىر ئالدىنقى شەرتى، ئۆز مىللىتىنىڭ پۈتۈن تارىخىدىن خەۋەردار بولۇش، ھەمدە ئۆزىنىڭ بۈگۈنىنى مۇكەممەل چۈشىنىدىغان بولۇشتۇر. ئەگەر سىزگە نىسبەتەن مىللەت ئۈچۈن قىممىتى يۇقىرى كەسىپ ئەڭ مۇھىم بولسا، سىز ئۆز - ئۆزىڭىزدىن: «مەن قايسى ساھەدە مىللەتنىڭ ئەھۋالىنى ياخشىلاشتا بەلگىلىك ئۆزگىرىش پەيدا قىلالايمەن؟» دەپ قايتا - قايتا سوراڭ. ھەمدە ئاشۇ سوئالغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن بىر مەزگىل ئىزدىنىڭ. شۇنداق قىلسىڭىز، سىز چوقۇم ئۆزىڭىز ئارزۇ قىلىدىغان كەسىپتىن بىرنى تاپالايسىز.
    ئەگەر خالىسىڭىز، ئۆزىڭىز قىممىتى ئەڭ يۇقىرى دەپ قارىغان كەسىپتىن 10 نى تېپىپ، ئۇلارنى يۇقىرىقى قەغەزگە تىزىپ بېقىڭ. ئەگەر سىز ئۆز ئۆمرىڭىزنى باشقىلار ئۈچۈن قىممىتى يۇقىرى بولغان بىر ئىش بىلەن شۇغۇللىنىپ ئۆتكۈزۈپ، شۇ ئاساستا تارىخقا يېزىلاي دېسىڭىز، مۇشۇ كاتېگورىيىدىكى بىر كەسىپكە كىرىشكە پۈتۈن كۈچىڭىز بىلەن تىرىشىڭ.


    收藏到:Del.icio.us