• ھونلارنىڭ داھىيسى ئاتتىلا ۋە ئاتتىلائىزم (1)

    2010-07-07


    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/68483393.html

     

    ھونلارنىڭ داھىيسى ئاتتىلا ۋە ئاتتىلائىزم (1)

     ھونلارنىڭ داھىيسى ئاتتىلا ۋە ئاتتىلائىزم 
              
    ئەركىن سىدىق
    2010-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى

    مېنىڭ قىزىم دىلنارە ئامېرىكىدا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدا، ئۇنىڭغا بىر قېتىم لىدېرلىق ھەققىدە دەرس ئۆتۈلدى. بۇ دەرستە ئوقۇتقۇچى سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنى 3-كىشىلىك گۇرۇپپىلارغا بۆلۈپ، گۇرۇپپىلار بويىچە تاپشۇرۇق بەردى. بۇ تاپشۇرۇقتا ھەر بىر گۇرۇپپىدىكى 3 كىشىنىڭ بىرسى يالغاندىن ئامېرىكا پرېزىدېنتى بولۇشنى، قالغان ئىككى ئوقۇغۇچى بولسا مالىيە مىنىستىرى بىلەن ئەمگەك مىنىستىرى بولۇشنى، ئاندىن مۇشۇ 3 كىشى بىرلىكتە ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىنى ھازىرقىدىن ياخشىراق قىلىش ئۈچۈن قانداق قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا بىر پىلان تۈزۈپ چىقىشنى تاپشۇردى. ھەمدە ھەممە ئوقۇغۇچىلارغا بىر پايدىلىنىش ماتېرىيالى تىزىملىكىنى تارقىتىپ بەردى. مەن قارىسام بۇ تىزىملىكنىڭ ئىچىدە ھونلارنىڭ داھىيسى ئاتتىلا توغرىسىدىكى بىر كىتابمۇ بار ئىكەن. مەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھونلار بىلەن بولغان تارىخىي مۇناسىۋىتىنى بىلگىلى خېلە ئۇزۇن بولغان بولۇپ، بىز شەھەر كۇتۇپخانىسىدىن بۇ كىتابنى ئارىيەت ئېلىپ ئەكەلگەندىن كېيىن، ئۇنى ئۆزەم بىر قېتىم باشتىن-ئاخىرغىچە ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقتىم. شۇ چاغدا ئاتتىلانىڭ دۇنيادا ئۆتكەن ئەڭ مەشھۇر داھىيلارنىڭ بىرسى ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكىنىڭ ئالىي مەكتەپلىرىدە ئۆتۈلىدىغان باشقۇرۇش ئىلمىغا ئائىت دەرسلەردە ئاتتىلانىڭ لىدېرلىق سىرلىرى ۋە مۇۋەپپەقىيەت سىرلىرى ئۈستىدە مەخسۇس توختۇلىدىغانلىقىنى بىلدىم. ئۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكىدا ئىشلەنگەن «ئاتتىلا» دېگەن كىنونى بىر قانچە قېتىم كۆرۈپ چىقتىم، ھەمدە شۇنىڭدىن باشلاپ ئۆز تونۇشلۇرۇمغا ئىزچىل تۈردە ئاشۇ كىنونى تەشەببۇس قىلىپ كەلدىم. ئاتتىلانىڭ رولىنى ئالغان كىنو ئارتىسى رەگ روگەرس نى شۇنىڭدىن باشلاپ ناھايىتى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ قېلىپ، ھەر قېتىم ئۇنى باشقا كىنولاردا كۆرسەم، ئايالىم ئامانگۈلگە «ئاۋۇ كىشى ئاتتىلانىڭ رولىنى ئالغان ئارتىس شۇ ئىكەن» دەپ قويىدىغان بولدۇم. («ئاتتىلا» دېگەن كىنونىڭ يوئۇ-تۇبە دىكى ئادرىسىنى مۇشۇ ماقالىنىڭ ئەڭ ئاستىغا يېزىپ قويدۇم).
    بۇ قېتىم داھى ۋە لىدېرلىق ھەققىدە ئىزدىنىشىمنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، مەن ئاتتىلا ھەققىدىكى كىتابتىن بىرنى قايتا ئوقۇپ بېقىشنى قارار قىلدىم. ئامازون تور بېتىدىن «ھون ئاتتىلا» (ئىنگلىزچە «Attila the Hun ») دەپ ئىزدىسەم، جەمى 242 نەتىجە چىقتى. شۇنىڭ بىلەن مەن 1987-يىلى نەشىر قىلىنغان Wess Roberts نىڭ «ھون ئاتتىلانىڭ لىدېرلىق سىرلىرى» (ئىنگلىزچە «Leadership Secrets of Attila the Hun ») دېگەن كىتابىنى سېتىۋالدىم. بۇ كىتابنىڭ ئوقۇرمەنلىرى بۇ كىتاب ھەققىدە ناھايىتى ياخشى ئىنكاسلارنى قايتۇرغان. مەسىلەن، ئامېرىكىدىكى «ئومۇمىي ئاپتوموبىل» (ئىنگلىزچە « General Motor, GM») دېگەن بۈيۈك شىركەتنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى پائۇل زالەككى مۇنداق دېگەن: «مەن بۇ كىتابنى ئون نەچچە قېتىم ئوقۇپ چىققان بولۇپ، ھەر قېتىم ئوقۇغىنىمدا ئۇ مېنىڭ نەزەر دائىرەمنى تېخىمۇ بەك كېڭەيتتى. مېنىڭچە بۇ ئىنتايىن كام ئۇچرايدىغان بىر كىتاب بولۇپ، بىر چوڭ ئادەم توپىغا مەسئۇل بولغان ھەر قانداق بىر كىشى بۇ كىتابنى چوقۇم ئوقۇپ چىقىشى كېرەك ئىكەن». «ئامېرىكا ئاۋىئاتسىيە شىركىتى» نىڭ پرېزىدېنتى ۋە رەئىسى كراندالل مۇنداق دېگەن: «بۇ كىتاب لىدېرلىقنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ بېرىش ھەققىدىكى يېڭى چۈشەنچىلەر بىلەن لىق تولغان. ئۇ ئەقەللىي يوليۇرۇقلارنىڭ كارامەت ئىجاتچانلىق بىلەن بايان قىلىنىشى بولۇپ، مەن ھەممە كىشىلەرنىڭ ئۇنى ئوقۇپ چىقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن». 1992-يىلى چوڭ بۇش ۋە كلىڭتون بىلەن ئامېرىكا پرېزىدېنتلىقىنى تالاشقان روسس پېروت ئەپەندى ئامېرىكىدىكى «ئومۇمىي ئاپتوموبىل» شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ ئىشلەۋاتقان مەزگىلدە، ئۇشبۇ كىتابنىڭ 1985-يىلىدىكى 1-نەشىرلىك نۇسخىسىنى ئۇچۇرتۇپ قېلىپ، ئۇنى ئىنتايىن ياخشى كۆرگەنلىكىدىن، بۇ كىتابتىن 700 پارچىنى سېتىۋېلىپ، شىركەتنىڭ بارلىق چوڭ-كىچىك باشلىقلىرىغا ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ھەممە دوستلىرىغا بىردىن تەقدىم قىلغان ئىكەن. مەن يېقىندا كۆرگەن، ئامېرىكىدا ئىشلەنگەن بىر كىنودىمۇ، خۇسۇسىي رازۋېدكىچى بولۇپ ئاساسلىق رول ئالغان ئادەمنىڭ بىر كۈتۈپخانىدا ئاتتىلا ھەققىدە ئاشۇ كىتابنى ۋاراقلاۋاتقان بىر كۆرۈنۈشنى كۆردۈم. يەنى، بۇ كىتاب ئامېرىكا جەمئىيىتىگە خېلە چوڭقۇر سىڭىپ كىرىپتۇ.
    مەن ئۇشبۇ يازمامدا، «ھون ئاتتىلانىڭ لىدېرلىق سىرلىرى» دېگەن كىتابتىكى ئاتتىلانىڭ ھاياتى ۋە ئۇنىڭ لىدېرلىق ئىدىيىسى - ئاتتىلائىزم توغرىسىدىكى مەزمۇنلارنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن. مەن بىر كىتابتىكى مەزمۇننى بىر قىسقا ماقالە قىلىپ تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن، بۇ ماقالىدا كىتابتىكى ئەسلى مەزمۇنلارنى ئۆزەم مۇۋاپىق كۆرگەن دائىرە ئىچىدە قىسقارتتىم ۋە قايتىدىن رەتلىدىم. لېكىن ئۇ مەزمۇنلارنىڭ مەنىسىنى ئەينەن بايان قىلدىم. بولۇپمۇ بۇ ماقالىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تارىخىي تەسۋىرلەر يۇقىرىقى كىتابنىڭ ئاپتورىنىڭ ئۆز كۆز-قارىشى بولۇپ، ئۇلار ھەرگىزمۇ مېنىڭ كۆز قارىشىم ئەمەس. يۇقىرىدا ئازراق تىلغا ئېلىنغىنىدەك، پۈتۈن ئامېرىكا جەمئىيىتى ئاتتىلانىڭ لىدېرلىق ئىدىيىسىگە ئاجايىپ يۇقىرى دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىدىكەن. لېكىن مېنىڭ پەرىزىمچە ئۇيغۇر جەمئىيىتى بولسا ئاتتىلاغا ئائىت نەرسىلەردىن ئاساسەن خەۋەرسىز. شۇنداق بولغاچقا مەن ھەر بىر ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ، بولۇپمۇ ئۆزىنى بۇرۇنقى، ھازىرقى ياكى كەلگۈسىدىكى ئۇيغۇر لىدېرلىرىدىن بىرى دەپ سانايدىغان ھەر بىر كىشىدىن ئۇشبۇ يازمىنى كام دېگەندە بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىشىنى تەشەببۇس قىلىمەن. ئۇيغۇر دىيارىدىكى قېرىنداشلاردىن بولسا، «ھون ئاتتىلانىڭ لىدېرلىق سىرلىرى» دېگەن كىتابنى ئىنگلىزچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ كىتابنىڭ تىلى ناھايىتى ئاددىي بولۇپ، ئۇنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىش ئۇنچىۋالا قىيىن ئەمەس، دەپ ئويلايمەن. ئەگەر بۇ ئىشنى قىلىدىغانلار بولسا مەن ئۇ قېرىندىشىمىزغا بۇ كىتابنىڭ ئىنگلىزچىسىنى سېتىۋېلىپ ئىۋەرتىپ بېرىشنى خالايمەن.



    ئاتتىلانىڭ قىسقىچە تەرجىمالى

    ھونلار كۆچۈپ يۈرۈيدىغان، كۆپ خىلدىكى تىللارنى ئىشلىتىدىغان، كۆپ خىلدىكى مىللەتلەردىن تەركىپ تاپقان قەبىلىلەرنىڭ بىرلەشمىسىدىن ئىبارەتتۇر. روبەتس نىڭ كىتابىدا دېيىلىشىچە، ھونلار ئەسلىدە ئۇرالنىڭ ياۋروپا تەرىپىدىكى كىشىلەردىن پەيدا بولغانمۇ ياكى تۈرك ياكى ئاسىيالىق كىشىلەردىن پەيدا بولغانمۇ، دېگەن سوئالنىڭ جاۋابى ئېغىزاكى تارىخلاردا ئاساسەن خاتىرىلەنمىگەن، ياكى بولمىسا بۇ سوئالغا بەزىدە قالايمىقان جاۋاب بېرىلگەن. لېكىن، مەن يېقىندا ھونلار ۋە ئاتتىلا توغرىسىدا بىر قانچە تور بەتلىرىنى كۆرۈپ باقتىم. «ھونلار كالېندارى» دېگەن بىر تور بېتىدە كۆرسىتىلىشىچە، باتۇر تەڭرىقۇت («Mao-tun») نىڭ بىرلىككە كەلتۈرۈشى بىلەن ھونلار مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 200-يىللىرى باجكال كۆلى بىلەن شەرقىي-جەنۇبىي موڭغۇلىيە ئەتىراپىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا شەكىللەنگەن بولۇپ، ئۇلان باتۇر نىڭ قېشىدىكى لوڭچېڭ نى پايتەخت قىلغان. ھەمدە ھونلار مىلادىيىدىن كېيىنكى 469-يىلى ئاخىرقى پادىشاھسى دەڭىزىك نىڭ ۋاپات بولىشى بىلەن دۇنيادىن غايىپ بولغان. ئاتتىلا مىلادىيىدىن كېيىنكى 395-يىللىرى دانۇبە جىلغىسىنىڭ مەلۇم بىر يېرىدە تۇغۇلغان (دانۇبە جىلغىسىنىڭ نەگە جايلاشقانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن ئىنتېرنېتتىن ئىزدەپ، بۇ ئىسىمنىڭ بىر قانچە دۆلەتتە بارلىقىنى بايقىدىم. مېنىڭ پەرىزىمچە، ئاتتىلا تۇغۇلغىنى ئاۋىسترىيەدىكىسى بولىشى مۇمكىن). ئاتتىلانىڭ دادىسى مۇندزۇك پادىشاھ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئائىلە تارىخىنى 32 ئەۋلادقىچە تاپقىلى بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئائىلىسى ئۆز ئادەم توپىنىڭ بىرلىكىنى ئەڭ ياخشى ساقلىغان بىر ئائىلە بولۇپ، موڭغۇللارنىڭ خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
    ئاتتىلا دەسلەپتە قويغا مىنىشنى ئۆگەنگەن بولۇپ، كېيىنچە ئات مىنىش ماھارىتىدىمۇ ئادەتتىن تاشقىرى سەۋىيىگە يەتكەن. ھەمدە ئوقيا، نەيزە، ئارغىماق، قېلىچ ۋە قامچا ئىشلىتىش جەھەتتىمۇ كامالەتكە يەتكەن. بۇلار ئاتتىلا دەۋرىدىكى ھونلارنىڭ ئەنئەنىۋىي ماھارەتلىرى بولۇپ، بىر ئاقسۆڭەكلىك دەرىجىسىدىكى كىشى ئۈچۈن كام بولسا بولمايدىغان ماھارەتلەر ئىدى. ئاتتىلا ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقىغا نىسبەتەن كۈچلۈك ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى، ۋە ئىقتىدارسىزلارغا نىسبەتەن كۈچلۈك كەمسىتىش تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرگەن. ھەمدە ئۆز ماھارىتىنى ناھايىتى خەتەرلىك ئوۋ-ئوۋلاش پائالىيەتلىرىدىكى باتۇرلۇقى بىلەن خەلق-ئاممىسى ئالدىدا نامايان قىلغان. مەسىلەن، ئۇ بۆرە ۋە ئېيىقلارنى تورغا چۈشۈرۈپ تۇتۇۋېلىپ، ئاندىن بىر قىسقا پىچاق بىلەن ئۇلارنىڭ ئىچ-قارنىنى ئېلىۋەتكەن. ئاتتىلا دادىسى بىلەن ئىنتايىن يېقىن ئۆتكەن بولسىمۇ، بۇنداق مۇناسىۋەت پادىشاھ مۇندزۇك نىڭ ۋاپات بولىشى بىلەن ئاتتىلا ناھايىتى كىچىك ۋاقتىدىلا ئاياغلاشقان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ دادىسىنىڭ پادىشاھلىقىغا ۋارىسلىق قىلغان تاغىسى رۇگىلا نىڭ قولىدا قالغان.
    رۇگىلا ئۆزىنىڭ ئادەم توپى ئۈچۈن ھونلار ناھايىتى ئاسانلا يېڭەلەيدىغان چەت ئەللەرگە بېقىندا بولىدىغان سىياسەتلەرنى يولغا قويغان. ئاتتىلا بولسا بۇنداق سىياسەتلەرنى ئوچۇق-ئاشكارە ئەيىبلىگەن. شۇنىڭ بىلەن ئاتتىلا نىڭ بالىلىق تەقدىرى ناھايىتى تېزلا ئۆزگىرىشكە باشلىغان. ئاتتىلا 12 ياشقا كىرگەندە، رۇگىلا ئۇنى رىم پادىشاھسى خونورىيۇس (« Honorius ») نىڭ ئوردىسىغا گۈرۆگە ئېلىنغۇچى قىلىپ ماڭدۇرغان. بۇنىڭ ئۈچۈن رىملىقلار ئېتىراپلىق پىلانلاش ئارقىلىق رۇگىلاغا ئۆزىنىڭ ئېيتىيۇس (« Aetius ») ئىسىملىك بىر ياش ئادىمىنى گۈرۆگە بەرگەن. مۇشۇ ئارقىلىق رىم پادىشاھسى بىر تەرەپتىن ئۆز ئوردىسىغا گۈرۆگە كەلگەن كىشىلەرگە رىملىقلارنىڭ ئۆرۈپ-ئادىتى، ئەنئەنىسى ۋە ھەشەمەتلىك ياشاش ئۇسۇلىنى ئۆگىتىش، ئاندىن ئۇلارنى ئۆز ۋەتەنلىرىگە قايتۇرۇپ، شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تەسىر كۈچىنى باشقا دۆلەتلەرگە كېڭەيتىشنى مەقسەت قىلغان. يەنە بىر تەرەپتىن بولسا، باشقىلارنىڭ دۆلەتلىرىگە گۈرۆگە قويغان كىشى سۈپىتىدە ماڭدۇرغان كىشىلىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ جاسۇسلۇق ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرغان.
    رىملىقلار ئاتتىلانىڭ كۆڭلىنى باشقىچە پروگراممىلاشقا ئۇرۇنغاندا، ئاتتىلا ئۇنىڭغا قارشىلىق كۆرسىتىپ، رىملىقلارنىڭ ھېچ قانداق نەرسىلىرىنى قوبۇل قىلمىغان. ھەمدە گۈرۆگە ئېلىنغان باشقا بالىلارنىمۇ شۇنداق قىلىشقا ھەرىكەتلەندۈرگەن. ئۇ ئىككى قېتىم قېچىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، مۇۋەپپەقىيەتلىك بولالمىغان. قېچىپ ئەركىنلىككە ئېرىشەلمىگەندىن كېيىن، ئۇ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن رىم پادىشاھلىقىنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى ئۆگىنىۋېلىشقا تىرىشقان. ئۇ رىمنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى ئىشلار سىياسىتىنى، ھەربىي ئىشلىرىنى، ۋە رىم ئەسكەرلىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقى بىلەن ئاجىزلىقىنى تەتقىق قىلغان. ئۇلارنىڭ چەت ئەل مىنىستىرلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن دىپلوماتىك يىغىنلىرىنى يۇشۇرۇن ھالدا كۆزەتكەن. لىدېرلىقنى، تاشقى ئىشلار مۇراسىمىنى ۋە باشقا كەلگۈسىدىكى ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچىلار ۋە دىپلوماتلارغا مۇۋاپىق كېلىدىغان ھەر خىل ماھارەتلەرنى ئۆگەنگەن. ھەمدە شۇ جەرياندا دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئىستراتېگىيىسىنى تۈزۈپ چىققان. ئۇنىڭ پىلانلىرى ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە توغرا تۈزۈلگەن.
    ئاتتىلا رىمدىن دۇنابە جىلغىسىغا قايتۇرۇلغاندا، ئۇ يەردىكى ھونلار قەبىلىسىدە يەنىلا بىر مەركىزىي سىياسىي ۋە ھەربىي باشقۇرۇش ئورگىنى بولمىغان. ئوخشىمىغان ھون تەبىقىلىرىنى ئوخشىمىغان تەبىقە باشلىقلىرى («chieftain») باشقۇرىدىغان بولۇپ، بۇ باشلىقلار بىرەر ھون پادىشاھىغا تەۋە بولمىغان. ئاتتىلا رىمنى يېڭىش ئۈچۈن چوقۇم ھەممە ھون تەبىقىلىرىنى بىرلەشتۈرمە بولمايدىغانلىقىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتكەن. شۇنىڭ بىلەن ھەممە ھون تېرىتورىيىسىگە كۆپ قېتىملاپ ئوۋ ئوۋلاش سەپىرى قىلىپ، ھەممە تەبىقە باشلىقلىرى بىلەن ئايرىم-ئايرىم مۇناسىۋەت ئورناتقان. ھەمدە بۇ تەبىقە باشلىقلىرىغا تەسىرلىك مۇراجىئەت قىلىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ساداقىتىنى قولغا كەلتۈرگەن. پۇختا تەييارلىق قىلىپ، توغرا پەيتىنى كۈتۈپ، ئىنىسى بلەدا بىر قېتىملىق ئوۋچىلىق جەريانىدا ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىنلا، ئاتتىلا دۇنابە جىلغىسىدىكى ھون قەبىلىسىگە پادىشاھ بولغان (بەزىلەر ئىنىسى بلەدانى ئاتتىلا ئۆزى ئاشۇ قېتىملىق ئوۋچىلىق جەريانىدا قەستلەپ ئۆلتۈرگەنمۇ دەيدىكەن -ئاپتور). ھەمدە ئۆزىنىڭ پەۋقۇلئاددە يۇقىرى دەرىجىلىك داھىيلىق قابىلىيىتى بىلەن باشقا ھون تەبىقىلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، بىر تەڭداشسىز ھون ئارمىيىسىنى قۇرۇپ چىققان. ئەڭ كۈچەيگەن ۋاقتىدا، ھونلار قوشۇنىنىڭ ئەسكەر سانى 700 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن.
    ئاتتىلا ناھايىتى كەمتەر بولۇپ، ئۆزى ھونلارنىڭ پادىشاھسى بولسىمۇ ناھايىتى ئاددىي-ساددا ياشىغان. ھەمدە ھەممە ئىشلارنى ئىنتايىن ئادىللىق بىلەن سورىغان. لېكىن، ئۆزىگە قارشىلىق كۆرسەتكەن تەبىقە باشلىقلىرىنى يىغىپ ئوپچە ئۆلتۈرۈۋەتكەن. ئۇ قىلچىمۇ ئالدىراقسانلىق قىلماي، ھونلارغا گېرمان بىلەن سلاۋ مەملىكەتلىرىنى ئۆز كونتروللىقى ئاستىغا كىرگۈزۈش، ۋە رىم بىلەن كونستانتىنوپۇل («Constantinople») نى ئىگىلەش، ئاندىن پۈتۈن ئاسىيا ۋە ئافرىقىغا ھۇجۇم باشلاش قاتارلىق مىللىي نىشاننى ئېنىق بەلگىلەپ بەرگەن. ئاتتىلانىڭ پىلانى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، بۇنى ئۇنىڭ بالىلىق چېغىدىكى ئارزۇلىرى بارلىققا كەلتۈرگەن بولۇپ، ياشلىق دەۋرىدە كۆرگەن ئىشلىرى ئارقىلىق پۇختا تاۋلانغان. ئۇ ئۆز پىلانىنى قەدەممۇ-قەدەم ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشقان. ئۇ ھېچ قانداق ئىشتا ئالدىراقسانلىق قىلمىغان، ھېچ قانداق ئىشتا تەۋرەنمىگەن، ۋە باشقىلارغا باش ئەگمىگەن. باشقىلارنىڭ تەكلىپلىرىگە ئەستايىدىل قۇلاق سالغان، ئەتىراپىدىكى ھەممە ئىشلارنى ئەستايىدىل كۆزەتكەن، ھەمدە بىر ئىشنى قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى يېتىپ كەلگىچە سەۋرى-تاقەتلىك بىلەن ساقلىغان.
    ئاتتىلانىڭ قوشۇنى شۇنچە چوڭ ۋە كۈچلۈك بولسىمۇ، ئۇلار مەقسەتتە بىردەك بولغان. ئۇلارنىڭ تەشكىلىي تۈزۈمچانلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان، ھەمدە ھەممە ۋاقىت ناھايىتى جاسارەتلىك بولغان. ھون قوشۇنى يېڭى تېرىتورىيەلەرگە يۈرۈش قىلغاندا بەزىدە قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا ھېچ قانداق قارشىلىققا ئۇچرىمايلا غەلىبە قازانغان. نۇرغۇن كەنتلەر كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا ھون ئارمىيىسىنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان ھامان ئوي-ماكانىنى تاشلاپ قېچىپ كەتكەن.
    خۇددى ئاتتىلا رىمدا رىم پادىشاھلىقىنىڭ ئىلغار نەرسىلىرى ھەمدە ئۇرۇش ۋە ئەسكەر تېخنىكىلىرىنى ئۆگەنگەنگە ئوخشاش، ئېيتىيۇسمۇ ھونلار يۇرتىدا ھونلارنىڭ ئۆرۈپ-ئادىتى، ئىش بېجىرىش ئۇسۇلى ۋە جەڭ قىلىش تېخنىكا-ماھارەتلىرىنى ئۆگەنگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ رىمنىڭ ھەربىي قوشۇنىغا قوماندانلىق قىلىپ، ئاتتىلانىڭ قوماندانلىقىدىكى ھون قوشۇنىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە بىر قېتىم قاتتىق توسقۇنلۇق قىلغان. يەنى مىلادىيىدىن كېيىنكى 451-يىلى شالون («Chalons») دىكى بىر ئۇرۇشتا ئېيتىيۇس ئوقيا بىلەن ئاتلىق ئۇرۇش قىلىشقا ئادەتلەنگەن ھون قوشۇنلىرىنى پىيادە ئۇرۇش قىلىشقا قىستاپ، 162-300 مىڭدەك ھون ئەسكەرلىرىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان. بۇ ئاتتىلا ئۈچۈن تۇنجى قېتىملىق يېڭىلىش بولۇپ، ئۇ ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرگەن. ھەمدە ئۇنىڭ پۈتۈن دۇنيانى سوراش ئارزۇسى مۇشۇ قېتىم بىر ئاز ئاجىزلىغان.
    ئاتتىلا قوشۇنىنى دۇنابە جىلغىسىغا قايتۇرۇپ كېلىپ، ئۆز قوشۇنىنى قايتىدىن رەتكە سالغان. ئۆز قوشۇنىنىڭ كىيىنىشى، ئۇرۇش تېخنىكىسى، ماھارىتى ۋە ئۇرۇش قوراللىرى قاتارلىق ھەممە جەھەتتە تۈپتىن ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارغان. تەييارلىق پۈتكەندىن كېيىن، ھون قوشۇنى ئاتتىلانىڭ بىۋاستە قوماندانلىقىدا رىمغا قاراپ قايتا يۈرۈش قىلىپ، ئىتالىيە قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەرنى قولغا چۈشۈرۈپ، رىمغا يېقىنلاشقان. رىم پادىشاھسى بۇ تەڭداشسىز قوشۇننىڭ قۇدرىتىدىن قورقۇپ، قاتتىق ۋەھىمە ئىچىگە پاتقان. ئۇلار دەسلەپتە ئاتتىلانى ئالتۇن بىلەن سېتىۋېلىشنى ئويلاشقان، لېكىن رىمنى ئاسانلا قولغا چۈشۈرەلەيدىغان ئاتتىلانىڭ بۇ سودىغا كۆنمەيدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەن. رىم پادىشاھسى ۋالەنتىنىيان («Valentinian») ئۆزىنىڭ سىڭلىسى خونورىيا («Honoria») نى ئاتتىلاغا خوتۇن قىلىپ تەقدىم قىلىشنىمۇ ئويلىغان. لېكىن ئۆزىنىڭ 300 دىن خوتۇنى بار ئاتتىلانىڭ بۇ ئىشقىمۇ كۆنمەسلىگىدىن ئەنسىرىگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ باشقا ئامال تاپالمىغاندىن كېيىن، رىم پاپىسى لىيو («Leo I») نى ئاتتىلا بىلەن مەسلىھەتلىشىشكە ماڭدۇرغان. بۇ پاپا بىلەن ئاتتىلا ئوتتۇرىسىدا نېمە گەپ-سۆزلەر بۇلۇنغانلىقى ھازىرغىچە ئېنىقلانمىغان بىر سىر بولۇپ، ئۇلار كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئاتتىلا رىمغا ھۇجۇم قىلماي، باشقا ئۇرۇشمۇ ئېلىپ بارماي، ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كەتكەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ دۇنيانى سوراش خىيالىدىنمۇ بارا-بارا ۋاز كېچىپ، ھەممە ئىشنى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئارقىلىق قىلىشقا ئۆزگەرگەن. ئۇ ئۆزىنى ھونلارنىڭ پادىشاھسى دەپ قايتىدىن جاكارلاپ، ئۆزىگە قارشى چىققان تەبىقە باشلىقلىرىنى داۋاملىق تۈردە پۈتۈنلەي ئۆلتۈرۈۋەتكەن.
    ئاتتىلاغا قارشى چىققان ئاشۇنداق تەبىقە باشلىقلىرىدىن بىرىنىڭ ناھايىتى گۈزەل كەلگەن بىر قىزى ئاتتىلانىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۇنىڭدىن دادىسىنى ئۆلتۈرمەسلىكىنى تىلىگەن. لېكىن، ئاتتىلا ئۇ باشلىقنى يەنىلا ئۆلتۈرۈۋەتكەن. ئەمما ئاتتىلانىڭ كۆزى ئىلدىكو («Ildico») ئىسىملىك بۇ گۈزەل قىزغا چۈشۈپ، ئۇنى خوتۇنلۇققا ئالىدىغان بولغان. ھونلار بۇ توينى بىر ياخشىلىقنىڭ بىشارىتى، دەپ ئويلىغان. ئۇلار ئاتتىلا ئۆزىنىڭ ياشىنىپ قالغانلىقىنى، ئۈمىدسىزلىكلىرىنى ۋە باشقا مەسىلىلىرىنى ئۇنتۇپ، پۈتۈن دۇنيانى ئۆز قولىغا ئېلىش يۈرۈشىنى يېڭى ئىرادە بىلەن باشلايدۇ، دەپ ئويلىغان. داغ-دۇغلۇق ۋە خوشاللىق ئىچىدە يېرىم كېچىگىچە ئۆتكۈزۈلگەن تويدىن كېيىن، بۇ يېڭى توي قىلغان ئەر-خوتۇن ئۆز ھۇزۇرىغا قايتقان. لېكىن ئەتىسى ئۇلارنىڭ ھۇزۇرىدىن ھېچ قانداق شەپە ئاڭلانمىغان. قايتا-قايتا چەككەن ئىشىككىمۇ ھېچ كىم جاۋاب بەرمىگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۆز پادىشاھىدىن ئەنسىرىگەن قوغدىغۇچىلار ئاتتىلا ھۇزۇرىنىڭ ئىشىكىنى چېقىپ ئېچىپ كىرگىنىدە، قانغا مۆلىنىپ يالىڭاچ ياتقان ئاتتىلانىڭ ئۆلىكىنى كۆرگەن. بەزىلەر ئىلدىكو ئاتتىلانى ئىنتىقام ئېلىش مەقسىتىدە ئۆلتۈرۈۋەتكەن، دېيىشىدۇ. لېكىن ئاتتىلانىڭ بەدىنىدە ھېچ قانداق زەخمىلەنگەن يەر يوق. بەزىلەر ئاتتىلانى ئۇنىڭ يېڭى زىمىنگە ئېرىشەلمەي دادىسىدىن قاتتىق نارازى بولۇپ يۈرگەن 6 ئوغلى ئۆلتۈرۈۋەتكەن، دېيىشىدۇ (ئاتتىلا رىمنى قولغا چۈشۈرمەي قايتىپ كەلگەندە، ئۇنىڭ 6 ئوغلى قاتتىق نارازى بولغان). يەنە بەزىلەر ئاتتىلانى توي جەريانىدا قاتتىق ھېرىپ كېتىپ، تەبىئى سەۋەبلەر بىلەن ئۆلگەن، دېيىشىدۇ. شۇنداق قىلىپ، 453-يىلى ئاتتىلا ئالەمدىن ئۆتكەن.
    ئاتتىلا ئۆز ئوغۇللىرىغا ئىشەنمەي، ئۇلارنى ئۆزىگە ئىزباسار قىلىپ تاللىمىغان. ھەمدە ئىزباسارنى ۋاقتى كەلگەندە ئاسانلا تاللىغىلى بولىدۇ، دەپ ئويلاپ، باشقا بىرەيلەننى ئىزباسارلىققا بېكىتىپمۇ قويمىغان. 454-يىلى ئاتتىلانىڭ ئوغۇللىرى دادىسىنىڭ پادىشاھلىقىنى تالىشىپ ئۆز-ئارا سوقۇشۇشنى داۋاملاشتۇرىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، گېرمان قەبىلىلىرى قوزغىلاڭ قىلىپ، ھونلارنى گۇمران قىلغان.
    ھونلارنىڭ قالدۇقلىرىدىن بولغان ۋېنگرىيەلىك قاتارلىق خەلق ئاتتىلانى ھازىرمۇ ناھايىتى پەخىرلىنىش ئىچىدە ئېسىدە ساقلايدۇ. گەرچە غەربلىكلەر ئاتتىلانى دېگەندەك بىلىپ كەتمىسىمۇ، ئۇ تارىختىكى ئەڭ مۇھىم كىشىلەرنىڭ بىرسى بولۇپ، ئۇ بىر ئەقىللىق مەدەنىيەت تارقاتقۇچى بولۇش، ئىش قىلىشتا ئوچۇق-ئاشكارە بولۇش، ۋە يېڭى ئوي-پىكىرگە باي بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۇلۇغ ئالېكزاندېر («Alexander the Great») ۋە سىسار («Caesar») قاتارلىق كىشىلەردىن كۆپ ئېشىپ چۈشىدۇ. ئۇنىڭ ئەسىرلەردىن بۇرۇنقى كىشىلىك خاراكتېرى، قىممەت قارىشى ۋە پرىنسىپلىرى يېتەكلىگۈچىلەر بىلەن ئەگەشكۈچىلەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەرنى روشەن كۆرسىتىپ بېرىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ لىدېرلىق سىرلىرى بۇنىڭدىن كېيىنكى ئەۋلادلار ئۈچۈن بىر قىممەتلىك ئۆگىنىش ماتېرىيالى بولۇپ ماڭىدۇ.

    2.ئاتتىلانىڭ لىدېرلىق توغرىسىدا ئېيتقانلىرى

    يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمدەك، ئامېرىكىدىكى ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ھەمدە لىدېرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان نۇرغۇن كىشىلەر «ھون ئاتتىلانىڭ لىدېرلىق سىرلىرى» دېگەن كىتابقا ئىنتايىن قىزىقىدىكەن ۋە ئۇنى ناھايىتى قەدىرلەيدىكەن. ئۇلار نېمە ئۈچۈن شۇنداق قىلىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن بۇنىڭدىن 1600 يىل بۇرۇن ياشىغان بىر ھوننىڭ لىدېرلىق ئىدىيىسىگە ۋە ئۇنىڭ ھونلارغا قىلغان سۆزلىرىگە ئۇلار ئاشۇنداق يۇقىرى دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ؟ ئەگەر سىز ئۇشبۇ كىتابنى ئوقۇپ باقسىڭىز، ئۇنىڭدا ئېيتىلغان نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ ھازىرقى ئۇيغۇر جەمئىيىتىگىمۇ ئىنتايىن ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقىنى ھېس قىلىسىز. مەن شۇنىڭ بىر مىسالى سۈپىتىدە، «ئاتتىلائىزم» ئۈستىدە توختىلىشتىن بۇرۇن، ئۇشبۇ كىتابتىكى ئاتتىلانىڭ لىدېرلىق ھەققىدىكى سۆزلىرى كىرگۈزۈلگەن بىر بابتىكى مەزمۇننى مۇشۇ يەردە قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتىمەن. كىتابتىكى مەزمۇن ئاتتىلانىڭ ئۆز ئاغزىدىن چىققان سۆز شەكلىدە تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، مەنمۇ ئاشۇ شەكىلنى قوللىنىمەن. تۆۋەندىكىسى ئاتىللانىڭ ئېيتقانلىرى.
    كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا، نۇرغۇن ئەللەرنىڭ لىدېرلىقى لىدېر بولۇپ ھۆكۈمرانلىق ئورنىغا چىقىشقا چۇشلۇق چوڭ-چوڭ پىلانى يوق، جاسارىتى كەمچىل ۋە ئىقتىدارى تۆۋەن شاھزادىلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالىدۇ. مۇشۇنداق قىزىقماسلىق، قورقۇنچاقلىق، ۋە ئالغان ۋەزىپىسىگە چۇشلۇق قابىلىيەتلەرنىڭ بولماسلىقى ئۇلارنىڭ ھەر خىل ئىش-ھەرىكىتىدە نامايان بولىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئاشۇنداق لىدېرلارنىڭ قول ئاستىدىكى ئادەملەرنىڭ ئىرادىسىنى بوشىتىپ، ئۇلارنى قايمۇقتۇرۇپ، دۈشمەننى كۈچلەندۈرۈۋېتىدۇ.
    باشقىلارغا يېتەكچىلىك قىلىش ئىستىكىنى ھەقىقىي تۈردە ئىسپاتلىغان قەبىلە باشلىقلىرىنى تاللاپ ئۆزلىرىگە لىدېر قىلىش ۋە ئۇلارغا ئەگىشىش بارلىق ھونلارنىڭ مەسئۇلىيىتى. بۇنداق لىدېرلار بىرىكمە خاراكتېرگە ئىگە بولمايدۇ. ئۇلار خۇددى ھونلار بىر-بىرسىدىن پەرقلىق بولغىنىدەك بىر-بىرىدىن پەرق قىلىدۇ. ئۇلار ئىنسانلارنىڭ بارلىق ئارتۇقچىلىقلىرى بىلەن لىق تولغان بولمايدۇ. ئۇلار نۇقسانسىز خاراكتېرگە ھەم ئىگە بولمايدۇ. ئەمما، لىدېرلىققا ھەقىقىي تۈردە ئىنتىلگەن ۋە ھەقىقىي تۈردە ئىرادە باغلىغان، باشقىلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى خالايدىغان لىدېرلارنى ئۇلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتى، سەمىمىيىتى، مېھرىبانلىقى، ئابرويى ۋە ئىرادىسىگە قاراپ تولۇق پەرق ئەتكىلى بولىدۇ. ئۇلار ئىنسانلىق سۈپەتكە ئىگە بولىدۇ، ھەمدە ئۆزلىرى ئېلىپ بارماقچى بولغان ئىشقا ۋە ئۆزلىرى يېتەكلىمەكچى بولغان كىشىلەرنىڭ ئىشلىرىغا نىسبەتەن كۈچلۈك سادىقلىقى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقى بولىدۇ.
    بەزىلىرىڭلار ھازىر مەندىن مۇنداق سورىشىڭلار مۇمكىن: «ئاتتىلا، مەندە بىر تەبىقە باشلىقى بولۇشقا نىسبەتەن ئۆزەمدە يېتەرلىك ئىنتىلىش بار-يوقلىقىنى مەن قانداق بىلەلەيمەن؟» مەندىن مۇشۇنداق بىر ئىش ئۈستىدە مەسلىھەت ئېلىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلارغا مەن تۆۋەندىكى ئىدىيىلىرىمنى سوۋغا قىلىمەن:
    باشلىق بولۇشنى ئىستەيدىغان ئادەمدە چوقۇم باشقىلار تەرىپىدىن ناھايىتى يۇقىرى دەرىجىدە ئېتىراپ قىلىنىش ھەمدە ئاشۇنداق بىر ھالەتنى پەقەت ئادىللىق بىلەنلا قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت تۇغما ئىستەك بولۇش كېرەك. بۇنداق تۇغما خاراكتېر باشقا بارلىق كىشىلىك خاراكتېرىدىن يۇقىرى تۇرىدۇ.
    سەندە خۇسۇسىي تەلەيسىزلىك، ئۈمىدسىزلەندۈرۈش، ئېتىراپ قىلىنماسلىق ۋە ئۈمىدسىزلىنىش قاتارلىقلارنى يېڭەلەيدىغان ئىقتىدارلار بولۇشى كېرەك.
    سەندە قول ئاستىڭدىكى كىشىلەرگە ياخشى چۈشەندۈرۈش ۋە ئۇلارغا ياخشى يول كۆرسىتىش ئارقىلىق ئېرىشكەن تىرىشچانلىقلار نەتىجىسىدە ئۆز مەسئۇلىيىتىڭنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان جاسارەت، يېڭىلىق يارىتىشچانلىق ۋە چىداملىق بولۇشى كېرەك.
    مۇنداق بىر ھەقىقەتنى چۈشىنىشىڭ ۋە قوبۇل قىلىشىڭ كېرەك: سېنىڭ ئۇلۇغلۇقۇڭ سېنىڭ چېكىگە يەتكەن مىجەزىڭ ئارقىلىق بارلىققا كېلىدۇ.
    سېنىڭ باشلىق بولۇش ئىستىگىڭ چېكىدىن ئاشقان ئىنتىزارلىق ياكى تاقەتسىزلىك شەكلىنى ئالمىسۇن. ئۇنداق بولمايدىكەن سەن نۇرغۇن كىشىلەرگە مەغلۇبىيەت ئېلىپ كېلىسەن. سەن چوقۇم ئۆزۈڭنىڭ باشلىق بولۇش ئارزۇسىنى تەييارلىق، تەجرىبە-ساۋاق ۋە پۇرسەت ئارقىلىق پۇختىلاپ تۇرۇشنى خالايدىغان بول.
    شۇ نەرسە ئېسىڭدە بولسۇنكى، سېنىڭ ئۆز خىزمەت ئورنىڭدا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش-بولماسلىقىڭ سېنىڭ ئۇزۇن مۇددەت ۋە ئىزچىل تۈردە قاتتىق ئىشلەشنى خالاش-خالىماسلىقىڭغا باغلىق.
    باشقىلارنىڭ قارشىلىقىغا ۋە ئۆزۈڭگە جەڭ ئېلان قىلىشىغا ئۇچرىغان ۋاقىتتىمۇ قىلىۋاتقان ئىشىڭنى داۋاملاشتۇرىۋېرىدىغان ئىرادىگە ئىگە بول.
    مۇرەككەپ مەسىلىلەرنى كەڭ-كۆلەملىك ئەقەللىي ساۋاتلار ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىش ئىرادىسىگە ئىگە بول.
    باشقا قابىلىيەتلىك تەڭتۇشلىرىڭ ياكى قول ئاستىڭدىكى قابىلىيەتلىك كىشىلەرنى ئۆزۈڭگە بولغان تەھدىت، دەپ ھېسابلىما. ئۇنىڭ ئورنىغا، قابىلىيەتلىك قەبىلە باشلىقلىرىنى تاللاپ، ئۇلارنى پەقەت قول ئاستىدىكى كىشىلەر ناھايىتى كۈچلۈك بولغان تەبىقە باشلىقلىرىلا قىلالايدىغان ئىشلارغا سېلىش ئەقلىگە ئىگە بول.
    سەن ئۆزۈڭ خىزمەت قىلىۋاتقان ۋە ئۆزۈڭ يېتەكلەۋاتقان كىشىلەر ئۈچۈن باشقىلار تونۇپ يەتمىسىمۇ ۋە تەشەككۈر ئېيتمىسىمۇ ئۆزۈڭ شەخسىي بەدەل تۆلەشكە رازى بول.
    سەندە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا نىسبەتەن يۇقىرى دەرىجىلىك ئىنتىلىش («Passion») بولسۇن. بۇ ئىنتىلىش ئۆزۈڭنى ۋە سەن يېتەكلەۋاتقان ھونلارنى ھەممە ئىشنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە ياخشى قىلىدىغان قىلىپ چېنىقتۇرىدىغان بولسۇن.
    سەن ئۆزۈڭگە يۈكلەنگەن خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاش يولىدا يېڭى نەرسىلەرنى ئۆگىنىشنى، باشقىلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاشنى ۋە ئۆزۈڭنىڭ چۈشەنچىسى ۋە ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايدىغان بول. كۆپۈنچە ئەھۋالدا بۇنداق مەقسەتكە ئىنتايىن قاتتىق تىرىشچانلىق كۆرسەتمەي تۇرۇپ ۋە ئۆز مەنپەتىنى قۇربان قىلماي تۇرۇپ يەتكىلى بولمايدۇ.
    سەن ھەر قانداق ۋاقىتتا ئۆزۈڭنىڭ تەبىئى ھالىتىنى ساقلاپ، باشقىلارغا ياردەم قىلىشتا ساختا ئىپتىخارلىقنى نامايان قىلما.
    سەن مۇنداق بىر ئاددىي ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىشىڭ كېرەك: سېنىڭمۇ يېتەرسىزلىكىڭ بار بولۇپ، تۈنۈگۈنكىدىن ياخشىراق تەبىقە باشلىقى بولۇش ئۈچۈن سەن ھەر كۈنى تىرىشمىساڭ بولمايدۇ.
    ئاخىرىدا مەن ساڭا مۇنداق بىر نەسىھەتنى بېرىمەن: ئەگەردە سەن مەلۇم بىر خىزمەت ۋەزىپىسىنىڭ ئۆھتىسىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك چىقىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان بەدەلنى تۆلەشنى خالىمىساڭ، ئۇنداق خىزمەت ۋەزىپىسىنى ھەرگىز قوبۇل قىلما.


    收藏到:Del.icio.us