• ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشى ـ ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي خەلقلەرنىڭمۇ پاجىئەسى (2)

    2010-07-08


    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/68572130.html

    ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشى ـ ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي خەلقلەرنىڭمۇ پاجىئەسى (2)

                                 [نەبىجان تۇرسۇن ]داۋامى

    تۈركىستان باتالىيونلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئورتاق ھەربىي فورمىسى، مىللىي بايرىقى بولۇپ، ھەر بىر باتالىيون ۋە روتىلارغا ئىماملارنى بېكىتىلگەن .ئۇلارنىڭ دىنىي پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشىچە رۇخسەت قىلىنغان. قوشۇنلارنىڭ باش ئوفىتسېرلىرى گېرمانلاردىن تەيىنلەنگەن بولۇپ، 162-تۈركىستان دىۋىزىيىسىنىڭ باش قوماندانلىق ۋەزىپىسىنى گېنېرال مايور ئۇنۋانىدىكى گېرمان ئوفىتسېرى ئۈستىگە ئالغان. ئەمما، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، تۈركىستان مىللىي كومىتېتىنىڭ ئىچكى قىسىمىدىمۇ گېرمانىيىنىڭ ۋەدىسىگە ئىشەنمەسلىك خاھىشلىرى ھەمدە ھوقۇق تالىشىش قاتارلىق ئىختىلاپلار كېلىپ چىققان بولۇپ، مۇستاپا چوقاي گېرمانىيىنىڭ ئەسلىدىكى پىلانى بويىچە تۈركىستان قوشۇنلىرىنى تۈركىستان' غا ئەۋەتمەستىن بەلكى، باشقا جايلارنى ئىشغال قىلىش ئۇرۇشلىرىغا سېلىپ، ئۇلارنىڭ كۈچىنى خاراپلاشتۇرغانلىقىغا نارازى بولغان.
    بىراق، قازاقىستانلىق تارىخچىلار مۇستاپا چوقاي ھەققىدە يېڭى كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ قارىشىچە، چوقاي 1940-يىلى گىتلېر گېرمانىيىسى فرانسىيىنى ئىشغال قىلغاندا، قولغا ئېلىنغان ھەمدە ئەنگلىيە جاسۇسى سۈپىتىدە قارىلىپ، تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن، گۇناھسىز دەپ قارىلىپ قويۇپ بېرىلگەن. 1941-يىلى يازدا غەربىي سەپتىكى ئۇرۇشتا تارمار بولۇپ، ئەسىرگە چۈشكەن سوۋېت ئەسكەرلىرى ئارىسىدا نۇرغۇن ساندا ئوتتۇرا ئاسىيالىق ئەسكەرلەر بارلىقىنى، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ رۇسچە ۋە باشقا ياۋروپا تىللىرىنى بىلمەسلىكتەك ئەھۋالىنى كۆرگەن ناتسىستلار تەرجىمانغا مۇھتاج بولغان. چوقاي ، مانا مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئۆزلىكىدىن تەرجىمان بولۇپ، لاگېرلارغا بارغان ھەمدە لاگېرلاردىكى ئوتتۇرا ئاسىيالىقلارنىڭ ئەغىر ئەھۋالىنى كۆرۈپ، ئۇلارنى بىھۇدە ئۆلۈپ كېتىشتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ،ئۇلاردىن قوشۇن تۈزۈپ، سوۋېت تۈزۈمىگە قارشى تۇرۇش لايىھىسىنى تەييارلاپ، گىتلېر بۇنىڭغا قوشۇلغان. ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ كۆپ خىزمەت ئىشلەش ئارقىلىق ئەسىرلەر لاگىرىدىن 180 مىڭ ئەتراپىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيالىقنى قۇتۇلدۇرۇپ چىقىدۇ. بىراق، ئۇنىڭ مەقسىتى ، بۇ ئەسىرلەرنى بىھۇدە ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرۇش بولۇپ، ئۇلاردىن قوشۇن تۈزۈلۈپ، سوۋېت ئارمىيىسىگە قارشى جەڭ قىلىپ، قىرىلىپ كېتىشىنى خالىمىغان. ئەمما، ناتسىستلار ئۇنىڭ ئۈمىدىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، جىددىي ھالدا تۈركىستان قوشۇنىنى تۈزۈشكە كىرىشكەندە، چوقاي، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئارقىلىق گىتلېرگە خەت يېزىپ نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئۇلارنىڭ تۈركىستانلىقلاردىن قۇراشتۇرۇلغان بۇ قوشۇنلارنى پەقەت ئارقا سەپ ئىشلىرىغا سېلىش، ئالدىنقى سەپتىكى ئۇرۇش لىنىيىسىگە ئەۋەتمەسلىك ھەققىدە مۇستاپا چوقاي بىلەن كېلىشكەن ۋەدىسىدە تۇرمىغانلىقىنى ئەيىبلىگەن ھەمدە ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەن.
    مۇستاپا چوقاي 1941-يىلى، 12-ئايدا زەھەرلىنىپ ئۆلگەندىن كېيىن، ۋەلى قەيۇم تۈركىستانلىقلارنىڭ رەھبىرى بولۇپ، مىللىي كومىتېتىنى باشقۇرغان شۇنىڭدەك تۈركىستان باتالىيونى رەسمىي قۇرۇلغانلىقى جاكارلانغان.
    مۇستاپا چوقاينىڭ سىرلىق ئۆلۈمى ھەققىدە ئىككى خىل قاراش مەۋجۇت بولۇپ، بىرى ئۇنىڭ گېرمانىيىنىڭ پىلانىغا قارشى چىقىپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىن ۋاز كەچكەنلىكى ئۈچۈن گېرمانىيە رازۋېتكىسى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن دېگەن قاراش. يەنە بىرى چوقايغا قارشى تۇرۇپ، گېرمانىيىنىڭ ياردىمى ئارقىلىق سوۋېت ئارمىيىسى بىلەن جەڭ قىلىش ئىدىيىسىنى ھىمايە قىلىدىغان ئۆزبېكلەرنىڭ ۋەكىلى ، ئەينى ۋاقىتتا مۇستاپا چوقاي بىلەن بىرلىكتە "ياش تۈركىستان" جۇرنىلىنى نەشىر قىلغان ۋەلى قەيۇمخان تەرىپىدىن زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈلگەن دېگەن قاراشتۇر. ئەمما، تاكى ھازىرغىچە قايسى توغرا ئىكەنلىكى ئېنىق ئەمەس.
    يەنە بەزى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا ھەقىقەتەن ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن تۈركىستانلىقلار ئارىسىدىكى ھەر قايسى مىللەتتىن بولغان بىر قىسىم كىشىلەر ئۆزارا زىددىيەتلىشىشقا باشلىغان بولۇپ، تۈركمەنلەر ئۆزلىرىنىڭ ئايرىم ھۆكۈمىتىنى تەسىس قىلىشنى، قازاقلار ئايرىم بولۇشنى تەلەپ قىلغان
    نەتىجىدە، بېرلىن دائىرىلىرى 1943-يىلى قازاقلاردىن ئايرىم "ئالاش" ناملىق ئورگان قۇرۇپ، ئۇنىڭغا بىر قازاق كىشىنى مەسۇل قىلىپ، بىر گۇرۇپپا ئادەمنى پاراشوت بىلەن قازاقىستان دائىرىسىگە تاشلىغان. بۇلارنىڭ مەقسىدى خەلق ئىچىدە تەشۋىقات پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىپ، قازاقلارنى ستالىن تۈزۈمىگە قارشى قوزغاش ئىدى. بىراق، بۇ گۇرۇپپا تېزلىك بىلەن كگب قوشۇنلىرى تەرىپىدىن يوقىتىلغان.
    بۇ جەرياندا تۈركىستان باتالىيونلىرىدا تۈركۈملەپ سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىگە ۋە پارتىزانلارغا تەسلىم بولۇش ئەھۋاللىرىمۇ كۆرۈلگەن بولۇپ، بىراق تەسلىم بولغانلار شۇ ھامان ۋەتەن خائىنى سۈپىتىدە ئېتىپ تاشلانغان.بىر قىسىم تۈركىستانلىقلارنىڭ باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىش تەقدىرلەشلەرگىمۇ ئېرىشكەن بولۇپ، گېرمانىيە باش قوماندانلىق شىتابى بىر قانچە تۈركىستانلىقنى ئوردېن بىلەن مۇكاپاتلىغان.
    ئۇرۇشتىن كېيىن، تۈركىستان قوشۇنىنىڭ تەقدىرى پاجىئەلىك بولغان بولۇپ، رۇسلارغا ئەسىرگە چۈشكەنلىرى ئېتىپ تاشلانغان. ئەمما، ئامېرىكا، ئەنگىلىيە قوشۇنىغا ئەسىرگە چۈشكەنلىرىنىڭ تەقدىرى باشقىچىرەك بولۇپ ،ئۇلار بىر مەزگىل نورمال تۇرمۇش كەچۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇزۇن ۋاقىت ئاتا-ئانىلىرىدىن، ئائىلىرىدىن ئايرىلغان بىر قىسىم ساددا كۆڭۈل ئادەملەر سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تۈرلۈك ئالدامچىلىق ۋاستىلىرىغا ئىشىنىپ، ۋەتىنىگە قايتقاندىن كېيىن بىر-بىرلەپ ئۆلتۈرۈلگەن.
    چۈنكى، سوۋېت ئىتتىپاقى چەتئەللەردىكى بۇ زور ساندىكى تۈرلۈك مىللەتلەردىن بولغان ئادەملەرنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن مەخسۇس ھىلە –نەيرەڭلەرنى ئويلاپ تېپىپ، ئۇلار تۇرۇشلۇق دۆلەتلەرگە دوستلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتىپ، گېرمانىيە قوشۇنىدا خىزمەت قىلغان تۈركىستانلىقلار، رۇسلار، كاۋكازلىقلار، ئۇكرائىنلار ۋە باشقىلارغا ستالىننىڭ ئۇلارنى كەچۈرگەنلىكىنى، ۋەتەننىڭ ھەمدە ئائىلە-تاۋاباتلىرى ۋە ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ئۇلارنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلغان ھەتتا ئىلگىرى قايتىپ بارغانلارنى پويېز ئىستانسىلىرىدا ۋەتەن خەلقىنىڭ قانداق داغدۇغا بىلەن قارشى ئالغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان كىنو لېنتىلىرى ۋە سۈرەتلەرنى ئېلىپ كېلىپ، بۇ ۋەتەنسىز قالغان كىشىلەرگە كۆرسىتىپ، ئۇلارنى تەسىرلەندۈرىۋەتكەن. نەتىجىدە، مەزكۇر سۈپكەشلىك ئويۇنغا ئىشەنگەن سانسىزلىغان تۈركىستانلىقلار، گېنېرال ۋلاسوپنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى جەڭ قىلغان "رۇس ئازادلىق ئارمىيىسى"نىڭ جەڭچىلىرى ۋە باشقىلا ۋەتىنىگە قايتىپ، چېگىرىدىن كىرىشى بىلەنلا كگب خادىملىرى تەرىپىدىن تۈركۈم-تۈركۈملەپ تۇتقۇن قىلىنىپ، ئېتىپ تاشلانغان. سوۋېت ئىتتىپاقى بۇنىڭ بىلەنلا قالماستىن يەنە، ئىتتىپاقچى دۆلەتلەردىن سابىق سوۋېت پۇقرالىرى ھېسابلانغان بۇ كىشىلەرنى قايتۇرۇپ بېرىشنى قاتتىق تەلەپ قىلىپ تۇرىۋالغان بولۇپ، بۇنىڭ ئاقىۋىتىدە كۆپ ساندىكى كىشىلەر قايتۇرۇلغان. ئەنە شۇنداق يول بىلەن ۋەتىنىگە قايتىپ پاجىئەلىك قىسمەتكە دۇچار بولغان ئوتتۇرا ئاسىيالىقلار ناھايىتى كۆپ ئىدى.مەلۇماتلارغا قارىغاندا بىر قازاقىستاندىلا ئەنە شۇنداق يول بىلەن قايتىپ كەلگەن تۈركىستان باتالىيونىنىڭ جەڭچىلىرىدىن 600 دىن ئارتۇق ئادەمگە ھەربىي سوت ئۆلۈم ھۆكۈم قىلغان ئىكەن.
    تۈركىستانچىلار ئىچىدە تەلىيى ئوڭلىرى- ئامېرىكا باشلىق ئىتتىپاقچى ئارمىيىگە ئەسىرگە چۈشكەنلىرى بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇلارنى موسكۋا ھۆكۈمىتىگە قايتۇرمىغان. نەتىجىدە، بىر قىسىم كىشىلەر گېرمانىيىدە ئۆيلىنىش يولىنى تۇتقان، بىر قىسىملىرى تۈركىيىگە ۋە باشقا ياۋروپا مەملىكەتلىرىگە كېتىۋالغان، ئاز ساندىكىلىرى ئامېرىكىغا كېلىپ، ئامېرىكىنىڭ پاناھلىقىغا ئېرىشكەن.
    تارىخىي مەلۇماتلارغا قارىغاندا گىتلېر گېرمانىيىسى ئەينى ۋاقىتتا، رۇسلارغا سوۋېت كوممۇنىست تۈزۈمىنى يوقىتىپ،مۇستەقىل ئەركىن رۇسىيە قۇرۇپ بېرىمىز دەپ ۋەدە بەرسە، رۇس ئەمەس مىللەتلەرگە سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كاۋكازىيە، بېلورۇسىيە، ئۇكرائىنىيىنى ھەمدە ۋولگا-ئۇرال بويلىرىنى شۇنىڭدەك تۈركىستاننى ئايرىپ چىقىرىپ، بۇ جايلاردا يەرلىك مىللەتلەرنىڭ گېرمانىيەنىڭ ھامىلىقىدىكى دۆلەتلىرىنى قۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. گېرمانىيىنىڭ بۇ پىلانىغا ئىشەنگەن كۆپلىگەن ستالىن تۈزۈمىگە قارشى رۇسلار ، ئۇكرائىنلار، بېلورۇسلار، ئازەربەيجانلار، گرۇزىنلار، ئەرمەنلەر، قالماقلار، تاتارلار، باشقىرىتلار ۋە باشقا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ھەمدە ستالىننىڭ ۋەھشىلىكىدىن نارازى بولغان مىللەتلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك گېرمانىيە تەشكىللىگەن قوشۇنلارغا ئىشتىراك قىلغان. گېرمانىيە فاشىست ھۆكۈمىتى بۇنداق قوشۇنلارنى "ياردەمچىلەر " دەپ ئاتىغان بولۇپ، 1941-يىلىدىن 1945-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا گېرمانىيە ئارمىيىسى تەرىپىدە ئۇرۇش قىلغان سوۋېت پۇقرالىرىنىڭ سانى 1 يېرىم مىليوندىن 2 مىليونغىچە بولغان ئىكەن.
    گېرمانىيە بۇ جەرياندا يەنە تۈركىستانلىقلاردىن باشقا، ئازەربەيجانلاردىن 12 باتالىيون، قالماقلارىن 2 پولك، ۋولگا تاتارلىرىدىن 4 باتالىئون، ئەرمەنلەردىن 9 باتالىيون، گرۇزىنلاردىن 12 باتالىيون ۋە 6 كازاك پولكى ھەمدە ئاخىرىدا موسكۋا جەڭ مەيدانىدا گېرمانلارغا ئەسىرگە چۈشكەندىن كېيىن، ستالىن تۈزۈمىنى يوقىتىش شوئارى بىلەن گېرمانلارنىڭ ھامىلىقىغا ئېرىشكەن سوۋېت ئىتتىپاقى گېنېرال لېيتېنانتى ۋلاسوپنىڭ "رۇس ئازادلىق ئارمىيىسى"نىڭ بىر كورپۇس قوشۇن تەشكىللىگەن بولۇپ، ستالىنگرادا جەڭ مەيدانىدا جەڭ قىلغان گېرمانىيە قوشۇنىنىڭ خېلى كۆپ قىسىمىنى گېرمانىيە تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەن سوۋېت ئىتتىپاقى پۇقرالىرى تەشكىل قىلغان ئىكەن.
    ئەنە شۇنداق ،قازاق، ئۆزبېك، قىرغىز،تۈركمەن، ئەزەرى ، تاتار، ئۇيغۇر، قۇمۇق، قاراچاي، قاراپ قالپاق، بالقار، نوغاي قاتارلىق ھەر قايسى تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئوغۇل-قىزلىرى گىتلېرگە قارشى جەڭ مەيدانلىرىغا ئېلىپ كېلىنىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىپ، قىممەتلىك ھاياتلىرىدىن ئايرىلدى. يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ئەنە شۇ خەلقلەرنىڭ كۆپلىگەن ۋەكىللىرى گېرمانىيە فاشىستلىرىنىڭ "تۈركىستان قۇرۇش" شوئارى ئاستىدا سوۋېتلەرگە قارشى جەڭ قىلىپ ھاياتىدىن ئايرىلدى. بىر تۇغقان قېرىنداشلار ئىككى خىل مەنپەئەت ئۈچۈن ئۆزارا بىر-بىرىنى قىرغىن قىلدى، بىر-بىرىنىڭ قانلىرىنى تۆكتى. ئاقىۋەتتە سوۋېتلەر تەرەپتە تۇرۇپ ئۇرۇش قىلغانلار غالىبلار ئاتىلىپ مەيدىلىرىگە ئوردېن-مېداللىرىنى تاقاشتى ھەمدە چەت ئەللەردە سەرگەردان بولۇپ يۈرۈشنى خالىماي، ۋەتىنىگە قايتقان ئەشۇ ئۆز قېرىنداشلىرىنى ئۆز قوللىرى بىلەن ئېتىپ تاشلىدى. مېنىنچە بۇ كۆپىنچە ئاجىز، مەزلۇم مىللەتلەرنىڭ ئورتاق قىسمىتى بولسا كېرەك؟. ئەركىنلىكى يوق قىلىنغان مىللەتلەر دائىم ئەنە شۇنداق ئويۇنچۇق بولىدۇ. شۇنداق ھەقىقەت باركى، بەزىدە ئەسلى ئوخشاش نىيەتتىكى، ئوخشاش قەلبتىكى بىر مىللەت ئوخشىمىغان ئىدېئولوگىيىنىڭ قۇربانلىرىغا ئايلىنىپ، بىر-بىرىنى قىرىدىغان، ئۆز ئىچىدىكى پەرقلەرنى زىددىيەت دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ، ئەشۇ مىللەتنىڭ ئورتاق رەقىپلىرىنىڭ قولى ئارقىلىق ئۆز ئاچچىقىنى چىقىرىۋالىدىغان ئىشلار بولىدۇ. ئەلۋەتتە، تۈركىستان ئارمىيىسىنىڭ نۇرغۇنلىغان جەڭچىلىرى ئەينى ۋاقىتتا ئۆزلىرىنى گىتلېر فاشىزىم ئىدىئولوگىيىسى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ۆز ۋەتىنى ھەم قېرىنداشلىرىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن توغرا دەپ تاللىغان ئەشۇ ئورتاق "تۈركىستان " غايىسىنىڭ قۇربانىغا ئايلاندى
    .
    بەدەل ۋە مۇكاپات
    رەسمىي سانلىق مەلۇمات بويىچە ئومۇملاشتۇرۇپ ھېسابلىغاندا، تۆت يىللىق ئۇرۇش جەريانىدا ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئالدىنقى سەپكە بېرىپ، ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 1 مىليون 200 مىڭ ئەتراپىدا. ئەگەردە يارىدارلىنىپ ۋە مېيىپ بولۇپ ھايات قايتىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇرۇش جاراھەتلىرى سەۋەبىدىن تۈرلۈك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇپ ئۆلگەنلەر، ئىز-دېرەكسىز يوقالغانلار، ئەسىرلەر لاگېرلىرىدا ئۆلگەنلەر شۇنىڭدەك ئۇرۇش ۋەيرانچىلىقى بىلەن كېسەللىك، ئاچارچىلىق ھەم باشقا تۇرلۇك سەۋەبلەر بىلەن ئۆلگەن پۇقرالارنى قوشۇپ ھېسابلىغاندا، 2- جاھان ئۇرۇشى سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغان تۇركىيلەرنىڭ سانى تەخمىنەن ئىككى -ئۇچ مىليوندىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن. بەلكى، ھېچ بولمىغاندا 27 مىليون سوۋېت پۇقراسىنىڭ تەخمىنەن بەش مىليونىنى تۈركىي مىللەتلەر ۋەكىللىرى دەپ پەرەز قىلساقمۇ خاتا بولماس.

    ئەينى ۋاقىتتا قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، تۈركمەنىستان، تاجىكىستان ۋە ئەزەربەيجان قاتارلىق ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلەردە مەلۇم ساندا رۇسلارنى ئاساس قىلغان سلاۋىيان مىللەتلىرىدىن باشقا ھەر قايسى مىللەت ۋەكىللىرى بار بولسىمۇ، بىراق، مۇتلەق كۆپ قىسىم ئاھالە يەنىلا يەرلىك خەلق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇرۇشتا ئۆلگەنلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمىنى يەرلىك مىللەتلەر پەرزەنتلىرى ئىگىلىگەن.

    ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئەينى ۋاقىتتىكى سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ سانى 30 دىن ئارتۇق بولۇپ، ئىدىل-ئۇرال ۋە كاۋكازىيىدىكى تاتارلار، قۇمۇقلار، باشقۇرتلار، چۇۋاشلار، بالقارلار، نوغايلار، قاراچايلار ھەم باشقىلارنىڭمۇ كۆپلىگەن ئوغۇل-قىزلىرى ئۇرۇش سەپلىرىگە ئەۋەتىلگەن بولۇپ، ئوخشاشلا ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى ئۆلگەن.

    2-جاھان ئۇرۇشى مەزگىلىدە يۈز بەرگەن تۈركىيلەرنىڭ نوپۇس جەھەتتىكى مەزكۇر يوقىتىشى بىر پۈتۈن تۈركىي خەلقلىرىنىڭ تەبىئىي كۆپىيىشى ۋە تەرەققىياتىغا سەلبىي تەسىر پەيدا قىلغان بولۇپ، ئۇرۇشتا ئۆلگەنلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئاساسەن ياشلار ئىدى. ئەگەر، بۇ چىقىم بولمىغان بولسا، بۇگۈنكى كۈندە تۈركىي خەلقلەرنىڭ نوپۇسى تېخىمۇ كوپ بولۇشى تەبىئىي ئىدى./

    تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئۇرۇش مەيدانىدىن يىراق ئاسىيانىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلىشىشىغا قارىماي، ئۆزلىرىنى بىر ئەسىرگە يېقىن قۇل قىلغان مۇنداق بىر ھاكىمىيەت تەرىپىدىن مەجبۇرىي تۈردە ئۇرۇشقا سۆرەپ كىرىلىشى، ئۇلارنى 2-جاھان ئۇرۇشىنىڭ زەردابىنى چەككەن پۈتۈن ئىنسانىيەت بىلەن تەقدىرداش قىلدى.
    قىزىق يېرى شۇكى، پۈتۈن تۆت يىللىق ئۇرۇش جەريانىدا سوۋېت ھەربىي خادىملىرى ئىچىدە ئوردېن-مېداللار بىلەن مۇكاپاتلانغانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمىنى رۇسلار تەشكىل قىلغان بولۇپ، رۇسىيە الىمى يوسىىف كرېمېنتسكىينىڭ قارىشىچە رۇسلار 66،49 %نى ئىگىلىگەن. ئۇنىڭدىن باشقا ، ئۇكرائىنلار 18،43%، بېلارۇسلار، 3.35%، تاتارلار،1،88%، يەھۇدىيلار 1.73%، قازاقلار 1.04%نى تەشكىل قىلغان . مەزكۇر سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، ئوتتۇرا ئاسىيادىن بارغانلار ئىچىدە ئۆزبېكلەر ئادەم سانى ئەڭ كۆپ بولسىمۇ، بىراق تەقدىرلەنگەنلەرنىڭ سانى جەھەتتە ئالدىنقى قاتارغا كىرەلمىگەن. ئەلۋەتتە، بۇلاردىن باشقا يەنە قىرغىزلار، تۈركمەنلەر، تاجىكلار، ئۇيغۇرلار، قارا قالپاقلار، قۇمۇقلار ۋە باشقىلارمۇ بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ تەقدىرلىنىش سانى ئاز بولغان.
    لېكىن، ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلار بويىچە ئالغاندا، ئەڭ ئالىي "سوۋېت ئىتتىپاقى قەھرىمانى" نامى 11618 ئادەمگە بېرىلگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى رۇسلاردۇر. ئوتتۇرا ئاسىيالىقلارنىڭ نىسبىتى رۇسلار ۋە باشقا سلاۋىيانلارغا قارىغاندا كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئاز بولۇپ، 11618 قەھرىماننىڭ ئاران 96 نەپىرى قازاق، 69 نەپىرى ئۆزبېك، 18 نەپىرى تۈركمەن، 14 نەپىرى تاجىك، 12 نەپىرى قىرغىز، تۆت نەپىرى ئۇيغۇردۇر. ئەكسىنچە ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئۇرۇشقا بارغان رۇسلارنىڭ ئىچىدە "سوۋېت ئىتتىپاقى قەھرىمانى" نامغا ئېرىشكەنلەرنىڭ سانى يەرلىك مىللەتلەردىن كۆپرەك بولغان.
    ئەمەلىيەتتە، ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ گىتلېر گېرمانىيىسى ئۈستىدىن غەلىبە قازىنىشىدا ئوينىغان رولى ئىنتايىن زور بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا مۇھىم ئارقا سەپلىك رولىنى جارى قىلدۇردى. قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى 142 زاۋۇت قازاقىستانغا كۆچۈرۈلدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇرۇش ئايروپلانلىرىنى ھەم باشقا ھەربىي قورال-ياراقلارنى ئىشلەيدىغان زاۋۇتلار ئۆزبېكىستان ۋە باشقا جايلارغا كۆچۈرۈلدى.( قازاقىستان ۋەتەن ئۇرۇشى مەزگىلىدە.)
    ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ ئۇرۇشقا يارىغۇدەك ئەر-ئاياللىرى ئالدىنقى سەپتە جەڭ قىلسا، قەرى-چۆرىلەر، ئاياللار، مېيىپلار ھەتتا بالىلارغىچە ھەر كۈنى 11 ھەتتا 14 سائەتلەپ ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئالدىنقى سەپ ئۈچۈن خىزمەت قىلدى. قازاقىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا ئاسىيا دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق بازىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ بارلىق دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئالدىنقى سەپكە ئەۋەتىپ، جەڭچىلەرنى يېمەك-ئىچمەك بىلەن تەمىنلەشتە مۇھىم رول ئوينىدى.
    شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئوتتۇرا ئاسىيا جۈملىدىن ئۆزبېكىستان سانسىزلىغان ئۇرۇش مۇساپىرلىرىنى قوبۇل قىلدى. رۇسىيىنىڭ ياۋروپا قىسمىدا ئاتا-ئانىلىرى ئۇرۇشتا ئۆلگەن سانسىزلىغان يېتىم بالىلار ئوتتۇرا ئاسىياغا يۆتكەپ كېلىنىپ، يەرلىك خەلقلەرنىڭ بېقىشىغا تاپشۇردى. ئەينى ۋاقىتتا ھەتتا بىر ئۇيغۇر ئايال ھەر مىللەتتىن بولغان 14 بالىنى بېقىۋېلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىدا داڭ چىقارغان ئىدى.
    شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئوتتۇرا ئاسىيا يەنە ستالىننىڭ ۋولگا دەرياسى بويى ۋە كاۋكازىيىدىكى بالقار، قاراچاي-چەركەس، نوغاي، چېچەن، ئىنگۇش ، قىرىم تاتارلىرى، قالماق ۋە باشقا خەلقلەرنى گېرمانىيە ئۇچۇن خىزمەت قىلدى دەپ سۇرگۇن قىلغان ماكانغا ئايلانغان ئىدى.

    تۆنۈگۈنكى <خائىنلار> ، بۈگۈنكى كۈندىكى قەھرىمانلار
    سوۋېتلەر يىمىرىلگەندىن كېيىن، يېڭى مۇستەقىل بولغان بىر قىسىم سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى جۇمھۇرىيەتلىرى ۋەتەن ئۇرۇشىغا ھەمدە ئۆزلىرىدىن چىققان، گىتلېرنىڭ قوللىشى بىلەن بۇ جۇمھۇرىيەتلەرنى مۇستەقىل قىلىمىز دېگەن مەۋقەدىكى ئەشۇ كىشىلەرگە قانداق باھا بېرىش مەسىلىسىگە دۇچ كەلدى. ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە بولۇپ، قازاقىستان ھۆكۈمىتى سوۋېت ئىتتىپاقى تەرىپىدىن 70 يىل دۈشمەن دەپ ئېلان قىلىنغان مۇستاپا چوقاينىڭ نامىنى ئاقلاپ،ئاخىرى ئۇنىڭ ئىدىيىسىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. مۇستاپا چوقاي بۈگۈنكى قازاق مىللەتپەرۋەرلىكىنىڭ تۆرىدىن ئورۇن ئالدى. يېقىندا قازاقىستان دۆلەتلىك كىنو ستۇدىيىسى "مۇستاپا چوقاي" ناملىق كىنونى سۈرەتكە ئېلىپ پۈتتۈردى. مەزكۇر فىلىم قازاقىستان، پارىج قاتارلىق جايلاردا سۈرەتكە ئېلىنغان بولۇپ، فىلىم ۋەقەلىكى ئاساسلىقى چوقاينىڭ ئۆزىنىڭ خۇسۇسىي كۈندىلىك خاتىرىسى ھەم ئايالىنىڭ قالدۇرغان خاتىرىسى ۋە باشقا ماتېرىياللار ئاساسىدا يېزىلغان. سوۋېت ئىتتىپاقى 70 يىل دۈشمەن تەرىقىسىدە چەكلىگەن مەزكۇر شەخس ئاخىرىدا بۈگۈنكى كۈندە كىنو ئېكرانى ئارقىلىق جامائەت بىلەن يۈز كۆرۈشۈش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن شۇنىڭدەك فىلىمدە مۇستاپا چوقاي قانداقتۇر، گىتلېر فاشىزىمى ئۈچۈن خىزمەت قىلغان شەخس ئەمەس، بەلكى، 180 مىڭ ئوتتۇرا ئاسىيالىق تۈركىي ئىنسانلىرىنىڭ ھاياتىنى گىتلېر لاگېرلىرىدىكى ئۆلۈم خەۋپىدىن قۇتۇلدۇرغان ھەمدە ئۇلارنى مۇستەقىللىق غايىسىگە يېتەكلىگەن شەخس سۈپىتىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەن.
    سوۋېتلەر ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن، تۈركىستان ئارمىيىسى ئىچىدىكى ھايات قالغان بىر قىسىم كىشىلەر ئۆز ۋەتەنلىرىگە قايتىپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرلىرىدا بولسىمۇ، كىندىك قېنى تۆكۈلگەن تۇپراقلىرىنى قۇچاقلاپ سۆيۈشكە مۇيەسسەر بولالىدى. ئەپسۇسكى، ئۆزىنى ئۆز ۋەتىنىنىڭ ھەقىقى ئوغلى، تۈركىي خەلقلەر دۇنياسىنىڭ جەڭگىۋار ھېسابلىغان ئاتاقلىق ئالىم، دوكتور باي مىرزا ھېيت 50 يىل ئايرىلغان ۋەتىنىگە قايتىپ كېلىپ، ئىككى كۈندىن كېيىن قايتىدىن ئەبەدىيلىك سەرگەردان بولۇشقا بۇيرۇلدى.چۈنكى، ئۇ ئىلگىرى ستالىننى سۆكۈپ، ئۇنىڭغا قارشى جەڭ قىلغان بولسا، بۇ قېتىم 70 يىللىق سوۋېت تۈزۈمىنىڭ ھامىيسى بولغان كەرىموپنى تەنقىت قىلغان ئىدى. باي مىرزا ھېيت 90 ياش ئۆمۈر كۆرۈپ، يەنىلا شۇ گېرمانىيە تۇپرىقىغا دەپنە قىلىندى.
    قازاقىستان، رۇسىيە ، ئەزەربەيجان ۋە باشقا دۆلەتلەردە گىتلېر گېرمانىيىسى تەشكىللىگەن بۇ قوشۇنلار ھەققىدە نەچچە ئونلىغان كىتابلار يېزىلدى، يۈزلىگەن ماقالىلار ۋە باشقا ئەسەرلەر يەزىدى. ھەتتا رۇسىيىدە يېقىندىن بۇيان ئىشلىنىۋاتقان ۋەتەن ئۇرۇشىغا ئائىت كىنولاردىمۇ، گېرمانىيە تەشكىللىگەن گېنېرال ۋلاسوفنىڭ رۇس ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ كىملىكى، نېمە ئۇچۇن بۇ كىشىلەرنىڭ سېۋەتلەرگە قارشى گىتلېر تەرەپتە تۇرۇپ جەڭ قىلغانلىقى تېما قىلىنغان ۋەقەلىكلەرمۇ كورۇلۇشكە باشلىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسىدە دەپتۇدەك ئەسلى سوۋىت گېنېرالى بولغان ۋلاسوفنىڭ تەسلىم بولۇپ، قايتىدىن ئەسىرگە چۈشكەن رۇسلاردىن قوشۇن تەشكىللەپ، قىزىل ئارمىيە بىلەن ئۇرۇش قىلىشىدىكى سەۋەب، ئۇنىڭ سوۋىت ۋە كوممۇنىست تۇزۇمى ، جۈملىدىن ستالىن تۇزۇمىنى يوقىتىپ، يېڭىچە رۇسىيە قۇرۇش دەپ چۇشەندۇرۇلدى. بولۇپمۇ ستالىننىڭ سوۋىت خەلقىغە قىلغان قىرغىنچىلىقى، دەھشەتلىك زۇلۇمنىڭ كۆپلىگەن رۇس كىشىلىرىدە سوۋېت تۈزۈمىگە نىسبەتەن ئۆچمەنلىك پەيدا قىلغانلىقى چۇشەندۇرۇلدى.
    تارىخ ھەممىنى بەلگىلەيدۇ. ئەگەردە ئەينى ۋاقىتتا گىتلېرنىڭ سوۋىت ئىتتىپاقىنى يوقىتىپ، ياۋرو-ئاسىيا خەرىتىسىنى قايتىدىن سىزىش پىلانى ئەمەلگە ئاشقان بولسا، بۇگۈنكى دۇنيا قانداق بولار ئىدى؟ گىتلېر قورال كۈچى بىلەن يوقىتالمىغان سوۋىت ئىتتىپاقى ئۆزىنىڭ مۇستەبىتلىكى بىلەن ئاخىر ئوز بېشىنى يەپ، يوقالدى، يەتمىش يىللىق دۆلەت پارچىلىنىپ، 15 دۆلەتكە بۆلۇندى. گەرچە گىتلېرنىڭ پىلانى بويىچە ئوتتۇرا ئاسىيادا بىرلەشتۈرۈلگەن بۇيۈك تۈركىستان دۆلىتى قۇرۇلمىسىمۇ، ئەمما، ئەشۇ پىلان ئۇچۇن ئۇرۇش قىلغان ئۆزبېك، قازاق، قىرغىز، تۇركمەنلەرنىڭ ئايرىم مىللىي مۇستەقىل دۆلەتلىرى مەيدانغا كەلدى. گىتلېر پارچىلىماقچى بولغان غەربىي سوۋېت ئىتتىپاقى زېمىنلىرى ئۇكرائىنىيە، بېلارۇسىيە ۋە باشقا مۇستەقىل دۆلەتلەرگە ئايرىلدى. قارىغاندا، تارىخ ئادىل سوتچىدۇر، ئوز نۆۋىتى كەلگەندە ھەر قانداق مانا مەن دېگەن قۇدرەتلىك ئىمپەرىيىلەرمۇ ئۆزلىكىدىن ۋەيران بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. باشقىلارنى بوزەك قىلىش، قۇل قىلىش، يوقىتىشنى نىيەت قىلغان ھەمدە ئۇنى ئەمەلىيلەشتۈرگەن ھەر قانداق بىر كۇچنىڭ ئاقىۋىتى گىتلېرنىڭ ئىرقىچىلىقنى ئاساس قىلغان ئىمپېرىيىسى ۋە ياكى مۇستەبىت سوۋېت ئىتتىپاقىدەك ئاقىۋەتكە قېلىشى تارىخنىڭ ئادىل ھۆكمى بولسا كېرەك. ئۇيغۇرلاردىكى "نىيىتى ياماننىڭ قازىنى تۆشۇك" دېگەن ماقال دۇنيادىكى خېلى كۆپ خەلقلەرگە ئورتاق !
    قىسقىسى، ئۇكرائىنىيە، رۇسىيە، بېلارۇسىيە ۋە ئېستونىيە، لاتۋىيە، لىتۋا ۋە باشقا مەملىكەتلەردە 60 يىلدىن بۇيان سوۋېت تۇزۇمى قارىلاپ كەلگەن نۇرغۇن شەخسلەر ۋە تارىخىي ۋەقەلەر باشقىچە باھاغا ئېرىشتى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ نەزىرىدىكى "خائىنلار" ، بۈگۈنكى كۈندە ۋەتەن مۇستەقىللىقى، ئازادلىقى ۋە ئەركىنلىكى ئۇچۇن كۆرەش قىلغان قەھرىمانلار بولۇپ باھالاندى. ھەتتا ئەستونىيىدىكى سوۋېت ئازادلىق جەڭچىسىنىڭ ھەيكىلىنىڭ ئەلىپ تاشلىنىش ۋەقەسى رۇسىيە-ئېستونىيە مۇناسىۋەتلىرىدە سوغاقچىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. پولشا ھۆكۈمىتى بولسا 1939-يىلى گەرمانىيىدىن يەڭگىلى سوۋېت چېگرىسىغا چېكىنگەن 20 مىڭدىن ئارتۇق پولشا ھەربىي خادىمىنىڭ كاتىن ئورمانلىقىدا سوۋېت ئىتتىپاقى نكۋد سى تەرىپىدىن ئەتىپ ۋە تىرىك كۆمۇپ ئولتۇرۇلگەنلىكى شۇنىڭدەك ستالىننىڭ گىتلېر بىلەن پۇتۇشۇپ، پولشا ئارمىيىسىگە ئارقا تەرەپتىن ھۇجۇم قوزغاپ، گىتلېر ئارمىيىسى بىلەن بىرلىكتە مەغلۇپ قىلغانلىقىنى پاش قىلىپ، بۇگۈنكى رۇسىيە ھوكۇمىتىدىن ئارخىپلارنى تەلەپ قىلدى. چېخ، سلوۋاكىيە، ۋېنگرىيە پولشا ۋە باشقا شەرقىي ياۋروپا جۇمھۇرىيەتلىرى سوۋېت ئىتتىپاقى قوشۇنلىرىنى ئازاد قىلغۇچى ئەمەس، بەلكى قايتا بېسىۋالغۇچىلار دەپ ئەيىبلىدى.
    بەلكى، قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېۋ ئۆزىنىڭ بۇگۈنكى كۈندە تەكىتلەۋاتقان مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنى قۇرۇش ئىدىيىسىنى بۇنىڭدىن 60 يىل ئىلگىرى ستالىن دەۋرىدە ۋە ياكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەر قانداق بىر مەزگىلىدە ئېيتقان بولسا، ئۇ ئاللىقاچان ئېتىلغان ھەم " پانتۇركىست"، " خائىن" ئاتالغان بولار ئىدى. ئۆتكەن ئەسىردىكى قازاق مىللىتىدىن بولغان مۇستاپا چوقاي بىلەن 21-ئەسىردىكى قازاق مىللىتىدىن بولغان نۇرسۇلتان نازاربايېۋنىڭ غايىسىدە قانچىلىك ئورتاقلىقلار ۋە قانچىلىك پەرقلەر مەۋجۇت؟.مېنىڭچە ، ئۇلارنىڭ پەرقى شۇكى، بىرسى زۇلۇم ئاستىدىكى ، ئەركسىز مىللەتنىڭ ۋەكىلى بولسا، يەنە بىرىنىڭ ئەركىن مۇستەقىل مىللەت ھەم دۆلەتنىڭ ۋەكىلى ئىكەنلىكىدەدۇر. شۇڭا بۇگۈنكى نازاربايېۋ دەۋرىدە قازاقلارنىڭ چوقاي ھەققىدە كىنو ئىشلىشى تەسادىپىي ئەمەس. ئەگەر شۇنداق تەلەي باشقىمۇ ئەسىر مىللەتكە نېسىپ بولسا، قانچىلىغان تارىخلار قايتا يېزىلار؟
    ئومۇمەن، قىلىپ، ئېيتقاندا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ۋەتەن ئۇرۇشى نۆۋەتتە، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىن قۇتۇلغان ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ مىللىي ۋە دۆلەتچىلىك ئىدېئولوگىيىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلىگە ئايلىنىپ، بۇ ئۇرۇشقا قايتىدىن باھا بېرىشكە دۇچ كەلمەكتە. يېقىن كەلگۈسى ئىچىدە يەنە قانداق باھالار بېرىلىدۇ؟ ،ئۇنى ئەمەلىي ئەھۋال بەلگىلەيدۇ ۋە كۆرسىتىدۇ. 2‏- جاھان ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسى خاتىرلىنىۋاتقان شۇنىڭدەك يېڭى چوڭ مىللەتچىلىكلەر باش كۆتۇرىۋاتقان بۇ كۇنلەردە ئۇيغۇر قاتارلىق تۇركىي خەلقلەرنىڭ بەرگەن قۇربانلىرىنى ئەسلەش زۆرۇر بولسا كېرەك ؟!

    收藏到:Del.icio.us