• مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ يەتتە خىل قىياسى

    2010-10-31

    تۈرى:

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/81524312.html

    مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ يەتتە  خىل قىياسى

    بىز ياشاۋاتقان دۇنيانى ئۆزىمىز تاللىغاندۇرمىز (مەيلى ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز رەۋەىشتە بولۇشىدىن قەتئىنەزەر). ئەگەر بىز بەختنى تاللىساق، بەختكە ئېرىشەلەيمىز، ئەگەر بىز ئازابنى تاللىساق، ئۇ چاغدا بىزنىڭ ئېرىشىدىغىنىمىزمۇ پەقەت ئازابتىنلا ئىبارەت بولىدۇ. ئالدىنقى بىر بابتا، بىز ئەقىدىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىنىڭ ئاساسى ئىكەنلىگى ۋە ئۆزىمىزنىڭ ھاياتىنى قانداق چۈشۈنۈش ۋە ئۇنى قانداق تاماملاش توغرىسىدا چىقارغان ئاساسى تاللىشىمىز ئىكەنلىكىنى بىلىپ ئۆتتۇق. شۇنىڭ ئۈچۈن، مۇۋەپپەقىيەتكە تۇتىشىدىغان بىرىنچى قەدەم بولسا ئۆزىمىزنى كۆزلىگەن نىشانىمىزغا يېتىشكە يېتەكلەيدىغان ئەقىدە تېپىشتۇر.   مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش يولى ئۆز نىشانىڭىزنى چۈشىنىش، ھەرىكەت قوللىنىشنى، ئۆزىڭىز ئېرىشكەن نەتىجىلەرنى چۈشۈنۈشنى ۋە تاكى مۇۋەپپەقىيەت قازانغانغا قەدەر ئۆز ھەرىكىتىڭىزنى جانلىق  تەڭشەشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەقىدىمۇ مۇشۇنداق بولۇپ، سىز چوقۇم ئۆز نىشانىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىڭىزغا ياردىمى بولىدىغان، يەنى ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىز ئۈمىد قىلىدىغان مەنزىلگە ئېلىپ بارىدىغان ئەقىدىلەرنى تېپىشىڭىز كېرەك. ئەگەر ئەقىدىڭىز بۇنداق ئەمەس بولسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىڭ، ھەم قايتىدىن يېڭى ئەقىدە ئىزدەڭ.   مەن مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ قىياسى توغرىلىق توختالغان ۋاقىتتا، بەلكىم بەزىلەر بىزارلىق ھېس قىلىشى مۇمكىن، كىممۇ قىياسقا تايىنىپ كۈن ئۆتكۈزۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ، دەيسىز؟ لېكىن مەن بۇ ئارقىلىق شۇنى دېمەكچىمەنكى، بىز بۇ دۇنيانىڭ ھەقىقى قىياپىتىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىلمەيمىز، بىز بۇلىنىيەنىڭ ئوي ياكى دۆڭ ئىكەنلىكىنى بىلمەيمىز، بىز شۇنداقلا ھەم ئۆز تەقدىرىمىزنىڭ راست ياكى يالغان ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيمىز. لېكىن بىز پەقەت شۇنىلا بىلىمىزكى، ئەگەر ئەقىدە بىزگە نىسبەتەن پايدىلىق بولىدىغان بولسا، ھاياتىمىزنى تېخىمۇ بېيىتىدۇ، بىزنى تېخىمۇ مۇكەممەل ئادەم بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ، بىزگە ياكى باشقىلارغا ياردەمدە بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىز مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايمىز. قىياس دېگەن بۇ سۆز پەقەت ئۆز  - ئۆزىمىزگە بىزنىڭ ئىشلارنىڭ ھەقىقى قىياپىتىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى ۋە ۋەزىيەتنىڭ قانداق تەرەققى قىلىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلەلمەيدىغانلىقىمىزنى ئۈزلۈكسىز ئەسكەرتىپ تۇرۇش مەقسىتىدىلا ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن، ئەگەر بىز بۇ يىپنىڭ پېتىنىقى شەكىلىدە ئىكەنلىكىنى بىلىۋالساق، ئۇ چاغدا ئۇنى ئىككىنچىلەپ كۆپۈنكى شەكلىدە، دەپ قارىمايمىز. قىياس دېگەن بۇ سۆز بۇ يەردە قانداقتۇر ئالدامچىلىق ياكى سەمىمى بولماسلىقتىن دېرەك بەرمەيدۇ. بەلكى پەقەت ئۆزىمىزگە ئۆزىمىزنىڭ مەلۇم بىر ئۇقۇمغا قانچىلىك دەرىجىدە ئىشىنىشىمىزدىن قەتئىنەزەر، ئۇنى ئۆگىنىشتە چوقۇم ئۇنىڭ باشقا مۇمكىنچىلىكلىرىنىمۇ ئويلىنىشىمىز كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىش ئۈچۈنلا ئىشلىتىلىدۇ. مېنىڭچە سىز تۆۋەندىكى يەتتە خىل ئەقىدە ئۆزىڭىزگە پايدىلىقمۇ پايدىلىق ئەمەسمۇ، كۆرۈپ بېقىڭ. مەن ئۇلارنى ئۆزۈم تەقلىد قىلغان مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلارنىڭ ئىش ھەرىكىتىدىن بايقىۋالدىم. ئەگەر مۇۋەپپەقىيەتكە تەقلىد قىلماقچى بولسىڭىز، چوقۇم ئىشنى مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئەقىدە سىستېمىسىغا تەقلىد قىلىشتىن باشلىشىڭىز كېرەك. مەن بۇ يەتتە خىل ئەقىدىنىڭ كىشىلەرنى تېخىمۇ زور كۈچ - قۇدرەتكە ئىگە قىلىدىغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ تېخىمۇ چوڭ ھەرىكەتلەرنى قوللىنىپ، تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىشىگە تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى بايقىدىم. مەن بۇ ئارقىلىق پەقەت ئاشۇ ئەقىدىلەرلا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتا بىردىنبىر كېرەككە كېلىدىغان ئەقىدىلەردۇر. دېمەكچى ئەمەسمەن، لېكىن ئۇلار مۇۋەپپەقىيەتنىڭ باشلىنىشى بولۇپ، باشقا ئەقىدىلەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇەلەيدۇ. مەن سىزنىڭ ئۇلارنىڭ ئۆزىڭىزگە پايدىلىق ياكى پايدىلىق ئەمەسلىكىنى كۆرۈپ بېقىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. بىرىنچى ئەقىدە: ھەممە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى ۋە مەقسىتى بولىدىغان بولۇپ، ئۇلار بىزگە نىسبەتەن پايدىلىقتۇر. W مىشىرنىڭ ھېكايىسى ھېلىھەممۇ ئېسىڭىزدىمۇ؟ ئۇنىڭ ئاپەت ئۈستىدىن غەلبە قىلىشىغا ياردەم بەرگەن ئاساسى ئەقىدە دېگەن؟ ئۇ يۈز بەرگەن ئىشلارنى قوبۇل قىلىش قارارىغا كېلىدۇ، ھەم ئۇلارنى مۇمكىنقەدەر ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرىدۇ. مەلۇم تەرەپلەردە، مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلارنىڭ ھەممىسى بىر خىل ئويلاپ يەتكۈسىز ئىقتىدارغا ئىگە بولىدىغان بولۇپ، ئۇلار دىققىتىنى ئۆزى تۇرىۋاتقان مۇھىت ئىچىدىكى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مۇمكىن بولىدىغان ئىشلارغا ۋە مۇشۇ خىل ئىشلاردىن كېلىپ چىقىدىغان ئاكتىپ نەتىجىلەرگە مەركەزلەشتۈرەلەيدۇ. مۇھىتنىڭ ئۇلارغا پەيدا قىلغان ئوڭۇشسىزلىقى قانچىلىك دەرىجىدە زور بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، ئۇلار ئوخشاشلا مۇمكىن بولىدىغان بارلىق تەرەپلەردىن ئويلىنىش قىلالايدۇ.  ئۇلار ھەر بىر كېلىشمەسلىكنىڭ ئۆزىگە شۇنىڭغا مۇناسىپ بولغان ياكى ئۇنىڭدىنمۇ زور بولغان مەنپەئەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.   كاپالەت بېرىشكە بولىدۇكى، شانلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسى مەسىلىلەرنى مۇشۇنداق ئويلايدۇ، ئۇلار ھەر قانداق بىر خىل مۇھىتقا نىسبەتەن ئوخشاش بولمىغان ھەر خىل ئىنكاسلارنى قايتۇرىدۇ. مەسىلەن، سىز ئۈمىد قىلغىلى ئۇزۇن بولغان ھەم ئۆزىڭىز چوقۇم ئىمزالىيالايمەن، دەپ قارىغان مەلۇم بىر توختامنى ئىمىزالىيالماي قالدىڭىز، دەيلى، بەزى كىشىلەر بۇنىڭغا نىسبەتەن  ئۈمىدسىزلىنىش ۋە مەيۈسلىنىش ئىنكاسىدا بولىدۇ، قاپىقىنى تۈرۈپ ئۆيدىن چىقماي ئولتۇرىدۇ ياكى سىرتقا چىقىپ ھاراق ئىچىدۇ؛ بەزى كىشىلەر بەلكىم يەنە بۇنىڭدىن قاتتىق غەزەپلىنىش، توختام تۈزۈشكە ماقۇل بولغان شىركەتنى ئەيىپلەپ، بىر توپ دۆت چوشقىلاركەن، دېيىشى، ھەتتا زور سودىنى قولدىن كەتكۈزۈپ قويدۇڭلار، دەپ ئۆز ئادەملىرىنى ئەيىپلىشى مۇمكىن.   ئەلۋەتتە، بۇنداق ئىنكاسلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ ئاچچىقىمىزنى تازا بىر چىقىرىۋېلىشىمىزغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدۇ. لېكىن بۇنىڭ سودىمىزغا قىلچە پايدىسى بولمايدۇ، كۆزلىگەن نىشانىمىزغا يېقىنلىشىشمىزغىمۇ قىلچە ياردىمى تەگمەيدۇ. ئەلۋەتتە، سىزنى يار لىۋىدىن كەينىڭىزگە قايتىپ، تەجرىبە - ساۋاقلارنى قوبۇل قىلىش ۋە روھىڭىزنى يېڭىباشتىن ئۇرغۇتۇپ، يېڭى مۇمكىنچىلىكلەرگە نەزەر سېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلالايدىغان نۇرغۇن - چارە ئاماللار بار. لېكىن پاسسىپ نەتىجىلەرنىڭ ئىچىدىن ئاكتىپ نەتىجىلەرگە ئېرىشىشنىڭ پەقەت بىرلا ئۇسۇلى بار.   مەن سىزگە بىر مىسال ئېلىپ كۆرسىتەي. مارلىن خامىرتون كالفورنىيەدىكى ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بىر سودىگەر. ئۇ (ئايال) ئىلگىرى ئوقۇتقۇچى بولۇپ، ئىنتايىن چىرايلىق ئىكەن. ئۇمۇ بىر قېتىم گۆر ئاغزىدىن قۇتۇلۇپ قالغانىكەن. ئۇ 29 ياشقا كىرگەن يىلى، بىر قېتىملىق ھادىسىدە قىيادىن چۈشۈپ كېتىپ، بەدىنىنىڭ تۆۋەن قىسمى پالە بولۇپ قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ چاقلىق ئورۇندۇقتىلا ئولتۇرىدىغان بولۇپ قاپتۇ.    ئەلۋەتتە، مارلىن خامىرتونمۇ دىققەت نەزەرىنى ئۆزى ئەمدى ئىككىنچىلەپ قىلالمايدىغان ئىشلارغا مەركەزلەشتۈرسە بولاتتى. لېكىن ئۇ بۇنداق قىلمىغان. بەلكى ئۇ دىققەت نەزەرىنى ئۆزى قىلالايدىغان ئىشلارغا قاراتقان. دەسلەپتە، ئۇ چاقلىق ئورۇندۇقتىلا ھەرىكەت قىلىشقا نىسبەتەن مەيۈسلۈك ھېس قىلىپتۇ، مەن ئەمدى ئىلگىرىكىگە ئوخشاش خالىغانچە ھەرىكەت قىلالايمايدىغان بولدۇم، دەپ ئويلاپتۇ. ھازىر، مەن بىلەن سىز ئىككىمىز چاقلىق ئورۇندۇقنىڭ ئۈنۈمىگە قانداق باھا بېرىشنى بىلمەيمىز. لېكىن بۇنى مارلىن خامىرتون بلىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ مۇشۇنداق ھالەتكە چۈشۈپ قېلىشىنى تېخىمۇ ياخشى چاقلىق ئورۇندۇقلارنى لايىھىلەپ چىقىش ئۈچۈن، دەپ تەسەۋۋۇر قىلغان. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ ئىككى دوستى بىلەن بىرلىكتە تېخىمۇ  ياخشى چاقلىق ئورۇندۇقلارنىڭ مودىلىنى لايىھىلەشنى باشلىغان.   ئۇلار ئۈچەيلەن ئورتاق تىرىشىش ئارقىلىق ھەرىكەت لايىھىسى ئىسىملىك بىر شىركەت قۇرغان. ئۇلار چاقلىق ئورۇندۇق كەسپىنى ئۈزۈل - كېسىل ئۆزگەرتكەن. ھەم نەچە مىليون دوللارلىق پايدا ياراتقان.   مەن مارلىن خامىرتوننىڭ ئۆزىنىڭ ئاشۇ خىل ئەقىدىسىنى ئاڭلىق رەۋىشتە ياكى ئاڭسىز رەۋىشتە بەلگىلىگەنلىكىنى بىلمەيمەن. لېكىن بەلكىم مەلۇم خىل ئاكتىپ تۇيغۇ ئۇنىڭغا تەسىر كۆرسەتكەن بولۇشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە، مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئۇلۇغ شەخىسلەرنىڭ ھەممىس ئوخشاش روھى ھالەت ئاستىدا ھەرىكەت قوللانغان بولىدۇ.   ئەمدى ئۆزىڭىزنىڭ ئەقىدىلىرىنى ئويلىنىپ كۆرۈڭ، ۋەزىيەتنىڭ ئۆزىڭىزگە پايدىلىق ياكى پايدىسىز ئىكەنلىكىنى ئويلىنىپ كۆرۈڭ، ئۆز تىرىشچانلىقلىرىڭىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىدىغانلىقى ياكى مەغلۇب بولىدىغان لىقىنى ئويلاپ كۆرۈڭ. مەلۇم خىل ھالەت ئاستىدا سىزنىڭ كۆرىدىغىنىڭىز يوشۇرۇن كۈچ بولامدۇ ياكى توسالغۇمۇ؟ ئادەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا، كۆپ قىسىم كىشىلەر ئۆزىنىڭ دىققەت - نەزەرىنى ئاكتىپ تەرەپلەرگە ئەمەس، بەلكى پاسسىپ تەرەپلەرگە مەركەزلەشتۈرۈۋالىدۇ. بۇ خىل ھالەتنى ئۆزگەرتىشنىڭ بىرىنچى قەدىمى مۇشۇ نۇقتىنى ھېس قىلىپ يېتىشتۇر. چەكلىك ئەقىدە چەكلىك ئادەمنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ. ئاچقۇچلۇق مەسىلە بۇ خىل چەكلىمىنى يىراققا تاشلىۋېتىپ، ئەڭ زور تىرىشچانلىقلار بىلەن ھەرىكەت قوللىنىشتۇر. دەۋرىمىزنىڭ باشلامچى كىشىلىرىنىڭ ھەممىسى ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن بولغان نەرسىلەرنى كۆرۈپ يېتلەيدۇ، ھەتتا چۆل - باياۋانلار ئىچىدىمۇ يېشىل - بوستانلىقلارنى كۆرەلەيدۇ. ئەگەر سىز مەلۇم ئىشنى قىلغىلى بولىدۇ، دەپ قەتئى ئىشىنىدىغانلا بولسىڭىز، شۇ ئىشنى چوقۇم قىلالىشىڭىز مۇمكىن.   ئىككىنچى ئەقىدە: ھەرقانداق ئىشتا مەغلۇبىيەت بولمايدۇ، پەقەت نەتىجىلا بولىدۇ. ئۆزۈمگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ ئىنتايىن تەبئى بىر ئەقىدىدۇر. بۇ نۇقتا ئىنتايىن مۇھىم، بىز ياشاۋاتقان بۇ دۇنيادا، نۇرغۇن ئادەملەر، تۇغۇلۇشىدىنلا مەغلۇبىيەت دېگەن سۆزدىن ئىنتايىن قورقىدۇ. لېكىن ھەممە ئادەم ئۆزى ئومىد قىلغان نەرسىگە ئېرىشەلمەسلىكتەك كەچۈرمىشلەرنى كۆپ قېتىم باشتىن كەچۈرگەن بولىدۇ. بەزىدە ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەيدۇ، بەزىدە مۇھەببىتىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ، يەنە بەزىدە پۈتۈنلەي خاتالىقلار بىلەن تولغان سودا لايىھىلىرىنى تۈزۈپ قالىدۇ. مېنىڭ كىتابلىرىمنىڭ ھەممىسىدە نەتىجە دېگەن سۆز ئىشلىتىلىدۇ. چۈنكى، بۇ دەل مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار كۆرۈپ يېتىدىغان نەرسىلەر بولۇپ، ئۇلار مەغلۇبىيەتنى كۆرمەيدۇ، مەغلۇبىيەتكە ئىشەنمەيدۇ.   كىشىلەر ھەمىشە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا مەلۇم خىل نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىدۇ. دەۋرىمىزدىكى مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئەڭ ئۇلۇغ كىشىلەر قانداقتۇر مەغلۇب بولۇپ باقمىغان كىشىلەر ئەمەستۇر. لېكىن ئۇلار: مەلۇم ئىشلارنى سىناپ بېقىشتىن ئۆزى ئۈمىد قىلغاندەك نەتىجىگە ئېرىشەلمەسلىك مەغلۇب بولۇشتىن دېرەك بەرمەيدۇ، بەلكى پەقەت تەجرىبىگە ئېرىشكەنلىكىنىلا بىلدۈرىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئۇلار ئۆزى ئېرىشكەن ئاشۇ خىل تەجرىبىلەرنى باشقا بىر ئىشلارنى سىناپ بېقىشقا ئىشلىتىدۇ. ئۇلار مەلۇم خىل يېڭىچە ھەرىكەتلەرنى قوللىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن مەلۇم يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىدۇ.   ئويلاپ بېقىڭ، سىزنىڭ بۈگۈن تۈنۈگۈندىكىدىن ھالقىپ كېتىدىغان قىممەت بايلىقىڭىز زادى نېمە؟ ئەلۋەتتە تەجرىبىدۇر! مەغلۇبىەتتىن قورقىدىغان كىشىلەر ئۆزى قىلماقچى بولغان ئىشلارنى ئۆز كۆڭلىدە ئالدىنئالا مۇمكىن بولمايدۇ، دەپ تەسەۋۋۇر قىلىۋالىدۇ. دەل مۇشۇ نۇقتا ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىنى چەكلەپ قويىدۇ. بۇنداق بولمايدىغان بولسا، ئۇلار ئۆزى ئۈمىد قىلغان نەتىجىلەرگە چوقۇم ئېرىشەلەيدۇ. سىز مەغلۇپ بولۇشتىن قورقامسىز؟ ئۇنداقتا، سىز ئۆگىنىشكە قانداق قارايسىز؟ سىز ئىنسانىيەتنىڭ ھەرقانداق بىر خىل كەچۈرمىشلىرى ئىچىدىن نامەلۇم نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالالايسىز، شۇنىڭ ئۈچۈن، سىزمۇ ھەمىشە ھەممە ئىشلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تاماملىيالمايسىز.   مارك تىۋىن مۇنداق دېگەن: ئۈمىدسىزلىك كىشىلەرنىڭ نۇقتىئىنەزەرى ئەڭ چاتاقتۇر. ئۇنىڭ بۇ گېپى ئىنتايىن توغرا، مەغلۇبىيەتكە ئىشىنىدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئادەتتىكى كىشىلەردۇر. مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئۇلۇغ كىشىلەر مەغلۇبىيەتنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئەزەلدىن ھېس قىلمايدۇ.   تۆۋەندە بىز مەلۇم بىر شەخسنىڭ ھايات مۇساپىسىنى كۆرۈپ باقايلى. ئۇ:     31 يېشىدا، سودا بىلەن شۇغۇللىنىپ مەغلۇب بولغان.   32 يېشىدا، پارلامىنت ئەزەسى سايلىمىغا قاتنىشىپ مەغلۇب بولغان.   34 يېشىدا، سودا ئىشىدا يەنە بىر قېتىم مەغلۇب بولغان.   35 يېشىدا، جۈپتى ئۆلۈپ كەتكەن.      36 يېشىدا، نېرۋىسى زەخمىگە ئۇچرىغان.   36 يېشىدا، سايلامغا قاتنىشىپ مەغلۇب بولغان.   43 يېشىدا، پارلامىنت ئەزاسى سايلىمىغا قاتنىشىپ مەغلۇب بولغان.   46 يېشىدا، پارلامىنت ئەزاسى سايلىمىغا قتانىشىپ مەغلۇب بولغان.   48 يېشىدا، پارلامىنت ئەزاسى سايلىمىغا قاتنىشىپ مەغلۇب بولغان.   55 يېشىدا، ئالى پالاتا ئەزاسى سايلىمىغا قاتنىشىپ مەغلۇب بولغان.   56 يېشىدا، مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىپ مەغلۇب بولغان.   58 يېشىدا، ئالى پالاتا ئەزاسى سايلىمىغا قاتنىشىپ مەغلۇب بولغان.   60 يېشىدا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بولۇپ سايلانغان.   بۇ ئادەم دەل ئابراھام لىنكولىندۇر. ئەگەر ئۇ ئىلگىرىكى سايلاملاردىكى ئوڭۇشسىزلىقلارنى مەغلۇبىيەت دەپ قارىغان بولسا، ئۇ چاغدا زۇڭتۇڭ بولالارمىدى؟ ئەلۋەتتە بولالمايتتى. توماس ئىدىسوننىڭ ھېكايىسى بىزگە زور دەرىجىدە رىغبەت بولالايدۇ. ئۇ ئىلىكتىر لامپۇچكىسىنى ياخشىلاش سىنىقىدا 9999 قېتىم مەغلۇب بولغاندىن كېيىن، بىراۋ ئۇنىڭدىن: سىز 100 - قېتىممۇ (ئون مىڭىنچى قېتىممۇ) مەغلۇب بولارسىزمۇ؟ دەپ سورايدۇ. ئىدىسون بۇنىڭغا جاۋابەن: مەن تېخى مەغلۇب بولۇپ باقمىدىم، مەن پەقەت ئىلىكتىر لامپۇچكىسى ياسىغىلى بولمايدىغان ئۇسۇللارنى بايقاپ چىقتىم، خالاس. دەيدۇ.   كۈچ - قۇدرەتكە ئىگە كىشىلەرنىڭ ھەممىسى — تەنتەربىيە ساھەسىنىڭ غالىبلىرى، كىشىلەر توپى ئىچىدىكى رەھبەرلەر، سەنئەت ساھەسىدىكى پىشىۋالار قاتارلىق كىشىلەر — شۇنى ئېنىق چۈشۈنىدۇكى، مەلۇم ئىشنى سىناپ قىلىپ بېقىپ، ئۇمىد قىلغاندەك نەتىجىگە ئېرىشەلمەسلىك پەقەت بىرخىل قايتۇرما جاۋابتىنلا ئىبارەت بولۇپ، بۇ خىل قايتۇرما جاۋابتىن پايدىلىنىپ، نېمە قىلغاندا ئاندىن ئۈمىد قىلغاندەك نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى تېخىمۇ ئېنىق بىلىۋالغىلى بولىدۇ. باك مىنىس  مۇنداق دەيدۇ: كىشىلەر مەيلى نېمە ئۆگىنىشىدىن قەتئىنەزەر، ئۇلارنى چوقۇم ئۆزلۈكسىز ئىزدىنىشنىڭ نەتىجىسى، دەپ بىلىشى كېرەك. كىشىلەرنىڭ ئۆگىنىش خاتالىشىش ئارقىلىق بولىدۇ بىز بەزى ۋاقىتلاردا ئۆزىمىزنىڭ خاتالىقلىرىدىن بىر نەرسە ئۆگەنسەك، بەزى ۋاقىتلاردا باشقىلارنىڭ خاتالىقلىرىدىن بىر نەرسە ئۆگىنىمىز.   باك مىنىس كېمە رولچىسىنى مىسالغا ئېلىپ مۇنداق دەيدۇ: كېمە رولى بۇ ياققا ياكى ئۇ ياققا بۇرالغان ۋاقىتتا، كېمىنىڭ بۇرۇلۇش ئامپۇلىتۇدىىسى پۈتۈنلەي رولچىنىڭ ئۈمىد قىلغىنىدەك بولۇپ كەتمەيدۇ. رولچى يەنە كېمىنىڭ ئايلىنىش ئامپۇلىتۇدىسىنى تەڭشەپ، كېمىنى ئەسلىدىكى يۆنىلىش ئۈستىگە ئەكىلىشكە مەجبۇر بولىدۇ. شۇڭا، كېمە رولچىسى ئۈزلۈكسىز ھالدا كېمە رولىنى يەنە بۇرايدۇ، يەنە تەڭشەيدۇ، يەنە بۇرايدۇ، يەنە تەڭشەيدۇ، سىز كۆڭلىڭىزدە تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ — بىر كېمىچى تىپ تىنچ دېڭىزدا كېتىپ بارماقتا، سانسىز قېتىملىق چەتنەش، توغىرلاش، يەنە چەتنەش، تەنە توغىرلاش جەريانلىرى ئارقىلىق، كېمىنى بارار جايىغا قارىتىپ يېتەكلىمەكتە. بۇ نېمىدىگەن تەسىرلەندۈرەرلىك تەسەۋۋۇر، ھە، مانا بۇنىڭ ئۆزى مۇەپپەقىيەتلىك بولغان ھايات مۇساپىسىنىڭ گۈزەل مودىلىدۇر. لېكىن كۆپ قىسىم ئادەملەر بۇنداق ئويلىمايدۇ. ئۇلار ھەر قېتىملىق ئوڭۇشسىزلىقلارنى ئېغىر روھى يۈك سۈپىتىدە قوبۇل قىلىۋالىدۇ. ئەمەلىيەتتە مۇشۇنداق قىلىشنىڭ ئۆزى ھەقىقى مەغلۇبىيەتتۇر.   مەسىلەن: نۇرغۇن ئادەملەر ئۆزىنىڭ سەمىرىپ كەتكەنلىكى سەۋەبىدىن پەرىشانلىق ھېس قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ خىل پوزتسىيىسى ئۇلارنىڭ ھالىتىگە نىسبەتەن قىلچە پايدىسىزدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇلار ئەمەلىيەتنى مۇنداق قوبۇل قىلىشى كېرەك: ئۇلار ئاللىقاچان مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئۆزىنى سەمىرتىش مەقسىتىگە يېتەلىدى. ھازىر ئەمدى ئۆزىنى ئورۇقلىتىدىغان يېڭى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك. لېكىن بۇ خىل يېڭى نەتىجىگە ئېرىشىش ئۈچۈن چوقۇم يېڭىچە ھەرىكەتلەرنى قوللانماي بولمايدۇ.   ئەگەر سىز قانداق ھەرىكەتنىڭ مۇشۇ خىل نەتىجىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرەلەيدىغانلىقىغا ئېنىق جەزىم قىلالمىسىڭىز،  مۇشۇ خىل نەتىجىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرەلىگەن كىشىلەرگە تەقلىد قىلىڭ، ئۇلارنىڭ روھى ۋە جىسمانى جەھەتلەردە قانداق ئالاھىدە ھەرىكەتلەرنى قوللانغانلىقىغا قاراپ بېقىڭ. ئەگەر سەمىرىپ كېتىشنى بىرخىل مەغلۇبىيەت دەپ قارىۋالىغانلا بولسىڭىز، ئۇ چاغدا سىزنىڭ ئاكتىپ ھەرىكەتلەرنى قوللىنالىشىڭىز مۇمكىن بولمايدۇ. لېكىن، ئەگەر سېمىزلىكنى پەيدا بولغان بىرخىل نەتىجە، دەپ قارايدىغان بولسىڭىز، ئۇ چاغدا، ئۆزىڭىزنىڭ ئۇ خىل ھالەتنى ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقىڭىزنى ھېس قىلىپ يېتىسىز. شۇنىڭ بىلەن سىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىڭىز كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ.   مەغلۇبىيەتكە ئىشىنىش بىر خىل روھى توسالغۇدۇر. پاسسىپ كەيپىياتلارنى كاللىمىزغا قاچىلىۋېلىش بىزنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ھالىتىمىزگە ۋە تەپەككۇر جەريانىمىزغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئاندىن يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ھالىتىمىزگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. كۆپ قىسىم كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەڭ زور چەكلىمە دەل ئۇلارنىڭ مەغلۇبىيەتكە بولغان قورقۇنچىدۇر. روبىر شۇر  مۇنداق بىر مەشھۇر سوئالنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ: ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنىڭ مەغلۇب بولمايدىغانلىقىڭىزنى بىلىدىغان بولسىڭىز، قانداق ئىشلارنى قىلغان بولاتتىڭىز؟ بۇ سوئالنى ئىنچىكە ئويلىنىپ بېقىڭ، سىز بۇ سوئالغا قانداق جاۋاب بېرىشىڭىز مۇمكىن؟ ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنىڭ مەغلۇب بولمايدىغانلىقىڭىزغا راستىنلا ئىشىنىدىغان بولسىڭىز، ئۇ چاغدا سىز بەلكىم بىر قىسىم يېڭىچە ھەرىكەتلەرنى قوللىنىپ، ئۆزىڭىز ئۈمىد قىلغاندەك يېڭىچە نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىڭىز مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن، مەن سىزگە شۇنداق تەكلىپ بېرىمەنكى، سىز ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا ھەر قانداق بىر ئىشتا مەغلۇب بولمايدىغانلىقى، پەقەت نەتىجىلا بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ يېتىڭ. سىز قىلغان ھەر بىر خىل ئىش بىر خىل نەتىجىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ. مەغلۇبىيەت دېگەن سۆزنى چۆرىۋېتىپ، پەقەت نەتىجە دېگەن سۆزگىلا قاراڭ. ھەر قېتىملىق كەچۈرمىشلىرىڭىز ئىچىدىن ئوزۇق قوبۇل قىلىشقا تىرىشىڭ.     ئۈچىنچى ئەقىدە:مەيلى قانداق ئىش يۈز بېرىشىدىن قەتئىنەزەر، ھەممىسىگە مەسئۇل بولىشىمىز كېرەك. ئۇلۇغ، داھىلار بىلەن مۇۋەپپەقىيەت قازانغان شەخسلەرنىڭ يەنە بىر ئورتاق ئالاھىدىلىكى شۇكى: ئۇلار ئۆزىنىڭ ئۆزىگە خاس دۇنيانى ۋۇجۇدقا كەلتۈرەلەيدىغانلىقىغا ئىشىندۇ. سىز ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن دائىم ئاڭلايدىغان بىر جۈملە گەپ مەن مەسئۇل بولىمەن، مەن بىر تەرەپ قىلىمەن دېگەندىن ئىبارەت بولىدۇ.   مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلارنىڭ ھەممىسى مەيلى ياخشى ياكى ناچار ئىش يۈز بېرىشىدىن قەتئىنەزەر، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزۈم پەيدا قىلدىم، دەپ ئىشىنىدۇ. گەرچە ئاشۇ ئىشلار ئۇلارنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ھەرىكىتى سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن ئىشلار بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇلار بەلكىم بۇ ئىشلار مېنىڭ ئىدىيەم سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارايدۇ. ئەلۋەتتە، ئىدىيىمىزنىڭ رېئاللىقنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرەلەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلىيالايدىغان بىرمۇ ئالىم يوقتۇر. لېكىن بۇ ھەقىقەتەن بىر خىل پايدىلىق قىياستۇر، بىر خىل ئادەمنى كۈچ - قۇدرەتكە ئىگە قىلالايدىغان ئەقىدىدۇر. مەن شۇنداق قارايمەنكى، كىشىلەر ئۆزىنىڭ تۇرمۇش كەچۈرمىشلىرىنى ئۆزى ياراتقان بولىدۇ — ياكى ئىدىيە ئارقىلىق ۋە ياكى ھەرىكەت ئارقىلىق — شۇڭا، بىز تۇرمۇش كەچۈرمىشلىرىمىز ئىچىدىن پايدىلىق نەرسىلەرنى قوبۇل قىلالايمىز.   ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنىڭ دۇنيا يارىتىۋاتقانلىقىڭىزغا ئىشەنمەيدىغان بولسىڭىز (مەيلى ئۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولسۇن ياكى مەغلۇبىيەتلىك بولسۇن)، ئۇ چاغدا سىز ئۆز تەقدىرىڭىزگە خوجا بولۇشقا ئامالسىز قالىسىز. شۇنىڭ بىلەن پەقەت مۇھىتنىڭ تىزگىنلىشىنى قوبۇل قىلىشقىلا مەجبۇر بولسىڭىز. ئەگەر سىز ھەمىشە ئۆزىڭىزنى يۈز بەرگەن ئىشلارنىڭ سۇبيېكتى ئەمەس بەلكى ئوبيېكتى دەپ قارايدىغان بولسىڭىز، ئۇ چاغدا سىز پەقەت تاشقى تاسادىپى كۈچلەرنىڭ بىر خىل مەھسۇلىغا ئايلىنىپ قالىسىز. ئۆز تەقدىرىڭىزگە ئىگە بولالمايسىز.   مېنىڭچە، مەسئۇلىيەتنى ئۆز زېممىسىگە ئېلىش بىر ئادەمنىڭ كۈچ - قۇدرىتى ۋە پىشىپ يېتىلگەنلىكىنىڭ ئەڭ ياخشى ئىپادىلىرنىڭ بىرىدۇر. بۇ شۇنداقلا يەنە ئەقىدە كوئىففىنسىنتىنىڭ ماسلىشىش ئىقتىدارىنىڭ بىرخىل ئىپادىسىدۇر. ئەگەر سىز مەغلۇبىيەتكە ئىشەنمىسىڭىز، ھەم ئۆزىڭىز يەتمەكچى بولغان مەقسەتنى ئېنىق بىلسىڭىز، ئۇ چاغدا سىز ھېچنەرسىنى قولدىن بېرىپ قويمايسىز، مەسئۇلىيەتنى ئۆز زىممىڭىزگە ئېلىش ئارقىلىق بارلىق نەرسىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيسىز.    جون F كىننىدى دەل مانا مۇشۇنداق ئەقىدە سىستېمىسىغا ئىگە ئىدى. تان راسىنىڭ  گېپىگە ئاساسلانغاندا، كىننىدى چوشقا قولتۇقى ۋەقەسى داۋامىدا ھەقىقى داھىغا ئايلىنىدۇ. ئۇ ئامېرىكا خەلقىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، چوشقا قولتۇقى ۋەقەسىنىڭ ئەسلىدە يۈز بەرمەسلىكى كېرەك بولغان تىراگېدىيە ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ ئىشقا نىسبەتەن پۈتكۈل مەسئۇلىيەتنى ئۆزى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئۇنى ئىقتىدارلىق ھەم ياش بىر سىياسىئوندىن ھەقىقى بىر داھىغا ئايلاندۇرىدۇ. كىننىدىنىڭ بۇ قىلغانلىرى پەقەت ئۇلۇغ رەھبەر چوقۇم قىلىشقا تېگىشلىك بولغان ئىشلاردۇر، خالاس. مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلالايدىغان كىشىلەر شۇ ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ كۈچ - قۇدرىتىنى نامايان قىلىۋاتقان بولىدۇ. مەسئۇلىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرغان كىشىلەر بولسا ئۆزىنىڭ ئاجىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولىدۇ.    مەسئۇلىيەتنى ئۆز زىممىسىگە ئېلىش شۇنداقلا يەنە بىر ئادەمنىڭ ئىقتىدار پەرقىنىمۇ كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ. كۆپ قىسىم كىشىلەر باشقىلارغا ئۆزىنىڭ ئاكتىپ ھېسىياتىنى ئىپادىلەش كەچۈرمىشىنى باشتىن كەچۈرۈپ باققان. بىز بۇنداق ۋاقىتلاردا بىراۋغا ئۆزىمىزنىڭ قارشى تەرەپنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمىزنى ياكى قارشى تەرەپنىڭ قىيىنچىلىقىنى چۈشۈنىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرۈشكە ئۇرۇنىمىز. لېكىن قارشى تەرەپنىڭ بۇنىڭدىن قوبۇل قىلىدىغىنى ئاكتىپ مەنىدىكى سېگىناللار بولماي قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، قارشى تەرەپ ئارامسىزلىنىشقا باشلايدۇ، ھەم سىزگە دوستانە پوزتسىيىدە بولمايدۇ. لېكىن بۇ ۋاقىتتا، ئۆزىمىزمۇ ئارامسىزلىنىشقا باشلايمىز، ھەم قارشى تەرەپنى ئەيىپلەپ، بۇ خىل ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشىگە ئۇ ئۆزى مەسئۇل بولۇشى كېرەك، دەپ قارايمىز. بۇ ئەلۋەتتە ئۆزىنى ئاقلاشنىڭ ئاددى بىر ئۇسۇلىدۇر. لېكىن بۇ ئانچە ئاقىلانە ئۇسۇل ئەمەس، ئەمەلىيەتتە، بۇ خىل ھالەتنى پەيدا قىلغان ئامىل بەلكىم ئۆزىڭىزنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلىڭىز بولۇشى مۇمكىن. بۇنداق ۋاقىتتا، سىز ئەڭ ياخشىسى ئۆزىڭىزنىڭ تەلەپپۇزىڭىز ۋە چىراي ئىپادىڭىز قاتارلىق تەرەپلىرىڭىزنى ئۆزگەرتىپ باققىنىڭىز تۈزۈك، شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئالماشتۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى ئۆزىڭىز ئېرىشىدىغان ئىنكاستىدۇر. سىز ئۆز ھەرىكىتىڭىزنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئالماشتۇرۇش ئۈنۈمىڭىزنى ئۆزگەرتەلەيسىز. مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىڭىزە ئېلىش ئارقىلىق، نەتىجىنى ئۆزگەرتەلەيدىغان كۈچ - قۇدرەتكە ئېرىشەلەيسىز.     تۆتىنچى ئەقىدە: باچە نەرسىلەرنى تىزگىنلەش ئۈچۈن، بارچە نەرسىلەرنى چۈشۈنۈشنىڭ ھاجىتى يوق. بۇ كۆپ سانلىق مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار قەتئى ئىشىنىدىغان يەنە بىر خىل ئەقىدىدۇر. ئۇلار شۇنىڭغا ئىشىنىدۇكى، مەلۇم بىر نەرسىنى ئىشلىتىش ئۈچۈن چوقۇم ئۇنىڭ ئىنچىكە ئالقىلىرىنى چۈشۈنۈپ چىقىشنىڭ ھاجىتى يوق، پەقەت شۇ خىل نەرسىنى قانداق ئىشلىتىشنى بىلىۋېلىشلا كۇپايىدۇر. ئەگەر سىز زېھنى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان كىشىلەرنى تەتقىق قىلىپ باقىدىغان بولسىڭىز شۇنى بايقايسىزكى، گەرچە ئۇلارنىڭ نۇرغۇن ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالىغۇدەك ئىقتىدارى بار بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار دائىم ئۆزى قىلماقچى بولغان ئىشنىڭ نۇرغۇن ئىنچىكە ھالقىلىرىنى شۇنداقلا ئۆتۈزىۋېتىدۇ.   بىز بىرىنچى بابتا قانداق تەقلىد قىلغاندا ئاندىن كىشىلەرنىڭ ئەڭ قىممەتلىك بايلىقى — ۋاقىتنى تىجىگىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتكەن ئىدۇق. مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلارنى كۆزىتىش ۋە ئۇلارنىڭ ئۆز مەقسەتلىرىگە يېتىشتە قانداق ئالاھىدە ھەرىكەتلەرنى قوللانغانلىقىغا دېققەت قىلىش ئارقىلىق. ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا، ئۇلارنىڭ ھەرىكەتلىرىنى تەقلىدى ھالدا تەكرارلىغىلى ۋە شۇ ئارقىلىق ئۇلار ئېرىشكەن نەتىجىلەرگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. ۋاقىتنى ياراتقىلى بولمايدۇ، لېكىن مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار ھەمىشە بىر ئاماللارنى قىلىپ ۋاقىتنىڭ خوجايىنىغا ئايلىنىدۇ. ئۇلار ھەرقانداق بىر ئىشنىڭ ئۆزىگە لازىملىق قىسمىنى قوبۇل قىلىپ، قالغان قىسىملىرىدىن بولسا ۋاز كېچىدۇ. ئەلۋەتتە، ئەگەر مەلۇم نەرسە ئۇلارنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلغان بولسا، ئەگەر ئۇلارنىڭ ئاپتوموبىلىنىڭ  ھەرىكەت قىلىش مېخانىزىمىنى ياكى بىرەر مەھسۇلاتنىڭ قانداق ئىشلەپچىقىرىلىدىغانلىقىنى چۈشەنمەكچى بولغان بولسا، ئۇ چاغدا ئۇلار بۇنىڭغا ئايرىم ۋاقىت سەرپ قىلىدۇ. لېكىن ئۇلار ھەمىشە ئۆزىنىڭ نېمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكى ۋە قانچىلىك ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىدۇ.   مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلارنىڭ ھەممىسى قانداق نەرسىلەرنىڭ چوقۇم چۈشۈنىۋېلىشقا تېگىشلىك نەرسىلەر ئىكەنلىكى ۋە قايسى نەرسىلەرنىڭ بىلمىسىمۇ بولىدىغان نەرسىلەر ئىكەنلىكىنى بەلگىلەشكە ئالاھىدە ماھىر كېلىدۇ.  مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلارنىڭ چوقۇملا ئەڭ كۆپ ئۇچۇر ۋە ئەڭ كۆپ بىلىمگە ئىگە ئادەملەر بولۇشى ناتايىن. سىتانفۇردبىلەن كارتاكتا، بەلكىم كومپىيۇتېر توك يولىنى چۈشىنىدىغان نۇرغۇن ئالىملار ۋە ئېنىژىنېرلار سېتىف چىيا بۇس بىلەن سىتىف ۋوسىنىكنى ئانچە چۈشۈنۈپ كەتمەسلىكى مۇمكىن. لېكىن ئۇلار ئۆزىدە بار بولغان بارلىق نەرسىلەردىن ئەڭ يۇقىرى ئۈنۈمدە پايدىلىنالىغان، ھەم شۇ ئارقىلىق مۇۋەپپەقىيەت يولىغا قەدەم قويغان.     بەشىنچى ئەقىدە: باشقىلار سىزنىڭ ئەڭ زور كۈچ - قۇدرەت مەنبەئىڭىزدۇر. مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچى كىشىلەرنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك — مۇنداقچە ئېيتساق، زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن ئادەملەردە  — باشقىلارنى ھۆرمەتلەيدىغان ھەم باشقىلارغا توغرا باھا بېرىدىغان ئاڭ مەۋجۇتتۇر. ئۇلاردا شۇنداقلا يەنە بىر خىل گورۇھ تۇيغۇسى ۋە ئورتاق مەقسەت تۇيغۇسى بار بولغان بولىدۇ. مۇۋەپپەقيىيەت ئىزدەش، بىر مىنۇتلۇق دېرىكتۇر دېگەن كىتابلارنىڭ مەركىزى نۇقتىئىنەزەرلىرىدىن شۇنى كۆرۈپ يېتەلەيمىزكى: باشقىلار بىلەن بولغان يېقىن ئالاقە بولمىسا، ئۇزۇنغا داۋاملىشىدىغان مۇۋەپپەقىيەتمۇ بولمايدۇ. مۇۋەپپەقىي7ە قازىنىش يولى ئورتاق تىرىشىدىغان گورۇھنىڭ تەشكىللىنىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. بىر ھەممىمىز ياپونىيە زاۋۇتلىرىغا ئائىت خەۋەرلەرنى كۆرگەن، ئۇ خەۋەرلەردە دېيىلىشچە، ياپونىيە زاۋۇتلىرىدا، ئىشچىلار بىلەن دېرىكتۇرلارنىڭ ھەممىسى  ئوخشاش بىر ئاشخانىدا (زاۋۇت ئاشخانىسىدا) تاماق يەيدىكەن. ئۇلارنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى شۇنى بىلدۈردىكى، باشقىلارنىڭ تىزگىنلەشكە ئۇرۇنماي، بەلكى ئۇلارنى ھۆرمەتلىگەندىلا، مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولىدۇ.    توماس. J. پىسىت بىلەن روبىرت. H. ۋوتمان  مۇۋەپپەقىيەت ئىزدەش دېگەن كىتابتا مۇنداق بىر ئەمەلىيەتكە دىققەت قىلغان: شىركەتنى زورايتىشتىكى ئاچقۇچلۇق مەسىلە ئادەمگە كۆڭۈل بۆلۈشتۇر. مۇۋەپپەقىيەتلىك باشقۇرۇلغان شىركەتلەردە، شەخسكە ھۆرمەت قىلىشتىنمۇ مۇھىم ئىش بولمايدۇ. مۇۋەپپەقىيەتلىك باشقۇرۇلغان شىركەتلەرنىڭ ھەممىسى ھەر بىر شەخسنى ھۆرمەت قىلىدۇ ھەم ئۇلارغا باراۋەر مۇئامىلىدە بولىدۇ، خىزمەتچى خادىملارنى قورال سۈپىتىدە ئەمەس بەلكى ھەمراھ سۈپىتىدە كۆرىدۇ. بۇ ئىككى يازغۇچى شىيۇسىت — پاكىتىنىڭ (96) 20 نەپەر مەمۇرى خادىمنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، بۇ كىشىلەر: مەزكۇر شىركەتنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئادەمگە ئەھمىيەت بېرىش تاكتىكىسى ئارقىلىق قولغا كەلتۈرۈلگەن، دېگەن. شىيۇسىت — پاكىت شىر4ىتى قانداقتۇر ئامما بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىدە بولىدىغان شىركەت ئەمەس، ئۇ ھەم قانداقتۇر خەيرى ساخاۋەتنى مەقسەت قىلىدىغان مۇلازىمەت شىركىتىمۇ ئەمەس. بەلكى ئۇ ھازىرقى زامان پەن - تېخنىكىسىنىڭ ئەڭ مۇرەككەپ ساھەسى بىلەن ھەپىلىشىدىغان شىركەتتۇر. لېكىن مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق، بۇ شىركەتتە ئادەملەر بىلەن ئۈنۈملۈك ئالاقە قىلىش ئىنتايىن مۇھىم ئىش سۈپىتىدە قارالغان.   يۇقىرىدا بايان قىلىنىشچە بىر قانچە ئەقىدىلەرگە ئوخشاش، بۇ ئەقىدىنىمۇ دېيىش ئاسان قىلماق تەس. باشقىلارنىڭ كۆز قاراشلىلرىغا ھۆرەمەت قىلىش — مەيلى ئائىلىدە ياكى شىركەتلەردە بولسۇن — پەقەت ئېغىزدىلا ئاسان قوبۇل قىلىنىدۇ. لېكىن ھەرىكەت جەھەتتىن بولسا ئاسان ئەمەلىيلەشمەيدۇ.   بۇ كىتابنى ئوقۇۋاتقان ۋاقتىڭىزدا، كېمىچىنىڭ ئۆز كېمىسىنى نىشانغا جايىغا قاراپ توختاۋسىز ھالدا يۆنىلىش توغرىلاپ ھەيدەپ  ھەيدەپ كېتىۋاتقانلىقىدەك ئوبرازىنى ئېسىڭىزدە مەھكەم ساقلاڭ. تۇرمۇش قېيىقىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشايدۇ. بىز چوقۇم باشتىن ئاخىر ھۇشيارلىقىمىزنى ساقلىشىمىز. ئۆز ھەرىكىتىمىزنى ئۈزلۈكسىز ھالدا تەڭشەپ، ئۆزىمىزنىڭ كۆزلىگەن نىشانىغا قاراپ تىرىشىپ ئالغا ئىلگىرىلىشىمىزگە كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كىشىلەر دائىم ئۆز ئەتراپىدىكى كىشىلەردىن مۇنداق سوئاللارنى سورايدۇ: بىز قانداق قىلساق بۇ ئىشنى تېخىمۇ ياخشى قىلالايمىز؟، قانداق قىلساق بۇ نۇقتىنى جەزىملەشتۈرەلەيمىز؟، قانداق قىلساق زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز؟ ئۇلارغا ئايانكى، مەيلى قانچىلىك دەرىجىدە ئەقىللىق بولۇپ كېتىشتىن قەتئىنەزەر، بىر ئادەمنىڭ بىر گورۇھنىڭ ئورتاق ئەقىل - پاراسىتىگە تەڭ كېلەلىشى ئىنتايىن مۈشكۈلدۇر.   ئالتىنچى ئەقىدە: خىزمەت بولسا بىر خىل كۆڭۈل ئېچىشتۇر. سىز ئۆزى ياقتۇرمايدىغان ئىشلارنى قىلىش ئارقىلىق زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ باققان ئادەملەرنى ئاڭلاپ باققانمۇ؟ لېكىن مەن ئاڭلاپ باقمىغان. مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ ئاچقۇچلۇق نۇقتىلىرىنىڭ بىر ئۆزىڭىز قىلماقچى بولغان ئىشنى ئۆز قىزىقىشىڭىز بىلەن ئورگانىك ھالدا بىرلەشتۈرۈشتۇر. پابنو پىكاسو (97) مۇنداق دەيدۇ: خىزمەت ماڭا ئازادىلىك تۇيغۇسى بېرىدۇ. لېكىن ھېچ ئىش قىلماي بىكار يۈرۈش ياكى مېھمان كۈتۈش ئەكسىنچە مېنى ھارغۇزىۋېتىدۇ.    بەلكىم بىز پىكاسوغا ئوخشاش رەسىم سىزىش بىلەن شۇغۇللىنالماسلىقىمىز مۇمكىن. لېكىن بىز ئەڭ زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ، ئۆزىمىزنى ئىلھاملارندۇرالايدىغان ۋە خۇشال قىلالايدىغان بىرەر خىزمەتنى تاپساق بولىدۇ. مارك تىۋىن مۇنداق دېگەن: مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ ئېپى ئۆز خىزمىتىڭىزنى دەم ئېلىش ئورنىدا كۆرۈشتۇر.   بىز ئىشتىن بوشىتىلماسلىق ئۈچۈن جان تىكىپ خىزمەت قىلىش توغرىسىدىكى نۇرغۇن گەپلەرنى ئاڭلىغان. نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ خىزمەت قىلىشى ئۇلارنىڭ ئۆز سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان يۈككە ئايلىنىپ قالغان. ئۇلارنىڭ خىزمەت قىلىشتىن ھېچ قانچىلىك خۇشاللىق تاپالمايدۇ،  لېكىن  يەنە ھېچقانداق ئامالمۇ قىلالمايدۇ.   لېكىن، تەتقىقاتچىلار خىزمەتتىن بوشىتىلماسلىق ئۈچۈن جان تىكىپ ئىشلەيدىغنا بىر قىسىم كىشىلەردىن ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان بەزى نەرسىلەرنى بايقىغان. بەزى كىشىلەرنىڭ جان تىكىپ خىزمەت قىلىش ئۇلارنىڭ ئۆز خىزمىتىنى ياخشى كۆرۈش سەۋەبىدىن بولىدىكەن. خىزمەت ئۇلارنى خۇشال قىلىدىكەن، روھلاندۇرىدىكەن، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ بېيىتىدىكەن. بىر قىسىم كىشىلەر خىزمەتكە كۆپ سانلىق كىشىلەر كۆڭۈل ئېچىشقا مۇئامىلە قىلغاندەك ئۇسۇل بىلەن مۇئامىلە قىلىدىكەن. ئۇلار خىزمەتنى ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، يېڭى نەرسىلەرنى ئۆگىنىش ۋە يېڭىچە تۇرمۇش مەنبەلىرىنى قېزىپ چىقىشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى دەپ قارايدىكەن.   بەزى خىزمەتلەر بىر قىسىم ئادەملەرگە پايدىلىق بولسا يەنە بىر قىسىم ئادەملەرگەپايدىسىزمۇ قانداق؟ دەرۋەقە مۇشۇنداق. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاچقۇچلۇق مەسىلە ئۆزىمىزگە پايدىلىق بولغان خىزمەتلەرنى تېپىشتۇر. سىزنىڭ ھازىر قىلىۋاتقان خىزمىتىڭىز دەل مۇشۇنداق خىزمەت. ئەگەر سىز ھازىرقى خىزمىتىڭىزنى ئىجاىدي ھالدا قىلالايدىغان بولسىڭىز، ئۇ چاغدا سىز كېيىنمۇ ھەر قانداق خىزمەتنى ياخشى قىلالايسىز.   مېنىڭچە ئىستىقبالى يوق خىزمەت يوق، بەلكى پەقەت مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى يوق ئادەملەرلا بار. مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشنى خالىمايدىغنا ئادەملەر بىلەن مەغلۇبىيەتكە ئىشىنىدىغان ئادەملەرلا مۇشۇنداق قارايدۇ (يەنى بەزى خىزمەتلەرنىڭ ئىستىقبالى يوق، دەپ قارايدۇ). مەن قانداقتۇر سىزمۇ خىزمىتىڭىزدىن ئايرىلىپ قالماسلىقىڭىز ئۈچۈن جان تىكىپ ئىشلەڭ، دېمەكچى ئەمەسمەن. مەن دېمەكچىمەنكى، ئەگەر سىز ئۆز خىزمىتىڭىزگە كۆڭۈل ئېچىشقا مۇئامىلە قىلغاندەك قىزىقىش ۋە جۇشقۇنلۇق بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان بولسىڭىز، ئۇ چاغدا سىز ئۆزىڭىزنىڭ دۇنيارىنى بېيىتالايسىز، شۇنداقلا يەنە خىزمىتىڭىزنىڭ مەزمۇنىنىمۇ بېيىتالايسىز.     يەتتىنچى ئەقىدە: ئەقىدە بولمىسا ئەڭ ئاخىرقى مۇۋەپپەقىيەتمۇ بولمايدۇ. مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئەقىدىنىڭ كۈ - قۇدرىتىگە ئىشىنىدۇ. مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتىن ئايرىۋەتكىلى بولمايدىغان بىر خىل ئەقىدە بار بولۇپ،  ئۇ بولسىمۇ: ئۇلۇغۋار ئەقىدە بولمىسا، ئۇلۇغۋار مۇۋەپپەقىيەتلەرمۇ بولمايدۇ. ئەگەر خالىغان بىر ساھەدىكى مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلارغا قاراپ باقىدىغان بولسىڭىز شۇنى بايقايسىزكى، ئۇلارنىڭ چوقۇملا ئەڭ مۇنەۋۋەر، ئەڭ قابىلىيەتلىك ۋە ئەڭ كۈچ - قۇدرەتلىك ئادەملەر بولۇشى ناتايىن. لېكىن ئۇلار چوقۇملا ئەقىدىگە ئەڭ باي كىشىلەردۇ.   بىز بۇ نۇقتىنى ھەرقانداق ساھەلەردە كۆرۈپ يېتەلەيمىز، ھەتتا تۇغما تالانت ناھايىتى زور رول ئوينايدىغان ساھەلەردىمۇ مۇشۇنداق. تەنتەربىيە ساھەسىگە قاراپ باقايلى، راللى بېيدنى ئەڭ مۇنەۋۋەر ۋاسكىتبولچىغا ئايلاندۇرغان نەرسە زادى نېمە؟ نۇرغۇن كىشىلەر بۇنىڭدىن ھازىرغا قەدەر ھەيرانلىق ھېس قىلىدۇ، ئۇنىڭ بويى پاكار، ئىلاستىك سەكرىشىمۇ ئانچە ياخشى ئەمەس، لېكىن ئۇ تەنتەربىيە ساھەسىدە ئىنتايىن زور مۇۋەپپەقىيەت قازانغان. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئالدى بىلەن ئۇ قەتئى بولغان مۇۋەپەقىيەت قازىنىش ئەقىدىسىگە ئىگىدۇر. ئۇنىڭ مەشىق قىلىشى ئىنتايىن جاپالىق بولغان، ئىرادىسىمۇ ئىنتايىن قەيسەر بولغان. ئۇ مۇسابىقە مەيدانىدا بار كۈچى بىلەن تىرىشقان. دېمەك ئۇ ئۆزىنىڭ ماھارەتلىرىنى باشقا ھەرقانداق ئادەملەرگە قارىغاندا ئۈزۈل كېسىل جارى قىلدۇرغان. پان روسىمۇ  ئوخشاش ئۇسۇل بىلەن، يەنى ئۆزىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىغا بولغان ئەقىدىسىدىن ئىزچىل ھالدا ئۆزىنىڭ ئارلغا ئىلگىرلىشىگە تۈركە بولىدىغان كۈچ سۈپىتىدە پايدىلىنىش ئارقىلىق، زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. مەشھۇر گولف توپ ماھىرى تام ۋورسىننىڭ  سىتانفۇرد كوماندىسىغا نىسبەتەن ھېچقانداق ئالاھىدە تەرىپى يوق. ئۇنىڭ فىزىئولوگىيىلىك شارائىتى باشقا كوماندا ئەزالىرىنىڭ فىزىئولوگىيىلىك شارائىتى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش، لېكىن بۇ كوماندىنىڭ تېرنىرى ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئىنتايىن ھەيرانلىق ھېس قىلىپ مۇنداق دېگەن: مەن ھازىرغىچە ئۇنىڭدىنمۇ ئۆتە جاپالىق مەشىق قىلىدىغان ئادەمنى كۆرۈپ باقمىغان. فىزىئولوگىيىلىك ماھارەت بىلەن مۇنەۋۋەر تەنھەرىكەتچى ئارىسىدا ھېچقانداق ئالاھىدە باغلىنىش بولمايدۇ. پەقەت ئەقىدىلا مۇنەۋۋەر تەنھەرىكەتچىلەرنى ھەقىقى باش كۆتۈرۈپ چىقىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلالايدۇ.   ھەرقانداق ساھەدە، ئەقىدە مۇۋەپپەقىيەتنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مەن بىراۋلارنىڭ مەيكىل جىكسون توغرىسىدا پاراڭلىشىپ، ئۇنى تۇيۇقسىز پەيدا بولغان ئالاھىدە تالانت ئىگىسى، دېەىنىنى ئاڭلىغان ئىدىم. تۇيۇقسىز پەيدا بولغان ئالاھىدە تالانت ئىگىسى؟ مەيكىل جىكسوننىڭ ئاجايىپ قابىلىيىتى بار ئەمەسمۇ؟ دەرۋەقە مۇشۇنداق، لېكىن ئۇنىڭدا بەش ياش ۋاقتىدىن باشلاپ، مەشھۇر مۇزىكانت بولۇش ئەقىدىسى شەكىللەنگەن. ئۇ شۇنىڭدىن بۇيان ئىزچىل ھالدا مۇشۇ ئەقىدىسى ئۈچۈن كۆرەش قىلغان. ئۆزىنىڭ ئاۋاز پەردىسىنى چېنىقتۇرغان. ئۇسۇل ئويناش قىياپىتىنى مۇكەممەللەشتۈرگەن، ناخشا تېكىستى يازغان ۋە مۇزىكا ئىجاد قىلغان. ئۇنىڭ دەرۋەقە بەزى بىر تالانتلىرى بار، ئۇ ھەم ھەقىقەتەن ئۆزىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىغا پايدىلىق بولغان مۇھىت ئىچىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن. لېكىن ھەممىدىن مۇھىمى، ئۇ ئۆزىدە ئۆزىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولىدىغان ئەقىدە سىستېمىسى يېتىلدۈرگەن، ھەم ئۆزىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىغا پايدىلىق بولغان نۇرغۇن ئۈنۈملۈك ھەرىكەت ئەندىزىلىرىنى تۇرغۇزغان، ئۇنىڭ ئۆزىنى ئالغا ئىلگىرىلەشكە يېتەكلەيدىغان ئائىلىسى بار بولغان، لېكىن ئاچقۇچلۇق يېرى ئۇ بەدەل تۆلەشنى خالىغان. مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئۆزىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىغا پايدىلىق بولغان ھەر قانداق ئىشنى قىلىشنى خالايدۇ. بۇ  دەل ئۇلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنالىشىنىڭ يەنە بىر سەۋەبىدۇر.   مۇ ۋەپپەقىيەت قازىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يەنە باشقا ئەقىدىلەر بارمۇ يوق؟ ئەلۋەتتە بار. ئەگەر سىز باشقا ئەقىدىلەرنىمۇ ئويلىنىش دائىرىڭىزگە كىرگۈزەلىسىڭىز، ئۇ چاغدا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. ئېسىڭىزدە بولسۇن، مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار ھەمىشە ئازدۇر كۆپتۇر تەجرىبىلەرنى قالدۇرۇپ قويغان بولىدۇ. شۇڭا مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كىشىلەرنى تەتقىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۈزلۈكسىز تۈردە ئۈنۈملۈك ھەرىكەتلەرنى قوللىنىشىغا ۋە شۇ ئارقىلىق زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولغان ئاچقۇچلۇق ئەقىدىلەرنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىۋېلىڭ. يۇقارقى يەتتە تۈرلۈك ئەقىدە ئاللىقاچان باشقا كىشىلەرنىڭ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولغان ئەقىدىلەردۇر. ئىشىنىمەنكى، سىز ئەگەر بۇ ئەقىدىلەرنى ئۈزلۈكسىز ھالدا قەتئى داۋاملاشتۇرالايدىغانلا بولسىڭىز، سىزمۇ ئوخشاشلا زور نەتىجىلەرگە ئېرىشەلەيسىز.   پەرەز قىلالايمەنكى، ئاراڭلاردىكى بىر قىسىم كىشىلەر بەلكىم بۇ پەقەت بىر قىياستىن ئىبارەتتۇر. دەپ ئويلاۋاتقان بولۇشى مۇمكىن، ئەگەر سىزدە ئۆزىڭىزگە پايدىسىز ئەقىدىلەر بولسا قانداق بولىدۇ؟ ئەگەر ئەقىدىلىرىڭىز پاسسىپ بولسا قانداق بولىدۇ؟ ئەقىدىنى قانداق ئۆزگەرتىش كېرەك؟ سىز ئاللىقاچان بۇنىڭ بىرىنچى قەدىمىنى بېسىپ بولدىڭىز. يەنى ئۆزىڭىزنىڭ نېمىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىڭىزنى تونۇپ يەتتىڭىز ۋە ئېنىقلىۋالدىڭىز: ئىككىنچى قەدەم بولسا ھەرىكەت قىلىش، يەنى ئۆزىڭىزنىڭ ئىچكى تەسەۋۋۇرىڭىز بىلەن ئەقىدىڭىزنى قانداق تىزگىنلەشنى ۋە چوڭ مېڭىڭىزنى قانداق ئىشلىتىشنى ئۆگىنىۋېلىشتۇر.   يۇقىرىدا، بىز مۇۋەپپەقىيەتنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرەلەيدۇ، دەپ قارىغان بىر قىسىم پارچە پۇرات نەرسىلەرنى مەركەزلەشتۈرۈپ بايان قىلدۇق. بىز ئاللىقاچان شۇنى بىلىپ يەتتۇقكى، ئەقىدە مۇۋەپپەقىيەتنىڭ مەنبىئىدۇر. ماھىر ئالماشتۇرغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئۆزىنىڭ نېمىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ، ھەم ئۈنۈملۈك ھەرىكەتلەرنى قوللىنالايدۇ، تاكى مۇۋەپپەقىيەت قازانغانغا قەدەر، ئۆزىنىڭ ھەرىككىتىنى ئۈزلۈكسىز ھالدا تەڭشەيدۇ

    收藏到:Del.icio.us