-
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/116729046.html
ئاي ناملىرىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى
ھازىر قازاق قاتارلىق نۇرغۇن تۈركى قېرىنداشلىرىمىز ئاي ناملىرىنى ئۆزلىرىنىڭ تىلى بويىچە ئاتاپ كېلىۋاتىدۇ، مەلۇم بىر رايوندىكى بىر مىللەتنىڭ ئاي ناملىرىنى ئاتىشى شۇ رايوننىڭ يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولىدۇ،يەنە شۇ جايدىكى پەسىللەرنىڭ ئالمىششى، ھاۋا كىلماتىنىڭ ئۆزگىرىشى قاتارلىق نەرسىلەرنى ئەكىس ئەتتۈرگەن بولىدۇ. بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىزمۇ ئۇزۇن تارىخى تەجىرىبە ساۋاقلارنى يەكۈنلەش نەتېجىسدە ئۆزىمىزگە ماس كېلىدىغان ئاي ناملىرىنى ئىجاد قىلىپتۇ،قانداقلارچىكىن كۆپ سانلىق كىشىلەرگە بۇلارنى بىلىش نىسىپ بولالماي، ئۆزىمىز مەنىسىنىمۇ چۈشەنمەيدىغان چەتئەلدىن كىرگەن ئاي ناملىرىنى ئىشلىتىپ يۈرۈپتۇق، ئەگەر تىلىمىزدا يوق بولسىغۇ مەيلىتى بىراق بار تۇرۇپ ئىشلەتمەي ئۇنى ئۇنتۇلۇپ كېتىش ماڭا تازا توغرىدەك تۇيۇلمىدى. نەچچە ئاي بۇرۇن قارائوت بۇرادەر ئۆزىمىزنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاي ناملىرىنىڭ بىر قەدەر ئوموملاشقان ئاتىلىشلىرىنى رەتلەپ گۈلىستان مۇنبىرىگە سۇنۇپ بولسا مۇنبەردە شۇ ناملارنى قوللىنىش تەكلىۋىنى بەرگەن ئىدى. بۈگۈن مۇشۇ ئىش ئېىسمگە كېلىپ مەنمۇ گۈللۈگدىكىلەرگە مۇشۇ تەكلىپنى قويماقچىمەن. ئەگەر توغرا كۆرسەڭلەر بۇ نىڭدىن كېيىن گۈللۈگدە ئاي ناملىرىنى ئاتاشقا توغرا كەلگەندە ئۆزىمىزنىڭ ئۇيغۇرچە ئاتىلىشىنى ئىشلەتسەڭلار.
تۆۋەندە ئايلارنىڭ ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى
1-ئاي-----قەھرىتان
2-ئاي-----ھۇد
3-ئاي------نەۋرۇز
4-ئاي------ئۇمۇت
5-ئاي------باھار
6-ئاي------سەپەر
7-ئاي------چىللە
8-ئاي------تومۇز
9-ئاي------مىزان
10-ئاي-----ئوغۇز
11-ئاي-----ئوغلاق
12-ئاي-----كۆنەك
بۇ يىل ئاخىرلاشقىچە بۇ ئاي ناملىرىنى يادلىۋالىدىغىنىڭلارغا ئىشىنىمەن.历史上的今天:
ئۇيغۇرلار ۋە ياپونىيە ئىمپېرىيىسى 2011-04-09ئۆزبېكىستان ئۇيغۇرلىرى 2011-04-09ئۇيغۇرلاردىكى دۇنياۋىي شەخىسلەر 2011-04-09ﺋﺎﭘﭙﺎﻕ ﺧﻮﺟا ،ئاتمىش يىل ۋە بىز ئويغۇرلار 2011-04-09ھىيىتگاھ جامەسى ھەققىدە 2011-04-09
收藏到:Del.icio.us