«شاھزادە» ناملىق پىلاستىنكىنىڭ خوتەندىكى ئىمزا قويۇپ تارقىتىش مۇراسىمى قىززىپ كەتتى
ۋاقتى: 2015-11-22
ئاۋاتلىقى: 2302 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ئۇيغار تورى خەۋىرى:
2015-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى شەنبە چۈشتىن بۇرۇن، خوتەن ماري براون تېز تاماقخانىسى 2-تارماق دۇكىنىدا مودا ئېقىم ناخشا چولپىنى ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپنىڭ «شاھزادە» ناملىق پىلاستىنكىسىنى ئىمزا قويۇپ تارقىتىش مۇراسىمى غەلبىلىك ئۆتۈزۈلدى.
پائالىيەت داۋامىدا، ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى پىلاستىنكىسىغا چىقىرىلغان ناخشىلىرىنى ئەتراپلىق تونۇشتۇرۇپ، ئۆزىنى داۋاملىق قوللاپ كېلىۋاتقان قېرىداشلارغا چىن كۆڭلىدىن تەشەككۈرىنى بىلدۈردى.
پائالىيەت داۋامىدا ئابلاجان ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى پىلاستىنكىسىغا چىقىرىلغان «مەھەللىمىزدە مەشرەپ بار» ناملىق ناخشىسىنى نەق مەيداندا ئورۇنلاپ، سورۇن كەيپىياتىنى يەنىمۇ بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈردى.
بۇ قېتىملىق پائالىيەت ئابلاجان ئۇسلۇبىنى ياقتۇرىدىغان دوستلىرىمىز ئۈچۈن ئىنتايىن ياخشى بولغان سورۇن بولۇپ قالدى.