ئابلاجاننىڭ «شاھزادە» ناملىق يېڭى پىلاستىنكىسىنى تارقىتىش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
ۋاقتى: 2015-11-22
ئاۋاتلىقى: 1915 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
مۇشۇ ئاينىڭ 7-كۈنى (2015-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى) ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپنىڭ 3-پىلاستىنكىسى بولغان «شاھزادە» ناملىق يېڭى پىلاستىنكىسىنى تارقىتىش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
يىغىنغا كەلگەن ھەر ساھە زاتلىرى ئالاھىدە كۆپ بولغاچقا، ئابلاجان ئۇلارغا بىرمۇ بىر ياخشى قاراپ بولالمىغانلىقىدىن سەمىمىي ئۆزرىلىك سورىدى.
ئابلاجاننىڭ بۇ قېتىملىق يېڭى پىلاستىنكىسى توغرىسىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى تولىمۇ جانلىق ۋە قاينام-تاشقىنلىق ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىدى.
ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئابلاجان ۋە ئۇنىڭ سېپىدىكىلەر نەق مەيداندا نومۇر كۆرسىتىپ، يىغىن كەيپىياتىنى ئالاھىدە يۇقىرى كۆتۈرىۋەتتى.