ئابلاجان يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئابلاجان رەستە ژۇرنىلىنىڭ مۇقاۋىسىغا چىقتى

ئابلاجان رەستە ژۇرنىلىنىڭ مۇقاۋىسىغا چىقتى

ۋاقتى: 2015-11-24 ئاۋاتلىقى: 1349 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

TV بازارنىڭ ئەڭ يېڭى سوۋغىسى رەستە ژورنىلى تەسىس قىلىندى

TV بازار خەۋىرى:

TV بازار پىروگراممىمىز ئىستېمالچى خېرىدارلار ۋە كەڭ كۆرۈرمەنلىرىمىزگە يېڭىچە مودا ۋە زامانىۋىي ئېقىمنى ئاساسىي تېما قىلغان رەستە ژورنىلىنى تەسىس قىلىپ سوۋغاتلىق سۈپىتىدە سۇندۇق. رەستە ژورنىلىمىز يەنىلاTV بازارنىڭ ئىستېمالچىلار ئۈچۈن ئەلا مۇلازىمەت قىلىش، مەنىۋىي تۇرمۇشنى بېيىتىش، خەلقنى مودا ئېقىمغا يىتەكلەشتەك خىزمەت ئەندىزىسىگە ئاساسەن، 2015-يىلى 11-ئايدا پروگراممىمىزنى قوللاپ قۇۋۋەتلىگەن ۋە ئىزچىل ئېتىراپ قىلىپ كەلگەن كەڭ ئىستېمالچى خېرىدارلىرىمىز بىلەن رەسمىي يوسۇندا يۈز كۆرۈشتى. بۇنىڭلىق بىلەن شىنجاڭ ئىچىدە ئۇيغۇر تىلىدىكى مودا ئېقىم ژورنىلى كەمچىل بولۇشتەك ئەھۋالغا خاتىمە بېرىلدى.

ياش تالانتلىق مودا ئېقىم چولپىنى ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ تۇنجى سان ژۇرنالنىڭ مۇقاۋىسىغا چىقتى.


رەستە ژورنىلىمىز ئاساسلىقى شىنجاڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى زامانىۋىي ئېقىمغا ئىنتىلىدىغان، تۇرمۇشىنى بېيىتىشنى ئويلايدىغان شۇنداقلا TV بازار پروگراممىمىزنىڭ ئەزىز كۆرۈرمەنلىرى بولغان ئىستېمالچى خېرىدارلىرىمىزنى ئۆزىنىڭ ئوبيېكتى قىلغان بولۇپ، كىشىلەرنىڭ مەدەنىي ۋە مەنىۋىي تۇرمۇشىنى بېيىتىش، ئىستېمال ئىدىيىسىگە يىتەكچىلىك قىلىشنى ئۆزىنىڭ نىشانى قىلغان. ۋاقىت ۋە ئورۇن چەكلىمىسى يوق، ھەرقانداق ۋاقىتتا ھەرقانداق جايدا ئولتۇرۇپ كۆرەلەيسىز ! ئەمەلىي قوللىنىشچانلىقى ئىنتايىن يۇقىرى.

بايانات

مەزكۇر يانبىلوگ ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپنىڭ نازارەتچىلىكىدە يېزىلغان بولۇپ، بارلىق يازما، رەسىم، ناخشا ۋە باشقا ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسى ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپنىڭ تولۇق ماقۇللۇقى بىلەن يوللانغان، خالىغانچە رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى