• بىلوگ يەنە ئەسلىگە كەلدى .
    قاتتىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشلار ئارقىسىدا ، كىچىكىنە بىر كوددىكى خاتالىقنى تېپىۋالدىم  شۇنىڭ بىلەن بىلوگىمنى يەنە ئەسلىگە كەلتۈرىۋالدىم . كۆيگەن يامانمۇ كۆنگەنمۇ دىسە كۆنگەن دەپتىكەن،  بۇبىلوگقا كۈنۈپ قاپتىكەنمىز  ئاددى بولسىمۇ ئۆزى ،  ئەمدى  ئوڭشىلىپ  ياخشى بولدى .  ئەمدى بۇ بىلوگقا ئاددىي -ئاددىي يازمىلارنى يوللايمەن بۇنداق بولغاندا ھەم ئۈزۈمگىمۇ ياخشى  ھەم زىيارەتچىلەرنىڭ ۋاقتىنىمۇ ئىسراپ قىلمايدىكەنمەن .

  • بىلوگىم نۇرمالسىز بۇلۇپ قالدى،  بايا قارىسام بىلوگىمنىڭ خېتى ئۆزگىرىپ قاپتۇ ، خەتنى ئوڭشايمەن دەپ بىر مۇنچە ئاۋارە بۇلۇپ  ئوڭشىسام ئوڭشالدى لىكىن يەنە نورمال ئەمەس ، خەت سولدىن ئوڭغا بۇلۇپ قالدىمۇ ياكى باشقا ئىشمۇ ، پەش چىكىتلىرى تازا نورمال ئەمەس . زىيارەتچىلەردىن ئۆزرە سورايمەن

  • بايا مۇنبەرگە كىرسەم باشقىلار چىقىرىپ قويۇپتۇ ، ئۆزۈم ئىزدىسەممۇ  تاپالمايدىكەنمەن  بۇ ناخشىلارنى بىلوگىمنىڭ ئىشتىراكچىلىرىغا  ھېيىتلىق سوۋغا بۇلۇپ  قالسۇن دەپ ئويلاپ قالدىم  . ئولتۇرۇپ  كاللىنى ساق تۇتۇپ  ئاڭلىسا  ئاجايىپ ناخشىلار بۇ ئەينى دەۋىرلەردە  ئىز قالدۇغان  ھازىر ئاڭلىسىمۇ  يەنىلا ئىسىل ئاڭلىنىدۇ .
    ئايەم دىگەنمۇ ناخشا ساز بىلەن ئۆتكۈلۈك دە ،.
    ئىز ، كونا مىلتىق ، خەجلە خائىنلار قاتارلىق ناخشىلار دۇتتار بىلەن ئورۇندالغان
     ئايەملىك ناخشىلار

  • ئايەم مۇبارەك !

    خەلىق ئىچىدە ئەتىگەن كەلگەن مۇشتىن يانما دەيدىغان بىر گەپ باركەن ،شۇنىڭغا قارىغاندا ئەتىگەنكى ئىشلار خەيرىلىك بولسا كېرەك . ھېيىت كۈنىمۇ ئەتىگەندە مەسچىتكە بارىمىز ، ئاندىن تۇققان ، دوس بۇرادەرلەر ۋە باشقىلار بىلەن ھېيىتلىشىمىز ، مۇشۇ ھېيىت كۈنى غېرىپىققا چۈمۈپ قالىدىغانلار يەنىلا يېراقتا خىزمەت قىلىۋاتقانلار ، ئۇرۇق تۇققان ، ئاتا -ئانىسى بىلەن كۈرۈشۈشكە پۇرسەت بولمىغانلار ياكى ۋەتەن سىرتىدىكى قېرىنداشلار بولسا كېرەك ، بۇلارغا ئاسانلىقلار بولسۇن . شۇنداق قىلىپ ھېيىت يىتىپ كەلدى ، ھېيىت مۇناسىۋىتى بىلەن ئاداۋەتلەر تۈگەپ دوستلۇق قېرىنداشلىقنىڭ كۈچىيىشىنى ئۈمىد قىلىمەن ۋە مۇشۇ بىلوگىم ئارقىلىق بارلىق قېرىنداشلارنىڭ ھېيتىنى مۇبارەكلەيمەن ، ئايەم مۇبارەك !

  • بىر مەزگىل ئالى مەلۇماتلىق كىشىلەر ئارىسىدا ياشاپ ، تەغدىرنىڭ قىسمەتلىرى بىلەن تۇيۇقسىز يېزىىغا كىلىپ ياشاش ئېھتىياجى تۇغۇلۇپ قالدى ، دەسلەپ كىلىپ كۆڭلۈپ يېرىم بۇلۇپ قالدى ، مۇشۇنداق يەرلەردە ئۆمرۈم ئۈتۈپ كىتەرمۇ دەپ ئويلاپ كەتتىم ، تۇپا ، قۇم ،دەل -دەرەخ ، بىرتوپ زامانىۋى كىيىنىدىغان ياشلار ۋە ئاق كۆڭۈل چوڭ ياشلىق كىشىلەر  مۇشۇلار مەن كۈندە كۈرۈپ تۇرىدىغان مەنزىرە ۋە تۇرمۇش بۇلۇپ قالدى . بارا-بارا بۇيەر ماڭا يېقىپ قالدى ، ياشلارغا قارىغارندا ئوتتۇرا ياشلىق كىشىلەر بىلەن بەكىراق چىقىشىپ قالدىم ، ئەسلى ئاق كۆڭۈللۈكنى بىز يېزىنىڭ مۇشۇ توپىلىرىغا كۈمۈپ قۇيۇپ شەھەرگە قاچىدىغان ئوخشايمىز دەپ قالدىم . ئەسلى سەنئەت گۈزەللىك مۇشۇ يەردىكەن . بۇرۇنقى ئالى مەلۇماتلىق كىشىلەر بىلەن تۇرغان ۋاقتىمغا قارىغاندا   بۇيەردە  كۆپ ئەركىن  ئازادە بۇلۇپ قالدىم . ئادەمنىڭ بىلىمى ، ئۇنۋانى ،قالپىقى ئاشقانسىرى شۇنچە مۇرەككەپ ، زىرىكىشلىك بۇلۇپ قالامدىغاندۇ ياكى باشقا سەۋەپمۇ دائىم بۇرۇنقى بىلەن ھازىرقىنى سېلىشتۇرۇپ كىتىمەن .
    ھاياتنىڭ ئۈزى بەك مۇرەككەپ ئەمما مۇرەككەپلەشتۈرگەن بىز ئادەملەر ، بۇنداق جىمجىتلىق يەرلەردە  زامانىۋى شەھەردە نەشىر قىلىنغان كىتاپلارنى ئوقىسا ئاجايىپ بولىدىكەن .


    بىر ماكان

  • ئەسسالامۇئەلەيكۇم! بىلوگىمنىڭ دائىملىق زىيارەتچىلىرى ياخشىمۇ سىلەر ،ئىشلىرىڭلار ئوڭ بولغاي !
    10چوڭ بىلوگنى باھالاش پائالىيىتى باشلىنىپ قاپتۇ، شۇڭا مۇشۇ ھەقتە ئىككى شىڭگىل گەپ قىلىپ قوياي دەپ ئوشۇبۇ يازمىنى يېزىۋاتىمەن . ياخشى بىلوگدىن ئوننى تاللاپ چىقىدىغان ئىشكەن، ئاۋال نامزات كۆرسىتىدىكەنمىز ئاندىن بىلەت تاشلايدىغان ئوخشايدۇ .‹يۈكسەل بىلوگىغا› كىرىپ مەن پالانى بىلوگنى نامزاتقا كۆرسىتىمەن دەپ ئىنكاس يېزىپ قويسىلا بولىدىغان ئىش ، ناھايىتى ئاددىي بىر جەريان . ئىككى كۈن بولدى نامزات كۆرشىتىش ئورنىنى كۈزىتىۋاتىمەن ،  ئەھۋاللار ئادەمنى سەل غەش قىلىپ قويىدىكەن . نىمىشقا دىگەندە ئون نادىر بىلوگنى  ئوقۇرمەنلەر  يەنى زىيارەتچىلەر نامزاتلىققا كۆرسەتكەن بولسا تازا ياخشى بولاتتى، چۈنكى بىلوگنى مەن يازىمەن سىز ئوقۇيسىز ماڭا نىسبەتەن ئۆزۈمنىڭ يازغىنى ناھايىتى ئىسىل ئەمما سىزگە قانداق مەن ئۇنى بىلمەيمەن .ئەگەر باھالا دېسە مەن ئۆزۈمنى بىرىنچى قىلىپ باھالىۋالىمەن ،شۇڭا  چوڭ بىلوگ نامزاتىنى ئاۋال زىيارەتچىلەر كۆرسەتسە ئوبدان بولاتتى . ھازىر ئاساسەن  بىلوگ يازغۇچىلار  باشقا بىلوگلارنى نامزاتلىققا كۆرسىتىپتۇ مىنىڭچە  بۇ تازا ياخشى بولمىغىنى ، ئەڭ دەسلەپ زىيارەتچىلەر  نامزاتلىققا كۆرسەتسە ئاندىن باشقىلار كەلسە ئاقىلانىلىك بولاتتى .چۈنكى زىيارەتچى، مانداقچە ئېيتقاندا  خەلىق ئاممىسى
    قايسىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ . 
    بىلوگىمنىڭ زىيارەتچىلىرى بولسا مۇشۇ پائالىيەتكە بىر كۈچ چىقىرىپ قويسڭىز ، يۈكسەلجاننىڭ بىلوگىغا كىرىپ ياختۇرىدىغان بىلوگىڭىزنىڭ ئىسمىنى شالاققىدە يېزىۋىتىپ چىقىپ كەتسىڭىزكەن .بۇ ئەلۋەتتە سىزنىڭ ئۇيغۇر بىلوگچىلىقى ئۈچۈن قوشقان بىر كىشلىك تۆھپىڭىز .

    نامزات كۆرسىتىش ئادرىسى :http://www.yuksel.me/1011.html

    10چوڭ بىلوگ ،10چوڭ بىلوگ ،ئىچىدە كىسەك ئالتۇن بار (ئازىراق ئىلان قستۇرۇپ قوياي بولمىسا باشقىلار ئوقۇماي قالمىسۇن )


     


  • ئاخىرقى پۇشايمان
    ئاۋازلىق ئەسەر

    ئەسەرنىڭ ئاپتۇرى :مۇھەممەد ئېلى قاراقاش
    ئەسەرنىڭ مەنبەسى :مىسرانىم توربىكىتى
    ئەسەرنىڭ بارلىق ھوقوقى مىسرانىم تورىغا مەنسۇپ !


  •      ئابدۇراخمان مۇھەممەت تۈركىي: ئاۋۋال ئۆزىڭىز ھەققىدە ئازراق توختىلىپ باقامسىز؟  
         غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد: مۇنبەردە تەرجىمھالىم تونۇشتۇرۇلۇپ بولدى، سۈرىتىممۇ چاپلاندى. سىلەر ئاشۇ ئورۇق ۋە ئىگىز، چىرايىدىن غەم- قايغۇ تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان كىشىنىڭ غوجىمۇھەممەد ئىكەنلىكىنى ئاللىقىچان بىلىپ بولدۇڭلار. ئۇنىڭ ئۆزى يوللىغان ۋە باشقىلار چاپلىغان نەچچە ئون پارچە شېئىرىدىن ئۇنىڭ شېئىرى تالانتىنىڭ ۋاي دەپ كەتكۈدەك ئەمەسلىكىنىمۇ ھىس قىلىپ يەتتىڭلار. ئۇ  تاسادىپىي ئامەت بىلەن شېئىرخۇمار خەلقىنىڭ بىر مەزگىل «غوجىمۇھەممەد قىزغىنلىقىنى»  كۆتۈرۈشى ئارقىلىق خىلى نامى بار شائىرلاردىن بولۇپ قالدى. بىراق ئۇنىڭ يازغان شېئىرلىرى يۇلتۇزلاردەك كۆپ بولسىمۇ قۇياش بولۇشتىن خىلىلا يىراق. ئاسماندىكى ھەممە يۇلتۇزلار بىرلىشىپمۇ قۇياشقا تەڭ بولالمايدىغانلىقى ئۇنىڭغا ئايان. ئۇ شېئىرىيەت سورۇنلىرىدا، مەتبۇئاتلاردا، مۇنبەرلەردە يەتكۈدەك ماختاپ ئۇچۇرۇلدى. ھەر قىتىم ماختالغاندا ئۇ تارتىنىپ،قىزىرىپ تۇرۇپ ئىچىدە يوشۇرۇن تەنتەنە قىلدى. گاھىدا ئۇ ئۆزىنى ھەقىقەتەن كاتتا شائىرمەن دەپ ئويلاپ ئۆز- ئۆزىدىن مەست بولدى... لىكىن ئۇنىڭ يالغۇز قالغاندا ئۆزىنى ۋىجدان تارازىسىدا جىڭلاپ كۆرۈپ ھەتتا ئۆزى ئىيتىشقا جۈرئەت قىلالمىغان بىر لەبزە سۆزچىلىكمۇ ۋەزنى يوقلىقىنى بىلىپ قاتتىق ئازابلانغانلىقىنى، ياقىسىنى پارە- پارە يىرتىپ نالە قىلغانلىقىنى سىلەر بىلمەيسىلەر... ئۇ بۇ مەخپىيىتىنى ھىچكىمگە دېمىگەن ئىدى. ئەيتاۋۇر، بۇ راسىت!  ئۇ 39 يىللىق ئۆمرىنى بىر تىنىق- بىر تىنىقتىن ياشاپ توشقۇزدى. 20 يىلدىن بىرى بىر ھەرپ- بىر ھەرپتىن يېزىپ 2000 پارچىغا يىقىن شېئىرلارنى روياپقا چىقاردى. بۇلارنى ھىچكىم ئىنكار قىلالمايدۇ. ئۇ مۇشۇنداق ياشىسا ھىچكىمگە زىيان تەگمەيدۇ. ناۋادا بىركىم ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى ئىنكار قىلىش ئارقىلىق پايدا تاپماقچى بولسا ئىنىقكى، بۇ ئىككىلا تەرەپكە زىيان.  ئۇ ئەڭ زور، جاھىلانە تىرىشچانلىقى بىلەن داۋاملىق شېئىر يازماقچى. ياشايدىغانلار ياشاۋەرسۇن، ئۆلىدىغانلار ئۆلۈۋەرسۇن، ھەركىمنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ئىشى بار. ئۇ شېئىر يېزىۋەرسۇن، يا ئەۋلىيا بولۇپ كېتەر، يا ساراڭ...

  • بىلوگنى يېڭى ئىشلەتكۈچىلەرگە : بىلوگباس ئۇسلۇپلىرىنى چۈشۈرۈڭ

  • ھەر بىرئادەمنىڭ كىيگەن كىيىمى ،تۇتقان ئۆيى ، كۈلگەن كۈلكىسى ، يىغىسى ئوخشاش بولمىغاندەك  ھەر قايسى ئادەمنىڭ توردۇنياسىدىكى قولانغان ئىسىمى،ئىشلەتكەن باش سۈرىتى، قۇرغان بىلوگى ئوخشاش بولمايدىكەن . مەنمۇ ھەم شۇ، دەسلەپ بىلوگىمنىڭ تور ئىسمى ۋە نامى تازا يېقىپ كەتمىگەن بولسىمۇ بىلوگقا قىزىقىپ ھەپلىشىپ باققان ،بارا-بارا ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن ھەممە نەرسە خۇددى شۇنداق بۇلىشى كېرەكتەك تەبىئي بىلىنىدىغان بۇلۇپ كەتتى . ھازىر دۇنيا بىلوگىمنىڭ كەپتەر بىلەن بىر مۇناسىۋىتى باردەك كەپتەرنى بىلوگىمنىڭ تۇغى قىلىۋالدىم . بىلوگىمنى كىيىنچە تەرەققى قىلدۇرۇش ، چوڭايتىش ئويىمۇ يوق ئەمەس ،ئەھۋالغا قاراپ  بېقىپ كىيىنچە مۇستەققىل بىر تور ئادرىسى ئېلىشنى خىيال قلۋاتىمەن ، شۇ چاغدا كەپتەر بىلوگى دەپ بىلوگ يېزىپ قېلىشىممۇ مۇمكىن .
    بىلوگىم بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالايدىغان بىلوگلارنىڭ يېڭى ياسىغان تۇغنى بىلوگىغا قاداپ قۇيىشىنى سورايمەن .

    بىلوگ لوگ ئادرىسى http://filer.blogbus.com/4327504/4327504_1285919053.gif


  • يىللىق 10 چوڭ بلوگنى باھالاشقا تەكلىپ – پىكىر قوبۇل قىلىمىز
    1. يىللىق 10 چوڭ بلوگنى باھالاشنىڭ ئەھمىيىتى نېمە؟
    2. 10 چوڭ بلوگنى باھالاش پائالىيىتىنىڭ قەدەم باسقۇچلىرى قانداق بولسا مۇۋاپىق؟
    3. مەزكۇر پائالىيەتنىڭ باھالاش نەتىجىسى قانداق بولغاندا تېخىمۇ نوپۇزلۇق ۋە قايىل قىلارلىق بولىدۇ ؟
    4. باھالاش كۆرسەتكۈچلىرى قانداق بولۇشى كېرەك ؟
    … … …
    مانا يۇقىرىقى سۇئاللارغا ئائىت ۋە ياكى مەزكۇر پائالىيەتكە ئالاقىدار ھەرقانداق تەكلىپ – پىكىرىڭىز بولسا دادىل ئوتتۇرىغا قويۇشىڭىزنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىز. چۈنكى سىزنىڭ يول كۆرسىتىشىڭىز ۋە قاتنىشىشىڭىز بولغاندىلا بۇ پائالىيەت تېخىمۇ ئادىل ، تېخى مۇۋاپپەقىيەتلىك تەشكىللەنگۈسى!

     

  • دادام مۇنداق دىگەن :
    مەندىن ۋەج ئەمەس قەرز قالىدۇ ، قەرزىڭ بولسا ئىشلەشنى ئۆگىنىسەن دىھقان بولساڭمۇ بىلىملىكراق بول ، خوتۇنۇڭنى ئۇرما ، تىللىما لىكىن ئىنساۋىنى تىلە ، ھازىر قىزلارنى باشقۇرماقتىن ئوغۇللارنى باشقۇرماق تەس ، بالاڭنىڭ ئالدىدا تاماكا چەكمە، بالاڭنىڭ ئالدىدا خوتۇنۇڭغا ئەركىلىمە، قىزلارغا ھىجايما ، يىرىڭگە ئوبدان ئىشلە . . .
    مۇھەببەتكە سادىق بولامسەن بولمامسەن بۇ ئۆزۈڭنىڭ ئىشى ، كىشلەرنى ھۆرمەتلە بىر ئىرىق سۇ بىلەن ئاۋامنى خوش قىل ، باشقىلارغا قارغىش تىلىمە

    دادام ۋاپات بوپ كەتتى .

    ئانام مۇنداق دىدى :
    ئۆلۈپ كىتمىز ، ئادەم دۇنيادا پۇلغا تويمايدۇ ، يالاڭئاياق قىززىق توپىغا دەسسەپ مىڭىپ قوي .   شەھەرلكلەرنى بەك دوراپ قالما ، ئېشەك ھارۋىسمۇ قاتناش قورالى ، بالاڭنى 3 كۈندە بىرقىتىم بولسىمۇ قورقۇتۇپ تەربىيە قىل

  • 1- بىرئاي ئىشلەپ بىركۈن يەيدىغانلار .
    2- بىر كۈن ئىشلەپ بىر كۈن يەيدىغانلا .
    3- بىر كۈن ئىشلەپ بىر ئاي يەيديغانلار .  

    تەمەچ تەردى دەپ خاپا بولما ، ئازراق بولسىلا چۆگۈن قاينايدۇ .

    مەن سەندىن شۇنچىلىك نەپرەتلىنمەنكى ئۇ-سىنىڭ 9-ئېرىڭ ئىدى.

    كىشلەرگە تەلمۈرۈپ قول سۇنغاننىڭ نۇمۇس-ۋىجدان تۈيغۇسى يوق ، لىكىن ئېغىزىدا بولسىمۇ ئاللانى ۋاستە قىلىدۇ .

    مۇھەببەت ئۈچۈن ئازاپ چىكىۋاتقان ئىكەنسەن تېخىمۇ كۆپرەك مۇھەببەت باغلا.مۇھەببەت ئۈچۈن ئۆلۈش-مۇھەببەت ئۈچۈن ياشاش دىمەكتۇر.
    بەزىدە بەدەننىڭ ھالىتى قانداق بولسا بولسۇن،روھ ھامان يۈكۈنگەن بولىدۇ.

    مەن بۈگۈن ئىشىكىم بىلەن تازا مۇنازىرلەشتىم ، ئەمما يىڭىلىپ قالدىم ، شۇڭا ئاچچقىمدا ئېشكىمنى دۇمبالىدىم ، قولۇمدىن كىلىدىغىنى شۇ

  • بۈگۈن تور  ئىسمى غەلىتە بولغان بۇ بىلوگىمغا يازمىلارنى ئىلان قىلىپ بۇلۇپ  بىلوگ باس ئارقا بېتىدىكى سىتاستىكىنى كۆرۈپ يەنە ئۈزۈمچە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ كەتتىم . بۇ بىلوگىمدىكى ئۆزۈم قول سېلىپ يازغان ئىجادى يازمىلىرىم 10پىرسەتنكىمۇ يەتمەيدۇ، قالغىنى ئاساسەن ئۇيەر -بۇيەردىن تېرىپ تۆشەپ يىغىپ قويغان يازمىلار. يەنە شۇنداقتىمۇ سىتاستىكا قىلغۇچقا قارىسام كۈندە بىلوگ قا كىرىپ قاراپ بېقىپ چىقىپ كىتىدىغانلار ئاز بولغاندا 10 جىق بولغاندا 20گە يىتىدىكەن .گەرچە بۇ سانلار بىرقىسىم داڭلىق بىلوگلارغا نىسپەتەن ئادەتتىكى بىر سانلار بولسىمۇ لىكىن باشقىلار كۆرۈپ بولغان يازمىلارنى، باشقىلارنىڭ يازمىلىرىنى كۈچۈرۈپ  ئىلان قىلغاچقا مۇشۇنچىلىك ئادەممۇ جىق بىلىنىدۇ .
    ئويلايمەن بۇ زىيارەتچىلەر  بىلوگقا كىرىپ قايسى يازمىلارنى بەك كۆرىدىغاندۇ ، قانداق ئادەملەر كىرىدىغاندۇ دەپ. بەزى تور بەتلەردىن بەزى ماقالىلەرنى ئۈزەمچە شۇنداق نوچى يېزىلىپتۇ دەپ ئويلاپ مىڭ بىر جاپالاردا كۆچۈرۈپ كىلىپ چاپلاپ  كىيىن  سىتاستىكىغا قارىسام ھىچكىم كۆرمىگەن ، بەزى يازمىلارنى خىيالىمدا ئادەتتىكى چاغلاپ ئىلان قىلىپ قويۇپ بىرچاغلاردىن كىيىن قارىسام كۆرۈلۈش نىسپىتى ناھايىتى يۇقىرى تۇرغان ، مۇشۇنداق چاغلاردا قاتتىق ھەيران بولىمەن دە . بۇ زىيارەتچىلەرنىڭ نىمىلەرنى ياختۇرىدىغانىنى تازا بىلىپ كىتەلمىدىم . بەزى تورداشلار ياخشى يېزىپسىز دەپ ئنكاس يېزىپ قويىدۇ ،خىجىل بۇلۇپ قالىمەن چۈنكى مەن يازمىغان تۇرسام ، مۇشۇنداق ئارلىشىپ قالمىسۇن دەپ‹ يازمىلىرىم › دەپ بىر تۈر ئېچىپ قويغان ،تاقا-تۇققا دىگەندەك نەرسىلەرنى يېزىپ .

ئۇسلۇب ئاپتورى:پرېستان ak22.blogbus.com网站PR查询
Loading