•  

    ﺋﻪﻱ ﺋﺎﺷﯩﻖ ! ﺋﺎﯕﻼﯞﺍﺗﺎﻣﺴﻪﻥ؟...ﺋﺎﯕﻠﯩﻤﯩﺴﺎﯕﻤﯘ ﻣﻪﻳﻠﻰ .
    ﮔﻪﭘﻨﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻧﻜﻪﻧﻤﻪﻥ ﺋﺎﺧﯩﺮﻻﺷﺘﯘﺭﺍﻱ...
    ﺑﯩﺰ ﺳﻪﻧﺪﻩﻙ ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﯩﻜﻤﯘﺋﻪﻣﻪﺱ،ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻟﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻧﻤﯘ ﺋﻪﻣﻪﺱ،ﻳﻮﻟﯩﻤﯩﺰ ﺗﻮﭘﯩﻠﯩﻖ،ﺷﻮﺭﻟﯘﻕ،ﻗﻮﻱ ﺑﺎﻗﺎﺗﺘﯘﻕ،ﻳﺎﺯ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯜﺭﯛﻙ ﺋﯚﭼﻜﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﭗ،ﺑﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻐﯩﺰﯨﻨﻰ ﻳﯩﭙﻘﺎ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﭖ(ﺑﯩﺮﻳﺎﻛﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯩﺘﯩﺮﺩﯨﻦ ﺋﺎﺷﻘﯩﺪﻩﻙ)ﺑﯩﺮ ﺑﯩﺮﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﺗﯘﺗﺎﺗﺘﯘﻕ،ﺑﯘ ﻣﯩﻐﯩﺰﻻﺭ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ  تېتاتتىكى.....ھەي...
    ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻝ ﻣﯩﻐﯩﺰﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻥ ﻳﻪﻳﺘﺘﯘﻕ،ﻗﻮﻝ ﻳﺎﻏﻠﯩﻖ ﺋﺎﺩﺩﻯ ﺋﯩﺪﻯ،ﻛﻮﻧﺎ ﭼﺎﭘﺎﻧﻨﯩﯔ ﻳﯩﺮﺗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﺎﻕ ﺧﻪﺳﻪ ﺋﻪﺳﺘﯩﺮﯨﮕﻪ ﺷﯘ ﺟﺎﻧﺎﻥ ﻣﺎﯕﺎ ﻳﯩﭙﻼﺭﻧﻰ ﮬﻪﺭﺧﯩﻞ ﺭﻩﯕﮕﻪ ﭼﯩﻼﭖ ﺭﻩﯕﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﺷﺘﻪ ﺗﯩﻜﻪﺗﺘﻰ،ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﻳﺎﻏﻠﻘﻨﻰ ﺩﯨﮕﯜﺩﻩﻙ ﭘﯘﺭﺍﻳﯩﺘﺘﯩﻢ(ﺭﻩﺥ ﻛﻮﻧﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﻗﯩﺮﺗﺎﻕ ﺑﯘﺭﯨﺴﯩﻤﯘ)،ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺑﯘ ﻳﺎﻏﻠﯩﻘﺘﺎ ﻧﯩﮕﺎﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺟﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭﺩﻩ!!
    ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﯩﺪﻩﻙ ﺳﯘﻧﺌﻰ ﮔﯜﻟﻠﻪﺭ ﻳﻮﻕ ﺋﯩﺪﻯ،ﺋﻪﺗﺘﯩﮕﻪﻧﺪﻩ ﭼﯩﻘﯩﭙﯩﻼ ﺋﯩﭽﯩﻠﯩﻐﺎﻥ ﮔﯜﻟﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻝ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺗﺎﻝ(ﻗﺎﻳﺴﻰ ﮔﯜﻝ ﺑﻮﻟﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﻗﻪﺗﺌﯩﻨﻪﻩﺯﻩﺭ)ﺋﯜﺯﯛﭘﻼ ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﯩﺰﻟﻪﭖ ﺳﻮﻻﺷﻤﺎﺳﺘﺎ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﭘﯘﺭﺍﻳﺘﺘﯘﻕ،ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﭼﯩﻜﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﻗﯩﺴﯩﭙﻤﯘ ﻗﻮﻳﺎﺗﺘﯘﻕ،ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻗﺎﻳﯩﺘﻘﺎﻧﺪﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻝ ﺷﯩﺸﻪ ﺗﯩﭙﯩﭗ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺳﻮﻏﯘﻕ ﺳﯘ ﻗﯘﻳﯘﭖ ﮔﯜﻟﻨﻰ ﺑﯩﻐﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻼﭖ ﻗﻮﻳﺎﺗﺘﯘﻕ،ﮔﯜﻝ (5-10ﻛﯜﻧﮕﯩﭽﻪ ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺋﺎﻳﻐﯩﭽﻪ ﺳﻮﻻﺷﻤﺎﻳﯩﺘﺘﻰ،ﺧﯘﺩﺍ ﮬﻪﻗﻘﻰ ﺭﺍﺱ، ﺋﻪﻱ ﺋﺎﺷﯩﻖ! )ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺳﯜﻳﯩﻨﻰ ﮬﺎﻣﺎﻥ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﯘﻕ،ﺑﯩﺰﺩﻩ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺗﻪﺑﯩﺌﻰ ﺋﯩﺪﻯ...

    ﺋﻪﻱ ﺋﺎﺷﯩﻖ ! ﺋﺎﯕﻼﯞﺍﺗﺎﻣﺴﻪﻥ؟ ؟
    ﻳﻪﻧﻪ ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﺎﻗﺎﻱ ﺗﯩﯖﺸﺎﭖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭ،ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ، ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﺗﻪﺳﻜﯩﻦ ﺗﺎﭘﺎﺭﺳﻪﻥ....
    ﻗﻮﻟﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﺗﻪﻛﻜﯜﺯﻣﻪﻳﯩﺘﺘﯘﻕ،ﻛﯚﺯﯨﻤﺰﻣﯘ ﺋﯘﭼﯩﺮﺍﺷﺴﺎ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﺩﯛﭘﯜﻟﺪﻩﻳﯩﺘﺘﻰ(ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺗﯜﻳﯜﻗﺴﯩﺰ ﺳﻪﻥ ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ ﻗﯩﭽﯩﭗ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪﻩ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﯩﯔ ﻛﻮﭼﯩﺪﺍ ﺋﯘﭼﯩﺮﺍﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﻩﻙ،ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﻪﺭﺯ ﺋﯩﮕﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﯘﭼﯩﺮﺍﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﻩﻙ)،ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﯩﺪﻩﻙ ﺑﯜﮔﯜﻧﻰ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ ﺳﯚﻳﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺶ ﻳﻮﻕ ﺋﯩﺪﻯ،ﻛﻪﭼﻠﯩﺮﻯ ﮬﻮﻳﻠﯩﺪﺍ ﻳﺎﺗﺎﺗﺘﯩﻢ،ﺋﺎﻳﺪﯨﯖﻨﯩﯔ ﺷﻮﻟﯩﺴﯩﺪﺍ ﺧﯩﻴﺎﻝ ﻗﯩﻼﺗﺘﯩﻢ،ﭘﺎﺷﺎ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﭼﺎﻗﺎﺗﺘﻰ،ﺷﯘ ﺋﯩﭽﯩﻤﺪﻩ ﭘﺎﺷﯩﻼﺭﻧﻰ ﻣﯩﯖﻨﻰ ﺗﯩﻠﻠﯩﺴﺎﻣﻤﯘ ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻛﯚﯕﻠﯜﻣﺪﻩ ﺧﻮﺵ ﺋﯩﺪﯨﻢ،ﻧﯩﻤﯩﺸﻘﺎ ﺩﻩﻣﺴﻪﻥ ؟ ﺋﻪﻱ ﺋﺎﺷﯩﻖ !...
    ﭘﺎﺷﺎ ﻣﯩﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺋﯘﻳﻘﯘﻣﻨﻰ ﻗﺎﭼﯘﺭﺍﺗﺘﻰ ﻣﻪﻥ ﺋﺎﺷﯩﻘﻤﻨﻰ ﺧﯩﻴﺎﻝ ﻗﯩﻼﺗﺘﯩﻢ،ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﭼﯩﺮﺍﻱ تاللىماس ﺩﻩﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﻪﻣﺴﯩﻞ ﺑﻮﻳﭽﻪ ﻛﯚﯕﻠﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﭘﺎﻙ ﺗﯘﺗﺎﺗﺘﯘﻕ،ﺷﯘ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﻣﻪﻧﺪﻩ ﮬﻪﻡ ﻧﯩﮕﺎﺭﯨﻤﺪﺍ ﺑﯩﺮﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯩﺘﺎﭖ ﺑﺎﺭﺋﯩﺪﻯ(ﺗﻪﺋﻪﺟﺠﯜﭘﻠﯜﻙ ﺧﯩﻴﺎﻟﻼﺭ-ﺋﺎﺑﺪﯛﺷﯜﻛﯜﺭ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺗﺌﯩﻤﻦ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ،ﻛﺎﻛﻜﯘﻙ ﻗﻮﻧﻐﺎﻥ ﺗﺎﻝ-ﻛﺎﻛﻜﯘﻙ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺳﺎﻳﺮﯨﻐﺎﻧﺪﺍ-ﻣﺎﺧﻤﯘﺗﺠﺎﻥ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ،ﻳﻪﻧﻪ ﺟﯩﺒﯩﺮﺍﻥ ﺧﯩﻠﯩﻞ ﺟﯩﺒﺮﺍﻧﻨﯩﯔ ﻳﺎﺵ ﯞﻩ ﻛﯜﻟﻜﻪ ،ﻳﻪﻧﻪ ﺭﺍﺑﯩﻨﺪﯨﺮﺍﺕ ﺗﺎﮔﯘﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﮬﻪﺳﯩﺮﻩﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺘﺎﭘﻼﺭ ﺋﯩﺪﻯ)،ﺷﯘلارنى  ئالماشتۇرۇپ  ﺋﻮﻗﯘﻳﺘﺘﯘﻕ. ﺑﯩﺰ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﯩﺪﻩﻙ ﺑﺎﻏﭽﯩﻼﺭﻏﯩﻤﯘ ﻛﯩﺮﻣﻪﻳﺘﺘﯘﻕ،ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻧﺎﻣﯩﺮﺍﺕ ﺋﯩﺪﯗﻕ، ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﺎﺯﻻ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﻧﺎﺧﺸﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﺗﺘﯘﻕ،ﺑﯘ ﻧﺎﺧﺸﯩﻼﺭ ﺭﺍستلا ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﺪﻯ.

    ﺋﻪﻱ ﺋﺎﺷﯩﻖ !! ﺋﯘﺧﻼﭘﺴﻪﻧﺪﻩ،ﺑﻮﭘﺘﯘ ﮬﯩﺮﯨﭙﻤﯘ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺴﻪﻥ ﺋﯘﺧﻠﯩﯟﺍﻝ ! ﭼﯜﺷﯜﯕﺪﻩ ﺋﺎﺷﯩﻘﯩﯖﻨﻰ ﻛﯚﺭﯨﯟﺍﻟﺴﯖﻤﯘ ﺋﻪﺟﻪﭖ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﭼﯜﺷﻜﻪ ﻧﯩﻤﻪ ﻛﯩﺮﻣﻪﻳﺪﯗ ﺩﻩﻳﺴﻪﻥ؟ﺋﺎﻟﻼ ﻣﯘﺭﺍﺩﯨﯖﻐﺎ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﻩﺭ...
    ﺋﯘﺧﻠﯩﻐﺎﭺ ﺗﯘﺭ،ﻣﻪﻥ ﺑﯩﺮﯨﭗ ﻛﯩﯟﻩﺯﻟﯩﻜﻤﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺑﺎﻗﺎﻱ،ﺋﯩﭽﯩﻠﺪﯨﻤﯘ ﻳﻮﻕ؟ﻣﻪﻥ ﺋﻪﺗﻪ ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯩﻠﯩﻤﻪﻥ.

    -ئېتقىنە ﺋﺎﺷﯩﻖ ؟!  ﺋﻪﺗﻪ ﺳﺎﯕﺎ ﻧﯩﻤﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﭺ ﻛﯩﻠﻪﻱ؟؟؟

    ﺋﺎﺷﯩﻘﺘﯩﻦ ﻧﯩﺪﺍ ﻛﻪﻟﺪﻯ.
    -ﻣﻪﻥ ﺋﯘﺧﻠﯩﻤﯩﺪﯨﻢ .ﻣﺎﯕﺎ ﮬﯩﭽﻨﻪﺭﺳﻪ ﻻﺯﯨﻢ ﺋﻪﻣﻪﺱ،ﺋﻪﺗﻪ  ﻳﻪﻧﻪ ﺳﯩﻨﯩﯔ ﮬﻪﺳﯩﺮﺗﯖﻨﯩﯔ ﺩﺍﯞﺍﻣﻰ ﻻﺯﯨﻢ.

    ...ﺋﺎﺷﯩﻖ ﺋﻮﻳﻐﺎﻕ ﺋﯩﺪﻯ... ! 
     
                        

  • شەرق رىۋايەتلىرىدىكى قەھرىمانلارنىڭ ئاجايىپ پائالىيەتلىرىگە ئوخشاش ساددام ھۈسەيىنمۇ ئەگرى-توقاي ھايات مۇساپىسى ،ھادىسىلەرگە باي ئىش-ئىزلىرى ،ئوزگىچە ھاكىمىيەت كوز قارىشى بىلەن ئىسلام دۇنياسىدا دەرىجىدىن تاشقىرى تەسىر قوزغىغان شەخس .مىليونلىغان تەلەپكارلارنىڭ نامازلىرىدا،دۇئا تىلاۋەتلىرىدە ئۇلۇغ خۇدادىن تىلەۋاتقان ئورتاق تىلەكلىرى ۋە ئۈمىدىنى ئوزىنىڭ ھايات مۇساپىسىنىڭ تولۇق قىسمىغا ئايلاندۇرغان بۇ قەھرىمان ،ئوز غايىسىنىڭ ۋە پائالىيىتىنىڭ بەدىلى سۈپىتىدە ،باشقا دەۋىرداش باھادىرلار بىلەن ئوخشاش قىسمەتكە دۇچار بولدى.مىلادىدىن بۇرۇن ياشىغان رىمنىڭ ھەربىي قوماندانى قەيسەر،ئوز يېقىنلىرى،ۋە ئوغلى تەرىپىدىن سۇيقەست قىلىنىپ ئۆلۈش ئالدىدا ئوغلىغا قاراپ « بالام ،ئەسلىدە بۇلارنىڭ ئىچىدە سەنمۇ بار ئىكەنسەن- دە !دەپ قاتتىق ھەسرەت ئىچىدە جان ئۈزۈپتىكەن .ساددام ئوز ئۆلىمىنىڭ ، ۋەتەنداشلىرى تەرىپىدىن قىزغىن ئىجرا قىلىنغانلىقىنى كورۈپ ،قانداق ئۈمۈتسىز تۇيغىلارغا كەلگەندۇ ؟!  ئۇنىڭ ئۆلىمى، تورۇس ،ھىمالايا تاغلىرىنىلا ئەمەس، يىراق ئالپىس،ۋە ئاندىس تاغلىرىنىمۇ ھەيران قالدۇردى .  ئۇنىڭ ئولىمىنىڭ تەسىرىگە ،باغدات،دەمەشق ،ئىستانبوللا ئەمەس بەلكى بېيجىڭ ،لوندون،ۋاشىنگىتونمۇ ئۇچرىدى .  ئۇنىڭ ئۆلىمىگە، نىل، ئېفرات دەريا ۋادىلىرىدىلا ئەمەس ھەتتا خۇاڭخې،مىسسىپى ۋە دوناي دەريا ۋادىلىرىدىمۇ ئېچىنىدىغانلار چىقتى ..   7- ئەسىردە پەيغەمبىرىمىزنىڭ نەۋرىسى ھەسەن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇئاۋىيە بىلەن بولغان توقۇنىشتا  مىڭلىغان مۇسۇلمانلارنىڭ قىرىلىپ كېتىشى مۇتلەق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇرۇشتىن ۋاز كەچكەن ئىدىسادداممۇ ئۈستۈن ھەربى كۈچ بىلەن بېسىپ كېلىۋاتقان دۈشمەن دولەت بوسىغىسىغا يېتىپ كەلگۈچە ،ئوزىنىڭ تەمكىن مۇسۇلمانلارغا خاس ئوبرازىنى ساقلىدى ۋە كۈچلۈك دۈشمەن بىلەن ئاشكارا ئۇرىشىشنىڭ خەلقىغە ئېلىپ كېلىدىغان ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يوشۇرۇن كۈرەشكە ئاتلانغانئىدى.  مۇھەممەت سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ كىچىك نەۋرىسى ھۈسەن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئەينى ۋاقىتتاكۇفە (ئىراق)لىكلەرنىڭ ۋەدىسىگە ئىشىنىپ ،مۇئاۋىيە بىلەن ئۇرۇشماقچى بولغان ئىدى .بىراق شۇ دەۋىرلەردىلا ئىشەنچىسىز سانالغان بۇ خەلىقنىڭ ئىچىدىكى قوللىغۇچىلىرى ئۇنى ھىمايە قىلىشتىن باش تارتقانلىقى ئۈچۈن،كەربالادا ئېچىنىشلىق ئولتۈرۈلگەن .  سادداممۇ ، يۇقۇرقى پاجىئەدىكىدەك بىر قىسىم يېقىنلىرى ۋە دېمكىراتىيەسىراپ كەتكەن زامانداشلىرىنىڭ دۈشمەن بىلەن بولغان ھەمكارلىغى نەتىجىسىدە قولغا چۈشۈپ ،ئۆلتۈرۈلىش تەغدىرىدىن قۇتۇلالمىدى.12- ئەسىردىكى ، كۇرت پەرزەنتى ،ئىسلام دۇنياسىنىڭ قەيسەر جەڭچىسى ،ئېرۇسالىمنى ئىككىنچى قېتىمفەتھى قىلغۇچى سۇلتان سالاھىددىن ،شۇ دەۋىردە تولۇق مۇستەقىل بولۇش ئىمكانىيىتى بولسىمۇ ،ئىسلامخەلىپىلىگىنىڭ بىر پۈتۈنلىگىنى قوغداش ئۈچۈن ،خەلىپىگە بەيئەت قىلغانتى . بۇ تارىخنى ۋە سالاھىددىننىڭ روھىنى، ئوزىگە ئۈلگە قىلغان ساددام ھۈسەيىن ،يېڭىدىن قۇدرەت تېپىۋاتقان دۆلىتىنى پارچىلاش غەرىزىدىكى بولگۈنچى كۇرت مىللەتچىلىرىنى مەخسىتىگە يەتكۈزمىدى .ۋە بۇ «ئاتالمىش جىنايىتى«گە بىر قىسىم كۇرت مىللەتچىلىرى تەرىپىدىن ئۆلۈمگە ھوكۈم قىلىندى .ئىسلام دىنىنىڭ يادرولۇق ھاكىمىيەت ئىدىيىسى بولغان دېمىكىراتىك ئۇسۇلدا خەلىپە سايلاش ئەنئەنىسىنىلا ئەمەس ،نۇرغۇن ئەسلى ئەقىدىلەرنىڭ ئوزگۈرۈپ كېتىشىگە سەۋەپچى بولغان ،ئىسلام خەلىپىلىگىگە ئېغىر زىيانلار كەلتۈرگەن ،شىئە ئەقىدىسىدىكى فاتىمىيە سۇلالىسىنى بەربات قىلىپ ،ئىسلام دىنىنىڭ ئەسلى نوپوزى ۋە ئەقىدىسىنى قوغدىغان،ئىسلامنىڭ ئاۋانگارت جەڭچىسى ئابدۇراھمان 111 ۋە سۇلتان سالاھىددىنلارنىڭ توھپىسىنى بۈگۈنگىچە ئەۋلاتلار يادلاۋاتىدۇ .ئەمما ئېچىنىشلىق يېرى، ئىران ئىسلام ئىنقىلاۋى غەلبە قىلغاندا ،تەنتەنە قىلىپ ، قوللىغان ساددام ھۈسەيىنگە كېيىن ئىرانئوزىنىڭ شىئە ئەقىدىلىرىنى ئېكىسپورت قىلىشقا باشلايدۇ . ئۆز دولىتىنىڭ ئەنئەنىسى ۋە مۇقىملىغى تەھدىدكە دۇچ كەلگەنلىگىنى ھېس قىلغان بۇ زامانىمىزدىكى «سالاھىددىن» قارشى تۇرۇشقا ئاتلىنىدۇ .بىراق ئۇنىڭ بۇ تارىخىي توھپىسى باشقىلار تەرىپىدىن جىنايەت ھېساپلىنىدۇ ...... ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئاز كەم 100 يىللىق غايىسىنىڭ ،تالان-تاراجلىق تارىخىغا بولغان زەردىسىنىڭ ، ساھىبى بولغان بۇ مىللى قەھرىمان ،ئەجداتلارنىڭ ئەۋلاتلارغا سوزلەپ بېرىدىغان تىراگىدىيىلىك داستانىنى يارىتىپ،ئوزىنىڭ شانلىق ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇردى                        
                                               

  •  

    ئۇ مىنىڭ قېشىمدىكى بىر خەنزۇ يولداش بىلەن ئورۇن ئالمىشىپ يېنىمغا كېلىپ ئولتۇردى  ،ئىككىمىز بىرگە ئۈرۈمچىدىن ئېلۋالغان نان، قايماق ،مىۋە -چېۋىلەر بىلەن تاماقلىنىپ بۇلۇپ ئايغى چىقماس پاراڭلارغا كىرشىپ كەتتۇق ئۇ مەندىن ئىسمىمنىڭ نىملىكىنى ،قايسى مەكتەپتە ئوقۇيدىغانلىقىمنى  ئىچكىرگە نىمگە ماڭغانلىقىمنى  سوردى مەن ئۇنىڭغا ئىسمىمنىڭ رەفىسە  ئىكەنلىكىنى ئوفىسىرلار مەكتىۋېىدە ئوقۇيدىغانلقىمنى ئاپامنىڭ بالىنستا ئىكەنلىكىنى ئاپامنى يوقلاپ كېلىشكە ماڭغانلىقىم قاتارلىق بىر قاتار ئىشلارنى ئېيتىپ بەردىم  ئۇمۇ ئىسمنىڭ رەپقەت ئىكەنلكىنى ،مەلۇم قىسمدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقىنى تولۇق ئوتتۇرىدا بىرگە ئوقۇپ ئىككى يىل مۇھابەتلەشكەن قىز دوستىنى يوقلاپ ماڭغىنى  سۆزلەپ بەردى مەن ئۇنىڭ مۇھاببىتمىنى يوقلاپ ماڭدىم دېگەن گېپىنى ئاڭلاپ سەل ئۈمىدسىزلەندىم 
    ئەزەلدىن بىرسىنى ياراتمايدىغان ئوغۇل مىجەز چوڭ بولغان مەننىڭ تۇيۇقسىز يېرىم يولدا ئۇچىراپ قالغان بۇ بالىغا كۈيۇپ قالغىنمدىن ھەيرانلىقمۇ ھىس قىلىپ قالغان ئىدىم   ئەمما بۇ ھەقىقەت ئىدى ،مەن ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ئۇزاق خىيالغا پاتتىم قىز دوستىنىڭ مەن ئەمەس باشقا بىرسى ئىكەنلكىدىن ھەسرات چەكتىم تۇيۇقسىز ئۇ مىنى تۇرتۇپ :
    -نىمنى خىيال قىلۋاتسىز دەپ سوردى
    كىچكمىدىن  كۆڭلۇمدە نېمە بولسا ئاغزىمغا چىقىدىغان بولغاچقا
    -سىزنى خىيال قىلۋاتمەن دېدىم دادىلىق بىلەن
    -مىنى ؟؟ئۇ قاتتىق ھەيران قالدى بولغاي ياندۇرۇپ سوردى
    -نىمىشقا مىنى خىيال قىلسىز ؟؟
    -نىمىشقا بۇلاتتى سىز بەك كىلىشكەن ئىكەنسىز ،شۇڭا نىمىشقا مىنىڭ ئوغۇل دوستۇم بۇلۇپ قالىمغاندۇ دەپ خىيال قىلۋاتمەن دېدىم 
    ئۇ ئىتتىك قىزىرىپ كەتتى   .مەنمۇ گەپنى دەپ بۇلۇپ جىدىيلىشىپ يۈركۈم ئويناپ ،قانلىرىم قىزىپ ،قۇلاقلىرىمغا ئوت كەتكەندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالدىم .رەپقەت ئۇزاق ئولتۇرۇپ كەتكەندىن كىيىن 
    چاقچاق قىلماڭ سىڭلىم سىز تېخى كىچىك ئىكەنسىز مەن سىزدىن بەش ياش چوڭ سىز تېرشىپ ئوقۇڭ دەپلا قۇلقىغا تېلغۇننىڭ نائۇشكىسىنى سېلىپ ئولتۇرۋالدى ئۈزۇمنىڭ يۈزى قېلىنلىق قىلىپ ئالدىراپ ئېيتىپ سالغان بۇ گېپىمگە پۇشايمان قىلدىم ،رەپقەتنىڭ بۇندىن كېيىن مىنى ئىزدىمەي قېلشىدىن ئەمدى بۇ بىر كۆرۇپ ياخشى كۆرۇپ قالغان ئادىمدىن مۇشۇ سەپەرنى ئاخىرلاشتۇرۇپلا ئىزدەشمەي بىر كۇنلۇك بۇلۇپ قېلىشتىن ئۈكۇندۇم .
    ئۇزۇن  .....ئاتماس كېچە مۇشۇ سەپەردە بەك بىلىنسە كېرەك رەپقەت ماڭا ئورننى بۇشتۇپ بېرىپ باشقا ۋاگۇندا ئوخلاپ كېلەي دەپ كەتتى ،مەن بىر كۈرۈپ ياخشى كۆرۇپ قېلىشنىڭ ئازابىدا  مىڭ تەستە  تاڭ ئاتقۇزدۇم . 
    ئەتىگەن ئالتىلەردە ئۇمۇ كېلىپ يۈز -كۆزلىرىنى يۇيۇپ مەن بىلەن ئولتۇرۇپ ناشتا قىلدى ،مەن ئاخشامقى ئىش ئۇچۇن ئۇنىڭدىن

     


  • ئەنگىلىيەدە يۈزبەرگەن بىر قارا قۇيۇن 75مىتىر ئۇزۇنلىقتىكى بىر تۈمۈر يول كۆۋرىكىنى يۇلۇۋېلىپ سۇغا تاشلىۋەتكەن .بۇ ۋەقەدىن كىيىن مۇتەخەسلەر شۇچاغدىكى قاراقۇيۇن ئايلانما ھاۋا ئېقىم سۈرىتىنىڭ ئاۋازنىڭ تارقىلىش سۈرىتىدىن يۇقىرى بولغانلىقىنى ھىساپلاپ چىققان .
    ئامرىكا ئوخالاما شىتاتىدا بىرھارۋىكەش مەپە ھەيدەپ كىتىۋاتقاندا ئاجايىپ بىر كۈچلۈك ئاۋاز ئۈگدەپ كىتىۋاتقان ھارۋىكەشنى چۆچىتىۋەتكەن .ئۇ كۆزىنى ئېچىپ قارىسا ھارۋىنىڭ ئالدىدىكى 2ئات بىلەن مەپىنىڭ بىر شوتىسى ئىز-دىرەكسىز يوقالغان .ئۆزى بىلەن مەپە بولسا جايىدا تۇرغانلىقىنى كۆرگەن.
    يېڭى ئوبانى شەھىرىدە قاراقۇيۇن يۈزبەرگەن كەنىتتىن  40كىلومىتىر يىراقتىكى جايلارغا ھاۋادىن  ھەرخىل  كىيىم-كىچەكلەرنىڭ پارچىلىرى ،ئۆي جاپدۇق قاتارلىق نەرسىلەر چۈشكەن .
    قاراقۇيۇننىڭ قانۇنىيىتى ئاجايىپ بۇلۇپ بەزىدە ھەممىنى يالماپ كىتىشى ،بەزىدە بولسا مەركىزىي دائىرە ئىچىدىكى نەرسىلەرنى قىلچە زىيانغا ئۇچرىماسلىقى مۇمكىن .شىمالىي ئامرىكىدا كىشىلەر قاراقۇيۇن ئۆتۈپ كەتكەندىن كىيىن بەزى تۇخۇلارنىڭ پەيلىرى پاك -پاكىز يۇلىۋىتىلگەنلىكى ،بەزى تۇخۇلارنىڭ پەقەت سىڭا تەرىپىنىڭ پەيلىرى يۇلىۋىتىلگەنلىكىنى كۆرۈشكەن.
    سوۋىت ئىتىپاقىدا پەيدا بولغان بىر قارا قۇيۇن بىرئائىلنىڭ ئىشىڭ دېرىزىلىرىنىڭ ئېچىۋەتكەن ،تەكچىدىكى بىر ئۈستەل سائىتى ئاشخانا ۋە كارىدوردىن ئۇچۇپ ئۆتۈپ بالىخانىغا كىرگەندە ئۇچۇشتىن توختىغان .بۇنىڭ سەۋەبى نىمە ؟بۇ ھەقتىكى بارلىق سىرلار ئالىملارنىڭ تەتقىق قىلىشىنى كۈتمەكتە.

     

     

  • ئىنگىلىزلارمۇ ‹تاج ماھال›نىڭ ئالدىدىن ئۆتسە ئۇيغۇر بىناكارلىقىنىڭ بۇ جاھانشۇمۇل ئۈلگىسىگە مەپتۇن بۇلۇپ ئاغزىنى ئېچىپ قالىدىكەن .ئۇيغۇر زەمبىرەكلىرىنىڭ بۇس-پوروخلىرى ئاسمىنىڭلاردىن كەتمەي تۇرۇپ ئۇيغۇرلارنى ئۇنتۇلۇپ قالغىنىڭلار غەلىتە ئىشقۇ ؟ 2000يىل ئىلگىرى مۇشۇ ھىندىستان زىمىنىدا قانسىراپ ئۆلگەن مەشھۇر ئىستىلاچى زۇلقەرنەيىننى بىلمەيدىغىنىڭلار يوق ،يولۋاستەك قۇترىغان پېتى دۇنيانىڭ تەڭ يېرىمىنى قېلىچ ئاستىغا ئالغان ،ھەتتا سىلەرنىڭ ھىندىستاننىمۇ ناشتىلىق ھىسابىدا يۇتۇپ كەتكەن ئاشۇ ئىسكەندەر مۇ ئۇيغۇر ئېلىگە پەشۋا ئاتقاندا ،يەكەن خانلىقىنىڭ شىددەتلىك ھۇجىمىغا دۇچ كىلىپ بىراقلا ياۋاشلاپ مۈشۈككە ئايلىنىپ قالغانىدى .ئۇيغۇرلار ئەنە شۇ يىللاردا تارىخنىڭ ئوتتۇرى ئاسىيا ۋە ئوتتۇرى تۈزلەڭلىك ئۈچۈن قارايغان ئاسمىنىنى بىراقلا دۈم كومتۈرۈپ توختىغان ،ھېلىمۇ ھەم بازار رەستەڭلەرنى رەڭدار گىلەم ھەم شايى ئەتلەس بىلەن چاقنىتىپ تۇرىۋاتقانلارمۇ دەل ئۇيغۇر سودىگەرلەردۇر.مەن ئەشۇنداق ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادى ....


  • بىز ئادەملەر قاينىغان تۆت كوچا ئېغىزىغا كەلگەندە ،كىشلەرنىڭ ئۆتكۈر كۆزى ھەم تەئەجەپلىنىش ،ھەم مەنسىتمەسلىك نەزىرى بىزگە تاشلاندى.لىكىن ھېلىقى ئىككى ساۋاغدىشىم بولسا ھىچنىمىگىمۇ پەرۋا قىلماستىن ،ماڭا:‹ئاداش سەن نىمانچە قارا ئىشچىدەك يىىنىۋالدىڭ ؟›دېدى .
    مەن ئۈندىمىدىم ،ئاخىر بىر ساۋاغدىشىم ‹ئاداش ،كۆڭلۈڭگە ئالما .بىز ئاددىي ئىشچى مۇشۇنداق ياسانمىساق كىشىلەر نەزىرىگە ئالمايدۇ.قوساققا يىمىسەكمۇ ،ئابروي ئۈچۈن كىيىنمىسەك بولمايدۇ›دېدى .
    مەن ئۇلارنىڭ گىپىدىن جەمىيىتىمىزدىكى بەزى ياشلارنىڭ غەلىتە ياسىنىشىنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قۇيۇپ،ئۇنىڭغا نەقەدەر بېرىلگەنلىكىنى شۇندىلا ھىس قىلدىم .مىنىڭچە ياخشى ،پاكىز،رەتلىك كىيىنىش ،كۆركەم بۇلۇشقا ئەھمىيەت بېرىش يامان ئىش ئەمەس،بەلكى ‹قەلبى گۈزەل بۇلۇش›نىڭ مۇھىم بىر مەزمۇنى.غايىلىك بىر ياش ئۈچۈن ئېيىتقاندا ئۆزىنى كىيىم بىلەن ئەمەس بەلكى بىلىم بىلەن زىننەتلەشكە ئىنتىلىشى كېرەك .شۇنداق قىلغاندىلا ئۆزىنى ۋە جەمىيەتنى نۇرلاندۇرالايدۇ.مەزمۇنغا باي،ساغلام مەنىۋى گۈزەللىكىكە شۇنچە بېرىلىدۇ ،ھەتتا مول مەنىلىك بولغان مەنىۋى تۇرمۇشنى ھەقىقى تۈردە قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن جاپالىق ماددى تۇرمۇشنى كۆچۈرۈشنى شەرەپ بىلىدۇ

  •  

    ۋاقىت بارلىق تەنقىتچىلەر ئىچىدە ئەڭ ئۇلۇغ ئەڭ توغرا،ئەڭ ئىختىدارلىق تەنقىتچى .كىشلەرنىڭ ھەممىسى ۋاقىتنىڭ تەنقىدىنى قۇبۇل قىلىدۇ.چۈنكى ۋاقىت ئادىل ،خالىس ھىچقايسى تەرەپكە يان باسمايدىغان باھالىغۇچىدۇر.چىنلىق ۋە ساختىلىق ياخشىلىق ۋە يامانلىق گۈزەللىك ۋە يىرگىنىش ئالىجاناپلىق ۋە پەسكەشلىكلەرگە ۋاقىتنىڭ مۇئەييەن باھاسى بولىدۇ.ۋاقىت ئادەمنىڭ ھاياتىنى ئۇزارتىپ مەڭگۈلۈك ھايات قىلالايدۇ.ۋاقىت يەنە ئادەمنىڭ ھاياتىنى قىسقارتىپ بۇرۇن دەپىن قىلۋىتەلەيدۇ.بىرشائىر ‹بەزى كىشلەر›ناملىق شېئىرىدا :
    ‹بەزى كىشلەر ھايات،بىراق ئۇ ئۆلگەن ؛بەزى كىشلەر ئۆلگەنۇ،بىراق يەنە ھايات ›دەپ يازغان ئىدى. بۇنىڭدىن بىز ۋاقىتنىڭ ‹بەزى كىشلەرنىڭ ›ھاياتىنى قىسقا قىلىدىغانلىقىنى ‹بەزى كىشلەر›گە بولسا مەڭگۈ ھايات ئاتا قىلالايدىغانلىقىنى كۆرەلەيمىز.
    ئادەمنىڭ ھاياتىمۇ ‹نامى ھايات›ۋە ‹رىيال ھايات›دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ.ئۆمۈرنىڭ ئۇزۇن قىسقىلىقى پەقەت ‹نامى ھايات›لا بولىدۇ خالاس،‹رىيال ھايات›بولسا مەۋجۇت بۇلۇپ ياشاش چىگرىسىدىن ھالقىپ كەتكەن ئۇزارغان ھاياتتۇر.گىرىك پەيلاسوپى ئېپكوروس :‹دانىشمەن ئادەم ھاياتقا نىسپەتەن ،ئوزۇلۇققا مۇئامىلە قىلغاندەك كۆپ تاللاشنى ئەمەس ،بەلكى جەۋھىرىنى تاللىۋېلىشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئوخشاشلا ھاياتتىن بەھرىمان بولغان ۋاقىتنىڭ ئۇزۇن قىسقىلىقىنى ئەمەس،شۇ ۋاقىتنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئۆتكەن ئۆتمىگەنلىكى بىلەن ئۆلچەم قىلىدۇ ›دىگەن ئىدى .ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ياخشى ئىش ئەلۋەتتە .بىراق ئۆمۈرنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈش بۇھاياتنىڭ قىمىتى مەسلىسى . شۇۋېى ئۆزىنىڭ ۋەسىيەتنامىسىدا ‹ھاياتنىڭ قىمىتى بىر ئادەمنىڭ ئۇزۇن قىسقا بولغانلىقىدا ئەمەس بەلكى شۇ دەۋىرگە قوشقان تۆھپىسى بىلەن ئۆلچىنىدۇ ›دىگەن ئىدى.ۋاقىتىنىڭ تەنقىدى ئادەم ھاياتىنىڭ قىمىتىگە بولغان تەنقىد بۇلۇپ ئۇ ‹نامى ھايات›نىڭ ئۇزۇن قىسقىلىقىغا بولغانلىقىنى سۈرۈشتە قىلمايدۇ.بەلكى ئادەمنىڭ ‹رىيال ھاياتىغا ›قارىتىلغاندۇ...
    كىشلىك تۇرمۇش قارىشى بىلەن ۋاقىت قارىشى ئۆزئارا باغلىنىشلىق .كىشلىك تۇرمۇش قارىشى ۋاقىتقا نىسپەتەن قانداق پوزىتسىيەدە بۇلۇشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇلۇپ ئادەملەرنىڭ ۋاقىتنى قانداق ئۆتكۈزىۋاتقانلىقىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ .دىمەك كىشلىك ھاياتقا ،ۋاقىتقا توغرا پوزىتسىيە بىلەن مۇئامىلە قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن توغرا كىشلىك تۇرمۇش قارىشىنى تىكلەش لازىم .توغرا مۇددىئاغا يىتىش ئۈچۈن توغرا بولغان ھەرىكەت ئۇسۇلى بۇلۇشى لازىم

  • مانا  بۇ ئىشلارنىڭ بولۇپ ئۆتكىنىگە  بىر يىل بولاي دەپ قالدى، ھازىرمۇ پات -پات ئەكبەرگە ‹‹ ھاۋاگۈل›› دەپ چاخچاق قىلىپ  قويسام، ئۇ :
         -بولدى ،شۇ گەپلەرنى قىلمىڭا، ئۇ ۋاقىتلاردا ئەقلىمدىن ئېزىپ قاپتىكەنمەن، سىزدەك بىر ئوبدان ۋاپادار ، كۆيۈمچان خوتۇنۇمنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرىپتىكەنمەن، تاس قاپتىكەنمەن ،كۆڭلۈمنىڭ كەينىگە كىرىپ ئىككى بالامنى يېتىم قىلغىلى.،ئويلىسام  خوتۇنى تۇرۇپ باشقا ئاياللار بىلەن ئالاقە قىلماقمۇ ئاسان ئەمەسكەن، قاچان خوتۇنۇم ئۇقۇپ قالا ،دەپ دەككە –دۈككىدە قورۇنۇپ ئۆتىدىكەن ئادەم،ھازىر دېگەن شۇنداق خاتىرجەم، تېلىفون كەلسىمۇ بىمالال سۆزلىشەلەيمەن مانا ،سىز بىلەن خاپىلىشىپمۇ يۈرمەيمەن،- دەيتتى.
        خۇداغا شۈكرى، ئەكبەر ھازىر ئۆزگۈرۈپ يەنە بۇرۇنقى مېنىڭ كۆيۈمچان، ۋاپادار ئېرىمگە ئايلاندى،ماڭا ۋە بالىلىرىمغا ئاجايىپ كۆيىنىدۇ، شۇ سەل بەدخەجلىكىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ،ئاجايىپ ئوبدان بوپ كەتتى.مەنمۇ ئۇنىڭ كۆيۈمچان خوتۇنى بولۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمەن،تاللا بازىرىنىمۇ قايتىدىن ئېچىۋالدىم،بەزىدە بالىلىرىمىزنى يېتلىشىپ كوچىغا چىقساق ،خولۈم خوشنىلار ھەۋەس بىلەن قارىشىپ قالىدۇ،
    بەزىدە تۇرۇپلا ئەكبەر بىلەن ھاۋاگۈل ئىككىسىنىڭ شەيتاننىڭ يېتىلەپ مېڭىشى بىلەن ئېغىز زىناسى قىلىشىىپ كۆڭلۈمگە ئازار بېرىشلىرى، مېنىڭمۇ شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ ئىككى بالامنى يېتىم قىلغىلى تاس قالغانلىقىم ئېسىمگە يەتسە ،ئۆپكەم ئۆرلۈپ ،كۆڭلۈم يېرىم بولۇپ قالىدۇ، ھەر قېتىمنلىق نامىزىمدا ئارىمىزغا شەيتان كىرىپ بەختلىك ئائىلىمىزگە كۆز تەگمەسلىكىگە دۇئا قىلىمەن،ئېرىمنىڭ ،ئۆزەمنىڭ، بالا –ۋاقىلىرىمنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ تىلەيمەن. ھەممە ئەر –ئاياللارنىڭ مېنىڭ ھېكايەمدىن ئىبرەت ئېلىشىنى، ھېسياتىنىڭ كەينىگە كىرىپ كەتمەسلىكىنى، كۆڭلىگە ئىنساپ بېرىشىنى ئۇلۇغ اللاھتىن تىلەيمەن

  • Blogbus ئىشلىتىش قوللانمىسى(ئۇيغۇرچە)

  • كېلىن تاللاش خۇسۇسىداkilin tallax

    ئۆكتەم مۇھەممەد (ئۆزبېكىستان) oktam muhammad .uzbikistan

    پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئەي ئۈممىتىم، نىكاھلىنىڭ. چۈنكى بىر كۈننىڭ نىكاھى، بىر يىللىق
    نەپلى ئىبادەتتىن خەيرىلىكتۇر! سىلەردىن بىرىڭلار ئۆيلەنسە شەيتان شېرىكلىرىگە شۇنداق دەپ ۋارقىرايدۇ: ‹بۇ ئادەم دىننىڭ
    ئىككىدىن بىر بۆلۈكىنى ئادا قىلدى، ئۇنىڭغا يېقىنلىشىش تەس› ئۆيلەنسەڭلار ئۆزۈڭلەرگە ئاتىلىق، ئۆيلەنگەن قىزغا بولسا ئانىلىق
    شەرىپىنى بەخىش ئەتكەن بولىسىلەر».
    پەيغەمبىرىمىز يەنە: «نىكاھتا ئايالنىڭ تۆت تەرىپى ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ: مال ـ مۈلكى، خۇشپىچىم ـ گۈزەللىكى ۋە دىنىي
    ئېتىقادى. سىلەر ئەلۋەتتە ئېتقادلىق ئايالنى تاللاڭلار. شۇندىلا ئائىلە بەرىكەت تاپقۇسى» دېگەن. شۇنىڭدەك باشقا بىر
    ھەدىستە: «ئاياللارنى پەقەت چىرايلىق بولغىنى ئۈچۈنلا نىكاھىڭلارغا ئالماڭلار، چىرايى ئۇلارنىڭ ئەخلاقىنى يامانلاشتۇرۇپ قويۇشى
    مۇمكىن. ئۇلارغا مال ـ دۇنياسى ئۈچۈنمۇ ئۆيلەنمەڭلار، مال ـ دۇنيا ئۇلارنى يولدىن ئازدۇرۇشى مۇمكىن. ئاياللارغا ئېتىقادى ۋە
    ئەدەب ـ ئەخلاق، قائىدە ـ يوسۇن بىلگەنلىكى ئۈچۈن ئۆيلىنىڭلار. شۈبھىسىزكى، كۆڭلىكى يىرتىق، كۆڭلى سۇنۇق بولسىمۇ
    ئەخلاقلىق، پەزىلەتلىك، قائىدە ـ يوسۇن ۋە شەرم ـ ھايالىق ئايالغا ئۆيلىنىش ناھايىتى قىممەتلىكتۇر» دېيىلگەن. كۆپچىلىك
    ئالىملار، ئۆيلىنىش ئىشىدا يەتتە ئۆلچەپ بىر كېسىشنى، بولغۇسى كېلىننى ئادىللىق بىلەن (غەرەزسىز ھالدا) تاللاشنى تەۋسىيە
    قىلىشىدۇ

     

  •    2011- يىلى قايسى فىلىملار بىز بىلەن يۈز كۆرىشىدىكىن قېنى قاراپ باقايلى...

  • ئاجايىپ لىرىك ،مۇڭ ئەسەر.

  • د.ھېنرى ماقالىسىدە مۇنداق دەيدۇ: " ئىشخانام تېمىدا ئىككى رەسىم ئېسىلغان، بىرىنچى رەسىم پەرىجە كىيگەن (پەردە، ئابايى، ياغلىق) مۇسۇلمان ئايالنىڭ رەسىمى. ئىككىنچى رەسىم ئىچ كىيىمدىن باشقا ھېچنەرسە كىيمىگەن ئامېرىكىنىڭ دۇنياگۈزەللىرى مۇسابىقىسىگە قاتناشقان بىر ئايالنىڭ رەسىمى. بىرىنچى ئايال تامامەن باشقىلاردىن ئۆزىنى يۆگىگەن، يەنە بىرسى بولسا تامامەن ئوچۇق".
    ماقالىنىڭ مۇقەددىمىسى شۇنداق باشلانغان بولۇپ، ئەخلاق ۋە ئىدېئولوگىيە دە ئوخشاش بولمىغان ئىككى ئۆرنەكنى كىرىش سۆز قىلغان

  • مانا يەنە شۇگەپ،قانداق چاغلار ئىدى ئۇ،خوتۇن ياكى قىز دىگەننى ئەرلىك قەھرىمىز بىلەن ئۇراتتۇق،ئۇلار يامانلاپ ئاتا-ئانىسنىڭ ئۆيىگە كىتەتتى،ھازىرچۇ؟نى-نى مەن دىگەن نوچىلار قىز-ئاياللارغا تەڭ كىلەلمەي ئۆينى تاشلاپ يامانلاپ چىقىپ كەتمەكتە.
    بىر زامانلاردا قىزلار كۆينىكىنىڭ مەيدىسىنى ئۈستىگە تارتىپ قوياتتى،ھازىر تۆۋەنگە تارتماقتا، تورخانىلارغا كىرسەكچۇ تىخى-مۇنبەر گە چىقىپ بىرەرماقالە كۆرگەن قىزنى ئۇچىرتالمايمىز،پەقەت ئوغۇللار بىلەن بەسلىشىپ ئويۇن ئويناپ،تاماكا چىكىپ ئولتۇىدۇ،مانا مۇشۇنداق قىزلارنى لۈكچەك دىمىسەك سەت تۇرار، موتىسكىلىتقا 3-4تىن مىنىپ ئەرلەر بىلەن يول تالىشدۇ،ئىشقىلىپ ئۇلارقىلغاننى بىز قىلالمايمىز،چۈنكى بىزدە يۈرەك يوق،ھازىرقى قىزلىرىمىز قورقماس،كەچ قالساق ئاتا-ئانىمىزدىن قورقۇپ ئۆيگە كىرەلمەيدىغان،ئىشك ئالدىنى كىچىچە باقىدىغان زامانلار ئەمدى كەلمەسكە كەتتى،قىز بالا دىگەن ئۆيگە كەلسىمۇ-كەلمىسىمۇ بولىۋىرىدۇ،نەدە بولسا ھايات بولسىلا كارايىتى چاغلىق،ھازىر دىگەن قىزلار ئوغۇللارنى ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىگە باشلاپ كىلىۋىرىدۇ،بۇ توي قىلماقچى بولغان يىگىتىم دەيدۇ،بالىسى ئۈچۈنلا ياشايدىغان ئاتا-ئانا بولسا قىزنىڭ كۆڭلى ئۈچۈن بولغۇسى كۈيئوغۇلنى ئىززەتلەيدۇ، بىر يىلدا بۇنداق كۈيئوغۇلدىن 4-5ى ئالمىشىدۇ،مەكتەپتە نىمە ئوقۇغىنى كۆڭۈلگە تايىن،قىلىرىمىز دىگەننى بىز ئاسىرىمىساق بولمايدۇ.

ئۇسلۇب ئاپتورى:پرېستان ak22.blogbus.com网站PR查询
Loading