• بۇرۇت كاشالىسى)ئاۋازلىق ئەسەر)
    ئاپتۇرى ئابدۇقادىر جالالىدىن


  • ھەقىقەت ساداسى يىتىپ قۇلاققا ،
    ئەقىل ۋە غورۇرغا يەتمىسە ئەگەر
    ئۈلگۈرمەي قالىسەن ئاچچىق ساۋاققا
    بوسۇغاڭ ئالدىغا كەلگەندە خەتەر .

    شاراپنىڭ كەينىدە يارالغان چۆلدە ،
    دەرۋىشكە ئايلىنار خاقانسىز شائىر .
    قەلەمنى تىگىشەر سۇنۇق تاۋاققا ،
    ئاۋات رەستىلەردە ماكانسىز شائىر .


  • ئاتلار تۇيىقىدىن چاچرىغان سۆزلەر ،
    ئاداشقان نەسلىمگە بولىدۇ چولپان .
    مەن پۈتكەن ھەركالام
                                      ھەتتا ،چىكىت ، پەش،
    مىڭ يىللىق سۇلالە ياكى بىر زامان .

    تىلىم ئامان بولسا ئەجدادىم ئامان ،
    مەھشەر ئوتلىرىدا ئەۋلادىم ئامان .
    يىشىلىپ پۇتلىرغا چىرماشقان تۈگۈن ،
    ئۆزگە ئىقلىملارغا يوللىرى راۋان .

  • ئابدۇقادىر داموللام ئوتتۇرا ئاسىياغا ، جۈملىدىن غەربى ئاسىياغا تۇنۇلغان كاتتا ئالىم ، ئۇستا ناتىق ، ماھىر مۇنازىرچى ، مىللەت پەرۋەر مائارىپچى ، تالانتلىق شائىر ۋە پاراسەتلىك ئۇستاز . شۇنداقلا يۈكسەك غورۇرغا ئىگە ، ئازئۇچرايدىغان ئىنسان بۇلۇپ ،xx ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قەشقەر جەمىئىيىتىدە ئاجايىپ ۋەقەلەرنىڭ يۈز بىرىشىگە تۈرۈتكە بولغان. ئابدۇقادىر داموللام 1862-يىلى ئاتۇشنىڭ مەشھەد يىزىسىدا ئابدۇلۋارىس ئىسىملىك بىر ۋەتەنپەرۋەر كىشىنىڭ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . مەشھەد - قارا خانىيلار خاقانلىرى ئارىسىدا ئۆزىنىڭ سىياسى ۋە ھەربىي تالانتى بىلەن دۇنياۋى شۆھرەت قازانغان مەشھۇر خاقان - سۇلتان ساتۇق بۇغراخان بىلەن ئۇنىڭ ئۇستازى ئەبۇ نەسىر سامانى دەپنە قىلىنغان مەشھۇر جاي . تارىختا كىشىلەر سۇلتان ساتۇق بۇغرا خان ۋە ئەبۇ نەسىر سامانىينىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن قەبرىگاھ يېنىغا مەسجىد ، مەدرىس ، خانقا لارنى بىنا قىلغان . ئابدۇقادىر داموللام باشلانغۇچ مەلۇماتىنى مانا مۇشۇ مەشھەد تىكى << ھەزرىتى سۇلتانىيە مەدرىسى >> دە ئالغان .

  •  

  • ئۇيغۇر شئېرىيىتى /
^ چوققىغا قايتىش

. دۇنيا مىھرى -مۇھەببەت بىلەن گۈزەلدۇر .