ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش! بۈگۈن (سائەت) >
  •  ﻣﺎﻫﯩﻨﯘﺭﻗﺎﺳﯩمنىڭ تەرجىمەھالى

     

    ....      ﻣﺎﻫﯩﻨﯘﺭﻗﺎﺳﯩﻢ 1929 - ﻳﯩﻠﻰ 8 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 15 - ﻛﯜﻧﻰ ﻗﻮﺭﻏﺎﺱ ﻧﺎﻫﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻧﺎﻣﺮﺍﺕ ﺩﯦﻬﻘﺎﻥﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ

  • مەھەممەتجان راشىدىن ۋە ئۇنىڭ شېئىرلىرى

    شائىر مۇھەممەتجان راشىدىن 1940 - يىل 6 - ئاينىڭ 15 - كۈنى غۇلجا ناھىيىسىنىڭ ئونيار يۈزى يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى غۇلجىدا ئوقۇپ تاماملاپ، 1955 - يىلىدىن 1958 - يىلى 3 - ئايغىچە سابىق شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك تېخنىكومىدا ئوقۇغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن،

  • غۇلجا خەلقى مۇشۇنداق

    تارىختا ئىلى ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلار بەكمۇ ئازادە شارائىتتا ياشىغان . ئىلىنىڭ ئالاھىدە جۇغراپىيەلىك ئورنى ، ئۇلارنىڭ تەبىئى بايلىقى ، كان ، ئورمان بايلىقى ، يايلاق ، سۇ ، مال -چارۋا ، بىنەم ئالاھىدىلىكلىرى بۇ ۋادىنىڭ ئادەملىرىنى تولۇق يېتىلدۇرگەن . تەبىئى بايلىقلار ئۇلارنىڭ مىجەزىنى ئەتراپلىق تاۋلىغان .شۇڭا ئۇلار ئەۋلاتتىن -ئەۋلاتقىچە مەيدىسىنى كېرىپ ياشاپ ئۆەىنىپ قالغان . مۇشۇنداق ئالاھىدىلىك ، ئەۋزەللىك بىلەن بىنەملەرنى بىر يىل تېرىپ قويسا نەچچە يىل يەيدىغان ، مال -چارۋىلىرىنى دالاغا قويۇۋىتىپ ھەپتە ئىزدىمەيدىغان ئەمەليىتى بۇگۇنكى كۈندە ئۇلارغا << پوچى >> دېگەن ئاتالغۇنى ھەدىيە قىلغان . توق ياشاپ يېتىلگەن بۇ خەلق چوڭ-چوڭ سۆزلەشكە ئادەتلىنىپ قالغان

  • ئىلى سۇلتانلىقى ۋە تازابېك ۋەقەسى

           تازابېك ۋەقەسى ئىلى سۇلتانلىقى تارىخىدىلا ئەمەس،بەلكى پۈتۈن شىنجاڭ تارىخىدا دەۋر بۆلگۈچلۈك رول ئوينىغان زور ۋەقە ھېسابلىنىدۇ.

    مىلادىيە1860-يىلىنىڭ باشلىنىشى بىلەن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دېھقانلارنىڭ مانجۇ ھاكىمىيىتىنىڭ تۈرلۈك زۇلۇملىرىغا قارشى قوزغىلىڭى تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلدى.

  • ئىلى دىھقانلار قوزغىلىڭى ھەققىدە

                                تەيپىڭ تيەنگو ئىنقىلابى پارتلاپ ئۇزاق ئۆتمەيلا مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى قايلىرىدا چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنىڭ ئەكسىيەتچى سىياسىتىگە قارشى قوراللىق قوزغىلاڭلار ئارقا - ئارقىدىن پارتلايدۇ . چىڭ ھۆكۈمىتى ئېغىر سىياسىي ، ئىقتىسادىي كىرزىسكە دۇچ كېلىدۇ . ئۇ ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن خەلقنىڭ ئۈستىدىكى ئىقتىسادىي سېلىقنى ھەسسىلەپ ئۆستۈرىدۇ ئېلىدىكى جاڭجۇن مەھكىمىسى ئىلگىرىكى ھەر بىر تۈتۈننىڭ چىڭ ھۆكۈمىتىگە يىلىغا تاپشۇرىدىغان تۆت خو ( كىلوگىرام ) بۇغداي غەللە - پاراقنى 1863 - يىلىغا كەلگەندە 32 خوغا ئۆستۈرىدۇ .

  • « غولجا» ۋە «غۇلجا» نامى ھەققىدە
         غۇلجا شەھرىنىڭ قاچان بىنا قىلغانلىقى ۋە ئۇنىڭ نېمە سەۋەپتىن « غۇلجا » دەپ ئاتالغانلىقى توغرىسىدا جۇڭگو ۋە چەت ئەل تارىخچىلىرى ئۇزاقتىن بېرى ئىزدىنىپ كەلمەكتە .غۇلجا 1888-يىلى ناھيە بولۇپ قۇرۇلغان بولسىمۇ،لېكىن ئۇنىڭ تارىخىنى خېلى ئۇزاقتىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ

  •  ئىلى ئۇيغۇرلىرى توغرىسىدا

        ئۇيغۇرلا ئىلىغا چىڭ سۇلالىسى مەزگىلىدە كەلگەنمۇ؟ ئۇندىن بۇرۇن ئىلىدا ئۇيغۇرلار يوقمىدى؟ مانا بۇ سۇئال دائىم بېشىمنى قاتۇراتتى. ئۇندىن باشقا ئۇيغۇرلا شىنجاڭغا مىلادى 840- يىلى كەلگەن، ئۇندىن بۇرۇن شىنجاڭدا ئۇيغۇرلار يوقتى دىيىشلىرىچۇ؟ گەرچە بۇ ھەقتە ئېنىق مەلۇماتلار بولسىمۇ، يەنىلا شۇ كالتا تارىخنى دەستەك قىلىۋالىدۇ بەزى‹يولداش›لار.

  •                                         «تارانچى» نامى توغرىسىدا

       تارانچى نامى تىلغا ئېلىنغان ھامان كىشىلەر ئىلى رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرىدۇ. نۆۋەتتە بۇ ھەقتە ئېلىپ بېرىلغان ئىزدىنىشلەرنىڭ كۆپ قىسمى بەزى نۇقسانلاردىن خالىي ئەمەس. شۇڭا تارانچىنامىغا توغرا تەبىر بېرىش، جۇڭغار خانلىقى دەۋرىدىكى تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى چۈشىنىشتە بىر قەدەرمۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  • «تارانچى» نامى توغرىسىدا(داۋامى)                                       

    بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا قازاق فېئوداللىرىنىڭ سۇيۇرغاللىقىنىڭ كېڭيىشى ۋە تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىپ تۇرۇشى كېيىنكى ۋاقىتلارغا كەلگەندە ئۇلارنى ئاشلىققا بولغان ئېھتىياج جەھەتتە قايتا چىقىش يولى تېپىشقا مەجبۇر قىلدى.

  •                              (غۇلجا )ئۈمىد مەكتۋىنىڭ قىسقىچە تارىخى   

                 19-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە بولغان ئارلىقتا، ئىلىنىڭ مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتى بىلەن بولغان باردى - كەلدىسىنىڭ كإپىيىشى ھەمدە سودىنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، غولجا شەھىرىنىڭ نوپوسى كۆپىيىپ، دائىرىسى كېڭىيىپ، يېڭى -يېڭى مەھەللىلەر بارلىققا كەلدى ۋە كېڭىيىشكە باشلىدى.