يازما كۆزنىكى
مۇچنىڭ ئاغرىق توختىتىش رولىنى بىلەمسىز؟
يېقىنقى بىر نەچچە يىللاردىكى مىدېتسىنالىق تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، كۆپلىگەن يېمەكلىكلەر بىلەن بەزى بىر كۆكتاتلارنىڭ ئاغرىق توختىتىش رولىنىڭ بارلىقى بولۇپمۇ بۇنىڭ ئىچىدىكى مۇچنىڭ ئاغرىق توختىتىش رولىنىڭ ناھايتى يوقىرى ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان.
مۇچنىڭ ئاغرىق توختىتىش رولىغا ئىگە بولۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب، ئۇنىڭ تەركىبىدىكى مۇچ ماددىسىدا. مۇچ تەركىبىدىكى مۇچ ماددىسى ئاغرىق ئۇچۇرىنىڭ مەركىزى نېرۋا سىستېمىسىغا يېتىپ بېرىشىنى ئۈنۈملۈك ھالدا توسۇپ، ئاغرىقنى تورمۇزلاپ نېرۋا ئاغرىقى، بۇغۇم ئاغرىقى قاتارلىقلارغا دەرھال ئۈنۈم بېرىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، مۇچنىڭ تەركىبىدىمۇ ئاسپىرىننىڭ تەركىبىدە بار بولغان ئاغرىقنى توختىتىش رولىغا ئىگە بىر خىل ماددىنىڭ بارلىقى ئەمەلىي تەجرىبىلەر ئارقىلىق ئىسپاتلانغان. شۇڭا، ھەر بىر بىمار ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئاغرىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدىغان، ئىنچىكىلىك بىلەن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن گۆش، شاكىلات، قىزىل ئۈزۈم ھارىقى، سۈتتىن ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەر، ئىسلانغان گۆش، ھور نان، بولكا قاتارلىقلارنى ئىمكەنقەدەر ئاز ئىستېمال قىلىپ، يېڭى مېۋە-چىۋە، كۆكتاتلارنى بولۇپمۇ مۇشۇنداق زەنجىۋىل، بۆلجۈرگەن، مۇچ قاتارلىقلارنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، باكتېرىيە ۋە ۋىرۇسلارنى يوقىتىپ، بەدەننى تەرلىتىپ، يەلنى ھەيدەپ، ياللۇغنى قايتۇرۇپ، ئاغرىقنى توختىتىش رولىنى ئوينايدۇ .
شىۋىتسارىيە ئاياق قىلىپ كىيىدىغان پايپاقنى كەشپ قىلدى
ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شىۋىتسارىيە يالاڭئاياق شىركىتى يېقىندا ئاياقنىڭ ئورنىدىكى پايپاقنى تەتقىق قىلىپ ياسىغان بولۇپ، بۇنداق پايپاقنى كىيگەندە يالاڭئاياق ماڭغانغا ئوخشاش ھېسسىياتتا بولىدىكەن. بۇنداق «شىۋىتسارىيە قوغدىغۇچىسى» ناملىق پايپاقنىڭ تېگى PVC ماتېرىيالىدىن ياسالغان بولۇپ، ئىنتايىن پۇختا ۋە ئۇزۇنغا چىدايدىكەن، يەنە تىغلىق نەرسىلەردىنمۇ مۇداپىئەلەنگىلىمۇ بولىدىكەن. پايپاقنىڭ لايىھەسى ئىنتايىن مودا بولۇپ، پەلەيگە ئوخشاش بەش بارماقلىق ئىكەن.
بۇ شىركەتنىڭ خادىمى مۇنداق دېدى: بۇنداق پايپاق يالاڭئاياق مېڭىشقا ئامراقلار ئۈچۈن كۆڭۈلدىكىدەك كەشپىيات بولدى، بۇنى يەنە قىياغا چىقىش قاتارلىق دالا ھەرىكەتلىرىگىمۇ ئىشلەتكىلى بولىدۇ. ئۇ يەنە شىركەتنىڭ مارافونچە يۈگۈرۈش پايپىقىنى تەتقىق قىلىپ لايىھەلەۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
ئاچچىقسۇ ئاياللارنىڭ ياخشى دوستىدۇر
ئاچچىقسۇ ئائىلىدە كەم بولسا بولمايدىغان تېتىتقۇ بولۇپلا قالماي، سالامەتلىكنى ئاسراشتىمۇ كەم بولسا بولمايدۇ . ئاياللار ئاچچىقسۇدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانسا ، ئاچچىقسۇ ئاياللارغا ساغلاملىق ۋە گۈزەللىك ئاتا قىلىدۇ .
ئاچ قورساق بىر قوشۇق ئاچچىقسۇ ئىچىۋەتسە ، چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ . بەدىنىنى يارا ياكى سەپكۈن بېسىۋالغان ئاياللار دائىم قەۋزىيەت بولىدۇ . ھازىرقى زامان مېدىتسىنا ئىلمىنىڭ تەتقىقاتىغا قارىغاندا، ئاچچىقسۇ تەركىبىدە ئامىنو كىسلاتاسى ۋە مەلۇم مىقداردىكى گلۇكولتېك ئىنزىم ۋە ھەرخىل تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى بولغاچقا ، ئۈچەي يوللىرىنىڭ لۆمۈلدىشىنى تېزلىتىپ ، ئۈچەي يولىدىكى ئېكولوگىيىلىك باكتېرىيە توپىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ . قەۋزىيەت ئېغىرراق بولسا ، كۈندە ئەتىگەندە ئاچ قورساققا بىر قوشۇق ئاچچىقسۇ ئىچىپ بولۇپ ، بىر ئىستاكان سوۋۇتۇلغان سۇ ئىچىۋەتسە بىر ھەپتىدە ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ .
ئۇخلاشتىن ئىگىرى 15 مىللىلېتىر ئاچچىقسۇ ئىچىۋەتسە ئورۇقلايدۇ . ئورۇقلاش ئاياللارنىڭ ئارزۇسىدۇر. ئاچىققسۇدا 20 نەچچە خىل ئامىنو كىسلاتا بولۇپ، قەنتنىڭ ئالمىشىشنى تېزلىتىپ، خولىستېرىننى تۆۋەنلىتىدۇ. دائىم ئاچچىقسۇ ئىچىپ بەرسە، بەدەندىكى ياغنى خورىتىپلا قالماي، قەنت، ئاقسىل قاتارلىق ماددىلارنىڭ راۋان ئالمىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، ئادەمنى ئۈنۈملۈك ئورۇقلىتىدۇ . شۇڭا ئورۇقلىماقچى بولغانلار كۈندە كەچتە ئۇخلاشتىن ئىلگىرى 10ـــ 15 مىللىلېتىر ئاچچىقسۇ ئىچىپ بەرسە ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.
بەدەننى ئاق ئاچچىقسۇ سۈرۈپ ئۇۋىلىسا ، قورۇق ۋە بالدۇر قېرىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ . مېدىتسىنا تەتقىقاتىغا قارىغاندا ، ئاچچىقسۇنىڭ بەدەندىكى خىلىتلارنى ھەيدەپ ، يېڭى ماددا ھاسىل قىلىش ئىقتىدارى بولۇپ، تېرىدىكى قان ئايلىنىشنى ياخشىلاش، تېرىنىڭ ماددا ئالمىشىشىنى تېزلىتىش قوشۇمچە رولى بار ئىكەن. ھازىرقى تەتقىقاتلارغا قارىغاندا ، ئاچچىقسۇنىڭ يەنە ئوكسىدلىنىش ۋە بالدۇر قېرىشقا قارشى تۇرۇش، قورۇقنى يوقىتىش قوشۇمچە رولى بار ئىكەن. كەچتە يۈزنى يۇيۇپ بولغاندىن كىيىن، بىر قوشۇق ئاق ئاچچىقسۇنى سۇغا ئارىلاشتۇرۇپ، پالكۈچ بىلەن يۈزدىكى قورۇقلارغا سۈرتۈپ ئۈچ مىنۇتتىن بەش مىنۇتقىچە بوشراق ئۇۋىلاپ، يۈزنى ئىلمان سۇدا يۇيۇۋەتسە ، قورۇقنى يوقىتىشقا پايدىسى بولىدىكەن. بۇنىڭدىن سىرت ئاچچىقسۇنى ئىسسىتىپ پۇتنى يۇسا ئۇيقۇ ياخشى بولىدۇ .
جىنايەتچى بەيدۇ ئابونتى نومۇرىدىن پۇل ئالغانلىقى ئېنىقلاندى
جىنايەتچى بەيدۇ ئابونتنىڭ ھېسابات نومۇرىدىن پۇل ئالداپ ئېلىۋالغان، ساقچى تەرەپ كەينى-كەينىدىن ئۈچ دىلونى پاش قىلغان
بېيجىڭ ساقچى تەرەپ تۈنۈگۈن كومپىيۇتېر ئۇچۇرى ئارقىلىق توردىن پايدىلىنىپ، قانۇنسىز ھالدا بەيدۇ ئابونتلىرىنىڭ ھېسابات نومۇرىدىن پۇل ئالداپ ئېلىشتەك جىنايەت گۇرۇھىنى قولغا چۈشۈرگەن. بۇلار جەمئىي 13 ئادەم بولۇپ، دەسلەپكى ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ئۇلار 100دىن ئارتۇق ئالدامچىلىق دىلوسىغا چېتىشلىق ئىكەن. شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى تور بىخەتەرلىك باش ئەترىتىنىڭ چۈشەندۈرىشىچە، بۇ بېيجىڭ تەرەپ ساقچىلىرىنىڭ تۇنجى بولۇپ، كومپىيۇتېر سىستېمىسىغا قانۇنسىز كىرىش ۋە كېيىنكى توردىكى ئالدامچىلىق قىلىش دىلوسىنى پاش قىلغانلىقى ھېسابلىنىدۇ.
بۇ يىل باھاردا، لى ⅩⅩ ئۆزىنىڭ 2500يۈەننى ئالداپ ئېلىۋالغانلىقىنى مەلۇم قىلغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ بەيدۇ تورىدا (选秀)مۇنەۋۋەرلەرنى تاللاش پىروگراممىسىغا كىرگەن. تېلېفون قىلىپ قاتناشقان، بىر خىزمەتچى خادىمدىن بىر قانچە مەسلىھەت سۇئاللىرىنى سورىغان، كېيىن، ئۇنىڭغا 2500يۈەن پۇل تاپشۇرىشىنى ئېيتقان، لى ⅩⅩ بانكا كارتىسى ئارقىلىق ھېسابات ئۇرۇپ بەرگەن. شۇنىڭدىن كېيىن خىزمەتچى خادىم ئىزدېرەكسىز يوقالغان.
شۇ ئىشتىن كېيىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغان. لى ⅩⅩتور بەتتىن تاپقان بۇ پىروگرامما گۇرۇپپىسى ساختا ئىكەن. مەزكۇر پىروگراممىنىڭ خېرىدارلارغا ئېچىپ بەرگەن ھېسابات نومىرى ئوغرىلانغان ئىكەن. جىنايەتچىلەر مۇشۇ جەرياندا تېلېفون نومۇرنى ئۆزگەرتىۋەتكەن. تور ئابونتلىرى تېلېفون ئۇرغاندىن كېيىن، بىۋاسىتە ئالدامچىلارنىڭ لىنىيىسىگە ئۇلىنىدىغان بولۇپ قالغان.
بېيجىڭ ج خ ئىدارىسى تور بىخەتەرلىك ساقچىلىرى تېخىمۇ ئىچكىرلىگەن ئاساستا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. بۇ يىل 1-ئايدىن 3- ئايغىچە، بەيدۇ شىركىتىنىڭ خېرىدارلارغا ئېچىۋېتىلگەن ھېسابات نومۇرى قانۇنسىز ھالدا ئوغرىلانغان. 660 ھېسابات نومۇرى ئۆزگەرتىۋېتىلگەن. بەيدۇ شىركىتىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىقتىسادىي زىيىنى بىر مىليون 200مىڭغا يەتكەن.
6-ئاينىڭ 19-كۈنى ، مەخسۇس گۇرۇپپا، خەينەن خەيكۇ، دەنجۇ قاتارلىق جايلاردا بىر ۋاقىتتا ھەرىكەتكە ئاتلانغان. شۇنىڭ بىلەن بىر قېتىمدىلا ئۈچ ئالدامچىلىق گۇرۇھىنى قولغا چۈشۈرگەن. بۇ لار جەمئىي 13 كىشى ئىكەن. 11 يۈرۈش كومپىيۇتېر، 34 دانە بانكا كارتىسى، يەنە 150مىڭ يۈەن نەق پۇل بىلەن قولغا ئالغان.
دەسلەپكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلارنىڭ خىزمەتلىرى ئېنىق ئايرىلغان ئىكەن، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى تۆت ئادەم كومپىيۇتېر سىستېمىسىدىكى ئۇۇچۇرلارنى بۇزىدىكەن. نەچچە يۈزلىگەن ھېسابات نومۇرلىرىنى ئۆزگەرتىشكە مەسئۇل ئىكەن. ئاندىن تور مۇلازىمەت خادىمى نامىدىن خېرىدارلارغا مۇلازىمەت قىلىدىكەن. مۇنەۋۋەرنى تاللاش پىروگىراممىسى ئارقىلىق ئالدامچىلىق ئېلىپ بارىدىكەن، بۇلارنىڭ ئېرىشكەن نەق پۇل سوممىسى 500مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن.
ھازىرغا قەدەر، تۆت جىنايەتچى كومپىيۇتېر سىستېمىسىنى قانۇنسىز بۇزۇش جىنايىتى بىلەن، ئالتە جىنايەتچى ئالدامچىلىق جىنايىتى بىلەن قارلانغان. قالغان ئۈچى داۋاملىق سوراق قىلىنماقتا.
ئايالىنى ئۈچ كالىغا ئالماشتۇرۇش مودىغا ئايلانغان
شىنخۇا تورى : سىنبا قەبىلىسى بىر خىل ئىپتىدائىي قەبىلە بولۇپ ، سىرلىق ئېرسىيەتنىڭ تۈپەيلىدىن بۇ قەبىلىدە ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ قەبىلىدىكى ئورنى جەھەتتىن پەرق ئىنتايىن زور ؛ سىنبا قەبىلىسىدە ئەرلەر 15 ياشتىن بۇرۇنلا ئۆلۈپ كىتىدىغان بولغاچقا ، ئەرلەر ئىنتايىن ئەزىز ھىسابلىنىدۇ ؛ شۇڭا ئۈچ كالىغا بىر خۇتۇننى ئالماشتۇرغىلى بۇلىدىكەن ؛ لېكىن بۇ كالىلار چوقۇم بىر ئەركەك، ئىككى چىشى بۇلىشى كېرەككەن ؛
سىنبا قەبىلىسى نامبىيەدىكى ئەڭ ئىپتىدائى قەبىلە بولۇپ ، سىنبالىقلار 17 – ئەسىردە ئانگولا ئىگىزلىكىدىن نامبىيەگە كۈچۈپ كەلگەن ؛ بۇ قەبىلە ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى ئەڭ كۈچلۈك چارۋۇچى مىللەت ھىسابلىنىدۇ ؛
بۇ مىللەت ھازىرغىچە ئىپتىدائى ھالەتنى ساقلاپ كەلگەن بولۇپ ، كىچىك بىر كەنىتتە 500 يىللىق ئەنئەنىۋى ياساش ئۇسۇلىنى ساقلاپ كەلگەن ؛