يازما كۆزنىكى
2012-يىللىق مۇسابىقىلەر……..
پىكىر بېرىڭ
بىلوگمىز يېڭى قۇرۇلدى!شۇڭا كەمتۈك ۋە كەم قالغان جايلىرى بولۇشى مۇمكىن ،شۇڭا بىز يەنە نىمىلەرنى قىلىشىمىز كىرەك قانداق قىلساق ياخشى بولىدۇ؟ قايسى سەھىپىلەرگە قارىتا قانداق تەلەپ پىكىرىڭىز بار؟ بىزگە قارىتا قانداق تەلەپ-پىكىرلىرىڭىز بار تارتىنماي قالدۇرۇڭ، بىز تۈزىتىشكە ۋە ھەل قىلىشقا تىرىشىمىز!
ئەگەر بىلوگىم بىلەن ئۇلىنىش ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز ئاستىغا تور بېتىڭىزنىڭ ئادىرسى بىلەن لوگو ئادىرسىنى قالدۇرۇپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ!
بىزنىڭ بىلوگىمىزنىڭ تور بەت ئادىرسى:
لوگو ئادىرسى:logo.gif
ئەسكەرتىش:بىزنىڭ بىلوگىمىزنى ئۇلىنىش قىلمىغان بىلوگ ياكى تور بەتلەر بىردەك تەستىقلانمايدۇ!
ھۆرمەت بىلەن تەشنا توربەت گۇرۇپپىسى
سىز بۇ فىلىمنى كۆرگەندە نىمىنى ھېس قىلدىڭىز؟
ئامېرىكىدا ئىشلەنگەن ، ئامېرىكا ياشلىرىنىڭ كىرزىس تۇيغۇسى تۇرغۇزىشى كېرەكلىكى توغرىسىدىكى بىر فىلىم . بۇ قىسقا فىلىمدىكى جۈملىلەرنى تەرجىمە قىلىپ يوللاپ قويۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم .
-_______________________
بىلەمسىز ؟
ئەگەر سىز جۇڭگودىكى بىر مىليون ئادەم ئىچىدىن تاللانغان تالانت ئىگىسى بولسىڭىز ، سىزنىڭ 1300 رىقابەتچىڭىز بار . جۇڭگو ئۇزۇن ئۆتمەيلا دۇنيادىكى ئېنگىلىز تىلىدا سۆزلىشىدىغان ئادەملەرنىڭ سانى ئەڭ كۆپ دۆلەت بولۇپ قالىدۇ .
بىلەمسىز ؟
ھېندىستاندىكى ئىدراك نومۇرى (IQ) يۇقۇرى بولغان %25 ئادەملەرنىڭ سانى ، ئامېرىكا ئومۇمىي نوپۇسىدىن كۆپ . ھېندىستاندىكى تالانتلىق ئۆسمۈرلەرنىڭ سانى پۈتۈن ئامېرىكىدىكى بالىلاردىن كۆپ .
بىلەمسىز ؟
2010-يىلى ئەڭ ئىھتىياجلىق بولغان 10 كەسىپ 2004- يىلى مەۋجۇت ئەمەس ئىدى . بىز ئوقۇغۇچىلارنى ، ھازىر تېخى مەۋجۇت ئەمەس كەسىپلەرنى قىلالايدىغان ، ھازىر مەۋجۇت بولمىغان تېخنىكىدىن پايدىلىنالايدىغان ، بىز تېخى ئويلاپ يەتمىگەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلالايدىغان قىلىپ تەربىيەلىشىمىز لازىم . ئامېرىكا ئەمگەكچىلەر ئىدارىسى (The U.S. Department of labor ) نىڭ ئىستاتىستىكا نەتىجىسىدە مۇنداق كۆرسىتىلگەن . ھازىرقى ئوقۇغۇچىلار 38 ياشقا كىرگەندە ، ئۇلار قىلغان خىزمەتلەرنىڭ تۈرلىرى 10 دىن 14كىچە بولىدۇ . 4/1 ئادەم ئۆزى ئىشلەۋاتقان خىزمەت ئورنىدا بىر يىل ، 2/1 ئادەم بەش يىل تۇرالمايدۇ .
بىلەمسىز ؟
ئۆتكەن يىلى ئامېرىكىدىكى 8/1 يېڭىدىن توي قىلغانلار ، كومپىيوتىر تورى ئارقىلىق تونۇشقان . ئالاقە تور بېكىتى MySpace نىڭ تىزىمغا ئالدۇرغان ئەزاسى 200 مىليوندىن ئاشقان . ئەگەر MySpace نى بىر دۆلەت دەپ قارىساق ، دۇنيادىكى 5- چوڭ دۆلەت بولۇپ قالىدۇ . ( ھىندونوزىيە ۋە بىرازىلىيە بىلەن تەڭداش) كەڭ بەلباغلىق تور بىلەن قاپلىنىش نىسپىتى ئەڭ يۇقۇرى دۆلەت بولسا بىرمۇدا تاقىم ئاراللىرى ، ئامېرىكا 19 – ئورۇندا ، ياپونىيە 22- ئورۇندا تۇرىدۇ .
بىلەمسىز ؟
بىز ھازىر ئۇچۇر پارتىلاش دەۋرىدە ياشاۋاتىمىز ، ھازىر گوگۇل (Google) نىڭ بىر ئايلىق خىزمەت مىقدارى 31 مىليارد تۈرلۈك ئۇچۇر ئىزلەش بولسا ، 2006-يىلى بىر ئايدا 2مىليارد 700مىليون تال ئۇچۇر ئىدى . گوگۇلدىن بۇرۇنقى دەۋىردە ، كىشىلەر بۇ مەسىلىلەرنى كىمدىن سورايتتى ؟ بىرىنچى سودا قىسقا ئۇچۇرى 1992-يىلى 12-ئايدا تارقىتىلغان .( Commercial Text message) بۇگۈنگە كەلگەندە بولسا بىر كۈنلۈك قىسقا ئۇچۇر مىقدارى ، يەر شارى ئومۇمىي نوپۇسىدىنمۇ كۆپ . 50 مىليون ئەزالىق كۆلەمگە يېتىش ئۈچۈن ، رادىيو 38 يىل ، تېلۋىزور 13 يىل ، ئىنتېرنېت تورى تۆت يىل ، IPod ئۈچ يىل ، Facebookئىككى يىل ۋاقىت سەرىپ قىلغان . 1984- يىلىدىكى تور ئەسىلھەسى (Internet Device)مىڭ دانە بولغان بولسا ، 1992- يىلى بىر مىليونغا يەتكەن . 2008-يىلى بۇ سان بىر مىلياردقا يەتتى . بۈگۈنكى كۈندىكى ئېنگىلىز تىلىدا 540 مىڭ سۆزلۈك بار بولۇپ ، شىكسىپىر دەۋرىدىكىدىن بەش ھەسسە كۆپ . نىيويورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ بىر ھەپتىلىك مەزمۇنى ، 18-ئەسىردىكى بىر ئادەمنىڭ ئۆمۈر بويى قوبۇل قىلغان ئۇچۇرىدىن كۆپ ئارتۇق . ھازىر دۇنيادا ھەر يىلى 40 مىليارد GB يېڭى ئۇچۇر بارلىققا كېلىدۇ . (ھازىرقى كومپىيوتىرنىڭ قاتتىق دىسكا سېغىمنى 500 GB دەپ ھېسابلىساق ، 80 مىليون دانە قاتتىق دىسكىغا توغرا كېلىدۇ ) بۇ سان ئىنسانلارنىڭ 5مىڭ يىللىق توپلانما بىلىم مىقدارىدىن كۆپ . يېڭى تېخنىكىغا ئائىت ئۇچۇرلار ھەر ئىككى يىلدا بىر قاتلىنىدۇ . بۇ 4 يىللىق تۈزۈمدىكى تەبىئى پەنلەر ئۇنۋېرسىتى ئوقۇغۇچىسىغا نىسپەتەن ، ئۇنىڭ بىرىنچى يىلدا ئۈگەنگەن بىلىمى ، ئۈچىنچى يىللىققا چىققاندا ، يېرىمى دەۋىرنىڭ ئارقىدا قالغانغا باراۋەر . ياپونىيە NTT شىركىتى يېڭى نۇر كابىلنى مۇۋەپىقىيەتلىك سىناق قىلىدى. ھەر بىر تال ئوپتىك تالانىڭ يوللاش مىقدارى 14mb بولۇپ ، بۇ خىل نۇر كابىلنىڭ بىر سكونتلىق ئېقىم مىقدارى 2660 دانە CDپىلاستىنكىسى ياكى 210 مىلىيۇن تېلفون مىقدارىغا باراۋەر . مولچەرلىنىشچە كىينىكى 20 يىلدا بۇ ئېقىم مىقدارى ، ھەر 6 ئايدا 3 ھەسسە ئىشىش نىسپىتى بىلەن تەرەققىي قىلىدۇ . 2013 – يىلى ، ھېسابلاش ئىقتىدارى ئادەم مېڭىسىدىن ئېشىپ كەتكەن كومپىيوتىر بارلىققا كېلىدۇ . 2049-يىلىغا بارغاندا ، 1000 ئامېرىكا دوللىرىلىق ئادەتتىكى كومپىيوتىرنىڭ ئىقتىدارى ، پۇتكۈل يەر شارىدىكى ئىنسانلار مىڭە ئىقتىدارى يىغىندىسىدىن ئېشىپ كېتىدۇ .
بىلەمسىز ؟
سىز ھازىر مۇشۇ قىسقا فىلىمنى كۆرىۋاتقان چاغدا ، ئامېرىكىدا 67 بوۋاق تۇغۇلىدۇ ، جۇڭگۇدا 274 بوۋاق ، ھېندىستاندا بولسا 395 بوۋاق دۇنياغا كۆز ئاچىدۇ . 694 مىڭ ناخشا – مۇزىكا قانۇنسىز توردىن چۈشۈرىلىدۇ

رومان، پوۋېست ۋە ھېكايە
بۇ توغرىدىكى ئۇقۇم كاللامدا ئېنىق بولسىمۇ، يەنىلا نەشر قىلىنغان لۇغەتتىكى تەبىرنى ئالغىنىم ياخشىراقتەك تۇرىدۇ.
رومان (فىرانسۇزچە سۆز) سىغىمچانلىقى ئەڭ زور بولغان ئەدەبىي ژانىرنىڭ بىر خىلى، بايان خاراكتېرىدىكى ئەدەبىي بەدىىي ئەسەر.
رومان ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ مۇرەككەپ ئىجتىماىي تۇرمۇش كارتېناسى بىلەن زىددىيەت، توقۇ نۇشنى بايان قىلالايدۇ. بۇ مۇرەككەپ تۇرمۇش كارتېناسى ۋە زىددىيەتلەرنى تېخىمۇ تولۇق ئېچىپ بېرىش ئۈچۈن، تالاي قاتناشقۇچىلارنى گەۋدىلەندۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن رومان ئەڭ چوڭ كومپوزىتسىيە (قۇرۇلما)غا ئىگە. قەھرىمانلارنى تولۇق ۋە ئەتراپلىق گەۋدىلە ندۈرۈش ئۈچۈن، رومان قەھرىمانلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ھادىسىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالالايدۇ. روماندا مۇرەككەپ ئىچكى ھېس-تۇيغۇ، بىر پۈتۈن تەرەققىيات جەريانى يېزىلىدۇ.
رومان تۇرمۇشنى تەسۋىرلەشتە چەكسىز ئىمكانىيەتلەرگە ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن، ئەدەبىياتتا ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدۇ. ئادەتتە بىر روماندا بىر دەۋرنىڭ قىياپىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈشكە بولىدۇ. مەسىلەن، شى نەيئەننىڭ «سۇ بويىدا»، ماۋ دۇننىڭ «تۈن يانغاندا» ۋە قەييۇم تۇردىنىڭ «كۈرەشچان يىللار»،جالالىدىن بەھرامنىڭ «لېيىغان بۇلاق»(6 توم)، ياسىنجان سادىق چوغلا ننىڭ «باھادىرنامە»(6 توم) قاتارلىق رومانلىرى يۇقىرىدىكى سۆزىمىزنىڭ ئىسپاتى بولالايدۇ.
رومانلار ئۆزلىرى ئىپادىلىگەن مەزمۇنى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. لېكىن ۋارىقى كۆپرەك، قېلىنراق بولسا رومان، نېپىزرەك بولسا پوۋېست، ئازغىنە بىرقانچە ۋاراقلىق بولۇپ قالسا ھېكايە دېيىش توغرا ئەمەس. ئەلۋەتتە، ھەجىم ئۇلارنىڭ ئىگىلىگەن ۋەقەلىكلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇنداق قاراش ماھىيەتلىك قاراش بولماستىن، نوقۇل شەكىلۋازلىق بولىدۇ. رومان شېىرىي ئۇسۇلدا يېزىلىشىمۇ مۇمكىن.
تارىخىي رومانلار تارىختا بولۇپ ئۆتكەن چوڭ-چوڭ ۋەقەلەرنىڭ ئەسلى ماھىيىتى ئاساس قىلىپ يېزىلىدۇ. بۇنىڭغا ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ «ئويغانغان زىمىن»،سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ «سۇتۇق بۇغراخان»، زوردۇن سابىرنىڭ «ئانا يۇرت»، پەرھات جىلاننىڭ «ئىدىقۇت يۇلتۇزى»، ياسىنجان سادىقنىڭ «جاللات خېنىم»،«باھادىرنامە»(6 توم)، ئادىل ئابدۇللانىڭ «باتۇر تەڭرىقۇت» ناملىق رومانلىرىنى مىسال قىلىشقا بولىدۇ.
پوۋېست (رۇسچە سۆز بولۇپ، ئەرەبچىدىكى قىسسەگە توغرا كېلىدۇ) قىسسە خاراكتېرىدىكى ئېپىك نەسرىي ئەسەرلەرنىڭ بىر تۈرى. پوۋېست ھېكايىدىن شۇنىڭ بىلەن پەرقلىنىدۇكى، ئۇنىڭدا بىر ئەمەس، بىرنەچچە ۋەقە تەسۋىرلىنىدۇ، كىشى ھاياتىنىڭ، يەنى ئەسەردىكى شەخس ھاياتىنىڭ بىر دەۋرى يورۇتۇپ بېرىلىدۇ. مەسىلەن: ئەخەت تۇردى يازغان «قىيانلىق دەريا»، قاھار جېلىل يازغان «مېھرىبان»، سەمەت دۇگايلى يازغان «كىچىك لەقۋا» پوۋېستلىرى يۇقىر ىدىكى سۆزىمىزنىڭ ياخشى دەلىلى بولالايدۇ. بۇ پوۋېستلاردىكى ئالاھىدىلىك شۇكى، بۇنىڭدىكى پېرسوناژلار پوۋېستتىكى ئاساسىي قەھرىمانلارنىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، باش قەھرىمان ئوبرازىنى ئېچىپ بېرىشكە بويسۇندۇرۇلغان. يىغىپ ئېيتقاندا پوۋېست ھېكايىگە قارىغاندا بىرقەدەر مۇرەككەپ ۋە كەڭ داىرىدە ئەكس ئەتتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ، لېكىن رومانغا قارىغاندا ۋەقەلەر ئانچە كەڭ ھەم مۇرەككەپ بولۇپ كەتمەيدۇ.
ھېكايە بىر خىل قىسقا، ئىخچام نەسرىي ئەسەر. ھېكايە ئادەتتە قىسقا، سەھىپە جەھتتىن كىچىك، سيۇژېتى بىرقەدەر ئاددىي بولىدۇ، پېرسوناژلىرىمۇ ئاز بولىدۇ. ئەكس ئەتتۈرىدىغىنى رېال تۇرمۇشنىڭ تىپىك بىر پارچىسى ياكى بىر تەرىپىلا بولىدۇ.
جۇڭگونىڭ ھازىرقى زامان مەشھۇر يازغۇچىسى ماۋدۇن ھېكايىگە تەرىپ بەرگەندە: «تىپىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان تۇرمۇش ھادىسىلىرى ئارقىلىق جەمئىيەتتىكى بىرەر مەسىلە ياكى ئۆز ھەجمىگە قارىغاندا تېخىمۇ كەڭ ۋە مۇرەككەپ بولغان مەزمۇننى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدىغان ئېپىك ئەسەر – ھېكايە دەپ ئاتىلىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن.
ھېكايىدە يازغۇچىنىڭ ماھارىتى كىشى ھاياتىدىن كىچىككىنە بىر ئېپىزوتنى ئېلىپ، ئۇنىڭدا ھاياتنىڭ مۇھىم تىپىك تەرەپلىرىنى ئىخچام شەكىلدە تەسىرلىك قىلىپ تەسۋىرلەشتە ئىپادىلىنىدۇ. مەسىلەن لۇشۈننىڭ «كىچىككىنە بىر ۋەقە» خۇددى شۇنداق، زۇنۇن قادىرنىڭ «مۇئەللىمنىڭ خېتى» ناملىق ھېكايىسىمۇ مول مەزمۇن ۋە تارىخىي ۋەقەلەرنى تەسۋىرلەپ بېرىدۇ. مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ «ئالتۇن چىشلىق ئىت»، «چوشقىلارغا بايرام» قاتارلىق ھېكايىلىرىمۇ ئەڭ ياخشى مىساللاردىندۇر.
تەبىرلەر مىللەتلەر نەشرىياتى 1988-يىل 7-ئايدا نەشر قىلغان«ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى لۇغىتى»دىن ئېلىندى، مىساللاردىن بىر قىسمى قوشۇلدى
6نەپەر شەرقىي تۈركىستان تىرورچىسى ئېلان قىلىندى
تىزىملىك تۆۋەندىكىچە:
بىرىنچى، نۇرمەمەت مەمەتئىمىن
ئىككىنچى، ئابدۇقېيۇم قۇربان
ئۈچىنچى، فەرۇخ تۇرسۇن
تۆتىنچى، تۇرسۇنجان ھەبىبۇللا
بەشىنچى، نۇرمەمەت رىشىت
ئالتىنچى، مەمەتئىمىن نۇرمەمەت
مەنبە:باغداش مۇنبىرى