• ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانى تەجرىبە ساۋاقلىرى

    2011-04-12

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/118205296.html

    ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانى تەجرىبە ساۋاقلىرى

     

    ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىنىمۇ بېرىپ بولدۇق، ھاردۇقمۇ خېلى چىقىپ قالغاندۇ. ئەمدى بىردەم ئولتۇرۇپ ئاسپىرانتلىق ئىمتىھان تەجرىبە-ساۋاقلىرىنى ئالماشتۇرمامدۇق باللا...بەلكىم، كېيىنكى قاراردا ئىمتىھان بېرىدىغان ئەزىزلىرىمىزگىمۇ ياردىمى بولۇپ قالار. ئەمسە گەپنى مەن باشلاپ بېرەي، داۋامىنى باشقىلار قاشلاپ بېقىڭلار، بىر پايدىلىق نەرسە چىقىپ قالسا ئەجەب ئەمەس.

    1-تەجرىبە: ئېنگىلىزتىلى ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلغاندا، مەن The Economist دېگەن ژۇرنالنى ئوقۇپ مەشىق قىلغانىدىم. ئىمتىھاندا بۇنىڭ پايدىسىنى كۆردۈم. بۇ ژۇرنال ھەر ھەپتىدە بىر سان چىقىدۇ، ھەرسان 200 بەت ئەتراپىدا. سىياسىي خاراكتېرلىك، بىلىم خاراكتېرلىك ۋە باشقا ئۇششاق-چۈششەك تېمىلارنىڭ ھەممىسى بار. ئاڭلىسام، ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىنىڭ ئېنگىلىزتىلى ئوقۇپ چۈشىنىش قىسىمنىڭ ماقالىلىرىنى مۇشۇ ژۇرنالدىن ئالارمىش. كېيىنكى قاراردا ئىمتىھانغا قاتنىشىدىغان ئەزىزلەرنىڭ مۇشۇ ژورنالنى كۆرۈپ تۇرۇشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. ژورنالنى ماۋۇ يەردىن چۈشۈرسىڭىز بولىدۇ.

    2-تەجرىبە: كەسپىي پەنلەرگە تەييارلىق قىلغاندا بىرىنچى قەدەمنى ئالدىنقى يىللىق سۇئاللارنى ئىشلەشتىن باشلاش كېرەك ئىكەن. مەن ئاۋال كىتابتىكى بارچە مەزمۇنلارنى كۆرۈپ بولۇپ، ئاندىن سۇئال ئىشلەشنى باشلىغانىدىم. سۇئال ئىشلەۋېتىپ قارىسام نۇرغۇم مەزمۇنلارنى «ئارتۇق» ئۆگىنىۋېلىپتىمەن. كۈن-كۈنلەپ ئولتۇرۇپ ئاران ئۆزلەشتۈرگەن بەزى مەزمۇنلارنىڭ ئەمەلىيەتتە ئىمتىھان دائىرىسى ئىچىدە ئەمەسلىكىنى بايقىدىم، ھەم بۇ مەزمونلارنى ئىلگىرىكى ئىمتىھان سۇئاللىرىدا ئۇچراتمىغانىدىم. شۇڭا كېيىنكى قاراردا ئىمتىھان بېرىدىغان ئەزىزلەرنىڭ ۋاقىتتىن ئۇتۇش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن، ئىلگىرىكى يىللاردىكى سۇئاللارنى بىرەر قۇر ئىشلەپ، ئىمتىھان سۇئال دائىرىسى ھەققىدە تەخمىنىي چۈشەنچە ھاسىل قىلىپ، ئاندىن كىتاب كۆرۈشنى باشلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. قالدى-قاتتى بىلىملەرنى مۇھىم مەزمۇنلار تۈگىگەندىن كېيىن ئۆگەنسەڭلارمۇ بولىدۇ.

    3-تەجرىبە: ئىمتىھان ۋاقتى تاغدەك ئىكەن، ئېنگىلىزتىلى 4-دەرىجە، 6-دەرىجە ئىمتىھانلىرىدا ۋاقىت ۋاقىتتىنمۇ قىس بولغاچقا، ماشىنا ئادەمدەك جاۋاب يېزىپ ئۆگىنىپ قېلىپتىكەنمەن. ئاسپىرانتلىق ئېنگىلىزتىلىدىمۇ شۇ پەدىگە جاۋاب يېزىپ، سۇئاللارنى ئىشلەپ بولۇپ قارىسام بىر سائەتتىن ئوشۇق ۋاقىت ئېشىپ قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن قايتا بىر قېتىم ئىشلىۋىتىپتىمەن ئاچچىقىمدا. شۇڭا كېيىنكى قاراردا ئىمتىھان بېرىدىغان ئەزىزلەرنىڭ ئىمتىھاندا تەمكىن ئولتۇرۇپ، ئالدىرىماي، توغرا بولۇشغا كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا جاۋاب يېزىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن. بالدۇر يېزىپ بولساڭلارمۇ چىقىپ كەتكىلى قويماي گالۋاڭ قىلىدىكەن، زېرىكىپ قالىدىكەن كىشى.

    4-تەجرىبە: ئارام ۋاقتىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك ئىكەن. ئاسپرانتلىق ئىمتىھان بىرىنچى كۈنى سىياسەت ۋە ئېنگىلىزتىلىدىن، ئىككىنچى كۈنى ماتېماتىكا (ماتېماتىكا بەرمەيدىغانلار كەسپىي پەن 1) ۋە كەسپىي پەنلەردىن ئېلىنىدۇ. ئەڭ مۇھىم پەنلەر (نۇمۇر ئاۋۇتىدىغان پەنلەر) ئىككىنچى كۈنىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بىرىنچى كۈنىلا سىياسەت ۋە ئېنگىلىزتىلىدىن جەمئىي ئالتە سائەت جاۋاب يازغاچقا، نورمال ئادەملەرنىڭ ھېرىپ جۇلۇقى چىقىپ كېتىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئىككىنچى كۈنىدىكى مۇھىم ئىمتىھانلارغا تەسىرى يېتىدىكەن. مېنىڭ كەسپىي پەن ئىمتىھان سۇئاللىرىممۇ زىيادە تەس چىقماپتىكەن، بىراق تولىمۇ ھارغىن ھالەتتە جاۋاب يازغاچقا، بېرىلگەن جاۋابلارنىڭ توغرىلىقىغا ھۆكۈم قىلالمىدىم. نەتىجە چىققاندا بىلىمەندە ئەمدى. شۇڭا كېيىنكى قاراردا ئىمتىھان بېرىدىغان ئەزىزلەرنىڭ بىرىنچى كۈنى ئىمتىھاندىن چىقىپلا ئۇيقۇسىنى باشلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

    5-تەجرىبە: ئۆزىمىزنىڭ دەرسلىرىگىمۇ ئېتىبار بېرىپ قويۇش كېرەك ئىكەن. ئاسپرانتلىق ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىشنى باھانە قىلىپ، بىر مەۋسۇم تۈزۈك دەرسكە چىقماپتىكەنمەن، مۇئەللىملەرنىڭ غورۇرىغا تېگىپ قويغان ئوخشايمەن. بىر پەندىن قېلىپتىمەن. كېيىنكى مەۋسۇمدا بېرىپلا ياماق يامايدىغان بولدۇم. شۇڭا كېيىنكى قاراردا ئىمتىھان بېرىدىغان ئەزىزلەرنىڭ تەتىل كۈنلىرىنى غەمسىز ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن، ئۆز دەرسلىرىگىمۇ ئانچە-مۇنچە چىقىپ قويۇشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

    مەنبە : ئامراق تورى


    收藏到:Del.icio.us




    • 评论

    • [avatar:30]ئەسسالامۇئەلەيكۇم؟ 694933208 نى قېتىۋېلىڭ.

    كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !