• ئۈرۈمچىدە پاسپورت بېجىرىش

    2011-04-19

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/121022968.html

    ئۈرۈمچىدە پاسپورت بېجىرىش


    يېقىندىن بۇيان نېمە بولدىكىن ئىچىم بەك پۇشىدىغان بولۇپ قالدىم. ئۇنى قىلساممۇ بولمىغان، بۇنى قىلساممۇ بولمىغان. كوچىغا چىقسام يەنە شۇ بۇرۇنقى پېتى. مەن قارىسام ئىچى پۇشۇپ يۈرگەن يالغۇز مەنلا ئەمەسكەنمەن. تورغا كىرسەممۇ، تورداشلار ھېلى ئۇنىڭدىن رازى ئەمەس، ھېلى بۇنىڭدىن رازى ئەمەس. ئۇنىڭدىن قاقشاۋاتقان، بۇنىڭدىنمۇ قاقشاۋاتقان. ئەمما بىز قاقشىغانغا ئاساسەن ھېچنېمىنىڭ پەرۋايى پەلەك. شۇڭا مەن ئويلاپ قالدىم «مەن زادى نېمە ئىش قىلىۋاتىمەن؟» توردىكى يازمىلار يارىمىغاندىكىن، قاراپ تۇرماي ئۆزەم بىرنى يازاي. بۇمۇ بولمىسا، سىرتلارغا چىقىپ، چەتئەللەرنى ساياھەت قىلىپ كەلسەم بەلكىم ئوڭشىلىپ قالارمەن. ماڭا ئۇخشاش ھېسىياتتىكى چەتئەلگە چىققۇسى بار، پاسپورت بېجىرىشنى بىلمەيدىغان دوستلار تۆۋەندىكى قۇرلارغا نەزەر سالساڭلار، بەلكىم ئازراق پايدىسى تېگىپ قالسا ئەجەب ئەمەس.
    پاسپورت بىرقانچە تۈرلۈك بولىدۇ. مىنىڭ تونۇشتۇرماقچى بولغىنىم ئوقۇش پاسپورتى. ئۈستىدە ساياھەتنىڭ گېپىنى قىلىۋېتىپ ئوقۇشقا ئۆزگىرىپ قالدىغۇ دەپ ئويلاپ قالماڭلار، ئوقۇغاچ ساياھەت قىلساڭلارمۇ بولىدۇ. ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ! پاسپورتنى چوقۇم بېجىرگىلى بولىدۇ. ئاندىن ئۈرۈمچىدىكى بىرەر ئالى مەكتەپنى (ئامال بار تولۇق كۇرس) پۈتتۈرگەن بولىشىڭىز، شۇنداقلا نوپۇسىڭىز ئۈرۈمچىدە بولىشى كېرەك. باشقا يۇرتتىكىلەرمۇ بېجىرسە بولىدۇ، ئۈرۈمچى نوپۇستىكىلەر شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىگە، باشقا يۇرتتىكىلەر ئاپتونوم رايونلۇق ساقچى نازارىتىگە بارىدۇ قاتارلىق بەزى تەرتىپلىرى ئوخشىمايدۇ. كىملىك بولىشى كېرەك. ئەڭ مۇھىمى چەتئەلدىكى بىرەر ئالى مەكتەپنىڭ چاقىرىق قەغىزى بولىشى كېرەك. ئەگەر سىز بىرەر ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن، شۇنداقلا IELTS قاتارلىق تىل ئۆتكىلىدىن ياخشى نەتىجە ئالغان بولۇپ، چەتئەلدىكى مەلۇم ئالى مەكتەپنىڭ ئوقۇش مۇكاپات پولىغا ئېرىشكەن بولسىڭىز، چاقىرىقنى مەكتەپ سىزگە ئەۋەتىدۇ. سىز ھازىر يۇقىرىدىكى ئىمتىھاننى بەرمىدىڭىز، ئەمما شۇلارغا تەييارلىق قىلىۋاتىسىز، بىر، ئىككى يىل ئىچىدە چەتئەلگە چىقىش پىلانىڭىز بار. سىز ئالدىن پاسپورت بېجىرىپ قويماقچى ياكى ئەل ئاغىنىلەرگە كۆز _ كۆز قىلىپ پو ئاتماقچى بولسىڭىز ۋە ياكى پاسپورت بېجىرىشنى سىناپ باقماقچى بولسىڭىز يەنىلا چاقىرىقنى ئالالايسىز. يەنى يىڭى زېللاندىيە، مالايشىيا قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئالى مەكتەپلەرنىڭ تور بېكىتىگە كىرىپ International Students دېگەندەك خەتنى تېپىپ، شۇنىڭ ئىچىنى ئاختۇرۇڭ. ئاندىن سىزدە ئىنگلىزچە ئىمتىھان نەتىجىسى بولمىغاندىن كېيىن، Scholarship دېگەندەك نەرسىلەرنى ئىزدىمەڭ. سىزگە لازىمى English Course قا ئالاقىدار ئۇچۇرلار. ئادەتتە بۇ مەكتەپلەرنىڭ ئايلىق، مەۋسۇملۇق، يىللىق دېگەندەك كۇرسلىرى بار. سىز شۇ كۇرسلارنىڭ بىرىدە «ئۆزىڭىز» پۇل تۆلەپ ئوقۇش ئۈچۈن Online Register نى تولدۇرۇڭ. ئاندىن بىر قانچە كۈن ئۆتۈپ، تولدۇرغان ئېلخەت ئادرېسىڭىزغا كىرسىڭىز، ئۇلار سىزگە Offer نىڭ ئېلېكترونلۇق نۇسخىسىنى ئەۋەتىدۇ ھەمدە ھەقىقىي نۇسخىسىنى پوچتىدىن سالغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ. ئارىدىن سەككىز – ئون كۈن ياكى بىر _ ئىككى ئايغىچە چاقىرىقنى تاپشۇرۇپ ئالىسىز. ئاندىن پاسپورت بېجىرىشكىمۇ ۋاقىت كېتىدۇ. شۇڭا سىز توردىن كۇرسنىڭ ۋاقتىنى تاللىغاندا ئىمكانقەدەر كېيىنرەك باشلىنىدىغان ۋاقىتنى تاللاڭ، مەسىلەن، 2008 – يىلى 2 – ئايدىن 8 – ئايغىچە دېگەندەك. بولمىسا سىز چاقىرىقنى كۆتۈرۈپ ساقچىخانىغا بارغان ۋاقتىڭىزدىلا ئوقۇش باشلاپ بولسا بولمايدۇ. چاقىرىقنى ئالغاندىن كېيىن ئۇنى بىر قانچە نۇسخا كۆپەيتىڭ، چۈنكى بىر قانچە جايدا لازىم بولىشى مۇمكىن ياكى لازىم دېگەندە كۆپەيتسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئۇنى تەرجىمە شىركىتىدە تەرجىمە قىلدۇرۇشىڭىز كېرەك (ئېنگىلىزتىلىڭىز ھەرقانچە ياخشى بولسىمۇ ئۆزىڭىز تەرجىمە قىلسىڭىز ئىناۋەتسىز). شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى ھېلىھەم北门 دا بولسا، ئۇنىڭ يېنىدا 君正 غۇ دەيمەن، بىر تەرجىمە شىركىتى بار. ئادەتتە شۇ يەرنى تەۋسىيە قىلىدۇ. شۇ يەردە تەرجىمە قىلدۇرسىڭىز بولىدۇ. تەرجىمە قىلدۇرغاندا سىزنىڭ ئىسمىڭىز ۋە سىزنى قوبۇل قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان جۈملە بولغان بەتنى (ئادەتتە 1 - بەت) تەرجىمە قىلدۇرسىڭىزلا كۇپايە بولمىسا ئارتۇق پۇل تۆلەيسىز. پاسپورت رەسىمىگىمۇ شۇ يەردە چۈشسىڭىز بولىدۇ. بۇلار بۈگۈنى بەرسىڭىز ئەتىسىلا تەييار بولىدۇ. بۇنىڭغا قوشۇپ نوپۇس ۋە كىملىكنىڭ ئەسلى نۇسخىسى، بىر نۇسخىدىن كۆپەيتىلمىسىنى ئېلىپ ساقچى ئىدارىسىگە بارسىڭىز پاسپورت ئىلتىماس جەدۋىلىگە ئېرىشەلەيسىز. جەدۋەلنى ياخشى توشقۇزۇپ، رەسىمدىن بىر پارچە چاپلاپ، ھازىر نوپۇسىڭىز تەۋە بولغان ساقچىخانىغا بارسىڭىز، تاشقى ئىشلار ئىشخانىسىدىكى ساقچى يولداش سىزنىڭ پاك ئىكەنلىكىڭىزنى يېزىپ ئىمزا قويۇپ بېرىدۇ، ئاندىن يەنە بىر ئىشخانىسىدا تامغا قويىدۇ. سىز بۇ جەريان تۈگىگەندىن كېيىن، ماتېرىياللىرىڭىزنى شۇ ساقچىخانا قاراشلىق رايونلۇق دۆلەت ئامانلىقى باش ئەترىتىگە ئاپارسىڭىز ئۇلار بىر باھالاپ تولدۇرۇپ، پېچەتلەپ سىزگە بېرىدۇ. سىز بۇ ماتېرىياللارنى قايتۇرۇپ شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىگە ئاپىرىپ بەرسىڭىز، تەخمىنەن بىر ئاي ئەتراپىدا پاسپورت قولىڭىزغا چىقىدۇ. پۇلنى پاسپورت چىققاندا تۆلەيسىز. 220 كويغۇ دەيمەن، ئۇنىڭمۇ باھاسى ئۆسمىگەن بولسا.
    يۇقىرىقىلار ئۇنچە ئېغىر شەرتلەر ئەمەس. ئەمما ھازىر بېجىرىش شەرتلىرى يۇقىرىقىلارغا پۈتۈنلەي ئوخشاشمۇ ئەمەس. 2007 – يىلى 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنى دۆلىتىمىز پاسپورت قانۇنى رەسمىي يولغا قويۇلغاندىن بۇيان شەرتلەردە ئۆزگىرىش بولدى. تۆۋەندە بۇ ھەقتە توختىلىپ ئۆتەي. ئۆتكەن يىلى ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن بېجىرمىگەن بولسىڭىز بۇ شەرتنىمۇ ئورۇندىشىڭىز كېرەك. يەنى ئۈرۈمچىدە تۇرغىنىڭىزغا (نوپۇسىڭىز ئۈرۈمچىگە ئورنىتىلغىنىغا) بەش يىل بولغان بولىشى كېرەك. ئاپلا ئەمدى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، ئۈرۈمچىگە ئاران بىر نوپۇس ئورنىتىپ تۇرسىڭىز بۇ بەش يىلنى قانداق توشقۇزارسىز؟ بولدى قىلىۋېتەمسىز يا؟ مۇشۇ يەرگىچە كەلگەنكەنسىز، ئالدىراپ ۋاز كەچمەڭ! بۇنى ھەل قىلىش ئۈچۈن سىز ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتا نوپۇسىڭىز ساقلانغان ساقچىخانىغا بېرىپ نوپۇسىڭىزنىڭ بەش يىل (تۇلۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرى) شۇ يەردە ساقلانغانلىقى ۋە پاكلىقىڭىز توغرۇلۇق ئىسپات ئەكەلسىڭىز بۇ بەش يىلمۇ توشىدۇ.
    ئۇندىن باشقا ئاڭلىسام ئىچكىرىدە ئوقۇۋاتقانلارنىڭ بېجىرىشى سەل ئوڭايمىش. ناۋادا سىز ئىچكىرىدىكى مەلوم ئالى مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان بولسىڭىز، شۇ يەردە بېجىرىشنى سىناپ بېقىڭ. شىنجاڭدا بولسىڭىز، ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇۋاتقانلارنىڭ تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىغا قارىغاندا سەل ئاسان بۇنىڭدىن پايدىلانسىڭىزمۇ بولىدۇ.
    قانداق دوستلار پاسپورت بېجىرىش تەسمىكەن؟ ئىشقىلىپ بېجىرگىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشەنگەنسىز؟ مېنىڭچە «قۇرۇق خىيال، قاقشاش» نىڭ ئورنىغا «ھەرىكەتكە كېلىش» نى ئالماشتۇرسىڭىز ھەرقانداق ئىشنى قىلغىلى بولىدۇ. بەزىلەر قوشۇلماسلىقى، گۇمانلىنىشى مۇمكىن. ئەمما مەن مۇشۇ ئۇسۇل بويىچە پاسپورت بېجىرگەن بىرقانچەيلەننى تونۇيمەن. بەزىلىرى ئامېرىكىدا، بەزىلىرى ياۋروپادا، يەنە بەزىلىرى يۇرتىمىزدا دېگەندەك. ئۇلار قىلغاننى ئىشىنىمەنكى سىزمۇ قىلالايسىز.
    بۇ جەريانلار بەكلا ئوڭۇشلۇق بولۇپ كەتمەسلىكى مۇمكىن. ئەمما سىز ئاشۇ قىزلارنى 6 – ئاينىڭ مارۇژنىسىدەك ئېرىتىۋېتىدىغان جاسارىتىڭىزنى بۇ جەريانلارغا ئاتاپ، سەۋرچانلىق بىلەن تىرىشسىڭىز پاسپورتلا ئەمەس، گۈزەل كېلەچەك سىزنىڭ!
    باشقا خىلدىكى پاسپورتنى بېجىرىش يوللىرىنى بىلىدىغان تورداشلار يوللاپ قويساڭلار كۆپچىلىك پايدىلانساق!
    بىلىك كۇلۇبىدىكى "ئىدىقۇت" نىڭ يازمىسى

     

     


    收藏到:Del.icio.us




  • كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !