• پاسپورت دېگەن نېمە؟

    2011-04-19

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/121019605.html

    پاسپورت دېگەن نېمە؟

    پاسپورت :دىگەن بىر دۆلەتنىڭ گىراژدانىغا دۆلەت ھالقىپ چىگىردىن چىقىش ئۈچۈن بىرىلدىغان خەلقئارالاشقان گىراژدانلىق ئىسپاتى. پاسپورت
    پاسپورت :دىگەن بىر دۆلەتنىڭ گىراژدانىغا دۆلەت ھالقىپ چىگىردىن چىقىش ئۈچۈن بىرىلدىغان خەلقئارالاشقان گىراژدانلىق ئىسپاتى.
    پاسپورت نەچچە خىل بولىدۇ؟
    دۆلىتىمىزدە ھازىر تارقىتىلىۋاتقان پاسپورت 3 خىل بولۇپ:
    1-شەخسىي پاسپورت (خۇسۇسىي پاسپورت)
    2- ھۆكۈمەت ئىشلىرى پاسپورتى (شىركەت پاسپورتى، سودا ئىشلىرى پاسپورتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ)
    3- دېپلۇماتىيە پاسپورتى (ئالاھىدە پاسپورت يەنى كەچۈرۈم ھوقۇقى بار پاسپورت)
    تارقىتىش دائىرسى:
    1-خىل پاسپورت گىراژدانلارنىڭ ساياھەت، تۇغقان يوقلاش، چەتكە چىقىپ ئوقۇش، شەخسىي سالاھىيەت بىلەن بېرىپ كېلىپ تىجارەت قىلىش، چىگىر سىرتىدىكى مۈلۈككە ياكى مىراسقا ۋارىسلىق قىلىش، توي تۆكۈن-نەزىر چىراق، ھەج تاۋاب ...قاتارلىق قانۇنلۇق سەۋەبلەردىن چەتكە چىقىدىغانلارغا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى پۇخرالارنىڭ چىگىردىن چىقىپ كىرىشنى باشقۇرۇش تارماقلىرى يەنى جامائەت خەۋىپسىزلىك مېنىستىرلىكى ئاستىدىكى ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتۇنۇم رايۇن، مەمۇرىي رايۇن قاتارلىقلار پۇخرالارنىڭ دائىم تۇرۇشلۇق (نوپۇس تەۋەلىكى) ئۆز تەۋەلىكىدىكى ج خ نازارىتى ياكى ئىدارىسى تارقىتىدۇ.
    2- خىل پاسپورت گىراژدانلارنىڭ سالاھىيتىگە قاراپ، ئاساسلىقى ھۆكۈمەت ئورگانلارنىڭ،ئادەتتىكى ۋە مەمۇرىي رەھبىرىي كادىرلار، ھۆكۈمەت باشقۇرىشىدىكى ھەرخىل ئاممىۋىي تەشكىلاتلار، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ۋە ئومۇم ئىگىدارچىلقىدا بولغان كان-كارخانىلار، ھەرخىل تەتقىقات ئورگانلىرى، مەكتەپ،خۇسۇسىي ئىگىدارچىلىقىدىكى كان-كارخانىلار... دىن چەتكە چىقماقچى بولغان خادىملارغا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى دېپلۇماتىيە مېنىستىرلىكى ۋە مېنىستىرلىك ئاستىدىكى ھەر قايسى ئۆلكە ، ئاپتۇنۇم رايۇن، مەمۇرىي رايۇن قاتارلىقلار پۇخرالارنىڭ دائىم تۇرۇشلۇق (نوپۇس تەۋەلىكى) ئۆز تەۋەلىكىدىكى تاشقى ئىشلار(مۇھاجىرلار) ئىشخانىسى، ئىدارىسى تارقىتىدۇ.
    3-خىل پاسپورت دۆلەت ئىشلىرى بىلەن چەتئەلدە دائىمىي تۇرىدىغان، زىيارەتتە بولىدىغان، دۆلەتكە ۋەكىل خاراكتىرلىك پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ھەمدە دۆلىتىمىزنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەردە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانا، ئەلچىخانا خادىملىرى ھەمدە ھەرخىل خەلقئارا تەشكىلاتلاردا تۇرىدىغان، خىزمەت قىلىدىغان خادىملارغا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى دېپلۇماتىيە مېنىستىرلىكى تارقىتىدۇ.

     مەنبە : http://alxokrat.blogbus.com/logs/70709759.html

     


    收藏到:Del.icio.us




  • كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !