• ئۈرۈمچىدە پاسپورتنى مۇنداق بېجىرىدىكەنمىز

    2011-04-19

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/121022225.html

    ئۈرۈمچىدە پاسپورتنى مۇنداق بېجىرىدىكەنمىز


    ئۈرۈمچىدە ھازىر تۇققان يوقلاشقا پاسپورت بېجىرىلمەيدۇ، ناۋادا چەتئەلدىكى تۇققىنىڭىز ئېغىر ئاغرىپ قالغان بولسا ياكى ۋاپات بولغان بولسا ئۇ باشقا ئىش. بۇنىڭ ئۈچۈن سىز چەتئەلدىكى دوختۇرخانىنىڭ ئىسپاتى ۋە جۇڭگونىڭ چەتئەلدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ ئىسپاتىنى كۆرسىتىشىڭىز كېرەككەن.

    مېنىڭ بۇ يەردە تونۇشتۇرماقچى بولغىنىم چەتئەلدە ئوقۇش ئۈچۈن پاسپورت بىجىرىش.

    1. ئالدى بىلەن چەتئەلدىكى ئالىي مەكتەپنىڭ قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى ئېلىپ، يىكەنكۆل (نەنخۇ)دېكى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارسى يېنىدىكى جۈنچىڭ چەتئەلگە چىقىش، تەرجىمە مۇلازىمەت ئورنىغا بېرىپ خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىدۇرىدىكەنمىز. ئادەتتە بىر بەت ئۈچۈن 80 كويدىن 100 كويغىچە ئالىدىكەن.

    2.يىكەنكۆلدىكى شەھەرلىك ج خ ئىدارسىگە كىرىپ ئىلتىماس جەدىۋېلى ئېلىپ، جەدىۋەلگە ئىسىم، ئادىرېس دىگەندەك ئۇچۇرلارنى تولدۇرىدىكەنمىز.(مەسئۇل خادىم جەدىۋەلگە بىر تامغا ئۇرىدىكەن)

    3. خزمەت قىلىۋاتقان بولساق ئۆزىمىز ئىشلەۋاتقان ئورۇننىڭ كادىرلار باشقارمىسىنىڭ، خىزمىتىمىز بولمىسا ئۈزىمىز ئولتۇرۇشلۇق ئورۇندىكى ساقچىخانىنىڭ تامغىسىنى باستۇرىدىكەنمىز. (يەنە بىر ئىمزا، بىر تامغا)

    4. ئۆزىمىز ئولتۇرۇشلۇق ئۆي تەۋە رايوندىكى ئاھالىلەر كومىتىتى، كوچا باشقارمىسى، رايونلۇق (تەڭرىتاغ رايونى دىگەندەك ناھىيە دەرىجىلىك رايونلارنىڭ) مىللەت دىننىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ تامغىسىنى باستۇرىدىكەنمىز. (ئۈچ ئىمزا، ئۈچ تامغا)

    5. ئۆزىمىز ئولتۇرۇشلۇق ئۆي تەۋە رايوندىكى ساقچىخانىدىكى بىزگە مەسئۇل ساقچىنىڭ ۋە ساقچىخانا باشلىمىنىڭ ئىمزاسى ۋە تامغىسىنى باستۇرىدىكەنمىز. (ئىككى ئىمزا، ئىككى تامغا)

    6. بىز تەۋە بولغان رايونلۇق دۆلەت ئامانلىق چوڭ ئەتىرىتىنىڭ تامغىسى.تەڭرىتاغ رايونلۇق دۆلەت ئامانلىق چوڭ ئەتىرىتىنىڭ ئورنىنى بىلىۋېلىڭ، تېپىش سەل تەس. يەنى تەڭرىتاغ رايونلۇق ج خ ئىدارىسىنىڭ يېنىدىكى بىر كونا ھويلىنىڭ ئىچىدە، ج خ ئىدارىسىدىن چىقىپ، ئوڭغا بورۇلۇپ 50 مىتىر ماڭسىڭىز، ئىدارىگىمۇ ئوخشىمايدىغان بىر كونا ھويلا بار، مۇشۇ ھويلىنىڭ ئەڭ ئىچىدىكى سول تەرەپ بولۇڭدىكى ئىشخانا. (بىر ئىمزا، بىر تامغا)

    7. رايونلۇق ج خ ئىدارىسى ئىدارە باشلىقىنىڭ ئىمزا ۋە تامغىسى. تەڭرىتاغ رايونلۇق ج خ ئىدارىسى شىياۋشىمىندە يەنى جۇڭسەن يۇلى جۇڭچۈەن تىلىغۇن بازىرىنىڭ ئارقىسىدا، خۈيجىيا دەۋىر سودا بىناسىنىڭ ئۇدۇلىدىكى كوچىدا. شىياۋشىمىن تەرەپتىن كەلسىڭىز، شىياۋشىمىن تۇڭلوۋەن مەيدانى يېنىدىكى كېنتاككىي يېندىكى كوچىغا كىرىپ 60 مىتىر ماڭسىڭىز كۆرىنىدۇ. (يەنە بىر ئىمزا، بىر تامغا)

    8. بۇ يىلقى پاسپورت بىجىرىشتىكى يېڭىلىق: ئۆز خىراجىتىڭىز بىلەن چىقماقچى بولسىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ جۇڭگو بانكىسى ئارقىلىق چەتئەلدىكى ئالىي مەكتەپكە پۇل تۆلىگەن ئىسپاتنى كۆرسىتىشىڭىز كېرەككەن. ناۋادا ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشكەن بولسىڭىز، جۇڭگونىڭ سىز چىقماقچى بولغان دۆلەتتىكى ئەلچىخانىسى سىزنىڭ ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشكەنلىكىڭىز توغرىسىدا ئىسپات چىقىرىپ بېرىشى كېرەككەن. ماۋۇ يېڭىلىق ئادەمنى يامان ئاۋارە قىلىدىكەن. جۇڭگۇنىڭ ئەلچىخانىسى ئادەتتە ئىسپات چىقىرىپ بەرگىلى ئۇنمايدىكەن. ئۇلارنىڭ قارىشىچە بۇنداق قىلىشنىڭ ھاجىتى يوقمىش. پاسپورت بىجىرىش ئۈچۈن بۇنداق نەرسىلەر كەتمەيمىش.

    دېمەك، بىز پاسپورت بېجىرمەكچى بولساق  9 تامغا كېتىدىكەن. پاسپورت بىر ئايدا بىجىرىلىپ چىقىدىكەن.

    ئاناتىل بلوگىدىن ئېلىندى

     

     


    收藏到:Del.icio.us




  • كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەئەنى ئەسكەرتىڭ ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ !