Windows دىكى ئەڭ قەدىمىي دېتالنىڭ ئۇيغۇرچە نامى ھەققىدە
[ ئاتالغۇلار ]تۆۋەندىكى بۇ دېتاللارنىڭ ئىسمىنى قانداق ئاتىساق تېخىمۇ مۇۋاپىق بولىدۇ؟ مەن بۇلارنى تەپسىلىي چۈشەندۈرمىسەممۇ، Windows ئىشلىتىۋاتقان بولساڭلار، بىر قاراپلا بىلەلەيسىلەر. بۇ دېتاللار Windows 3.0 دىن باشلاپ ھازىرغىچە مەۋجۇت، ھەتتا كېيىنكى Windows دىمۇ بار. ئۇ 20 يىلدىن ئاشقان پىشقەدەم دېتال (ئۇنىڭ يېشى ھازىر كومپيۇتېر ئىشلىتىۋاتقان بەزى بالىلارنىڭ يېشىدىنمۇ چوڭ). شۇڭا، ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشۇڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئىلگىرى سىلەر بۇنى ئۇيغۇرچە قانداق ئاتاپ باققان؟
1. NotePad (خەنزۇچە: 记事本)
2. WritePad (خەنزۇچە: 写字板)
3. Paint (خەنزۇچە: 画图)
پىكىرنىڭ بىر يەرگە مەركەزلىشىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، مەن ھازىرقى ئۇيغۇرچە ئاتىلىشىنى ئوتتۇرغا تاشلىماي تۇراي. ناۋادا، تېخىمۇ ياخشى، پاكىتلىق پىكىر بولسا، ئالماشتۇرىلىدۇ، كۆپچىلىككە رەھمەت!
يازما ئۇچۇرلىرى
- يازما كۆرۈلۈشى: 39,440 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2012-يىلى 05-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 18:04
- ئالدىنقى يازما :Taskbar (ۋەزىپە بالدىقى)دىكى بىر نەچچە ئاتالغۇ
- كېيىنكى يازما :يۇمشاق دېتال يەرلىكلەشتۈرۈش ۋە تىل ئۇسلۇبى
تېخىمۇ كۆپ
1. NotePad خاتىرلەش دەپتىرى(دوسكىسى)
2. wordpad يىزىق دەپتىرى (دوسكىسى)
3. Paint رەسىم دوسكىسى
بورە تېگىن : بۇ باھاغا پىكرىم بار
1. NotePad خاتىرلەش دەپتىرى(دوسكىسى)
2. wordpad يىزىق دەپتىرى (دوسكىسى)
3. Paint رەسىم دوسكىسى
1.خاتىرلەپ 2.يىزىقدوس3.رەسىمدوس
تىزگىنلەش ئۈچۈن لازىملىق نەرسىنى تىزگىنەك دىدۇق ئەپلەشتى. خاتىرلەش ئۈچۈن لازىملىق نەرسىنى خاتىرەك دىسەكمۇ ئوخشاش ئەپلىشىدۇ. 记事本 نىڭ دەپتەرگە ئوخشىمايدىغان يېرى – ئاددىي ۋە تىز خاتىرلەش قۇرالى. شۇڭا -ەك دىگەن ئىسىم ياسىغۇچى تازا ماس كېلىدۇ.
画图 نى سىزغاق دىسەك مېنىڭچە بۇمۇ ناھايىتى بەلەن ئىسىم. ئاسان قوبۇل قىلىدۇ مىللەت. چاچ تاراش قۇرالى تارغاق، رەسىم سىزىش قۇرالى سىزغاق.
«سىزغاق»دىگەن سۆزگە قۇشۇلىمەن.بۇ خۇددى«كىشى-يىمىش»نى«كىشمىش»،«گازىر»نى «چاقمىش»دىگەندەك دەل جايىدا بولۇپتۇ.كەچۈرۈڭ-ھە!ئاتىكاچىلىق قىلىپ قويدۇم.
سىزغاق بەك جايىغا چۈشۈپتۇ
مېنىڭچە،ئاتالغۇلارنى ئاددىي سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىسەك،XXدەپتىرى، XXخاتىرىسى دىگەندەك قۇشما ئىسىملارنى ئاز قوللانساق.خەنزۇ تىلىدا نۇرغۇن ئاتالغۇلار ئاددىي ئىپادىلىگەچكە،ھېلىمۇ كۈنىۋالغان ئاتالغۇلىرىمىز ئاز ئەمەس.مىللىتىمىزنىڭ تەرەققىيىتى ئۈچۈن جاپا چېكىۋاتقان كىشىلىرىمىزگە كۆپ تەشەككۈر!
راس بەك ياخشى كەپتۇ …
记事本–خاتىرەك
写字板–دەپتەر
画图—رەسىم قەغىزى
画图—نى سىزغاق دىسەكچۇ؟
مۇشۇ بولغىدەك
كومپىيوتىر تۇرمۇشقا بارغانسېرى ئوموملىشىپ كېتىۋاتىدۇ،بۇنداق بولىشى تەبىئى. شۇڭلاشقا يوقىرىدا بەزى قېرىنداشلار تىلغا ئالغان ۋە ياكى تېخى ئالمىغان رايون چەكلىمىلىكى،شىۋە چەكلىمىلىكى بار ۋە بەكراق كىتابى ئاتالغۇلارنى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىپ، ئامال بار ئاممىباپ،نىسبەتەن ئاسان قوبۇل بولىدىغان سۆزلۈكلەرنى ئىشلەتسەك مۇۋاپىق بولارمىكىن دەيمەن.
«ئۇنداق قىلىش لازىم، بۇنداق قىلىش كېرەك»-دېگەن سۆزنى كۆپ ئاڭلاپ كېلىۋاتىمىز، 10 ئاغزاكى ياردەمدىن بىر ئەمەلىي ياردەم كېرەك، قېنى ئۇنداقتا كونكىرىت پىكىر بەرمەمسىز؟ رەھمەت!
مېنىڭچە، 记事本نى «خاتىرەم»، 写字板نى مەشىق تاختىسى، 画图نى «رەسىم تاختىسى» دەپ ئاتىساق ئاممىباب تىلغا بىر قەدەر يېقىن بولامدۇ-نېمە؟
پەقەت ئۆز مىللىتىمدىن پەخىرلىنىش تۇيغۇسى جۇمۇ قېرىنداشلار قۇسۇر تېپىپ،تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈپ يۈرگىنىم يوق..
بۇلارنىڭ دىگىنىنى بىز نىمە دىسەك بولا ئەمەس بىزنىڭ نىمە سۆزلىرىمىزنى بۇلار نىمە دەۋالغان دىسەك قانداق بولا ئالىمجانكا؟چۈنكى يېزىق ئىجاد قىلىپ ئۆزگىلەرگە يېزىق ئۆگەتكەن مىللەت ئەمەسمۇ بىز.
ئۇيغۇرچە خاتىرە نى بۇلار 记事本دەپ ئاتايدىغان ئوخشايدۇ.
ئەمدى 画图 غا كەلسەك رەسىم سىزىدىغان دىتالنى بۇلار شۇنداق ئاتىۋالغان،بىزنىڭ تىلىمىزدا رەسىم سىزىدىغانلارنى رەسسام دەيمىز،ئەلۋەتتە بۇ بىر كىشىگە قارىتىلغان.ئەمما كومپىيوتىر تېخنىكىسى بىزگە شۇنداق بىر ئادەمنىڭ ئورنىنى مەلۇم دەرىجىدە ئالغان دېتالنى بەردى،شۇڭا ئۇنى رەسسام دەۋالساقمۇ بولىۋېرەرمىكىن دەيمەن.
ئادەتتە جىددى ئىشقا ئۇچرىغاندا شارتلا قىلىپ بىر ۋاراق قەغەزنى ئېلىپلا يېزىۋالىمىز،كومپىيوتىردىكى写字板 مۇشۇ خىل رولنى ئۆتەيدۇ،شۇڭا بىزنىڭ ۋاراق دىگىنىمىزنى ئۇلار شۇنداق دەۋالغان،،ھى ھى ھى
توغرا دەيسىز، ئەرەبلەر ئۇنى «الرسام» (ئەلرەسسام يەنى رەسسام) دەپتۇ، بىرسىنى «دەپتەر»، «خەت يازغۇچ»، «رەسسام» دېسەكمۇ خاتا ئەمەس.
ئالىمكا مىنىڭچە «رەسسام» دىسەك كىشىگە بىر قەدەر كەسىپلەشكەندەك تۇيغۇ بىرىدىكەن، ئۇنداق دىمەي «رەسىم سىزىش» دەپ ئالساق مىنىڭچە بۇ كىين چۇقۇم بىزگە «رەسىم سىزىش پروگراممىسى» دەپ ئۆزلىشىدۇ! بۇ مىنىڭچە بىرقەدەر توغرا. 记事本 غا كەلسەك مىنىڭچە بۇنى «دەپتەر»، 写字板 نى «خاتىرە» دىسەك قانداق بولار!
بۇ بىر دىتال بولغاندىن كېيىن «رەسىم سىزىش» دېمەي، رەسىم تاختىسى دېسەك تېخىمۇ ياخشى بولامدۇ نېمە؟
1.مەشق دەپتەر 2.چورنىۋاي3.ئوماچ دەپتەر دەمدۇق يا! ھى ھى ھى
wordpad -ئش قەغەز ،دىگىنى خېلى بوپ قويامدۇنىمە
ئالىم مۇئەللىم ( ئالىمكا دىسەم مىنى قىرى دىدىڭ دەپ بىزنىڭ پىكىرلەرگە قۇلاقمۇ سالمايدىكەنلا ) بىزمۇ يېڭى ئۈگەنچە بولساقمۇ، سوتسىيالىزىمنىڭ داغدام يولىدا سىلەرگە يىقىندىن ئەگىشىپ كىلۋاتقانلار ..گەرچە يالاڭ ئاياغ بولساقمۇ .. ئالىم مۇئەللىم يالاڭ ئاياغ سۇدىن قوقماپتۇ !! دەپىتىكەن…سەل قاغشاپ قويدۇم كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ …
记事本– دەپتەر
写字板–خەتكۈچ
画图—رەڭلىك داسكا
1. NotePad (دەپتەر)
2. WritePad (پۈتۈك)
3. Paint (بوياق)
1. NotePad (دەپتەر)
2. WritePad (پۈتۈك)
3. Paint (بوياق تاختا)
شۇنداق، NotePad نىڭ چىرايىدىنلا بىر دەپتەر تۇرمامدۇ؟ 2-، 3-سىنى يەنە ئويلىنىپ بېقىڭلار
خاتىرە دەپتەر
يېزىش تاختىسى
سىزىش تاختىسى
. WritePad (پۈتۈك) مانى پۈتۈك دېسەك بولمايدۇ … پۈتۈك پەقەت خەت-چەك ئالاقىىسسدىلا قوللىندۇ …
. WritePad— بولسا بىز كونۇپكا تاختىسى ئارقىلىق بەرگەن يېزىق بۇيرۇقىنى خاتىرىلەپ ماڭىدۇ …
WritePad (پۈتۈك) مانى پۈتۈك دېسەك بولمايدۇ … پۈتۈك پەقەت خەت-چەك ئالاقىىسسدىلا قوللىندۇ …
. WritePad— بولسا بىز كونۇپكا تاختىسى ئارقىلىق بەرگەن يېزىق بۇيرۇقىنى خاتىرىلەپ ماڭىدۇ …
NotePad خاتىرە
Paint بوياق تاختا
wordpad ئىش قەغەز [ھەرقايسى ئىدارە ئورگانلارنىڭ ئىشقەغەزلىرى بولىدىغۇ ، ماڭا مۇشۇ ئازراق يېقىشلىق تۇيۇلدى ]
_______________________
رەسىملەر ئارىسىغا قالدۇرغان WritePad دىگىنىڭىز wordpad شۇمۇ ؟
مەن ئادەتتە «NotePad – خاتىرە دەپتەر»، «Paint – رەسىم تاختىسى» دەپ ئىشلىتەتتىم.
لېكىن NotePad نى ئىشلىتىش ئېھتىماللىقى يوق (چۈنكى، Office بار ئەمەسمۇ) ئىدى. دەماللىققا نېمە دەپ ئاتاشنى بىلەلمىدىم.
NotePad نى ئىشلىتىش ئېھتىماللىقى يوق
=============================
خاتالاشمىسام WordPad نى دەيسىزغۇ دەيمەن
NotePad نى ئىشلىتىش ئېھتىماللىقى كۆپ. پروگرامما يازغاندا بۇنىڭدىن پايدىلانسىڭىز بەك ياخشى، يەنە كومپيۇتېردىكى بەزى تۈردىكى ھۆججەتلەرنى ئوقۇپ بېرەلەيدۇ. جۈملىدىن مەن بۇنى بەك ياخشى كۆرىمەن.
توغرا دەيسىز، مەن خاتا يېزىپتىمەن، WritePad-写字板 نى دېمەكچىدىم.
1. NotePad خاتىرە
2. WritePad پۈتۈك
3. Paint بوياق تاختا
بۇ قېرىلارنى مەن مۇشۇنداق ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمەنغۇ (*_^)