Windows دىكى ئەڭ قەدىمىي دېتالنىڭ ئۇيغۇرچە نامى ھەققىدە
[ ئاتالغۇلار ]تۆۋەندىكى بۇ دېتاللارنىڭ ئىسمىنى قانداق ئاتىساق تېخىمۇ مۇۋاپىق بولىدۇ؟ مەن بۇلارنى تەپسىلىي چۈشەندۈرمىسەممۇ، Windows ئىشلىتىۋاتقان بولساڭلار، بىر قاراپلا بىلەلەيسىلەر. بۇ دېتاللار Windows 3.0 دىن باشلاپ ھازىرغىچە مەۋجۇت، ھەتتا كېيىنكى Windows دىمۇ بار. ئۇ 20 يىلدىن ئاشقان پىشقەدەم دېتال (ئۇنىڭ يېشى ھازىر كومپيۇتېر ئىشلىتىۋاتقان بەزى بالىلارنىڭ يېشىدىنمۇ چوڭ). شۇڭا، ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشۇڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئىلگىرى سىلەر بۇنى ئۇيغۇرچە قانداق ئاتاپ باققان؟
1. NotePad (خەنزۇچە: 记事本)
2. WritePad (خەنزۇچە: 写字板)
3. Paint (خەنزۇچە: 画图)
پىكىرنىڭ بىر يەرگە مەركەزلىشىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، مەن ھازىرقى ئۇيغۇرچە ئاتىلىشىنى ئوتتۇرغا تاشلىماي تۇراي. ناۋادا، تېخىمۇ ياخشى، پاكىتلىق پىكىر بولسا، ئالماشتۇرىلىدۇ، كۆپچىلىككە رەھمەت!
يازما ئۇچۇرلىرى
- يازما كۆرۈلۈشى: 8,419 قېتىم
- ھالقىلىق ســــۆز:
- يوللانـغان ۋاقىت:2012-يىلى 05-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 18:04
- ئالدىنقى يازما :Taskbar (ۋەزىپە بالدىقى)دىكى بىر نەچچە ئاتالغۇ
- كېيىنكى يازما :يۇمشاق دېتال يەرلىكلەشتۈرۈش ۋە تىل ئۇسلۇبى
تېخىمۇ كۆپ
189 پارچە باھا يېزىلدى
记事本–خاتىرە
写字板–دەپتەر
画图—رەسىم،ياكى سىزما
ئالمىشىپ قالمىغاندۇ؟ دەپتەر دېگەن ئاددىي بولىدىغان، ئۇششاق-چۈششەك نەرسىلەرنى خاتىرلەيدىغان نەرسە ئىدى.
记事本– خاتىرە دەپتەر
写字板–كاتىبە
画图—رەسسام
دەپتەر، يازغۇ، سىزغۇ
-غۇ، -قۇ دەپ مەجبۇرىي قوشۇپ، ئامال بار يېڭىدىن سۆز ئىجاد قىلمىساق، بۇنداق نەرسىلەرنى ئىپادىلەيدىغان سۆزلەر تىلىمىزدا چوقۇم بار، بۇنىڭغا مەن ئىشىنىمەن.
记事本– دەپتەر، خاتىرە
写字板–يازغۇ، يازما
画图—سىزغۇ، سىزما
NotePad نى خاتىرە دەپتەر
WritePad نى يېزىق دوسكىسى
paint نى رەسىم تاختىسى (رەسىم سىزىش)
دېسەك مۇۋاپىق بولارمىكىن دەپ قارايمەن.
پۈتۈك ، بوياق، دېگەندەك ئاتالغۇلاردىن ئاڭلىماققا نېمە دېتال ئىكەنلىكىنى دەرھاللا بىلگىلى بولمايدىكەن.
چۈنكى بۇ يەردىكى كۆپ قىسىم كىشىلەر خەنزۇچە نەشىردىكى مەشخۇلات سېستىمىسى ئىشلىتىپ كۆنۈپ كەتكەن. بۇنداق دېگىنىم تەرجىمىدە خەنزۇچىسىنى ئاساس قىلىپ تەرجىمە قىلايلى دىگىنىم ئەمەس شۇ دېتالنىڭ ئىشلىتىش رولىنى ئاساس قىلساق دېمەكچى ، مەسىلەن بوياق دېسەك رەسىم سىزىشتىكى بىرلا كېرەكلىك قورالنى كۆرسىتىدۇ. رەسىم تاختىسى ياكى رەسىم سىزىش دېسەك كېرەكلىك قوراللار يەنى بوياقنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
مۇشۇ 画图 نى باشتا «رەسسام » دىسە قانداق بۇلار دەپ ئويلىغانتىم. ئەرەپچە شۇنداق دىگەندىكىن بىزمۇ «رەسسام » دەيلى،بۇمۇ خېلى چۈشىنىشلىك!~~
رەسسام؟بۇنداق دېسىڭىز بىۋاستە ئادەمنى كۆرسىتىپ قويمامدۇ؟ئۇيغۇر تىلى ئالتاي تىلى سېستىمىسىغا كىرىدىغان تۇرسا،قانداق قىلىپ ئەرەپ تىلى بىلەن بىۋاستە سېلىشتۇرىۋالدىڭىز؟
记事本—-پۈتكۈچ
写字板—-خەتكۈچ
画图—-رەسىم تاختا
画图—-رەسىم تاختا
===============
تاختا دېگەننى نەدىن تاپتىڭىز، ئاۋۇ رەسىمگە قاراپما؟
باشقىلار قانداق ئىشلىتىدۇ ئۇقمىدىم،مەن ئادەتتە جىددىي
ئەھۋالدا بىرنەرسە خاتىرىلىۋالماقچى بولسام،记事本نى
ئاچىدىكەنمەن.«دەپتەر،خاتىرە»دېگەن ئىككى ئىسىمنى 记事本بىلەن 写字板نىڭ قايسىسىغا قويسا بولۇۋېرىدۇ دەپ ئويلايمەن.چۈنكى ئىككىسىنىڭ رولى بىزگە نىسبەتەن ئوخشىشىپ
كېتىدۇ.
شۇنداق، مەنمۇ ئەڭ كۆپ ئىشلىتىمەن Notepad نى، پىروگرامما لايىھەلىگەندە، كومپيۇتېرىمنىڭ يېنىدا يەنە رەسمىي (قەغەز) دەپتىرىممۇ بار، پىروگرامما يازغاندا، ئاۋۋال (قەغەز)دەپتىرىمگە جىجىلايمەن.
1. دەپتەر دېگەن سەل ئاددىي بولىدۇ، جىجىپ بىر نەرسىلەرنى يېزىپ قويىمىز
2. خاتىرە دېگەن دەپتەرگە قارىغاندا سەل ياخشى بولىدۇ، مۇھىم نەرسىلەرنى خاتىرىگە يېزىپ قويىمىز، ئىلگىرى بۇ نەرسىنىڭ رەسىمى بىر قەلەم بىلەن قەغەز ئۈستىگە بىر نەرسە يېزىش ئىدى(ئىلگىرى خەت يازغۇچ دەپمۇ بىرەسمىي تەرجىمە قىلىنىپ باققان)
3. ئەرەبلەر رەسسام دەيدۇ، تۈركلەر، ئۆزبېكلەر پېينت (ئىنگلىزچە Paint نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى) بويىچە ئىشلىتىدۇ، لېكىن، ئۇيغۇرچىدە ئۇنداق ئېلىشقا قەتئىي بولمايدۇ، ئۇيغۇر تىلىنى مەن ھازىر تۈرك تىللىرى ئىچىدە بىر قەدەر ساپ، قالايمىقانچىلىق ئاز تىل دەپ قارايمەن.
1-نى دەپتەر ياكى خاتىرە دەيلى
2-نى خەتكۈچ ياكى يازغۇ دەيلى
3-نى رەسىمدان دەيلىمۇ ؟
سىزغۇ دىسەك قاندا بۇلا؟
3-نى رەسىمدان دەيلىمۇ ؟
==============
ئۇنداقتا Photoshop نى نېمە دەيسىز؟ مېنىڭچە قارا-قويۇق «-دان» قوشۇمچىسىنى قوشۇۋەرمەيلى، بولمىسا، ئەتە-ئۆگۈن شىركەت بار بىنانى شىركەتدان، ئېگىز قەۋەتلىك ئۆيلەرنى ئۆيدان دەيمىز دەپ تۇرىۋالمىسۇن.
رەسىمدان دېگەن سۆز Picasa قاتارلىق رەسىم كۆرۈشكە ئىشلىتىدىغان دېتاللارنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى بولۇپ قالامدۇ قانداق؟!
يەنە بىرنى جۆيلىپ قوياي‹ كونسپىك›
«كونىسپىك»؟بۇ سۆز قايسى تىلنىڭ؟«قۇرۇمتاغ»دىگەن ئۇيغۇرچە سۆزنى خەنزۇلار«昆仑»دەپ كۆچۈرگەن،كېيىن بىز يەنە خەنزۇچىدىن كەينىگە ياندۇرۇپ «كوئېنلۇن»دەپ يېزىۋالدۇق.كومپىيۇتىر ساھەسىدە بۇنداق خاتالىقنىڭ سادىر بولماسلىقىنى ئۈمۈت قىلىمەن.ھەر قېتىم ئۈرۈمچى «سەككىز قەۋەت»نىڭ ئالدىدىن ئۆتكەندە بۇ خاتا خەتنى كۆرۈپ كۆڭلۈم بىئارام بولىدۇ.
يەنە بىرنى ‹پۈتۈك›
ھەراس ئالم مۇئللم ،يېزپ بولغان ئنكاسنى قايتا تەھرىرلگلى بولدىغان قىلپ قويغان بولسڭز بولاتتى .خاتا يوللنىپ قالسا تۈزتەلمەيدكەنمىز.
———————-
‹1.دەپتەر2.خاتىرە3.رەسم تاختا ›غا بىر بلەت
记事本– دەپتەر
写字板–خەتكۈچ
画图—رەڭ داسكا
مۇشۇ خەتكۈچ (توغرا ئىملاسى خەتكۈش) ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان بىر نەرسە بار، ئۇ بولسىمۇ Bookmark 书签
خەتكۈچ›› ئۇ كىتاپنى ئوقۇپ مەلۇم جايغا كەلگەندە قىستۇرۇپ قويىدىغان بەلگە نەرسىنى كۆرسىتىدىغۇ.
بۇ خاتىرىەيدىغان سىستىما تۇرسا ، خەتكۈچ دەپ قويساق مۇۋاپىق بولماسمىكىن ؟
ئالىم مۇئەللىم سىلەر بۇلارنى نىمە دەپ ئاتىدىڭلار ؟
ئاخىرى دەيدىغان بولدۇم-دە، پىكىرلەر بىر يەرگە يىغىلىپ قالمىسا بولاتتى ئەمدى، ھازىرچە مۇنداق دېگەن:
1. دەپتەر 记事本
2. خەت يازغۇچ 写字板
3. رەسىم سىزغۇچ 画图
4. ھېسابلىغۇچ 计算器
———
بۇنىڭدىن ياخشى ئاممىباب ئاتالغۇ پاكىتلىق ئوتتۇرغا قويۇلسا، ئەلۋەتتە ئالماشتۇرۇلىدۇ، شەرتى چوقۇم 5-6 ياشلىق بالىلارمۇ چۈشىنىپ مەشغۇلات قىلالايدىغان بولۇشى كېرەك، پۈتۈك، كونسىپىك، ….دېگەندەكلەرنى شەخسەن مەن مۇۋاپىق كۆرمەيمەن. بەك ئەدەبىي ياكى بەك كەسپىي ئاتالغۇ بولمىسىلا بولىدۇ.
1. NotePad خاتىرە ياكى دەپتەر
2. wordpad دوسكا
3. Paint رەسىمچى ياكى رەسىم تاختا