Windows Phone غا يەنە 5 تىل يېڭىدىن قوشۇلدى. | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى  >  يازما كۆرۈش

Windows Phone غا يەنە 5 تىل يېڭىدىن قوشۇلدى.

[ IT خەۋەرلىرى ]

ئاخشام ئۈرۈمچى ۋاقتى 10:13 دا (يەنى ئامېرىكا شۇ جاي ۋاقتى 2014-يىلى 25-نويابىردا) مىكروسوفت شىركىتى Windows Phone نىڭ يەرلىكلەشتۈرۈش ئۇسلۇب يېتەكچىسىگە يەنە 5 تىل قوشقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئۇلارنىڭ بىلوگىدىكى خەۋەردە مۇنداق دەپتۇ:

نۆۋەتتە ئەپ ئىجادىيەتچىلىرىنىڭ Windows Phone ئەپلىرىنى ئېچىشى ۋە يەرلىكلەشتۈرۈشى ئۈچۈن 50 تىلنىڭ Windows Phone يەرلىكلەشتۈرۈش ئۇسلۇب يېتەكچىسىنى تۈزۈۋاتىمىز. بىز 5 تىلنى يېڭىدىن قوشتۇق، ئىلگىرى بار تىللارنىڭ يەرلىكلەشتۈرۈش يېتەكچىسىنى تېخىمۇ ياخشىلىدۇق.

بۇ يېڭى قوشۇلغان تىللار تۆۋەندىكىدەك: •

Afrikaans

Basque

French Canadian

Galician

Hausa

 

ئۇچۇر مەنبەسى:

http://blogs.technet.com/b/terminology/archive/2014/11/25/5-new-international-windows-phone-style-guides-available.aspx

مۇناسىۋەتلىك توردىن كۆرۈپ باقسام Windows Phone نىڭ ئۆزبېكچە، قازاقچە،…. ئۇسلۇب يېتەكچىسىمۇ ئىشلىنىپ بوپتۇ، گەرچە بۇ قېتىم مەنمۇ Windows Phone نىڭ ئۇيغۇرچە يەرلىكلەشتۈرۈش ئۇسلۇب يېتەكچىسىنى يەنە يوللىغان بولساممۇ، Windows 10 نىڭ تەستىقلىنىپتۇ، ئەمما Windows Phone غا ئائىت مەزمۇن چىقىرىۋېتىلىپتۇ، شۇنداق قىلىپ بۇ قېتىممۇ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى قوشۇلمىدى. Windows Phone نىڭ تىل بولاقلىرىغا قاراپ باقسام باشقا دۆلەتنىڭ ئاپتونۇم رايونى ياكى ئۆلكىسىدە قوللىنىدىغان باشقا تىللارمۇ يوق ئىكەن، شۇڭا كۆڭلۈم بەكمۇ يېرىم بولمىدى، ئەمما Windows Phone دا ئىشلىتىدىغان ئۇيغۇرچە ئەپلەرنى كۆپلەپ ئېلان قىلساق بولغۇدەك.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
61 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2 3 4
  • ئىچكى ئامىل بىرىنجى تاشقى ئامىل ئىككىنجى،دىسەك يەنە شۇ گەپ،بېل گەيتىس ھازىر ساخاۋەتچىگە ئۆزگۈرۈپ كەتكىنى بىلەن مىكرو سوفت يەنىلا پايدا مەنپەت ئۈنۈمنى قوغلىشىدىغان شىركەت،ھەممە ئىشنى قىلىشتىن بۇرۇن بازار تەكشۈرۈپ،ئىستىقبالىنى مۆلچەرلەپ،تەنەرقى كىرىمنى ھىساپلاپ گوڭ كۆتەرسە ئاندىن قىلىدۇ،كىملا بولسا شۇنداق قىلىدۇ،بۇنىڭدىن خاپا بولۇش نادانلىق،ئەپ دۇكىنىغا قارىسىلا شۇ كۇپايە،ئۇيغۇرتىلىغا ئىھتىياجلىق خېرىدارنىڭ تايىنى يوق،مۇشۇ تېمىغا ئىنكاس يېزىۋاتقانلارنىڭ كۆپىنچىسى ۋپ سېستىمىسىنى ئىشلەتمەيدۇ،مەنچە ئىككى يول بار ،بىرسى ئەتراپىمىزدا كەڭ تەشۋىق قىلىپ بۇ سېستىمىنى ئىشلىتىدىغانلارنىڭ سانىنى كۆپەيتسەك ئۈمۈت چوڭىيىدۇ،يەنە بىرسى ئۇيغۇرلارنىڭ بىرە چوڭ شىركەت ياكى بايدىن بىرسى چىقىپ مىكرو سوفىت بىلەن ھەمكارلىق ئورنۇتۇپ ئۇيغۇر تىلىنى قوشسا بولىدۇ.پەقەت بولمىسا ئىڭەكنى يۆلەپ ساقلاپ تۇرساق 10 چىققاندا ئۈچ سۇپىنى بىرلەشتۈرگەندە ئەمەلگە ئېشىپ قالار.مەن ئالدىنقى يىلدىن باشلاپ بۇ سېستىمىنى ئىشلىتىپ كىلىۋاتىمەن،كۆز يۇممايمەن ئۇ چاغلاردا بۇ سېستىمىنىڭ ئەپلىرى بەكلا ئاز ،نۇرغۇن ئەپلەر كام،بارلىرىنىڭمۇ ئىقتىدارى چەكلىك،بامۇ دىسە با دەيدىغاندا ياسىغاندەكلا ئىدى،لىكىن ھازىر ئىشلەتمەسلىككە ھىچقانداق باھانە تاپالمايسىز،ئەينى چاغلارغا سېلىشتۇرغاندا ئاسمان زىمىن ئىلگىرلەش بولدى،ياۋرۇپادىكى بەزى دۆلەتلەردە مەسىلەن فىرانسىيە ئىتالىيە شۇنداقلا لاتىن ئامىرىكىسىدىكى كۆپ قىسىم دۆلەتلەردە سېتىلىش مىختارى بىرىنجى ئورۇنغا ئۆتۈپ بولدى،بىزنىڭ ئۆيدىمۇ ئۈچەيلەن بۇ سېستىمىنى ئىشلىتىمىز،بەزى ئىقتىدارلىرى باشقا سېستىمىلاردا يوق تېخى،بار بولسىمۇ ئۈچىنجى تەرەپ ئەپلىرىنى قاچىلاش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان، مەسىلەن سىمسىز تور تىزىملىكىنى ئورتاقلىشىش ئىقتىدارى،شۇ ئىقتىدارنى ئېچىۋەتسىڭىز تېلفون دەپتىرىدە ئىسمى بار بولسىلا باشقىلار سىزدىكى مۇۋاپىقىيەتلىك ئۇلانغان سىمسىز تورلاردىن پايدىلىنالايدۇ يەنى مىنىڭ تىلفونۇم ئۇلانغانلار يەردە ئايالىم بىلەن قىزىمنىڭ يانفونى ئۆزلۈكىدىن ئۇلۇنىدۇ،بالىلارنىڭ تېلفون ئىشلىتىشنى كونتىرول قىلغىلى بولىدۇ دىگەندەك بىخەتەرلىك جەھەتتە ئەندرويدتىن مىڭ ياخشى دەپ ئويلايمەن،يەنە نۇرغۇن ئىقتىدارلىرىنى سۆزلەپ يۈرمەي ھېلىمۇ ۋپ نىڭ سالاچىسى بوپ قالاي دىدىم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 19:43
  • كەلگۈسىدە ئۇيغۇر ئىلىكتىرۇن شىركەتلىرىدىن بىرەرسى دۇنياغا داڭلىق تىلفۇن ماركىسى يارىتىپ چىقسا، ئۇ تىلفۇننىڭ ئانا تىلى ئۇيغۇرچە بولسا، ئۇ تىلفۇن ھازىرقى دۇنياۋىي داڭلىق ماركىلىق تىلفۇنلارنىڭ بارلىق ئىقتىدارىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىسە، چەتئەللىكلەرمۇ بىزنىڭ تىلفۇنىمىزغا ھەۋە قىلىپ، ئاشۇ ئىلىكتىرون شىركىتىگە ‹‹خاپا بولماي ئۇيغۇرچە تىلفۇنىڭلارغا بىزنىڭ يېزىقىمىزنى قوشۇپ قويۇڭلار…››دەپ كەتسە…
    مۇشۇنداق كۈنلەرمۇ كىلەرمۇ؟ ھەي!

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 15:22
  • بۇ ئۇلىنىشتىكى باللا ئامال تاپقۇدەك!
    http://alip.biz/forum.php?mod=viewthread&tid=34605&extra=page%3D1

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 15:02
  • ئەپسۇس، ھېچبولمىسا كونۇپكا تاختىسى قوشۇلسا بولاتتى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى am 09:54
  • يۇقىردىكى قىرىندشلار دىگەندەك كىرگۈزگىچنى بولسىمۇ قىتىپ تۇرسا بولاتتى،،،،،،ياكى بولمىسا windows phone 8.1 نى 苹果os8غا ئوخشاش ئۈچىنچى تەرەپ خەت كىرگىزگۈچنى قوللايدىغان قىلىۋەتسىمۇ بولاتتى ،سونى تىلفۇنلىرغا ئۇيغۇرچە كىرگىزگۈچنى قاچىلاپلا ئىشلەتكەندەك ئىشلىتەتتۇق ،،،،،يىقىندىن بۇيان سونى شىركىتىگە قايىل بولۇپ ھۆرمىتىم ئىشىپ بىرىۋاتىدۇ ، چۈنكى ئۇلارنىڭ تىلفۇنى ئاندىروھىتنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسىدىلا ،تىلفۇنغا نىسبەتەن ئانا تىلىمىزنى تۇنۇتۇش ئۇقۇمى تىخى ئومۇملاشمىغان ۋاقىتتىلا ئانا تىلىمىزنى قوللىغان ، سەنشىڭ تىلفۇننىڭ بىزدە نىمە ئۆچى باركىن ئانا تىلىمىزنى داھىم چىقىرۋىتىدۇ ،

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى am 09:06
  • ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچمۇ قوشۇلماسمۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 23:54
  • ئالىم مۇئەللىم سىزدىن سۇراپ باقسام سىز windows10 نىڭ تەستىقلىنىپتۇ ،phone نىڭ تەستىقلانماپتۇ دەپسىز ،ئەگەردە يەرلىكلەشتۈرۈلگەن ئۇيغۇرچە windows10 نىڭ ئىشلىتىش ئەھۋالىغا قاراپ كىيىنچە تەستىقلانماسلىق ،ئەمەلدىن قالدۇرۋۋېتىش ئىھتىماللىقى بارمۇ ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 21:55
    • ئەلۋەتتە، ئىلگىرىمۇ بىر-ئىككى تىل شۇنداق قىسمەتكە دۇچار بولغان. (بەلكىم ئۇ تىلنى ئىشلىتىدىغانلار يېزىق ئۆزگەرتتى، ياكى ئىشلىتىدىغان ئادەم چىقمىدى،…دېگەندەك سەۋەبلەر بىلەن)

      يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 22:29
  • بۇ يەردە قانداقتۇر باتناپ بەرگەن بىلەن ئىش پۈتمەيدۇ ئىشلەتكىڭلا بولسا ئىشلىتىڭلا مەنمۇ ئىشلىتىۋاتمەن شۇنداق كۈنۈپ قالدىم ئەلۋەتتە ئۇيغۇرچە تىل كۇنۇپكا تاختىسى قېتىلغان بولسا تېخىمۇ ياخشى بۇلاتتى . ئالىم مۇئەللىمنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ئۇلار خېلىمۇ خېلى ئىشلارنى قىلىپ بەردى ئۆزىمىزنىڭ قۇلىدىن كەلمىگەنكى شۇكرى قىلايلى، داۋاملىق ساخلايلى

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 21:33
  • قارىغاندا بۇ خەقتىمۇ ئۈمىد قالماپتۇدە .بىر يىلنىياقى ساقلاپتىمە.ئەمدى ھىچكىمگە تەۋسىيە قىلمايمەن.ئاندىروئىد مىڭ ياخشىكە،

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 20:10
    • ئۈمىدسىزلەنمەيلى، ئۈمىدسىزلىك شەيتاننىڭ ئىشى، ھەرقانچە بولسىمۇ مەنچىلىك ئارزۇلىغان ۋە ساقلىمىغان بولغىيتىڭىز، ئۆزىڭىز خالىمىسىڭىزمۇ باشقىلارنىڭ يولىنى توسماڭ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 22:26
  • بەزى سۆزلەرنى سىز دىگەندەك زۆرۈر بولغاندا قىسقارتىپ ئالساق بولىۋىرەتتىغۇ. ئادەتلەنسەك ئۇنداق خاتا چۈشىنىشمۇ بولمايتتى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 19:07
  • ھېچ بولمىسا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ بولغان بولسىمۇ ياخشى بولغان بولاتتى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 18:51
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .
    “ چۈشتىن بۇرۇن “ ۋە “ چۈشتىن كىيىن “ نىڭ ئورنىغا “ ئەتىگەن “ ۋە “ كەچقۇرۇن “ دىگەندەك تاق سۆزلەرنى ئىشلەتسەك بولماسمۇ ، ئادەتتىمۇ “ ئەتىگەن سائەت مانچە … “ دىگەننى كۆپ ئىشلتىمىزغۇ . ئەتىگەن دىگەن گەپنى چۈشتىن بۇرۇننىڭ ئورنىغا ئىشلەتسەك بولا ؟ ئەتىگەن دىگەن بۇ سۆز چۈشكە يېقىن بولغان ۋاقىتلارنى كۆرسەتمەيدىغان ئىش بولسا ، بۇنىڭدىن باشقا تاق سۆز زادى يوقمىدۇ ؟ “ سەھەر “ چۇ ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 18:40
    • چۈشكە يېقىن 11:59 دا ئەتىگەن دېسە، ياكى 12:01 ئۆتكەندە كەچقۇرۇن دېسەك باشقىلار خاتا چۈشىنىپ قالار.
      بۇنى مەن سەھەر\چۈش\كەچ دەپ ئېلىشنى مۇۋاپىق كۆرىمەن، لېكىن ئاۋۇ يەردە ۋاقىتنى پەقەت ئىككى بۆلەككە بۆلگەن. شۇڭا قىسقارتمىساق تېلېفونغا پاتمىغۇدەك.

      يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 19:16
  • مۇئەللىم كۆڭلىمىزنى يېرىم قىلمايلى بەك ئۇزۇن ۋاقىتمۇ قالمىغاندۇ بىرەر يىلدىن كىيىن قېتىلىپ قالار،ھازىرچە كومپىيوتىردا ئانا تىلىمىزنى ئىشلەتكەچتۇرساق سىزدىگەندەك ئانا تىلىمىزدىكى يانفۇن ئەپلىرىنى ياساپ،تەرجىمە قىلىپ ئىشلەتسەكمۇ بولىدىغۇ ھازىرچە

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 16:47
    • بولىدۇ، بۇ ھامان بولىدىغان ئىش. شۇڭا ھازىرچە تېلېفون قاتارلىق ئۈسكۈنىلەردە قىسقارتىپ قوللىنىدىغان قائىدىلەرنى بېكىتىپ تەييارلىق تۇرايلى. Windows دا چۈشتىن بۇرۇن دەپ تەرجىمە قىلغان بىلەن Windows Phone دا ئۇنداق دېسەك پاتمايدۇ. بىرنەچچە ھەپتە ئىلگىرى پەقەت تېلېفون قاتارلىق ئۈسكۈنىلەردە ۋاقىتنى ئۇيغۇرچە چۈشتىن بۇرۇن\چۈشتىن كېيىن دەپ كۆرسىتىشنى قىسقارتىپ چ.ب \ چ.ك دەپ ئالايلى دېسەم، بەزىلەر تازا قوشۇلمىغان ئىدى. بۇنى چاغاندىن بۇرۇن\چاغاندىن كېيىن دەپ چۈشىنىۋالىدۇ دەپ تۇرۇۋالدى. لېكىن قىسقارتىپ يېزىش قائىدىسى زۆرۈر ئىكەن، تىلچىلار بۇنى تەتقىق قىلىپ باقسا بولغۇدەك.

      يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 16:57
  • ھەممە ئىش بارا-بارا بولدۇ ، ھامان بىركۈن قوشۇلىدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل .

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 16:44
  • Windows phone غىمۇ ئۇيغۇرچە قېتىلغان بولسا بەك ياخشى ئىش بولاتتى، گەرچە مەن بۇ تېلېفۇننى ئىشلەتمىسەممۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 16:43
باھا بېتى: 1 2 3 4